taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 16:49:30

يىقىلسىڭىز ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ

     بىر بالا 15-16 ياشلارغا كىرىپ قالغان،بويلىرى ئېگىز ،بەسىتلىك بولسىمۇ،بۇ بالىدا ئوغۇل بالىغا خاس خىسلەت يوق ئىكەن.ئۇنىڭ ئاتىسى بۇ ئىشتىن ناھايتى ئەنسىرەپتۇ-دە،ئۇنى بىر گۇمپا مەشىق قىلىدىغان جايغا ئاپىرىپ چېنىقتۇرماقچى بوپتۇ.ئۇ يەرنىڭ تېرنىرى ئۇنىڭغا :


     -خاتىرجەم بۇلۇڭ،ئۈچ ئايدىن كېيىن كەلسىڭىز،ئوغلىڭىزنىڭ ھەقىقىي يىگىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز،بىراق بۇ ئۈچ ئاي ئىچىدە كۆرگىلى كەلسىڭىز بولمايدۇ،-دەپتۇ.ئۇ قۇشۇلۇپتۇ.


     ئۈچ ئاي ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىپتۇ،ئاتىسى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە ،تېرىنىرى بىر مەيدان چېلىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىپ،ئوغلىنىڭ چېنىقىش نەتىجىسىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇپتۇ.ياشتا چوڭراق بىرەيلەن ئۇنىڭ ئوغلىنى بىر مۇشت بىلەن يەرگە يىقىتىپتۇ،بىراق يىگىت تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ،بۇ رەھىمسىز مۇسابىقىدە ،ئاتىسى ئوغلىنىڭ قايتا-قايتا يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى ئېزىلىپ كېتىپتۇ ۋە خۇرسىنىپ:


     -ئويلىماپتىمەن،ئۈچ ئاي مەشىق قىلسىمۇ،ئۇ يەنىلا بىر مۇشىتقا يارىمايدىكەن،نەدىمۇ يىگىتكە ئوخشىسۇن،-دەپتۇ.


     -ئۇنداق ئەمەس ،ئوغلىڭىز قالتىس بولۇپ كەتتى ،مەن ساناپ تۇردۇم،ئۇ 11 قېتىم يىقىلغان بولسمۇ12 قېتىم ئورنىدىن دەس تۇردى،ئۇنىڭدىكى جاسارەت ۋە قەتئىي نىيەتنى بۇ يەردىكىلەردىن تاپقىلى بولمايدۇ،سىز قانداقسىگە ئۇنى ئىلگىرىلىمەپتۇ دەيسىز؟


     بالىسى يەنە يىقىلىپتۇ،بىراق ئۇ ئۆمىلەپ قوپۇپ ھۇجۇمغا ئاتلىنىپتۇ،ئاتا بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ.


     كىشىلەر دائىم تاشىقى يېڭىش-يېڭلىنىشنى كۆرەلەيدۇ،بىراق ئىچكى روھ ۋە كۈچكە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ.كىشى ھاياتلىقتا ئوڭۇشسىزلىققا ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ تۇرىدۇ،دۇنيادا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىدىغان كىشى بولمايدۇ.قايتا-قايتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،نۇرغۇن كىشىلەر نورمال روھىي ھالەت ،سەۋىرچانلىق ۋە ئىشەنچىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.قايتا-قايتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن،يەنە قايتىدىن باشلىيالايدىغان كىشىلەرلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنالايدۇ،چۈنكى ئۇلاردا تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىدىغان روھ بولغاچىقا ،ئۆزىنىڭ ئۇتتۇرغانلىقىغا تەن بەرمەي،ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئىشەنچ بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدۇ.


     ئورنىدىن دەس تۇرىدىغان ئەھۋال كۆپرەك بولغاندىلا،كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.


   

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 18:56:24

ئون يىللار ئىلگىرى مەن ھۆرمەتلىك تاغام(دادامنىڭ نەۋرە تۇققانلىرى)نىڭ دۇكىنىغا(دادامنىڭ تەلەپ قىلىپ تۇرىۋىلىشى سەۋەپلىك)كىلىپ ئىشقا چۈشتۈم.ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن كەسىپنى تىز ئۈگىنىپ كۆزگە كۆرۈنۈپ تاغاملارنىڭ زور ئىشەنچىسىگە ئىرىشتىم.مىنىڭ نەتىجىلىرىمنى كۆرگەن تاغامنىڭ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك جىيەنلىرى،بالىلىرى،ئىنىلىرى دىگەندەكلەرنىڭ زور قارشىلىقىغا پىتنە پاساتلىرىغا دۇچ كىلىپ تاغام بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بۇزۇلۇشقا باشلىدى.كىيىن تاغامنىڭ ئۇششاقلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئاندىن تاغامنىڭ خەقنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ مىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇشلىرىغا ئارقىدىن شىركەتتىن ھەيدىلىش،ئائىلە بويىچە ھاقارەتكە تۆھمەتكە ئۇچراش،ئۆلۈم تەھدىتى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلدىم.باشقىلار ماڭا شىرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش تەكلىپىنى بەرگەندە ئۇلارنىڭ تەھدىت كۈچىدىن قورقۇپ كەتتىممۇ تاسلا قالدىم ئامالسىزلىقتىن ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزىۋەتكىلى.ئاخىرى ئىرادىگە كىلىپ ئاللاھ پۈتكەن تەقدىرنى كۆرەمەن دەپ ئىش باشلاپ ئەسلىدە(تاغام مىنى بۇرۇن مەسئۇل قىلغان كەسپى ئورۇننىڭ)يىنىغىلا باشقىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن كەسىپنى قايتا باشلىدىم.سالغان تەھدىتتىن ئۆلۈپ قالمىدىمكى ئاڭلىمىغان ئىزا ئاھانەت،ئۇچرىمىغان ئۆلۈم تەھدىتى،ئۆمرۈمدە يىمىگەن تاياق،مەندىن ھالقىپ ئۆلۈپ كەتكەن مەرھۇم دادام ، كىچە كۈندۈزلەپ جاينىمازدىن تۇرمايدىغان پەرىشتە سۈپەت ئاناممۇ بۇ تەھدىت،ئىزا-ئاھانەتلەرنىڭ سىرتىدا قالمىدى.ئاللاھنىڭ رىزىق بىرىشى،ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىشى،ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن دوست-بۇرادەر يىقىنلىرىمنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ،ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن سودامنى ئىلگىركىدىن ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ئۆزۈممۇ ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئىرىشىپتىمەن.مۇشۇ جەرياندا ئىشەنچنىڭ نىمىلىكىنى،ئەركىنلىكنىڭ نىمىلىكىنى،قارار قىلىش ھوقوقىنىڭ نىمىلىكىنى،بىلىم،مۇناسىۋەتنىڭ نىمىلىكىنى چۇڭقۇر چۈشەندىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 13:32:15

2- قەۋەتتىكى begir6نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يىقىلىپ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن دەررۇلا ئورنىدىن دەس تۇرماسلىق كېرەك . ئاۋال بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىپ ، پىچكى ئويلىنىپ ئاندىن كېيىن ئورنىدىن دەس تۇرۇش كېرەك .

ماۋۇ لاۋزا تۈرمىدىن چىقىپتۇدە
بەت: [1]
: يىقىلسىڭىز ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ