ئۇيغۇرچە تاۋباۋ
خى خى تېما ماۋزۇسىنى قىزىق باشلاپ قۇيدۇم،گەپكە كەلسەك ئۇيغۇرچە تاۋباۋ ئەمەس، تاۋارىم تورى (tawarim.com)قۇرۇلدى، چاۋاك.......
رەھمەت.رەھمەت ، تور سودىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە بىزنىڭمۇ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزدا بەھۇزۇر
تور سودىسى قىلغۇمىز كەلدى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6ئاي جاپالىق تېرىشىش نەتىجىسىدە تاۋباۋ تورىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئاساسەن ئۆزىدە
مۇجەسسەملىگەن ئۇيغۇرچە تاۋباۋ يەنى تاۋارىم تورى بارلىققا كەلدى.قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە دۇكان ئاچقانلار شىددەت بىلەن كۆپەيدى
،مال سېتىۋالغۇچىلارمۇ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى ، نىشانىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات تور سودا سۇپىسىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە رايونىمىزدىكى
كەڭ قېرىنداشلارنىڭ توردىن مال سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر،ئىستىمالچىلار ۋە
سودىگەرلەرگە ئەڭ قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بىرىش.
تاۋارىم تورى ئەڭ بىخەتەر بۇلغان ئالىپەي(支付宝) پۇل تۆلەش شەكلىنى ئىشلەتكەن بۇلۇپ،بىخەتەر ،ئىشەنچىلىك، يەنە كىلىپ
سىز تاۋارىم تورىدىكى خالىغان بىر دۇكانداردىن مال سېتىۋالغان بولسىڭىز سىز تۆلىگەن پۇل دۇكاندارنىڭ ھېساۋاتىغا كىرمەيدۇ، ئەكسىچە
ئاۋۋال تاۋارىم تورى ھېساۋاتىغا كىرىدۇ، ئاندىن دۇكاندار سىزگە مال سالىدۇ، سىز مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مال تاپشۇرۇۋېلىشنى جەزملەشتۈرسىڭىز
ئاندىن تاۋارىم تورى پۇلنى ئاپتۇماتىك دۇكاندارنىڭ ھېساۋاتىغا يوللاپ بىرىدۇ، بۇنداق بولغاندا تاۋارىم تورى خىرىدارلارنىڭ تور سودىسىدىكى ئالدامچىلىق، ساختىلىقلارغا ئۇچرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىيالايدۇ
ئەڭ ئاخىردا دەيدىغىنىم پائالىيەت ،يەنى ھەقسىز (مەن بەك ئامراق مۇشۇ ھەقسىز دېگەن سۆزگە)، ھازىردىن باشلاپ تاۋارىم تورىدا ئاۋۋال دۇكان ئاچقان 200 دۇكاندارغا يىللىقى 300 يۈەنلىك كۈمۈش دۇكان ھەقسىز ئىچىپ بىرىلدۇ، پۇرسەت غەنىيمەت، ئۇيغۇر تور سودىسى ئۈچۈن باشقىلارغا تەۋىسىيە قىلىشنى ئۇنتۇماڭ قىرىندىشىم!
ئېلان تەشۋىقاتقا، ماللارنىڭ سۈپىتىگە، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلساڭلار چوقۇم راۋاج تاپىسىلەر!
ئىمكان بولسا سىلەرنىڭ سودا توراڭلاردىن مال سېتىۋالىمەن. مەنمۇ دۇكان ئاچالامدىم؟ ياخشى يۈزلىنىشلەر بولغاي، ئىنشائاللاھ!
بىرزات ھەكىم، تادۇبەگ قاتارلىق تېۋىپلىرىمىزنىڭ رېتسىپلىرىنى مۇشۇ توردا سېتىۋېلىش بالدۇرراق نىسىپ بولغاي. گەرچە كېسەل بولمىساقمۇ. كۆمۈش دۇكاندىن بىرسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ قويدۇم،ياخشى باشلىنىش بولغاي.
3- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ دۇكان ئاچالامدىم؟
ئەلۋەتتە دۇكان ئاچالايسىز مەن بىر يۈەن قاچىلاپ سىناپ باقاي دەپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ھىساۋاتىمغا قارىسام كىرمەپتۇ.

ئىشلىرىڭىزغا نۇسرەت تىلەيمەن.
« خى خى » ۋە «ئۇيغۇرچە تاۋباۋ» دېگەندەك گەپلەرنى يەنە دەپ يۈرمەڭ.
ھىم..كىرىپ چىقايقىنى {:92:} بۇ تور بەتنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن مەنمۇ يۇقۇرىدىكى تورداشلارغا ئوخشاشلا خوشال بولدۇم . چۈنكى مېنىڭمۇ تور دۇكىنى ئېچىش خىيالىم بار ئىدى .ئەمدى بىرقانچە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغان بولسام . بىرىنجىدىن ناۋادا مەنمۇ دۇكان ئاچماقچى بولسام قانداق ئىلتىماس قىلىمەن . ئىككىنجىدىن ، دۇكان ئېچىشنڭ قانداق شەرتلىرى بار . مەسىلەن ، تۆلەيدىغان ھەق ، ياكى خېرىدار بىلەن پۈتۈشۈش سوممىسىغا قاراپ ھەق ئېلىنامدۇ ؟ ئۈچىنجىدىن ، سېلىنىدىغان مال ھەققىدە ، يەنى مالنىڭ سانى ياكى سوممىسى ھەققىدە چەكلىمە بارمۇ يوق ؟ مەن ئاۋال مۇشۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغان بولسام .
5- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆمۈش دۇكاندىن بىرسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ قويدۇم،ياخشى باشلىنىش بولغاي.
نىمە مال سالدىڭىز ؟
مارەك بولسۇن ! تەكلىپ :
كۈندە مىللىي كارخانىلارغا بېرىپ مۇشۇ سۇپىدا تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا دەۋەت قىلىڭلار ( ئۇلارنى قانداق قىززىقتۇرۇش ئۆزىڭىزگە باغلىق )
----
تاۋباۋنى دوراپ ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭسىڭىز بەلكىم بىزگە تېخى بالدۇر ، مال مەنبەسى ، تۇشۇش سىستىمىسى ، تەشۋىقات ، ئىتىۋار سىياسەت ، تېخىنىكا دېگەندەك ... نۇرغۇن تۈرلەر ئالدىڭىزنى توسۇپلا تۇرىدۇ ...
ئامال بار يېڭى ئىجادىي تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىڭ ... ( تەكلىپ ، دوستانە ... )
مەسىلەن : تاۋباۋ ھەممە نەرسە ساتسا ، سىز مەخسۇس خىزمەتچى سېتىڭ ( خىزمەت ئىزدەيدىغانلار ئۆزىگە باھا قۇيۇپ مۇۋاپىق كۆرگەن شىركەت سېتىۋالىدىغان تۈرلەر ھازىر خەنزۇلاردا يېڭى باشلىنىۋاتىدۇ )
.....
ئىشقىلىپ تېرىشىڭ ...
7- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن بىر يۈەن قاچىلاپ سىناپ باقاي دەپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ھىساۋاتىمغا قارىسام كىرمەپتۇ.![]()
ھازىر پۇلنى ھىساۋاتىڭىزغا يوللاپ قۇيدۇم،ساقلىتىپ قۇيغىنىمىزنى كەچۈرۈڭ
10- قەۋەتتىكى koygandengizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ تور بەتنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن مەنمۇ يۇقۇرىدىكى تورداشلارغا ئوخشاشلا خوشال بولدۇم . چۈنكى مېنىڭمۇ تور دۇكىنى ئېچىش خىيالىم بار ئىدى .
ئەمدى بىرقانچە مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغان بولسام . بىرىنجىدىن ناۋادا مەنمۇ دۇكان ئاچماقچى بولسام قانداق ئىلتىماس قىلىمەن . ئىككىنجىدىن ، دۇكان ئېچىشنڭ قانداق شەرتلىرى بار . مەسىلەن ، تۆلەيدىغان ھەق ، ياكى خېرىدار بىلەن پۈتۈشۈش سوممىسىغا قاراپ ھەق ئېلىنامدۇ ؟ ئۈچىنجىدىن ، سېلىنىدىغان مال ھەققىدە ، يەنى مالنىڭ سانى ياكى سوممىسى ھەققىدە چەكلىمە بارمۇ يوق ؟ مەن ئاۋال مۇشۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغان بولسام .
1.ھەقسىز دۇكان-تاۋارىم تورىدىكى ئەڭ ئالقىشلىق دۇكان تۈرى بۇلۇپ
30 دانە تاۋار يوللاشقا بۇلىدۇ،3خىل دۇكان ئۇسلوبى تەمىنلەنگەن، تەستىقلاش ھاجەتسىز،دەرھال دۇكان ئىچىپ مەھسۇلات ساتالايسىز.
تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنىنىڭ سۈپىتىدىن قارىسام تورغا تېخى خامدەك قىلىسىز.
كۆپرەك ئۆگۈنۈڭ بالاڭزا.
16- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنىنىڭ سۈپىتىدىن قارىسام تورغا تېخى خامدەك قىلىسىز.
كۆپرەك ئۆگۈنۈڭ بالاڭزا.
ماقۇل تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەخمەت،داۋاملىق تىرىشىمەن ئىسىمنى ياخشى قويۇپسىلەر، توربەتمۇ پاكىز، چىرايلىق چىقىپتۇ. بولسا رەڭگىنى تاۋباۋنىڭكىگە ئوخشاش قىلىۋالماي باشقا رەڭ ئىشلەتسەڭلار، بولمىسا تاۋباۋنىڭ تارماق توربتىدەكلا كۆرۈنۈپ قالىدىكەن. ئىشلىرىڭلار بەرىكەت تاپسۇن. تېخى مادۇتۇلھاياتنى سىناق يوللاپ قويدۇم، بەزى دورىلارنىڭ چاپلىقى چىقسا شۇ چاپلاقلىرى بىلەن يوللىماقچى.