hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 13:51:59

تەجرىبىسى بارلار سۆزلەپ بەرسە !!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى !


1.ئادەتتە باغاق بېسىشتا ئىشلىتىلىغان ئۈسكۈنىلەردىن قايسىلار بار ؟


2.باغاقنى پۈتۈنلەي بېسىپ چىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىنى نەچچە پۇلغا ئالغىلى بۇلىدۇ ؟


3. تەييار باغاقنىڭ ئىچىدىكى ئىسىملەرنى باسىدىغانغا قايسى ئۈسكۈنە ياخشى ؟ (باھاسى 2000يۈەندىن تۆۋەنلىرىنى تەۋسىيە قىلىڭللار )


4. رەسىم باسىدىغان ،  ئا تۆت قەغەز ئۆلچىمىدىكى  6 سىيالىق پۈركۈمە  پىرىنتىرلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئەڭ يېڭى چىققانلىرى قايسى ، ئەڭ ياخشىسى قايسى (2000دىن تۆۋەن ئۆلچەمدە  ) ، بۇلارنىڭ ئىچىدە باغاق ئىچىنى باسالايدىغانلىرى بارمۇ ، سىرىتتىن ئۇلانغان سىياھ بىلەن ئىشلەتكىلى بولمىسا ياخشى دىگىلى بولمايدۇ ....



بىلىدىغانلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن .......


تەجرىبىسى بارلار ھەرگىز ياردىمىڭلەرنى ئايىمىغايسىلەر ......



sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 16:58:47

باغاق بېسىشقا قايسى خىل 一体机 ياخشى؟

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 17:04:29

تەييار باغاقنىڭ ئىچىدىكى ئىسىملەرنى باسىدىغانغا، رەسىم باسىدىغان ، ئا تۆت قەغەز ئۆلچىمىدىكى 6 سىيالىق پۈركۈمە پىرىنتىرلارنىڭ ئىچىدە ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم :

epson-r270

aptap0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 23:19:35

باغاق بېسىشتا مۇنتىزىم ئۈسكىنە يوق، چۈنكى خەنزۇلارنىڭ تويغا چاقىرىدىغان ئادىمى كۆپ بولمىغاچقا باغاقنى ئاساسەن باسمايدۇ، ئىچىدە خەتلىرى تەييار. تەييار باغاققا ئادەم ئىسمى، ئورۇن ، ۋاقىت قاتارلىقلارنى قولىدا يېزىپ تارقىتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىتىدىغان باغىقى كۆپ بولغاچقا قولدا يېزىپ بولالمايدۇ، زاۋۇتتا مەخسۇس باستۇرشقا كۆپ تەننەرق كىتىدۇ. شۇڭا ئاساسەن ھەر خىل بېسىش ئۈسكىنىسىدە باغاقنىڭ ئىچكە يۈزىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى باستۇرىدۇ.

باغاق بېسىشتا ياپۇنيەنىڭ 理想 ماركىلىق تېز بېسىش ماشىنىسى ئەڭ مۇۋاپىق. شىنجاڭدىكى مۇنتىزىم باغاق باسىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىقى مۇشۇ ماركىدىكى تىز بېسىش ماشىنىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ بېسىش ماشىنىسىنى يەنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مەكتەپ قاتارلىق جايلاردا ماتېرىيال كۆپەيتىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىدۇ. يېڭسى 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى. ئىككىنچى قول بېسىش ماشىنىسى 7000 يۈەندىن باشلاپ 10 مىڭ يۈەنگىچە سېتىلىدۇ، بۇنىڭدىن تۈۋەنلىرىنى سېتىۋالسىڭىز تۇلا بۇزۇلۇپ ئاۋارە بولۇپ كىتىسىز. رەڭلىك باسىدىغان پېرىنىتلارنى ئىشلەتسىڭىز ۋاقىت ئىسراپچىلىقى شۇنداقلا پېرىنتىرىڭىز تىزلا كاردىن چىقىدۇ. چۈنكى بىر تويغا ئىشلىتىدىغان باغاق ئاز بولغاندا 3 - 4 يۈز دانە، كۆپ بولغاندا 1000 دانە باغاق بېسىلىدۇ. مۇشۇ بۇيىچە ھېساپلىغاندا 10 - 15 خېرىدارىڭىزنىڭ باغىقىنى باسسىڭىز پېرىتىرىڭىز كاردىن چىقىدۇ. (ئۈرۈمچى قىزىل بايراق كومپىيۇتېر شەھەرچىسىدە مۇشۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىككىنچى قولىنى ساتىدىغان ئورۇندىن ئۈچلا ئۇرۇن بار(ھەممىسى خېنەنلىك). بۇ ئۈسكىنىلەرنى گۇاڭجۇدىن ئەكىرىدۇ. ياخشىسىنى(ئازراق ئىشلەتكىنىنى) سېتۋالالسىڭىز 4- 5 يىل ئىشلىتىشكە گەپ كەتمەيدۇ. جۇڭگونىڭ يېڭى 速印机سىمۇ باغاق بېسىشقا يارىمايدۇ، چۈنكى باغاقلارنىڭ قەغىزى 190g قەغەز بولغاچقا تارتالمايدۇ. پەقەت 60g, 70g,80g لىق قەغەزنىلا تارتالايدۇ.

مىنىڭ تەكلىۋىم سىزنىڭ دۇكىنىڭىز مۇقىم باغاق ساتىدىغان دۇكان بولسا ، شۇنداقلا خېرىدارىڭىز كۆپ بولسا چۇقۇم 一体化速印机 ئىشلىتىڭ. ئەگەر باغاق بېسىش قۇشۇمچە كەسىپ بولسا رەڭلىك پېرىنتېر ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

يەنى بىرگەپ ئۈرۈمچى قىزىل بايراق كومپىيۇتېر شەھەرچىسىدىكى ئۇيغۇچە خېتى بار (باغاق بېسىش ماشىنىسى) بېسىش ماشىنىسى بار. بۇنى ئېلىپ سالماڭ، باغاق بېسىشقا ئىشلىتەلمەيسىز. تىزلا كېرەكتىن چىقىدۇ.

ياپۇنيەنىڭ كونا ماشىنىسى بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى ماشىنىسىنى ھەيدىسىڭىز قايسى ياخشى؟ (مۇشۇ ئەڭ ياخشى مىسال)

تور بەت ئادرېسىمىز: www. aptap. cn

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 09:12:40

aptap0991  سىز تەۋسىيە قىلغان 一体化速印机 رەڭسىز باسامدۇ رەڭلىكمۇ ؟  理想GR2750一体化速印机      دىگەن تىپلىقى شۇمۇ ياكى باشقا تىپلىقىمۇ ؟



    bapkar   سىز دىگەن   epson-r270  دا  رەڭ يېيىلىپ كىتىش ھادىسىسى مەۋجۇتمۇ ؟  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 09:13:33

ئاپتاپ ۋە باپكارلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ....

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 11:26:42

epson-r270 دا رەڭ يېيىلىپ كىتىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ، سۈپىتى ۋە باھاسىدىن رازى بولىسىز، قالغىنى سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلارنى تەڭشىشىڭىزگە باغلىق.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 11:26:45

ئىسىم كارتۈچكىسى باسىدىغان ماشىنىنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ بىرۋەتكەن بولساڭلار.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:24:26

تەۋسىيەم:


«باغاقچىلىق» ئورنى ئاچىدىغانلارغا:

ھازىر كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى. گۈزەل نەرسىلەرگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىدۇ. باغاقچىلىق ئورنۇڭلاردا يېڭىدىن يېتىشكەن، مۇۋاپىق باھادا مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان خەتتاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپئاق باغاق قەغىزىگە ھەرخىل خەت نۇسخىسىدا پۈتۈنلەي قوليازما باغاق يېزىش مۇلازىمىتى تەمىنلىسەڭلار بەك ئاقىدۇ.

چۈنكى پۈتۈنلەي قولدا يېزىلغان باغاقنىڭ بەدىيلىكى يۇقىرى بولىدۇ، مەخسۇس خەتتاتلار يازغاچقا، ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەشەمەتلىك توي قىلىدىغانلارنىڭ پۇل خەجلەيدىغان يەنە بىر تۈرى كۆپىيىدۇ. خەتتات بىر تال باغاقنى ئىككى-ئۈچ يۈەندىن يېزىپ بەرسە، سىلەر بەش-ئون يۈەندىن ساتساڭلار، پايدىمۇ جىق قالىدۇ....


ئاددىي بىر مىسال:


بەزىلەرنىڭ باشلىق، چوڭ خوجايىن قاتارلىق نوپۇزلۇق كىشىلەرگە پۈتۈنلەي قوليازما باغاق يازغىنىنى بىر نەچچە قېتىم ئۇچراتتىم.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:29:41

8- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەۋسىيەم:


«باغاقچىلىق» ئورنى ئاچىدىغانلارغا:

ھازىر كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ يۇقىرى. گۈزەل نەرسىلەرگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىدۇ. باغاقچىلىق ئورنۇڭلاردا يېڭىدىن يېتىشكەن، مۇۋاپىق باھادا مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان خەتتاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپئاق باغاق قەغىزىگە ھەرخىل خەت نۇسخىسىدا پۈتۈنلەي قوليازما باغاق يېزىش مۇلازىمىتى تەمىنلىسەڭلار بەك ئاقىدۇ.

چۈنكى پۈتۈنلەي قولدا يېزىلغان باغاقنىڭ بەدىيلىكى يۇقىرى بولىدۇ، مەخسۇس خەتتاتلار يازغاچقا، ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەشەمەتلىك توي قىلىدىغانلارنىڭ پۇل خەجلەيدىغان يەنە بىر تۈرى كۆپىيىدۇ. خەتتات بىر تال باغاقنى ئىككى-ئۈچ يۈەندىن يېزىپ بەرسە، سىلەر بەش-ئون يۈەندىن ساتساڭلار، پايدىمۇ جىق قالىدۇ....


ئاددىي بىر مىسال:


بەزىلەرنىڭ باشلىق، چوڭ خوجايىن قاتارلىق نوپۇزلۇق كىشىلەرگە پۈتۈنلەي قوليازما باغاق يازغىنىنى بىر نەچچە قېتىم ئۇچراتتىم.



ماۋۇ قوليازمىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ، يەتتە سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا، ئۆزۈمنىڭ پۇچۇركسى بويىچە خەت ئۇرىدىغان فونت ياساپ يۈرگىنىم يادىمغا يەتتى. \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 17:34:42

epson-r270 دىن بىرنى 1800.00 يۈەنگە ئالدىم ( سىرتتىن چاتىدىغان سىيا بىلەن ) ، ھازىر باغاق بېسىپ باقمىدىم ، ئەمما رەسىم قېپىدىن نەچچە يۈز تال بېسىپ چىقاردىم ، سۈرئىتى بۇلۇپ قۇيىدىكەن ، قەغەز تارتىشىدىمۇ ھازىر چاتاق يوق ، بۇ ساتقۇچى بىر يىللىق رىمۇنتىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن ، مەخسۇس سېتىش ئورنىدا سىرتتىن چاتىدىغان سىيا بىلەن ئىشلەتسە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلمايدۇ ....

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-22 18:04:03

10- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

epson-r270 دىن بىرنى 1800.00 يۈەنگە ئالدىم ( سىرتتىن چاتىدىغان سىيا بىلەن ) ، ھازىر باغاق بېسىپ باقمىدىم ، ئەمما رەسىم قېپىدىن نەچچە يۈز تال بېسىپ چىقاردىم ، سۈرئىتى بۇلۇپ قۇيىدىكەن ، قەغەز تارتىشىدىمۇ ھازىر چاتاق يوق ، بۇ ساتقۇچى بىر يىللىق رىمۇنتىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن ، مەخسۇس سېتىش ئورنىدا سىرتتىن چاتىدىغان سىيا بىلەن ئىشلەتسە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلمايدۇ ....



بۇ پېرىنتىرنى ئىشلىتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن


چ چ 1345999040

namalum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 11:01:53

\"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 13:13:33

6- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

epson-r270 دا رەڭ يېيىلىپ كىتىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ، سۈپىتى ۋە باھاسىدىن رازى بولىسىز، قالغىنى سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلارنى تەڭشىشىڭىزگە باغلىق.



epson-r270 دا  باغاق باسقاندا سۈرئەت تىز ، رەڭ يېيىلمايدىغان تەڭشەك تۈرىنى قالدۇرغان بولسىڭىز مۇشۇ مۇنبەرگە ......


رەسىم سۈپىتى تۈرىنى تاللاش ۋە قەغەز تۈرىنى تاللاشتا قايسىسى تاللىنىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا  يەنە نىمىلەرنى تاڭشەش كېرەك .........



مىنىڭ تەجرىبەمدە  رەسىم سۈپىتى تۈرىنى تاللاش ( 质量选项  (  نى تاللاشتا مەيلى قايسىسىنى تاللىسا جىق ئۆزگىرىش بولمايدىكەن ، قەغەزنى تاللىغاندا س د -د ۋد نى تاللىسا رەڭ يېيىلمايدىكەن ، ئەمما سۈرئەت تولىمۇ ئاستا

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:34:28

مەن بۇگۈن بىر تەجرىبەمنى قالدۇراي :



خوتەن قەغىزىگە بېسلىدىغان باغاقلارغا باسقاندا ھەم سۈرئەت تىز ھەم رەڭ يېيىلمايدىكەن ،

بۈگۈن شادلىق ماركىسىدىكى خوتەن قەغىزىدىن ئىشلەنگەن باغاققا باسقانتىم ، مىنۇتىغا 10 نى باستى . قەغەز تۈرىنى ئادەتتىكى قەغەز قىلىپ تاللىساق بۇلىدىكەن

باشقا ماركىدىكىلەرنىڭ تېخىچە كۆڭۈلدىكىدەكلىرىنى ئۇچراتمىدىم ...... ( باغاق پادىشاھى ، گۈلىستان ماركىلىق باغاقلارغا باسقانىدىم ، قەغەز تۈرىنى س د د ۋ د قىلىپ تاللىمىسا رەڭ يايىدىكەن ، ئەگەر ئۇنداق تاللىغاندا مىنۇتىغا بىرنى باسىدىكەن ....)
بەت: [1]
: تەجرىبىسى بارلار سۆزلەپ بەرسە !!!