Parwana يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 17:30:05

ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلىرى

بۇ تېما دوكتۇر ياسىر  قادى ( Dr.Yasir Qadhi)نىڭ ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلىرى


( What MEN need to KNOW about WOMEN) دېگەن نۇتىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزلەشتۈرۈلۇۈلۈپ يېزىپ بېقىلدى. بەزى ئۇقۇملارنى ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكىم  ئېنىق. تورداشلارنىڭ سەمىمى ئەسكەرتىشىنى سورايمەن.



ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلىرى


ئەرلەر ۋە ئاياللار ئوخشىمىغان مىجەر-خاراكتىر، ئوخشىمىغان ھىس-تۇيغۇ، ئوخشىمىغان ۋەزىپە بىلەن يارىتىغان. خۇشال ئائىلىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن ھەمرايىمىز ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئىزىدىنىپ قويساق ئەرزىيدۇ. بۇ ئىزدىنىشىمىز نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر، ئۇقۇشماسلىقىلارنى خۇشاللىق، خاتىرجەملىك، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە ئايلاندۇرغۇسى.


1.     ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەرلەر تەرىپىدىن سۆيۈلىدىغانلىقىنى (ياخشى كۆرىلىدىغىانلىقىنى ) ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە جەزىملەشتۈرۈپ تۇرۇشقا ئامراق.


ئەرلەر ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىشىنى ئىپادىلەپ تۇرىشى لازىم. لىكىن كۆپىنچە ئەرلەر  مۇھەببىتىنى ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە كۆنۈككەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلەش ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ. لىكىن ئاياللاربۇنداق ئويلىمايدۇ. ئەگەر ئەرلەر كۆپ سۆزلىمىسە، ئەگەر ئەرلەر ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن كۈلەپ ئالدىراش ئىشلسە، ئەگەر ئەرلەر ئۆز ئىشىغا پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن بىرىلىپ كەتسە، ئەگەر ئەرلەر  ئۇچىرىغان مەسىللىرىنى ئوتتۇ رىغا قويمىسا، ئاياللار بۇنى ئۆزنىڭ ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئەرلەر سۆزلىرى بىلەن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىشى ، ئەتكەن تاماقلىرىنى ماختاپ تۇرىشى، كىيگەن كىيىملىرىنى چىرايلىق دەپ تۇرسا تېخىمۇ ئەپ ئۆتۈشكە بايدىلىق.


2.     ئاياللار بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە مەسلىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.


ئەرلەرنىڭ ئادەتتە  دىققىتىنى بىر مەسلىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. لىكىن ئاياللار بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە مەسلە ئۈستىدە تەھلىل يۈرزگۈزۈپ، تەڭ بىر تەرەپ قىلالايدۇ. مەسلەن، ئەرلەر بىر ۋاقىتتا توردا ئېلخەتكە جاۋاب يېزىش، شەنبە كۈنى بارىدىغان شەھەرنىڭ پويىز بېلىتىنى توردىن زاكاس قىلىش، تېلىفۇنغا جاۋاب بىرىشى قاتارلىق ئىشلارنى بىر ۋاقىتتا قىلالمايدۇ. لىكىن ئاياللار بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تاماق ئېتىش، مېھمانلارنى كۈتۈش قاتارلىق ۋە مۇشۇنداق خاراكتىردىكى بىر نەچچە ئىشنى بىر ۋاقتتا قىلالايدۇ. شۇڭا ئەگەر ئايالىڭىز بىلەن بالىلار توغرىسدا پاراڭلىشىۋاتقان بولسىڭىز، تۇيۇقسىز گەپنى سىلەر كەچتە بارماقچى بولغان تويغا يۆتكىسە بۇ سىز ئۈچۈن بىنۇرمال، ھۆرمەتسىزلىكتەك تۇيىلىشى مۇمكىن، لىكىن بۇ ئاياللار ئۈچۈن تامامەن نۇرمال، چۈنكى ئۇلار بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە ۋەزىپىنى تەڭ ئورۇندىيالايدۇ.  بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى  ئەر-ئاياللار تاكاللىشىپ قالغاندا ئەرلەر نۆۋەتتىكى مەسلىنىلا سۆزلەيدۇ، لىكىن ئاياللار 2 كۈن ئاۋالقى، 2 ھەپتە بۇرۇنقى، ھەتتا 2 يىل ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى نۇرغۇن خاتالىقلارنى قوشۇپ تەڭ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئاياللار ئۈچۈن بۇ پۈتۈنلەي تەبىئىي. شۇڭا ئەرلەر بۇنى  بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.


3.     ئاياللار ھىسسىي بېخەرلىككە مۇھتاج.


ئەرلەر سەل قارايدىغان مەسلىنىڭ بىرى ئاياللارنىڭ ماددىي ئىھتىياجىنىڭ قېنىشىندىن كۆرە ھىسسى جەھەتتىن بىخەتەرلىككە بەكرەك مۇھتاج بولىشى. مەسلەن ، ئەرلەر ئائىلىسى ئۈچۈن سائەتلەپ، كۈنلەپ شۇنچە جاپا چىكىپ، تەر ئاققۇزۇپ ئشىلىشىنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىشى دەپ ئويلايدۇ، لىكىن ئاياللار بۇنى بەلكىم يولدىشىنىڭ ئۆزى بىلەن كارى بولمىغانلىقى، ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى دەپ چۈشىنىدۇ. ئاياللار يولدىشىنىڭ چاپالىق ئەمگىكىنى، ماددى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئەرلىرىنىڭ داۋامىلىق تېلىفۇن قىلىپ ئۇچۇر يوللاپ تۇرىشىى، ئەھۋالىنى سوراپ تۇرىشى، ئۆزى بىلەن كۆپ بىرگە بولىشى قاتارلىقىلاردىن تۆەن كۆرىشى مۇمكىن، كىينىكىللىرىنى بولسا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈلۈشى، ھىسسى بېخەتەرلىك دەپ چۈشىنىدۇ.  شۇڭا سىرتلاردا ئائىلىڭىز ئۈچۈن جاپالىق تىرىشىۋاتقاندا ئايالىڭىزغا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئائىلمىز ئۈچۈن دەپ ئەسكەرتىپ قويۇش بىلەن بىرگە ئازراق ئەھۋال سوراپ قويسىڭىز بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالى بولىشىڭىز مۇمكىن.


4.     ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ ئۆمۈر سەبدىشى ھەم ئەڭ يېقىن دوستى بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


ئاياللار ئۈچۈن ئيېتقاندا ئەڭ ياخشى ئەر  ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدىغان ئەر دېمەكتۈر.  يەنى سۆزلىگەندە سۆزىنى ئەستائىدىل ئاڭلايدىغان، چاقىرسا دىققىتىنى بىرىدىغان،  كۆڭلى يېرىم بولغاندا دەردىنى ئاڭلاپ تەسەللى بىرىدىغان، يىغىنچاقلىغاندا ھىسسى جەھەتتىن باغلىنالايدىغان ئەر. مەسلەن، ئەرلەر سۆزلىگەندە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ، ئەرلەرنىڭ سۆزلىشى مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولغان بولىدۇ، مەسلىنىڭ جاۋابىن تېپىش ئۈچۈن بولغان بولىدۇ، لىكىن باشقىلاردىن تەسەللىي ئىزدەش ئۈچۈن سۆزلىمەيدۇ. ئاياللار سۆزلىگەندە بىر مەسلىنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش، تەسەللىسىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. شۇڭا ئەرلەر 2 مىنۇتتا بايان قىلغان مەسلە ئاياللار ئۈچۈن 20 مىنۇت سەرپ قىلىشى مۇمكىن. ئاياللار ئۈچۈن ئۇلارنى بىئارام قىلۋاتقىنى نۆۋەتتىكى مەسلە بولماستىن، بۇ مەسلە ئۇلاردا پەيدا قىلغان ھىسسى تۇيغۇ بۇلىشى مۇمكىن.  شۇڭا ئايالىڭىز بىر مەسلنى سۆزلىگەندە ئۇنىڭغا دىققىتىڭىزنى قىلسىڭىز، تەسەللىي بەرسىڭىز، مەسلىنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى ئۇدۇللا دەپ بەرگەندىن ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشىشىڭىز مۇمكىن.  ئايالىڭىز سىزگە مەلۇم ئىشتىن قاقشاپ بەرگەندە بۇ ئىشىنى دوستىنىڭ سۈپىتىدە ئاڭلاڭ، كۆڭۈل قويۇڭ، تەسەللىي بىرىڭ، ئەگەر يىغلىسا مۈرىڭىزنى ئايىماڭ. ئاندىن مەسلىنى ھەل قىلىشقا ئۆتۈڭ.


5.     ياسىنىش –ئاياللار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما.


ئەلۋەتتە بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى شەرىئەت يول قويغان دائىرىدىكى ياسىنىش.  ئاياللارنىڭ ئوخشىمىغان كىيىم كىيىشى، زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىشى،  كىيىنىشتە ھەرخىل پوسۇنلارنى چىقىرىشى ئەرلىرى تەرىپىدىن بايقىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇلار ئۆزلۈكسىز گۈزەللىشىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەگەر ئايالىڭىز سىز ئۈچۈن ياسانغاندا، ماختاپ قويسىڭىز سىزدىن يېڭى كىيىم ئېلىپ بەرگەندىنمۇ بەكرەك خوش بولۇپ كىتىدۇ. بۇ توغرىسىدا بىر قىزىقارلىق گەپ باركەن: ئاياللارنى جازالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇلارغا يېڭى كىيىم كېيدۈرۈپ، ئەينەك يوق ئۆيگە سولاپ قويۇش.  ئەگەر ئايالىڭىز سىز ئۈچۈن ياسانغىنىدا، دىققەت قىلمىسىڭىز، بىپەرۋالىق ئىچىدە ئۆتىۋەرسىڭىز، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىغا بازغاندەك مۇشتىڭىز بىلەن ئەجەللىك زەربە بەرگەن بولىسىز.


6.     ئاياللارنىڭ ھەممە قاقشىشىنى لوگىكىغا سېلىۋالماڭ.


ئاياللار ئەرلەرگە نىسبەتەن ھىسسي  مەخلۇقتۇر. ئاياللار مۇشۇنداق تەبىئەتتە يارىتىلغان . ئۇلارنىڭ قاقشىشى بەزىدە پەقەت تەسەللى تېپىش، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 08:12:06

ئېسىل گەپلەركەن!

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 08:16:40

\"\"

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 09:55:58

ئاياللار بەك ئوماق-ھە!  {:92:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 21:48:32

ھەي ئايال........ دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈك بىر تېمىسى!
بەت: [1]
: ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدە بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلىرى