jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 11:16:11

ئەلۋىدا --- ئۇيغۇر ئوغلى ، ھىسام ئاتا !!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى ، كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلغىنىمدىن خىجىلمەن ، شۇ تاپتا مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولماقتا ...


بەلكىم خەۋىرىڭلاردا بولۇشى مۇمكىن ، تۈنۈگۈن (2013.9.15) كۈنى  ،  زامانىمىزنىڭ "ھايات " نەسىردىن ئەپەندىسى ، خەلق سەنئەتكارى ، خەلق چاقچاقچىسى ھىسام قۇربان ئاكا (ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن )  83 يىللىق ھايات سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ،ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بەندىچىلىك قىلدى ،  گەرچە  ئىشىنىشنى خالىمىساقمۇ بۇ رېئاللىق ھامان يۈز بەردى ، مىسكىن كۆڭۈللەرگە روھى ئوزۇق ، خوشال كۆڭۈللەرگە تېخىمۇ بەك خوشاللىق بېغىشلاپ كىشىلەرگە ھاياتنىڭ مەناسىنى ئىنتايىن ساغلام بولغان ھەجىۋى تىللار بىلەن قىزىقارلىق قىلىپ ئىپادىلەپ ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ قەدىر قىممىتىنى تونۇشىغا تۈرتكە بولۇپ كىلۋاتقان  "ھىسام چاقچاقلىرى" نامىدىكى كۈلكە -چاقچاقلارنىڭ ئىجادچىسى ۋە ئىجراچىسى مەرھۇم ھىسام قۇربان ئاكىنىڭ پاك جىسمى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى ، تەبىئى قانۇنىيەت ئالدىدا بەندىنىڭ ھېچ ئامالى يوق پەقەتلا ئۆلۈم تىرىكلەرگە ساۋاقتۇر خالاس ، ئەمدىلىكتە يەردەسسسەپ يۈرگەن تىرىك بەندىلەرنىڭ قولىمىزدىن كېلىدىغنى بولسا مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا توغرا ئىلمى باھا بېرىش ۋە تەتقىق قىلىپ خەلققە تونۇشتۇرۇش ، ئۇنى قىلالمىغاندا مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيالىقىغا ئاتاپ نامازلىرىمىزدا دۇئا قىلىپ قويۇش ، ئۇنىمۇ قىلالمىغاندا بولسا سۈكۈتتە تۇرۇپ مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش !



ئۈندىداردا ئالدىنقى قېتىم  تارقالغان ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا بىر ئىشىنىپ ، بىر ئىشەنمەي گۇمانسىرىغان ھالدا دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكەن ئىدۇق ، تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇ قېتىم  راست بولۇپ چىقتى  ، يالغان بولۇشىنى تىلىگەن نۇرغۇن قەلبلەرنى ئۈمىدسىز قالدۇرۇپ  راست بولۇپ چىقتى ، ئاتا يوللۇق ، بوۋا يوللۇق مەرھۇمنىڭ "سەت" ئەمما ئۇيغۇرغا يېقىملىق چىرايى ، "قوپال" ئەمما قۇلاققا سىڭىشلىق ئاۋازى،  " كۈلكىلىك ، ھەجىۋى" ئەمما ئىنتايىن يۇقىرى تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە چاقچاقلىرى كۆز ئالدىمىزدا ، قۇلاق تۈۋىمىزدە ،  تەسەۋۋۇرۇمىزدا قايتىدىن نامايەن بولماقتا ...



ھەممىمىزگە مەلۇم ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تۈر بولغان خەلق چاقچاقلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەمىئەت تەرەقىياتى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر تونۇشلۇق بولغىنى ئىلى خەلق چاقچاقلىرىدۇر ، ئەنە شۇ ئىلى خەلق چاقچاقلىرىنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ۋەكىللىك ئىجراچىسى ، زامانىمىزنىڭ "ھايات" نەسىردىن ئەپەندىسى بولغان ھىسام قۇربان ئاكىنىڭ تەرجىماھالىنى كۆرۈپ چىقايلى .



مەرھۇم ﮬﯧﺴﺎﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ 1930_ ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. 1940_ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1944_ ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﻰ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻱ، ﺗﺎﻛﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. 1951_ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ 1961_ ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 1961_ ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻴﯘﺯﻯ، ﮔﻪﻣﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. 1966_ ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺗﺎﻛﻰ 1980_ ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1980_ ﻳﯩﻞ 9_ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ 3_ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ_ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻪﮬﻠﯩﮕﻪ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺯﻭﺭ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺯﯦﻤﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻥ.



   ﮬﯧﺴﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﺭﺕ_ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮬﯧﺴﺎﻣﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﭼﻜﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ_ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ،ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﺎﭖ، ﺳﻮﺭﯗﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ، ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻼﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﮬﯧﺴﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻳﯘﻣﯘﺭﻟﯘﻕ، ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﮬﻪﺟﯩﯟﯨﻲ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﺎﻟﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯧﺘﺮﺍﭘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ،ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ. ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﺍ_ﺑﺎﺭﺍ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ، ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ، ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﻧﻪﺷﺮ ﺋﻪﭘﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ئىلى چاقچاقلىرى 2009–يىلى ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى›› دېگەن نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن ، 2010–يىلى ھېسام قۇربان ‹‹ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن . ئىلى چاقچاقلىرى 2011–يىلى ‹‹ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، بۇ قېتىم ھېسام قۇربان ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى چاقچاق ۋارىسى›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.




بىر دەۋر ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ، ھىسام دىمەك كۈلكە دىمەك ، ھىسام دىمەك خوشاللىق دىمەك ئىدى ... ھىسام دىگەن سۆز ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ بىر ئىسىملىك سالاھىيىتىدىن ھالقىپ ،  كىشىلەرگە كۈلكە -شاتلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان ئىدى ، رەھمەتلىكنىڭ كىشىلەرگە بەرگىنى نوقۇل ھەزىل چاقچاقلا بولۇپ قالماي ،  ئىچ ئىچىدىن چىققان خوشاللىق ، ئاچچىق تەربىيەت ، ئەڭ تەبىئى ساپ كۈلكە تېمىلىرى ئىدى ،قىسقىسى ئۇ بىر دەۋر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلكىسى ، يىغىسى بىلەن بىللە ياشىغان ئىدى ،


پۈتكۈل ئىلى قايغۇغا چۆمدى ، پۈتكۈل ئۇيغۇر قايغۇغا چۆمدى ، مانا بۈگۈن پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسىبەتتە .....


ئىنسان قاچان تۇغۇلۇپ ، قاچان كېتىشىنى بىلمەيدۇ ،  مەرھۇمدەك خەلقىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ، ھېلىھەم تىرىك ياشاۋاتقان نۇرغۇن پىشقەدەملىرىمىز بار ، مېنىڭچە ئۇلار كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان شېئىر مەرسىيەلەرنىڭ كىشىنىڭ كۆڭلىنى بۇزۇشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق ، ئۆلگەنلەرگە مەرسىيە يازغاندىن ھاياتلارنىڭ تەرجىماھالىنى يېزىش كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىش ،  قېرىپ كەتكەن ، كېسەل بولۇپ كارىۋاتتىن تۇرالمايۋاتقان نۇرغۇن پىشقەدەم سەنئەتكار ، ئالىم  قىسىقسى پىشقەدەم ئۇيغۇر ئاتىلىرىمىز - ئانىلىرىمىز ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر كۆپرەك بولسىكەن ، قەدىرلەشلەر كۆپرەك بولسىكەن ،  تەشۋىقاتلار كۆپرەك بولسىكەن دەيمەن ...



ئاخىرىدا مەرھۇم ھىسام قۇربان ئاتىمىزغا  ئۇ دۇنيالىق بەخت-سائادەت تىلەش بىلەن بىللە  مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن چىن كۆڭلۈمدىن ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا چىدام غەيرەت ۋە سەبىر تىلەيمەن شۇنداقلا ، ھايات يۈرگەنلەرگە ساغلاملىق ۋە ساپ ئەقىل پاراسەت تىلەيمەن .

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 11:22:39

كىملەرگىمۇ تارتىشارمىز غۇلجىدا،،رەھمەتلىك بىلەن يۇرتىمىز باشقىچە ئىللىق ئېدى...

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 11:52:43

قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئەلەيھى راجىئون

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 12:08:56

كۆڭلىدە يامانلىقى يوق، كەڭ قورساق ئادەم ئىدى، ئاللاھ ھېساب - كىتابىنى ئاسان قىلغاي!

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 12:20:53

ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن. كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، مەرھۇمنى پەقەت ياخشىلىق بىلەن ئەسلەيمىز.

ھازىدارلارغا سەۋر، مەرھۇمغا ياخشى ئاقىۋەتلەر تىلەيمىز.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 12:35:35

ئاللاھ جەننەت ئاتا قىلغاي.....

adiljanbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 12:49:31

قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئەلەيھى راجىئون.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 14:16:07



قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئەلەيھى راجىئون

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 14:16:52

ئىننالىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن.

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 14:30:37

قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئەلەيھى راجىئون

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 14:31:43

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ئىلاھىم.... ئامىن!.....

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 14:32:42

ئىننالىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 14:43:03

بىز ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز، ھازىدارلارغا سەۋىر ۋە ساۋاب تىلەيمەن.

xahrulla55 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 14:46:10

قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئەلەيھى راجىئون

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 15:32:29

ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي ئامىن .

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 15:42:34

قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئەلەيھى راجىئون.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 15:43:42

ھىسامكامنىڭ سۇرتىنى كۆرسە كۇلمەيدىغان ئادەم يوقمىكى، ئەمما بۇگۇن بۇ سۇرەتلەرنى كۆرۇپ ھىسىياتىم ئەجەپ بىر بولۇپ قالدى......................

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 16:13:56

ھېسام ئاكا دېسە يىغلاۋاتقان بالىمۇ يېغىدىن تۇختاپ كۈلگىگە ئۈتەتتى .

ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي .

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 16:51:09

ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن ! ھەجەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ...

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 17:21:07

بىز ھەممىمىز ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىلارمىز، ھازىدارلارغا سەۋىر ۋە ساۋاب تىلەيمەن ،ئامىن!
بەت: [1] 2
: ئەلۋىدا --- ئۇيغۇر ئوغلى ، ھىسام ئاتا !!!