taxerik يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 15:56:01

چېكىنىش يولى قالدۇرسىڭىز چىقىش يولى تاپالمايسىز

     مىلادىيىدىن ئىلگىركى 1-ئەسىردە ، پادىشاھ قەيسەر قوشۇنىنى باشلاپ ئىرلاندىيىگە يېتىپ كەپتۇ.ئۇ بۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلمىغۇچە چېكىنمەسلىكنى نىيەت قىپتۇ ۋە ئەسكەرلىرىگە بۇ ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ،ئەسكەرلىرىنىڭ قېچىش،چېكىنىش خىياللىرىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن ،ئەسكەرلىرىدىكى ئۆزلىرى ئولتۇرۇپ كەلگەن پاراخۇتلارنى كۆيدۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلىرىنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ ،ئۇلار ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپتۇ.


     نۇرغۇن كىشىلەر مۇھىم مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ،بۇ مەسىلىلەرنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ ،كېيىن قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئۇلاردا بىر ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك جاسارەت بولمىغاچقا،بىر ئىش قىلغاندا ئۆزىگە چېكىنىش يولى دەپ ، بىر يول قالدۇرۇپ قويىدۇ.ئۇلار چېكىنىش يولىنى چىقىش يولى دەپ قارايدۇ.بىراق ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ،بۇنداق قىلغاندا ھېچقانداق نەتىنجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.


     جاننى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ،جان تىكىپ كۈرەش قىلغان قۇشۇنلا غەلبە قىلالايدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش ،ئىش قىلغاندا ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرماي ،ئىزچىل ئالغا ئىنتىلدىغان كىشى قانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇغا يولۇقسىمۇ ھەرگىز چېكىنمەيدۇ،چۈنكى ئۇلارنىڭ چېكىنىش يولىمۇ يوى.ئۆزى ئۈچۈن چېكىنىش يولى تەييارلاپ قويغان كىشىنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغاچقا،بارلىق زېھنىي ۋە ۋاقتىنى چېكىنىشكە تەييارلىق كۆرۈشكە قارىتىدۇ،بۇنداق كىشىلەر مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ.


     بىر كىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماسلىقىدا ،ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەم ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. ئىرادىلىك كىشىلەر توسالغۇغا تىز پۈكمەي ،ئامال قىلىپ ئۇنى يېڭىدۇ،ئىرادىسىز كىشىلەر ئاۋارىچىلىككە يولۇققاندا ،ھەتتا تېخى ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقماي تۇرۇپلا ،بەل قۇيىۋىتىپ ،سولىشىپ كېتىدۇ- دە زېھنىنى قانداق قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا،ئۆزى ئۈچۈن ھازىرلاپ قويغان يولغا چېكىنىشكە سەرپ قىلىدۇ،قىيىنچىلىق ئۈستىلەپ كەلگەندە ،قەدەممۇ قەدەم چېكىنىپ،ئاخىرىدا چېكىنىش يولىمۇ قالمايدۇ.


     رېئال تۇرمۇشتا ،بۇنداق ياشلار ھەممە يەردە ئۇچىراپ تۇرىدۇ،ئۇلاردا يۇقىرىغا يامىشىش ئىستىكى بولسىمۇ،غەلبە قىلىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ،بىراق ئۇلار ئىرادىسىز،غەلبە قىلىش ئىشەنچىسى يوق بولغاچقا ،جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى مۇستەھكەم بولمىغاچقا،ياپسام پىشارمۇ كۆمسەم پىشارمۇ دەپ ،قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا،قىلىۋاتقان ئىشىدىن يالتىيىپ قالىدۇ.كىشىدە مۇشۇنداق روھىي ھالەت بولسا،چۇقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.


     ئۆزىگە چېكىنىش يولى قالدۇرمىغانلار بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ،ئالغا ئىلگىرلەيدۇ،ئالەمچە قىيىنچىلىققا يولۇقسىمۇ چېكىنمەيدۇ،ئۇلار ئۆزى ئۈچۈن چېكىنىش يولى قالدۇرمىغاچقا،چېكىنەي دېسىمۇ چېكىنىش يولى يوق،شۇڭا ئۇلار ھېچنىمىگە قارىماي ئالغا ئىلگىرلەپ،ئاخىرى ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىدۇ.جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان ئېتىقاد بولسا،كۆڭۈلدىكى قورقۇنچ،ئىككىلىنىش پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ.كىشى ئۆزى ئۈچۈن چېكىنىش يولى قالدۇرمىغاندا ،ئۇ ھېچ نېمىدىن قورقمايدۇ،بۇنىڭ بىلەن كۆڭۈلدىكى جاسارەت ،ئېتىقاد ،قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ-دە،بىرەر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ.


     قىيىن مەسلىگە دۇچ كەلگەندە ،مەسلىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ئەتراپلىق،ئىنچىكە ئويلىشىش كېرەك.نېمە ئىش قىلسا قورقۇپ،بىردەم ئۇنداق،بىردەم بۇنداق ئۆزگەرسىڭىز ئىلگىرلىيەلمەيسىز،بۇنىڭ بىلەن ئىشلار تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.


     چىقىش يولى بىلەن چېكىنىش يولى بىر گەپ ئەمەس،بەلكى قارىمۇ-قارىشى ئۇقۇم،چېكىنىش يولى قالدۇرغانلارنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەڭكى ھەرگىز چېكىنىش يولى قالدۇرماڭ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 16:25:04

جان بولسا جاھان ئاش بولساقازان دىگەندەك ماقال تەمسىللىرمىز بىلەن قارشا مەيداندا ئىكەن بۇيازما ،لىكىن ئىمپىراتور قەيسەرنىڭ ھەربى يۈرۈشتىكى تاكتىكىسنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈپ قوياپ يازمىنىڭ مەزمۇندا ئىرادىنى تەكىتلەپ كەتكىنىڭىز قىززىقتە ،ماڭغا ھەممىدىن غەلىتە تۇيۇلغان يىرى‹‹ چىكىنىش يولى بىلەن چىقىش يولى بىرگەپ ئەمەس ،بەلكى قارمۇ-قارشى ئۇقۇم،چىكىنىش يولى قالدۇرغانلارنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ ››دەپ كەسكىن ھۆكۈم چىقىرۋەتكىنىڭىز بولدى !

قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى ،چىكىنگىنى ئەمەس ! ئۇرۇش دىگەندە ئىلگەرلەش ئۈچۈن، گىزى كەلگەندە چىكىنىش ئۈچۈن

پىلانلار تۈزلۈپ تۇردۇ بۇنىڭ ھەممىسى ئىھتىياج ئۈچۈن يەنى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،مىنىڭچە ئىرادىمۇ بولشى كىرەك ،ئىرادە دىگەن ئادەمنىڭ بىر ئىشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى مەيدانى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە مۇۋاپىق ،مۇھىمى

غەلبە قىلشىڭىز ئۈچۈن سىزئۆزىڭىزنىڭ نىمگە ئەڭ ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى ئەڭ ئاۋال كاللىڭىزدا تۇرغۇزۋىلشىڭىز كىرەك دەپ ئويلايمەن،

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 16:59:35

بۇ لوگىكا بۇيىچە ئېيتقاندا يىمەكلىك ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا كىرىشكىلا بولىدۇ دەپ چېكىنىش  يولى قالدۇرمىساق، كۆڭلىمىز ئېلىشقاندا ياندۇرمىساق بولىدىكەندە ... \"\" ...

باشقا مىساللار ئارقىلىق سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىنى يەنە تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن ، ئىشىنىمەنكى سىز ئۇشبۇ قارىشىڭىزنى چوقۇم ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىپ تۇرۇپ ئاغدۇرۇپ تاشلىيالايسىز \"\"

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 17:51:55

قەيسەر مەغلۇپ بۇلۇپ ۋەيرانە بوپ كەتكەن بولسا قانداق بۇلاتتىكەن بۇ ھەقىقەت

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 17:56:47

3- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەيسەر مەغلۇپ بۇلۇپ ۋەيرانە بوپ كەتكەن بولسا قانداق بۇلاتتىكەن بۇ ھەقىقەت



شۇنداق، چېكىنىش يولى قالدۇرۇش پاراسەتلىك قورقماسلار ئۈچۈن دانالارنىڭ ئىشى. قورقۇنچاق نادانلارئۈچۈن ئەخمەقلەرنىڭ ئىشى.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 18:25:14

3- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەيسەر مەغلۇپ بۇلۇپ ۋەيرانە بوپ كەتكەن بولسا قانداق بۇلاتتىكەن بۇ ھەقىقەت

قەيسەر مەغلۇپ بولمايتتى. چۈنكى ئۇ ئىرلاندىيەگە بېرىپ باقمىغان.


ئىمپراتور قەيسەرنىڭ ۋاقتىدىكى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خەەرىتىسىگە قارايدىغان بولساق، ئىرلاندىيە ئەمەس، بىرىتانىيە ئارىلىمۇ رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ تېرىتورىيەسىگە كىرمىگەن.


توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئىرلاندىيە ھېچقاچان رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرىپ باقمىغان.



بۇ ھېكايىنىڭ ئۇسلۇبى، \"تەرمىلەر\" ژورنىلىدىكى ماقالىلەرنى ئەسلىتىدىكەن. ئەسلىدە، بەزىدە چېكىنىش يولى قالدۇرۇپ قويسا، چېكىنىش يولى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالغا ئىلگرلەش ئۈچۈن يېتەرلىك غەيرەت قىلالمايدۇ دېمەكچى بولسا كېرەك. ئەپسۇس، ۋەقەنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەت بولمىغاچقا، ئەلۋەتتە، مىسال نەزىرىيەنى توغرا قوللىيالماي قالدى دېگەن گەپ.


-------------


قەيسەرنىڭ ۋاقتىدىكى رىم ئىمپىرىيەسى خەرىتىسى:


\"\"

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 20:41:58

مەن ئويلايمەن ئادەم ئۇزىگە چىكىنىش يولى قويمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئىزدىسە چىكىنىش يولى ھامان چىقىدۇ ، پەقەت شۇ يولدا مېڭىشنى خالىسىلا . . .

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 20:50:48

ئۈچ پادىشاھلىق زامانىسىدا ساۋساۋ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ، بۇ ھوجۇم ساۋساۋنىڭ ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيىتتى. شۇنىڭ بىلەن ساۋساۋ تەۋەككۈلچىلىك خاراكتىرىدىكى بىر تەدبىر تۈزۈدۇ. ئالدى بىلەن بارلىق يىمەك -ئىچمەكلەرنى ئەسكەرلىرىگە نورمىدىن ئارتۇق يىگۈزۈپ ۋە ئىچىرىپ يىمەك-ئىچمەك تۈگۈگىچە پۈتۈن ئارمىيەنى بىر قېتىم تولۇق تويۇندۇرۇدۇ. ئاندىن ئارمىيەنىڭ چېكىنىش يولىدىكى بىردىن-بىر كۆۋرۈكنى كۆيدۈرۈپ، قازان-قومۇچلارنى چېقىپ، ئەسكەرلىرىگە چىكىنىش يولىنىڭ يوقلىقىنى، ھايات قېلىش ئۈچۈن دۈشمەننى يوقاتمىسا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ساۋساۋنىڭ ئەسكەرلىرى ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىپ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كىلىدۇ، ساۋساۋ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ.

<<ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە>> دە دىيىلىشىچە ساۋساۋنىڭ بۇقېتىمقى غەلىبىسى چىكىنىش يولى قالدۇرمىغانلىقتىن دىيىلىدۇ. تېمىدا دېيىلگىنىدەك چىقىش يولى بىلەن چىكىنىش يولى ئەلۋەاتتە بىرگەپ ئەمەس. لىكىن، ماقال- تەمسىللىرىمىزدە <<جاندىن كەچمەي جانانغا يەتكىلى بولماس>> دېگىنىدەك گاھىدا چىقىش يولىمۇ، چىكىنىش يولىمۇ قالدۇرماي جاننى دەسمى سېلىش ئاقىلانىلىك. مەن گاھىدا <<پۈتۈن ۋۇجۇد، پۈتۈن نىيەت بىلەن>> دېگەن گەپنىڭ ئۆزىدىلا باشقا چىقىش يولى قالدۇرماسلىق دېگەن مەزمۇن بارمىكىن دەپ قالىمەن.

yawayibala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 22:37:36

مىنىڭچە چىكىنىش ئۈچۈن يول قالدۇرۇش ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇيۇشى مۇمكىن .  بۇ خۇددى مۇنۇ ئىشقا ئوخشاش بۇلۇشى مۇمكىن بەزى ئۈسۈملۇكلەر تاشنى يېرىپ چىقىپ كۆكلىيەلەيدۇ . بەزىلىرى بولسا يۇمشاق تۇپراقتا كۆكلەيدۇ . بەلكىم ئاشۇ تاشتا كۆكلەيدىغان ئۈسۈملۈك ئۇرۇقى چۈشكەنلا يىرىدىن كۆكلەپ چىقالىشى مۇمكىن ياكى كۆكلەپ چىقالماسلىقى مۇمكىن ، بۇ يەردە ئىككى خىل ئىھتىماللىق بار ،كۆكلەپ چىقىش ئىھتىماللىقى پەقەت كۆپ ئۇرۇق ئىچىدىكى ئاز ساندىكى ئۇرۇقلارلا ئىرىشەلەيدىغان ئىھتىمالللىق . ئۇرۇقلارغا پەقەت ئىككى خىل ئىھتىماللىق ئىچىدىن بىرىنى تاللاش شەرتى قۇيۇلىدۇ . ئەگەر بۇنىڭغا يەنە بىر تاللاش قۇشۇلسا يەنى يۇمشاق يەرنى تاللاش شەرتى قۇشۇلسا ئۇ چۇقۇم يۇمشاق يەرنى تاللايدۇ . ئوخشاشلا يەنىمۇ ياخشى شارائىت بار بولسا ئۇرۇق شۇنى تاللايدۇ . ئادەممۇ ئەڭ ئاسان يولنى تاللايدۇ ،  ئەلۋەتتە نىشانغا يىتىش يوللىرى كۆپ بۇلۇشى مۇمكىن ، بەزى يول يېقىن بەزى يوللار ئۇزاق ،بەزىلەر ئۇزاق يولنى تاللايدۇ ،بەزىلە بولسا يېقىن يولنى تاللايدۇ ، بۇ يەردە تاللاش مەسىلىسى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس پەقەت ئەڭ ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىش ئەڭ مۇھىم . شۇڭا بىرەر نىشاننى تاللىغان ئىكەنمىز چۇقۇم ئارقىغا قايتىشنى ئويلاپ ئولتۇرماسلىقىمىز كېرەك . ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياقتۇرىدۇ .

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 08:28:29

ئاۋۇ ساختا تارىخنى قوشۇۋالمىغان بولسا دىمەكچى بولغان پىكىرىنى يامان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىكەنتۇق.

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 11:41:28

ئەينى يىلى ئۆزەم ياقتۇرمايدىغان بىر ھاقارەتلىك خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشكە توغرا كەلدى، چۈنكى پىچاق سۆڭەككە يەتكەنىدى. ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن دادام بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدۇق، ئۇ مېنى باشقا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بولغىچە داۋاملىق شۇ خىزمەتنى قىلىشقا قىستايتتى، مەن ئۇ خىزمەتنى قىلىپ تۇرۇپ باشقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس دەيتتىم، گەپ چىڭىغا چىقىپ دادام شۇنداق دېدى:ئەگەر ئىستىپا بېرىپمۇ باشقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ قانداق قىلىسەن؟ قېنىم قىزىپ تۇرغاندا “ئۆتەلمىسەم ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن” دېدىم، ئۆزەمگە چېكىنىش يولى قويمىغانىدىم، شۇ گەپتىن كېيىن جېنىمنى تىكىپ قويۇپ تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى ئۇ خىزمەت ئىمتىھانىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتتۈم، بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە كېيىنكى ئىشلىرىم بىر مەزگىل ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا دادامغا ئۆزەمنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردىم. شۇڭا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋېتىشنى تامامەن قوللايمەن، ئەلۋەتتە تاللاش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولغىنىمۇ بەزىدە ياخشى، لېكىن ئادەمدىكى جان پىدالىق بىلەن تىرىشىش ئىرادىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 13:02:47

2- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ لوگىكا بۇيىچە ئېيتقاندا يىمەكلىك ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا كىرىشكىلا بولىدۇ دەپ چېكىنىش  يولى قالدۇرمىساق، كۆڭلىمىز ئېلىشقاندا ياندۇرمىساق بولىدىكەندە ... \"\" ...

باشقا مىساللار ئارقىلىق سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىنى يەنە تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن ، ئىشىنىمەنكى سىز ئۇشبۇ قارىشىڭىزنى چوقۇم ئۆزىڭىزنى قايىل قىلىپ تۇرۇپ ئاغدۇرۇپ تاشلىيالايسىز \"\"

ماۋۇ پوزىتسىيىڭىز بولماپتۇ.


ياخشى تەرەپتىن ئويلاشقا تىرىشىپ باقىلى،  

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 14:13:12

10- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەينى يىلى ئۆزەم ياقتۇرمايدىغان بىر ھاقارەتلىك خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشكە توغرا كەلدى، چۈنكى پىچاق سۆڭەككە يەتكەنىدى. ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن دادام بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالدۇق، ئۇ مېنى باشقا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بولغىچە داۋاملىق شۇ خىزمەتنى قىلىشقا قىستايتتى، مەن ئۇ خىزمەتنى قىلىپ تۇرۇپ باشقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس دەيتتىم، گەپ چىڭىغا چىقىپ دادام شۇنداق دېدى:ئەگەر ئىستىپا بېرىپمۇ باشقا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ قانداق قىلىسەن؟ قېنىم قىزىپ تۇرغاندا “ئۆتەلمىسەم ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن” دېدىم، ئۆزەمگە چېكىنىش يولى قويمىغانىدىم، شۇ گەپتىن كېيىن جېنىمنى تىكىپ قويۇپ تەييارلىق قىلىپ ئاخىرى ئۇ خىزمەت ئىمتىھانىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتتۈم، بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تەسىرىدە كېيىنكى ئىشلىرىم بىر مەزگىل ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا دادامغا ئۆزەمنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردىم. شۇڭا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋېتىشنى تامامەن قوللايمەن، ئەلۋەتتە تاللاش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولغىنىمۇ بەزىدە ياخشى، لېكىن ئادەمدىكى جان پىدالىق بىلەن تىرىشىش ئىرادىسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن

تولۇق كۇرس ۋاقتىدا ئۆز-ئۆزۈمگە:\"ماۋۇ مەۋسۇم ئەگەر يەنە بىرەر پەندىن قالىدىغانلا بولسام، شىنجاڭغا قايتىپ ئۆزۈمگە چۇشلۇق مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيمەن.\"


ئاسپىرانت ۋاقتىدا يىتەكچى ئوقۇتقۇچىغا:\"ماۋۇ تەتقىقات تىمىسىنى قىلغىنىم قىلغان، نەتىجە چىقىرالمىسام ئوقۇش پۈتتۈرۈشۈم كىچىكسىمۇ، ئوقۇش پۈتتۈرەلمىسەممۇ ئۆزۈم ئىگە. بىرىدىغان ئايلىق تەمىناتنى توختىتىۋەتسەڭمۇ مەيلى.\"


يۇقىرى مۇئاشلىق خىزمەت ئورنىدىكى باشلىقىمغا:\"مەن ھاياتىمدا بىرەر ئەپسۇسلۇقنىڭ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن، بۇ قېتىم GRE، TOEFL ئىمتاھانلارنى بېىرىپ قانداقلا بولمىسۇن ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىپ باقماقچى. شۇ ئىمتاھانلار ئۈچۈن خىزمەتتىن ئىستىپا سورىماقچى.\"



ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىم باشتىن كەچۈرۈپ بېقىپتىمەن. ھەممە نەرسىنى بىر ئىش ئۈچۈن دوغا تىكىشنىڭ قانچىلىك قىزغىنلىق ۋە  ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى مەن ئەڭ ئېنىق بىلىمەن.  ئەگەر بىر ئىش پەقەت مىنىڭ تىرىشچانلىقىمغىلا باغلىق بولسا، مەسىلەن ، GRE ئىمتاھان، ياپۇنچە بىرىنجى دەرىجە ئىمتاھانى، قىيىن تەتقىقات تۈرى دىگەندەك، مەن شۇ ئىشنى قىلىپ نەتىجە چىقىشتىن بۇرۇن مەغلۇپ بولۇش دىگەننى كاللامغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايمەن. ئەمما بىر ئىشنى ئوقۇشلۇق قىلىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ چىرايىغا قارايدىغان، ياكى تەلەيگە باغلىق بولۇپ قالسا، مەسىلەن، خىزمەتتىكى  يۈز تۇرانە ئىمتاھان، چەتئەلدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش دىگەندەك، بىر نەچچە يولنى تەڭ ئويلىماي بولمايدۇ. چۈنكى سىز ھەر قانچە مۇنەۋۋەر بولۇپ كەتسىڭىزمۇ جەزمەن خارۋادقا كىرەلىشىڭىز ناتايىن، ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولسىڭىزمۇ جەزمەن گۇگۇل شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىيەلىشڭىز ناتايىن.


مۈشۈك بۇرادەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى تەسىر قىلىپ مەنمۇ بىرمۇنچە گەپ قىلىۋىتىپتىمەن دىسە\"\"

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 15:35:32

نەسىن بۇرادەر، سىزمۇ تۆكىڭە كەچۈرمىشلەرنى، كەچۈرمىشى جىق ئادەملەرنىڭ ئويلايدىغانلىرى باشقىچە بولىدۇ

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 15:55:30

سۆزلەيمەن دەپلا قالسام ھىكايەم خېلى كۆپكەن. شۇغىنىسى ھازىر يەنە بىر جىددى ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈيمەن. يىل ئاخىرىغىچە بىر نەچچە تىما يېزىپ ھىكايىلىرىمنى سۆزلەپ قېلىشم مومكىن \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 09:31:51

بۆرىلەر ماكانى ( كۇرتلار ۋادىسى ) دا پولات ئەلەمدار : ئاقىبەتنى ئويلىغان قەھرىمان بۇلالمايدۇ ، دىگەن بىر مەشھۇر سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغان ، مەن مۇشۇ سۆزگە بەك قايىل ، بىزدىمۇ باشقا كەلگەندە باتۇر ، دىگەن بىر گەپ بار ......



يەنە ھازىر بازار تېپىۋاتقان غەرپچە تىز مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرلىرىدا : توكورنىڭ ھاسىسىنى تارتىۋالساڭ ، ئۇنىڭغا ساغلام پۇت كۆكلەپ چىقىدۇ ، دىگەن نەزەرىيە بار ،،،،

بۇلار چىكىنىش يۇلىنى ئاساسەن ئىنكار قىلىدۇ ،،،،،



ئەمدى تېمىغا كەلسەك ، مەن مۇشۇ تېمىنى ئۇقۇۋېتىپ دەرھال ئۈچ پادىشاھلىقتا لىۇبىينىڭ (ۋۇ بەگلىگى دەپ تۇرايلى) سۇن چۈەنگە كۈيئوغۇل بولغاندىن كىيىن جۇگىلىياڭنىڭ جۇيۇي ئۈستىدىن تەدبىردە غالىپ كىلىپ لىۇبىينى قۇتۇلدۇرۇپ ئەكەتكەن ۋەقەلىك كەلدى ،،،،،



پاي چىكى نەزەرىيىسىدە ھەممە تۇخۇمىڭىزنى بىرلا سىۋەتكە سالماڭ دىگەن بىر مەشھۇر گەپ بار ....

چىكىنىش يولى ئۇمۇ بەزىدە ئەسقاتىدۇ .......



دۇنيادا مۇتلەق ئىش يوق ، ھەممە ئىش نىسبىي بۇلىدۇ ،،،،،



شۇڭا پەيغەمبىرىمىز ، ...تۆگەڭنى مەھكەم باغلا ، ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن دىگەن ....يەنە ئۇرۇقنى يەر تېرىغۇچى يەرگە ئۇرۇقنى سېلىپ ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدۇ دىگەن ( مەنبە : ئىسىمدە قالغان ، خاتا بولسا ئەسكەرتەرسىلەر )


YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 15:33:16

يۇقىرىدا قەيسىەرنىڭ ھىكايىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى توغرىلىق بىر نەرسە قىستۇرۇپ قويغانتىم.

لېكىن راستىنى ئېيتقاندا، بەزى چاغلاردا تېمىدا دېگەندەك بولۇشى كېرەك دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن ۋە بۇنى ئۆزۈممۇ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. ئۆزۈمگە چېكىنىش يولىنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋېتىپ، يېڭى بىر يولنى ئىزدىگەن ۋە نەتىجىسى چىققان ئىدى.

MVXVK دوستىمىزنىڭ بەرگەن مىسالى بەكلا مۇۋاپىقكەن مېنىڭچە.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 16:06:53

خىيالچى توردىشىمىزنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ چىقارغان نەتىجىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق ،بەزىدە ئادەم قىلماقچى بولغان ئىشنى ياكى ئۆزى يولۇققان قىيىنچىلىققا نىسبەتەن پايدا زىيىننى مۆلچەرلەپ تەدبىر بەلگۈلەشكە مەجبۇر بوپ قالدىكەن ،يەنە بەزىدە

ئىھتىياجىغا تەقدىرىنى بەلگۈلەيدىغان ھەل قىلغۇچ نەتىجىنى كۆزلەپ بارىلىقىنى ئاتايدىكەن،شۇنداق بولغاندۇ تىما مەزمۇندا

تىلغا ئىلىنغان كۆزقاراشتىن ھەم دوسلارنىڭ مۇلاھىزسىدىن قانداق نەتىجە چىقشى مۇمكىن ؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 17:57:40

14- قەۋەتتىكى nasinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سۆزلەيمەن دەپلا قالسام ھىكايەم خېلى كۆپكەن. شۇغىنىسى ھازىر يەنە بىر جىددى ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈيمەن. يىل ئاخىرىغىچە بىر نەچچە تىما يېزىپ ھىكايىلىرىمنى سۆزلەپ قېلىشم مومكىن \"\"

ئامېرىكىغا چىقىپ كەتتىڭلارمۇ بۇرادەر.. ئەكبەر چۇ  سىلە بىلەن بىللىمۇ؟
بەت: [1]
: چېكىنىش يولى قالدۇرسىڭىز چىقىش يولى تاپالمايسىز