TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 13:52:21

تاشپولات: ئالبېرت ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى

ئ‍البېرت ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى



تاشپولات روزى



نىسپىيلىك نەزەرىيە بولسا ئېينىشتېين تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىرىلغان فىزىكا ئىلمىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇ ئالاھىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق قۇرۇلغان. ئالدىنقى 2 ئەسىرنىڭ كېيىنكى دەۋرلىرىدە ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنلىرى “ether” (نۇرنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان بىر خىل ۋاسىتە) نى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق تارقالغان دەپ قارالغان. يەنى يەر شارى بولسا نۇرنى يۆتكىگۈچى “ether” نىڭ ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارالغان (رەسىمگە قاراڭ). بىراق بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپلىگەن ئەمىلى تەجرىبىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ بارلىق نەتىجىلەر ئىنكار قىلىنىش بىلەن ئاياغلاشقان. مەسىلەن، بۇ تەجرىبىنىA.A. Michelson ۋە E. W. Morley لار ئېلىپ بارغان. ئېينىشتېين بۇ نەتىجىلەرگە ئاساسەن 1905-يىلى نيۇتون مېخانىكىسىدا قوللىنىۋاتقان گالىلىنىڭ نىسپىيلىك پىرىنسىپىنى ئېلېكتر ماگنىت ھاۋا ئىلمىگە كېڭەيتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكى ۋاقىت ھەم بوشلۇق چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئالاھىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى (specila theory of relativity) ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھازىر بۇ نەتىجە بارلىق مۇمكىن بولغان تەرجىربىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ فىزىكىنىڭ يېڭى نەزەرىيىسىنى تەرەقى قىلدۇرۇشتا باشلامچىلىق رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئېينىشتېين 1915-يىلىغا كەلگەندە ئالاھىدە نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىپ ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق قىسىملىرى بولسا نيۇتوننىڭ ئېغىرلىق كۈچ نەزەرىيىسى ئۇنۇڭ ئالاھىدە ئەھۋالى بولۇپ پىلانلارنىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ئېرىشكەن نەتىجىلەرمۇ بىۋاسىتە كۈزۈتۈش تەجرىبىلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ. ھازىر قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى مەسىلىلەرگىمۇ ناھايىتى كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلاردىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەرنى ئەمىلى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلاش يەنىلا قىيىن ئەھۋالدا تۇرماقتا. شۇڭا ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىگە نىسبەتەن يەنىلا كۆپلىگەن گۇمانلار ساقلىنىپ كەلمەكتە.



ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى پەقەت ۋە پەقەتلا فىرانسىيەنىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى پوىنكارې ئېلان قىلغان “On the Dynamics of the Electron” دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ 3 ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. بىراق ئېينىشتېين، پوىنكارەنىڭ ماقالىسىنى قوللانغان دېگەن بىر پاكىت بولمىغانلىقتىن بۇ نەتىجە ئېينىشتېينغا مەنسۇپ بولىدۇ. پوىنكارە ھايات ۋاقتىدا ئېينىشتېيننىڭ نىسبىلىك نەزەرىيىسىنى قەتئىي ئەتراپ قىلمايدۇ. پوىنكارې ئۆلۈپ ئاز يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئېينىشتېين پوىنكارېگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: پوىنكارې نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ باشلامچىسى يەنى قۇرغۇچىسى.










muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 15:11:51

مۇشۇنداق ئالىملار بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۇرسە ئالىم بولامدۇ نىمە ...................

tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 16:22:09

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تاشپۇلات ئاكا!

نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا يەنى بىر ئاشىق مەشۇقىنى ساقلىسا 5مىنوت 5سائەتتەك،مەشۇقى

بىلەن بىرگە بولغاندا 2،3سائەت خۇددى 2،3مىنوتقا ئوخشاش بۇلىدىغانلىقىنى تەمسىل چۈشەنسەك بۇلامدۇ؟

بولسا ئاددىي چۈشنىشلىك تىل بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاددىي مەنىسى،پەن-تېخنىكىدىكى ئىشلىتىلىشى

توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-25 09:18:31

2- قەۋەتتىكى zaghunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تاشپۇلات ئاكا!

نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا يەنى بىر ئاشىق مەشۇقىنى ساقلىسا 5مىنوت 5سائەتتەك،مەشۇقى

بىلەن بىرگە بولغاندا 2،3سائەت خۇددى 2،3مىنوتقا ئوخشاش بۇلىدىغانلىقىنى تەمسىل چۈشەنسەك بۇلامدۇ؟

بولسا ئاددىي چۈشنىشلىك تىل بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاددىي مەنىسى،پەن-تېخنىكىدىكى ئىشلىتىلىشى

توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

ئەگەر بىر ئەر كىشى چىرايلىق ئايال بىلەن بىر سائەت بىرگە ئولتۇرسا، ئۇنىڭغا بىر سائەت بىر مىنۇتتەك بىلىنىدۇ. لېكىن، ئۇنى قىزىق ئوچاق ئۈستىدە بىر مىنۇت ئولتۇرغۇزسا، بۇ بىر مىنۇت ئۇنىڭغا بىر سائەتتەك بىلىنىدۇ. مانا بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى --------- ئېينىشتېين.



نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىر ئېغىز سوز بىلەن ئېيتقاندا مۇتلەق بوشلۇقلار مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلار ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك دېمەكچى.



مەسىلەن سىز مېڭىۋاتقان پويىزدا سىرتىقى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىز مىدىرلىمىسىڭىزمۇ سىرتىقى كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز. ئەمدى پويىزنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن پويىز ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەردە قايسىنى ئۆلچەم قىلساق بولىدۇ دېگەن مەسىلە تۇغۇلىدۇ. ئېنىقكى ئۇلار ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك.


بەت: [1]
: تاشپولات: ئالبېرت ئېينىشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى