پەخىردىن شىرىپ(قارلۇق)
پەخرىدىن شېرىپ قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ ۋىلايەت شايار ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن. 1996-يىلدىن 7-ئايدىن 1997-يىلى 8-ئايغىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە، 1997-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە پەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە يېزىق-جەدىۋەل ۋە ساندان بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
1998-يىلى11-ئايدا ھازىرقى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئاساسى بولغان «قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى»نى قۇرغان. 2000-يىلى 3-ئايغىچە خەنزۇچە UCDOS مەشغۇلات سىستېمىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىسى، DOS مۇھىتىدىكى كۆپ تىللىق مەتبەئە، جەدىۋەل ۋە ساندان باشقۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان گىرافىك يۈزلۈك قوللىنىش پروگراممىسى Uyghur-word نى، مالىيە-مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىدىغان ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئىستاتىستكا يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىگەن 2000-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، نىشانىنى كومپيۇتېر گىرافىك ساھەسىگە قارىتىپ، رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان تۈرلەرنى ئىشلىگەن ۋە سىستېمىلاشتۇرۈغان. بېيجىڭ پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىي ئېستېتىكا تەتقىقات مەركىزى، CG Power ۋە Days of View قاتارلىق شىركەتلەردە CCTV-4، CCTV-9، CCTV-8 بيېجىڭ ۋە تېيەنجىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ كومپيۇتېر گىرافىكىغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ تۈر باشقۇرغۇچىسى، 3D كۆرۈم ئېغغىكتى مەسئۇلى ۋە تېخنىكا يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
پەخرىدىن قارلۇق-قارلۇقمېدىئا پەن-تېخنىكاچەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە دېرىكتورى . رايونىمىزنىڭ 3D كومپيۇتېر گىرافىكى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى. ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ جوڭگۇدىكى تۇنجى خۇسۇسىي شىركەتلەر ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتال تەجرىبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ھازىر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 3D تەقىلىدلەش ۋە ئانالىزلاش ئىقىتدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال تۈرلىرى ئىشلەنمەكتە.
يەنە تېخى ئالپ ئەنۋەر ، كۆكلەن شىركىتى قاتارلىقلار ىوتەندىن دەپ ئاڭلىغاندەك قىلۋىدىم ،ئاقسۇدىن ئىكەندە ئىران ۋە قازاقىستان بىلەن تۈزگەن توختامى ئىجرا بوپ كەتسىغۇ ياخشى بولاتتى، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ چەتئەللەرگە تونۇلۇپ قالاتتۇق....
3- قەۋەتتىكى jahanzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ ئاقسۇ دىيارىدىن it ساھەسىدە تالانتلىقلار كۆپ چىقامدۇ قانداق
it
بىرچاغدا ئالما بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ، خەلقارالىق چوڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە كاتتا خەۋەر تارقالغان،
تۇيۇقسىز بۇ كىشىنى قايتا تونۇشتۇرۇپ قاپسىز (پەخىردىن قارلۇقنى بىلىدىغانلار كۆپ ھەم تونۇشتۇرۇلمىلارمۇ جىق ئىدى)
ئالما شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تىلغا ئالماپسىز. (بۇ ئۇيشۇر ئۇ ت ساھەسىدىكى كىچىك ئىش ئەمەستى! )
بىرسىڭلار كىنوغا قايتا ئاۋاز بەرسەڭلار، بىرسىڭلار خەۋەر- ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىپ، تۈزەشتۈرۈپ قايتا يوللىساڭلار. يەنە بىرسىڭلار...
@irpan
ئالما شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تىلغا ئالماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ قالمايلىمۇ؟
پەخرىدىن شېرىپ قارلۇق ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى 9-سىنتەبىر ئاقسۇ ۋىلايەت شايار ناھىيسىدە مەدەنىيەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى Basic ۋە Assemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن.------------------------
13ياش ۋاقتىدا كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن بولسا تولۇق ئوتتۇرا ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇغانمۇ ياكى بىۋاستىلا كومپيۇتېر ساھەسدە تەتقىقدت ئېلىپ بارغانمۇ
13ياش ۋاقتىداBasic ۋە Assemble غا ئائىت كىتاب سىتېۋالغان ئوخشايدۇ.
جاڭ شۇجىنىڭ قارلۇق شىركىتىگە 500 مىڭنى بەرگىنىمۇ قوشۇپ يېزىش كېرەك.