بىلمەپتىمەن
ئاق پاختىدىن ئاق ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن،
چارە-پايدەك ساق ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
كۆز ۋە قۇلاق بەش ئەزايىڭ ئۆز جايىدا،
پالتىغا خوپ ساپ ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
ئېغىزىڭدا ھى ھى قىلساڭ ئادەم سىياق،
ئاكتىيورلۇققا باپ ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
ئەمدى بىلدىم قېرى ئىشەكنىڭ تىرىسىدىن،
كىرىگەن بىر داپ ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
مىھمان بولساڭ كىتەرگە يا قارارىڭ يوق،
قارنىڭ يوغان قاپ ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
سېسىق نامىڭ پۇراپ كەتكەن ئالەم ئارا،
قاغا-قوزۇن تاپ ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
دوستۇم دەيسەن قىلتاقلىرىڭ ماڭدامدا مىڭ،
پىشىپ كەتكەن قاق ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
قوشماق ئاداش يەيمىز دىگەن چىشىمغا تاش،
جۇپتۇڭ چىچەن ،تاق ئىكەنسەن بىلمەپتىمەن.
چارە-پايدەك دېگىنىڭىز، چاھار پايدەك دېگەن گەپتۇ؟ كەمىنە بۇ شېئىرنى ئاپتۇرنىڭ نامىدا ئەسكەرتىپ رامكىغا ئىلىپ چىرايلىق بىزەپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويدۇم.تىما ئىگىسى رازى بولغاي. رازى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا biltarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-28 20:08
مەنمۇ رامكىغا ئىلىپ قىرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسام بولامدۇ،، روخسەت بىرىلسە ئەلۋەتتە،،،،؟
nur يوللىغان ۋاقتى 2013-9-17 11:42 static/image/common/back.gif
كەمىنە بۇ شېئىرنى ئاپتۇرنىڭ نامىدا ئەسكەرتىپ رامكىغا ...
ھۇنبەگ : يا رەب
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=57992&fromuid=19977
biltarim يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 19:31 static/image/common/back.gif
مەنمۇ رامكىغا ئىلىپ قىرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسام بو ...
ئىزدىنىش مۇنبىرى بىلەن ئاپتۇرنىڭ نامىنى ئۇنتولۇپ قالماي يوللىسىڭىزبۇلدۇ،قېرىندىشىم.
بەت:
[1]