misran807 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 01:45:12

ئۈندىدار ئېلىپ كەلگەن ئامەت ۋە ئاپەت

ئۈندىدارنىڭ قولايلىقلىغى، ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ بىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى (ئاز بىر قىسىم توغرا ئىشلەتمەسلىكتىن ياكى خۇمار بولغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى ھىسابقا ئالمىغاندا) ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، لېكىن يېقىندىن بۇيان بىز چوقۇم دىققەت قىلمىساق بولمايدىغان ھەم قەتئىي تۈزەتمىسەك بولمايدىغان ئىشلارمۇ بىر-بىرلەپ پەيدا بولۇپ جەمىيەتنى جۈملىدىن ئۇيغۇرلار جەمىيتىنى بىر ئاز قالايمىقانلاشتۇرىۋاتىدۇ، تورداشلار جەمىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ياخشى- يامان ئىشلارنى دەل ئەينى خەۋەر قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرپىدىن دوسىتلار چەمبىرىكىمىز بۇلغىنىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا بەزىلەرنىڭ تولۇق ئوقىماي ياكى ساقتا خەۋەرنى جەزىملەشتۈرمەيلا دوسىتلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ قويىۋاتىدۇ، دوستىغا ئىشەنگەن ئەگەشكۈچىلەرمۇ چىقىرىشىۋاتىدۇ، بەزىدە قاراپ ئويلىنىپ كېتىمەن، تارقىلىشى نىمە دېگەن تىز؟ ھەممىمىزنىڭ تۆھەپە قوشىشى بىلەن ئاز بولمىغان يالغان ياۋداقلار دوسىتلار ئاتا تارقىلىپ يۈرمەكتە!


ئويلاپ باقسام بۇ بىرنىمىنىڭ ماڭا يارىغان ئەڭ قولايلىق تەرپى يەنىلا ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بەكمۇ ماس كېلىۋېتىپتۇ، مەسىلەن نەرسە-كېررەك، بالا-پەرزەنتلەرنى يوقىتىپ قۇيۇش، جىددىي كېسەلگە خەيرى ساخاۋەت، ھەر خىل ئېلىم سېتىم ئۇچۇرلىرى جەمىيتىمىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئەپكېلىۋېتىپتۇ، مەن بۇنىڭدىن مەكمۇ سۈيۈنىمەن، ماڭا ئوخشاش سۈيىنىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلىۋەتتە،


مەن بۇ تېمىنى يىزىشتىكى مەقسىدىمگە كەلسەم:


كۆپچىلىك ئۇچۇر يوللىغاندا دىققەت قىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن، يوللىغۇچىلارمۇ دىققەت قىلىپ مەزمۇننى تولۇق قىلىپ يوللىسا، ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىز تەۋسىيە قىلغاندا تولۇق كۆرۈپ يوللىسا، ياردەمگە ئېرىشكۈچىمۇ دەل ۋاقتىدا ياردەمگە ئېرىشسە دەپ ئويلايمەن،


مەسىلەن: بەزى ئۇچۇرلاردا – كىچىك بالا سۆرىتىنى چىقىرىپ، بۇ بالا ئىككى سائەت ئاۋال ئىشىك ئالدىدىن يوقاپ كەتتى، كۆرگۈچىلەر خەۋەر قىلىپ قويسا دەپلا ئۇچۇر بېرىلگەن، بۇنى كۆرگەنلەر بۇ ئۇچۇرنى تارقىتاي دېسە زادى قايسى كۈننىڭ قايسى سائەتنىڭ ئىككى سائەت ئاۋالقى ئىش؟ قايسى ئىشىكنىڭ ئالدىدىن يوقاپ كەتتى؟ خوتەندىنمۇ؟ ئۈرۈمچىدىنمۇ؟ زادى قەيەردىن؟ ھىچكىم بىلمەيدۇ!  تارقاتماي دېسە بالا ھەر قانداق بىر ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى... قانداق قىلغۇلۇق، ئاقكۈڭۈل ئۇيغۇر ىەلقى يەنىلا بوپتۇلا تېپىلىپ قالسا دەپ ئويلاپ ئۇچۇرنىڭ چالا بولغىنىغا قارىماي يوللاپ قويىدۇ، بەزى ئۇچۇرلار يوللانغىنىغا 1-2 ئاي بولغىنىمۇ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئېقىپ يۈرگەن، ئۇ چاغدا كىم بىلىدۇ بالا ئاللا بۇرۇن تېپىلىپ بولۇنغانمۇ؟


يەنە بەزى ئۇچۇردا 10 يىل ئاۋال تېپىۋېلىنغان سومكا ھەققىدە بولسا بەزىسى ئاخشام بىر بالا تېپىۋېلىندى بالىڭىزنى تۇنىغان بولسىڭىز پالانى يەردىن ئېلىپ كېتىڭ دېيىلگەن، بۇلار ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، لېكىن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كېتىپ بولغاندىمۇ يەنە بۇ ئۇچۇرلار ئۈندىداردا ئېقىپ يۈرگەن تېخى بالىنىڭ سۆرىتى بىلەن، بۈگۈنى ئېزىپ قېلىپ تورغا ئېلان چىقىرىلغان ھامان ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كەتكەن بولسا، تورداشلار خەۋەرسىز ئۇچۇرلار ئېقىپ يۈرسە، ئاشۇ بالا مەكتەپتە ئوقۇمامدۇ؟ بۇ ئېلانلار داۋاملىق تۇرىۋەرسە ئاشۇ بالىغا مەكتەپتە، سىنىپتا ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلىرى ئارسىدا بەزى بىر يامان تەسىر ئاقىۋەتلەر ئېلىپ كېلىنىشىنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ!


يەنە مۇشۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارغا قالدۇرۇلغان تېلىفۇن نومۇرلار بەزىلىرى مەۋجۇت ئەمەس، بەزىلىرى توختاپ كەتكەن، ياكى تاقىلىپ قالغان، ھەي... ئادەم ئىزدىگەن خەۋەر كۈتىۋاتقان ئادەم مۇقىم تېلىفۇن، ياكى 24 سائەت ئوچۇق قويىدىغان توختاپ قالمايدىغان تېلىفۇن بىلەن تاقەتسىزلىك بىلەن خەۋەر كۈتمەمدۇ؟


تورداشلارغا دەيدىغىنىم:


ئەگەر راسىت شۇنداق بالا يۈتكەن ياكى تېپىۋالغان ئەھۋال بولسا سەل ئۆزىڭىزنى بېسىۋېىڭ، ئاندىن تەپسىلاتىنى تولۇقراق يېزىڭ، ئاۋال بالىنىڭ چىرايى ئېنىقراق سۆرەتنى تاللاڭ، ئاندىن بالىنىڭ ئېنىق قايسى يەردە، قايسى چىسىلا، سائەت نەچچىلەردە، شۇ ۋاقىتتا كىيگەن كىيىمى، بالىنىڭ ئىسمى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىسمى، دەرھال ئەڭ تېز ئالاقىلىشىش شەكلى، بالىنىڭ ئەڭ رۆشەن بەلگىسى ياكى كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان بىرەر ئىش ھەركىتى، قاتارلىقلارنى تولۇق يازسىڭىز دوسىتلار چەمبىرىكىگە چىقارغۇچىلارمۇ بىلىپ چىقىرىدۇ، تېپىلسىمۇ تىزلا جاۋابىنى ئالالايسىز، تېپىلغاندا ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى، قازىنىم نەزىر! قىلماي تېپىلغانلىق خەۋىرىنىمۇ چىقىرىشنۇ ئۇنۇتماڭ، سىز ئۈچۈن ھەر يەردە ئارۋارە بولىۋاتقان بالىجان يۈرەكلەرنىڭ يۈركى ئىزىغا چۈشسۇن! خەۋەرلەرمۇ تارقىتىلىشتىن توختاپ ئۆچۈرۈلسۇن، شۇنداقتا ھەممىمىزگە ياخشى، ئاندىن بۇ ئۈندىدارنىڭ ھەقىقىي رولىنى ھىس قىلالايمىز، ۋە داۋاملىق ياخشى ئىش ئۈچۈن ھەركەت قىلالايمىز! شۇنداق بىرەر ئەھۋال بولسا تېخىمۇ تىز ھەركەتكە كېلەلىشىمىزدە گەپ يوق،


ئۈرۈمچىدە بىر بالا يوقاپ كەتسە بۇنى ئاقسۇ، خوتەن، غۇلجا، ھەتتا چەتئەللەردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئېلان قىلىۋاتسا، شۇلار ئالدىدا ئۆزىڭىزنى قەرىزداردەك ھىس قىلمامسىز؟ داۋاملىق شۇم خەۋەرلا كۆرىمىز، بىرەر بالىنىڭ تېپىلغانلىق خەۋىرىنى بىز كۆرۈپ باقمىدۇق، يەنە كېلىپ ئۈرۈمچىدە يوقاپ كەتكەن بالىنىڭ خەۋىرىنى چەتئەلدىكىلەرنىڭ تارقىتىپ يۈرىشىنىڭمۇ ئورنى يوق، بالا چەتئەلگە چىقىپ كېتەلمەيدۇ، لېكىن شۇلارنىڭ ۋەتەندىكى دوسىتلىرى كۆرىدۇ خالاس، ئاقسۇدىكىلەرنىڭ چىقىرىپ قۇيىشىنىڭمۇ ئورنى يوق، بالا ئېلىپ قاچىدىغانلار ئىچكىرىدىن باشقا يەرگە ئېلىپ قېچىشىمۇ ناتايىن، شىنجاڭ ئىچىدە يۈرسە بىردەمدىلا تۇتۇلىدىغانلىقى ئېنىق، چۈنكى ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئاسماندا تور، يەردە قاپقان! لېكىن شۇ ئاقسۇدىكى چىقارغۇچىنىڭ ھىچ بولمىغاندا بىرەر دوستى بولسىمۇ ئۈرۈمچىدە بولىشى مۇمكىن، مەيلى بۇنداق خەۋەرنى كىملا چىقارسۇن سىز ئۈچۈن پايدىلىق، لېكىن تېپىلغاندا خەۋرىنى بېرىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ!


تورداشلار ئارسىدا يەنە بەزى شۇنداق تېتىقسىز ئىنسانلىرىمىز باركىن...توۋا، چاقچاق قىلدىم دەپ جەمىيەتنى ساراسىمىگە سېلىپ قۇيىدىغان، يەنە شۇنداق تېتىقسىزلار باركىن دوستىغا چاقچاق قىلسا سۈرۈشتۈرمەيلا راسىت دەپ باشقىلارغىمۇ يوللاپ بېرىدىغان!


بەلكىم تورداشلار كۆرگەن بولسا كېرەك، تېخى يېقىندىلا بىر 40 ياشلاردىكى ئەرنىڭ سۆرىتى كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈستىگە يىۋۇغا بارىمەن دەپ ئاخشام ماشىنا ھەيدەپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ تا ھازىرغىچە خەۋىرى يوق، ساقچىلارمۇ خەۋىرىنى ئالالمىغان خەۋىرىنى بىلگۈچىلەرگە 100مىڭ يۈەن، ئۆزىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە 1مىليون 500مىڭ يۈەن سۈيۈنچە بېرلىدۇ دەپ تېلىفۇن نومۇرىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ، ھەي يوقاپ كەتكۈچى ئاخشام چىقىپ كەتسە قايسى كۈنى ئاخشىمى؟ قەيەردىن چىقىپ كەتكەن؟ شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئادەم ياشايدۇ ئۆي بار، چىقىپ كەتكەن ئۆي بىرەر شەھەر، ناھىيە، مەھەللىگە قارايدىغاندۇ؟ يەنە ماشىنىنىڭ رەڭگى، نومۇر تاختىسى، ماشىنا تىپى ماركىسى، بۇلار ئېنىق بولۇپ كەتسە بەلكىم ئۇچىراتقۇچىلارمۇ، كۆرگۈچىلەرمۇ، ھەتتا بىللە يۈرگىچىلەرمۇ چىقىپ قالار ئىدى؟ ئېنىقلا يالغان ئۇچۇردە بۇ؟ ئەگەر راس دېگەن تەغدىردە مەيلى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان بولسۇن، مەيلى شىنجاڭنىڭ ھەر قانداق يېرىدىن يولغا چىقسۇن، خەۋىرنى بەرگۈچىلەرگە 100مىڭ سۈيۈنچە بېرىلگۈدەك ئەتىۋارلىق باي ئادەم يىۋۇغا ئۆزى يالغۇز ماشىنا ھەيدەپ چىقىپ ساراڭ ئەمەستۇ؟ ئايرۇپىلاندا ئولتۇرالار؟ ماشىنىنىڭ بېرىش كېلىش چىقىمى مېنىڭچە ئايرۇپىلاندا بېرىش كېلىش چىقىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇقەررەر! ھەم ئۇنداق پۇلدارلار ئىككى كېچە كۈندۈز توختىماي ماشىنا ھەيدەپ مېڭىپ جېنىنى قىيناپمۇ يۈرمەيدۇ! ئەمما نۇرغۇن نادان دوسىتلىرىمىز بۇ نوقتىنى ئويلىمايلا قارىغۇلارچە بۇ ئۇچۇرنى ھە دەپ تارقاتتى!


ئەگەر راسىتلا بۇ بىر چاقچاق بولسا بۇ خەۋەر چوقۇم ئاشۇ كىشىگە ھازىر خېلى قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن! ئويلىشىپ تارقىتايلى تورداشلار!


بىر ھەپتە ئاۋال يەنى 9-ئاينىڭ 6- كۈنى سەھەردىن باشلاپ مەشھۇر خەلق چاقچاقچىسى ھىسام ئاكىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى، ھەتتا قايسى جامىئەدە قايسى ۋاقىتتا نامىزى چۈشۈرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا شۇم خەۋەر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزنى قايغۇغا سالدى، ھىسامكام روھىغا دۇئاغا قوللارمۇ كۆتۈرۈلدى، مەرھۇم ئاتىلىپ ياتقان يېرى جەھەننەتتە بولسۇنلار دېيىلدى! ئارىدىن ئىككى سائەت ئۆتمەيلا ھىسام ئاكىنىڭ ئوغلى مەھمۇت ھىسام شىنلاڭ بىلوگىدا ھىسامكامنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى ئاشكارلاپ يالغان خەۋەر تارقاتماسلىق توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ ئۆلگەنلىك خەۋىرىگە كۈچلۈك رەدىيەلەر بېرىلدى، يالغان خەۋەر تارىلىپ ئىككى سائەت ئىچىدە خەۋەرنىڭ يالغانلىقى ئاشكارلانغان بولسىمۇ يالغان خەۋەر يەنلا ئىككى كۈنگىچە ئېقىپ يۈردى، ئاللاھتىن قورقايلى قېرىنداشلار! ساق ئادەمنى ئۆلدى دېيىش بىلەن كىملەرنى خوش قىلماقچىمىز؟ ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولسىمۇ بۇنى كەڭ تەشۋىق قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟


يەنە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا يەنە بىر يالغان خەۋەر پۇر كەتتى- ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان بىر يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىدا قېرى بوۋاي ناماز ئۆتىگەنلىكتىن خەنزۇ شوپۇر تەرپىدىن قاتتىق تاياق يىدى، ساقچىلار كېلىپ شوپۇرغا بولۇشۇپ بوۋاينى ئېلىپ كەتتى دەپ...بۇنى كۆرۈپ دەسلەپ مېنىڭمۇ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى، دەقىقە ئىچىدە ئاپتۇبۇس نومۇرىنى يادلىۋالدىم، خىيالىمدا ئاشۇ ئاپتۇبۇس يۇرتۇمدىن ئۆتكىنىدە بىرەر پىۋا بوتۇلكىسىنى سوۋغا قىلىپمۇ ئۈلگۈردۈم، لېكىن تۇرۇپلا توغرا، ئاقسۇدىن ماڭغان بولسا، چوقۇم بوۋايلا ئۇيغۇر، باشقا 30 دىن كۆپ يولۇچىنىڭ ھەممىسى خەنزۇ بۇلىشى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، بۇ چوقۇم كۆپتۈرمە خەۋەر، شۇنداق بىر ئەھۋال بولۇپتۇ لېكىن چوقۇم ئۇنچە ئېغىر ئەمەس، ھەر قانچە بېشى ئون بولسىمۇ شوپۇر بىر ئۇيغۇرنى ئۇرمايدۇ، ھەم ئۇرالمايدۇ، ساقچىلارنىڭ ئىشىغا كەلسەم ھەر قانداق بىر ئىش چىقسا ساقچى ھەرگىز بىر تەرەپنى ئېلىپ ماڭمايدۇ دەپ ئويلاپ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدىم، راس دېگەندەك ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭمۇ جاۋابى چىقتى، تاياق يىگۈچى قېرى بوۋاي بولماستىن 20 نەچچە ياشلىق ياش يىگىت ئىكەنلىكى، راسىتلا ناماز ئوقۇيمەن دەپ ئاپتۇبۇستىن چىقىۋاتقان قويغۇچنىڭ ئاۋازىنى پەسلىتىۋەت دەپ شوپۇر بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ شوپۇردىن تاياق يىگەنلىكى مەلۇم بولدى، ساقچىلارنىڭمۇ ئۇيغۇرنى ئېلىپ ماڭماي شوپۇردىن 500 يۈەن تۆلەم ئېلىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ئۇچۇرنى ئاقسۇ ياكى ئۈرۈمچىدىكى يولۇچىلار بىكىتىدىن راس يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرپ بېقىشىنى قەيىت قىلىنىپ ئۇچۇرلار تارقالدى، دېمەك يالغانلىقى ئېنىقلاندى، بۆلگۈنچىلىك سالمايلى قېرىنداشلار، ھەق-ناھەقنى ئايرىيلى، مەيلى كىملا بولسۇن ئۇرۇشۇپ جىدەل چىقىپ ساقچى ئارلاشقان ئىش بولسا مۇمكىن ئەمەس، ساقچى ھەرگىز بىر تەرەپنىلا يالغۇز ئېلىپ ماڭمايدۇ، مەيلى گۇناھ كىمدىلا بولسۇن ساقچى كەلگەندە بىر تەرەپ زىيانلانغۇچى، قارشى تەرەپ جاۋابكار بولىدۇ، ئۇلار نەق مەيداندىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى ئېلىپ ماڭغان بولسا ھەر ئىككىلىسىنى ئاپىرىپ نورمال تەرتىپ بويىچە خاتىرە قالدۇرىدۇ، ھەم تېخى گۇۋاھچىلاردىنمۇ خاتىرە ئالىدۇ! سەگەك بولايلى، بۇنداق خەۋەرنى ئويلىشىپ تارقىتايلى قىززىققانلىق قىلمايلى، كۆز ئالدىڭىزدا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن ناھەقچىلىك تۇرسا، ھەق ئىشنى قانداقمۇ ناھەققە ئۆرۈپ يالغان خەۋەر تارقاتقىڭىز كەلدى ھە؟ تېخى قىستۇرۇقلۇق رەسىممۇ بار...نەق مەيداندا ئۈندىدارغا شۇ خەۋەرنى يېزىپ تارقاتقان تېلىفۇننى سۆرەتكە تارتالمايدۇ دېسە بۇ گەپكە مېنىڭ بالاممۇ ئىشەنمەيدۇ، ئاشۇ رەسىممۇ نەق مەيدان رەسىم ئەمەس بەلكىم توردىن تاپقان ئىچكىرىدىكى بىر ۋەقەنىڭ رەسىمى ئىدى!


مەن شۇڭغىچە خىزمەت ئالدىراشلىقىدا بۇ توغۇرلۇق بىر نەرسە يېزىشنى ئويلىغان بولساممۇ لېكىن پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان ئىدىم، بۈگۈن توساتتىنلا يەنە بىر يالغان خەۋەر پەيدا بولۇپ قالدى، يەنە مەن دەسلەپ ئىشىنىپ قالغان ئىدىم، قارىغاندا مەنمۇ خېلى قىززىققان ئىكەنمەن، دەرھاللا خەلق مەنپىئەتى دەپ ئويلاپ بۇ خەۋەرنى دوسىتلار چەمبىركىگە يوللاپ بولۇپ ئويلىسام بىر يېرى نورمال ئەمەس، ئارىدىن ئىككى مېنۇت ئۆتمەيلا مەن ئۆچۈرۈپ بولغۇچە بىر ئىككى دوستۇمدىن خەۋەرنىڭ يالغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرمۇ كېلىپ بولدى دەرھال ئۆچۈرۈپ مانا ۋاقىت دېگەن ئەمدى يازماي قاچان يازىمەن دەپ بۇنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۇ ئۇچۇردا، (كەچۈرئاللاھ) دېگەن ئۈندىدار نومۇرىدىكى ياخشى نىيەتلىك قېرىندىشىمىز (بەلكىم بۇ قېرىندىشىمىز ئىشىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن ياكى بۇ يۇچۇن قېرىندىشىمىزنىڭ مەلۇم بىر مۇددىئاسى بولىشى مۇمكىن) ئۆزىنىڭ ھازىر يەمەن مەمىلكىتىدە ئىكەنلىكى ساقسىز بولۇپ قېلىپ بىر خۇسۇسىي دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىۋېتىپ بۇ شەيىخ پىركامىلنىڭ پۈتۈن دۇنيادا داۋالاش قىيىن بولىۋاتقان 17 خىل ( 1-ب تىپلىق جىگەر ياللۇقى 2-قان راكى 3- ئۆسمە كېسەللىك 4- يۇقۇملۇق تېرە كېسەل 5- ھەرخىل راك كېسىلى 6-رېماتىزىم خاراكتىرلىك ئەگەشمە كېسەللىك 7-يوقۇملۇق كېسەللىك 8-تېرە كېسەللىك 9- ئەيدىز 10- ئاق كېسەل 11-تۇغماسلىق 12- ئۈچەي كېسەلىكى 13- بۆرەك 14- ئاشقازان 15- دىئابىت 16- سوقۇر ئۈچەي 17- ئۆت ياللۇغى) كېسەلنىڭ ھەر قاندىقىنى ساقايتالايدىغانلىقىنى، ھەتتا دورا ئوكۇلنىڭمۇ ھەقسىزلىكىنى، كىلىشنى نىيەت قىلسىلا پاسپورت بولسا ۋىيزىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، ئويلاپ باقايلى قېرىنداشلار؟ بۇ 17 خىل كېسەلنىڭغۇ ساقىيالايدىغانلىرى خېلى بار، لېكىن ساقايتىش قىيىن بولىۋاتقنى ئەيدىز، دىئابىت، ب تىپلىق جىگەر ياللۇقى، ھەرىل راك دېگەن كېسەللەر ساقايتىش قىيىن كىيىن كېسەللەر، پەقەت داۋاسى تېپىلمىغاندىن ئەيدىز كېسىلى، ئەگەر راس داۋالىغان بولسا ئاللا بۇرۇن پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارلىنىپ دورىلار ئىشلىنىپ پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۈندىدارغا يوللاپ بىزنى خەۋەردار قىلىپ بولغىچە بىلىپ بولاتتۇق، لېكىن ھەجەپ شۇ ئۇيغۇر، يەنە كېلىپ يەمەندىكى شۇ قېرىندىشىمىزدىنلا ئاڭلىدۇق؟ چوقۇم ئويۇن بار، يەمەن ئۇزۇندىن بېرى قالايمىقانچىلىقتا تېخىچە ئوڭشالمىغان ھەر 1 كىلومېتىر يولدا بىر دېگۈدەك قاتمۇ-قات تەكشۈرۈش بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چازىلاردىنمۇ كۆپ بىر دۆلەت،  تۇرمۇش سەۋيىسى بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ 90- يىللىرىدەك ھالەتتىكى بىر دۆلەتتە شۇنداق بىر ئالەمشۇمۇل نەتىجىنىڭ چىقىشى راسمىدۇ؟ ياق بۇ توغرا ئەمەس، ئۇنداقتا بۇ يۇچۇن ئادەمنىڭ نىيتى نىمىدۇ؟ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بۇ ھەقتە توردىن ماتېريال ئىزدىدىم، بەرھەق نەتىجە چىقتى، 2006-يىلى يەمەندىن شۇنداق بىرى ئەيدىزنى داۋالاش چارىسىنى ئېلان قىلىپتۇ، ئەمما بىرەرمۇ ئەيدىز بېمارى ساقىيىپ باقمىغاچقا، پۇتۇن دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىن يالغانلىقى ئاشكارلىنىپ، خەلقى ئالەمگە پۇر كېتىپ، ئەيدىزنىڭ ساقىيىشى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، توغرىسىكى خەۋەرنىيڭ چىققىنىغىمۇ 6 يىلدىن ئېشىپتۇ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ خەۋەر يەنە باش كۆتۈرۈپتۇ...ئالدانمايلى قېرىنداشلار، ئۈندىدارغا ئەمەس ھەق خەۋەرنى  تارقاتقۇچى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئىشىنەيلى، بۇ بىر ئادەمنىڭ يالغان ياۋداق سۆزىگە ئەمەس، ھاياجىنىمىزنى بېسىۋېلىپ سەگەكلىك بىلەن تارقىتايلى قېرىنداشلار، ئىشەنچىسىز، نامەلۇم ئۇچۇر بولسا تارقاتمايلى، توردا پىتنە-پاسات تارقاتتى دېگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىر كۈندەردە ھەر بىرىمىزگە تەدبىقلىنىپ قالمىسۇن، جىنايى جاۋاپكارلىقى ئېغىر قىلمىش بولۇپ قالدى ھازىر!


ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازاي، ئۆز-ئۆزىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىۋالمايلى!


2013-09-14    ئابدۇمىجىت


abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 06:30:17

مۇسۇلمان بولسىڭىز چوقۇم ئوقۇڭ!

مۇسۇلمان بولسىڭىز چوقۇم تارقىتىڭ!

  {:90:}

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 07:21:50

راستلا بەك جىددىي يېزىپسىز!

مۇشۇنداق يالغان خەۋەرنى بىرەرسى تەشكىللىك تارقىتىپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتامدىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 10:06:32

بۇ يىل 4- ئايدا بىر كىلىشمەسلىك بىلەن مېنىڭ پۇتۇم سۇنۇپ كىتىپ، سىرىتقا چىقمىغاچقا ئۈندىدار بىلەن كۆپرەك ھەپىلەشتىم.مېنىڭ ھىس قىلغىنىممۇ تېما يوللۇغۇچى بىلەن ئوخشاش. يەنە:

1. ئۈندىدرغا يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى بەك ناچار.

2. تېمىسى لايىق قويۇلمىغان. مەسلەن ‹‹جىددى تارقىتىڭ››، ‹‹ياردەم كېرەك››، ‹‹موسۇلمان بولسىڭىز چوقۇم تارقىتىڭ››، ‹‹موسۇلمان بولسىڭىز چوقۇم كۆرۈڭ››، .....دېگەندەك.

3. مەنبەسى ئېنىق ئەمەس. تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرنىڭلا ئەمەس بەلكى دېنىي مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭمۇ ئېلىنغان ھەدىس، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بۇرمىلانغان. ئىسلام دېنىدىن باشقا دىن، مەزھەپلەرنىڭ دېنىنى تارقىتىدىغان ئۇيغۇرچە ئۈندىدار توپلىرى خېلىلا ئاۋات.

4. سېرىق، شەھۋانى، ئەخلاققا زىت مەزمۇنلار مەلۇم سالماقنى ئېگىلەيدۇ. بولۇپمۇ سېرىق رەسىم.



يەنە كۆپ ئىدى، بولدىلا.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 10:06:45

ھېسامكام پىتنىخورنى كەچۈرگىنى بىلەن قانۇن كەچۈرمەيدۇ



           

       مۇخبىرىمىز ئەنۋەر ئەزىز خەۋەر قىلدۇ؛ 6-سېىتەبىردىن باشلاپ ئۈندىدارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە<<ھېسامكام ئالەمدىن ئۆتتى>> دىگەن يالغان خەۋەر شىددەت بىلەن تاراپ،ھەممەيلەننىڭ پېشانىسدىن سوغوق تەر چىقىرىۋەتكەن ئىدى. بىر قىسمىمىز غۇلجىدىكى تونۇش-بىلىش،ئۇرۇق- تۇققانلاردىن سوراپ ئۇقۇپ،بۇخەۋەرنىڭ ساختىلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن بولساقمۇ،يەنە بىر قىسم ئالدىراقسان كىشلىرىمىز بۇخەۋەرنىڭ راست-يالغىننى سۈرۈشتۈرمەيلا كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، جەمىئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىۋەتتى.

  چاقچاقنى ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمرا قىلغان ھېسامكام بولسا،بۇنىڭغمۇ چاقچاق بىلەن<< كىمۇ مېنى ئۆلدى دىگەن؟ ئىلى دەرياسىغا تاشلىۋەتمەي يەنە!>> دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

ھېسامكام بۇ پىتنىخورنى مەيلى ئىلى دەرياسىغا تاشلىسمۇ ھەقلىق ئىدى،ئەمما ئۇ،ئەرىز سۇنمايدىغانلىقنى ئېيتتى.غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارسى تورئامانلىقى ئەتىرتىدىن ئىگىنلىشچە،بۇيالغان خەۋەر بولۇپ،ش ئەپەندىم بىلەن خەي ئەپەندىم بۇ پىتنە-پاساتنى تارقاتقان ئىكەن،ئەمما ئۇلارمۇ بۇخەۋەرنى دوستلارچەمبىرىكىدە كۆرگەندىن كېيىن تارقاتقانلىقنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىغان. قانۇن بويىچە،تاقىتىلغان يالغان خەۋەر500 قېتىمدىن ئارتۇق كۆچۈرۈپ تارقىتىلسا،جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە كېسىم ئېلان قىلىشقا بولدىكەن.

نۆۋەتتە يالغان خەۋەرنىڭ قانچە قېتىم كۆچۈرۈپ تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانلىقتىن،بۇئىككىيلەنگە مەمۇرىي جەھەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلگەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈندىدار،مىكروبىلوگ،كوت كوت قاتارلىق تور ۋاستىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك يالغان خەۋەرلەر،ئويدۇرما ئۇچۇرلار تارىلىپ، ئاۋامنى بىئارام قىلدى.نۇرغۇن كىشى بۇ يەرلەردە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىىڭ راست-يالغىنىنى سۈرۈشتۈرمەيلا كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، شۇ پىتىخورلاغا شېرىك بولدى. ئېسڭىزدە بولسۇنكى،يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام، يالغانچىلىقنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ! توردا كىم بىلەتتى،دەپ يۇقىرىقدەك ئويۇن ئويناپ سالسىڭىز، تۈرمىگە كىرگەندە ئويۇنىڭىزنى ئامما كۆرىدۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 10:21:12

دىمەكچى بولغىنىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئىشقىپ بەزىلەرنىڭ كاللىسى شۇيالغان خەۋەرلەر ئارىسىدا چۆگىلەپ يۈرۈشى كېرەكتەكلا

fireuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 10:33:08

تۆنۆگۈنلا دوستلار چەمبىرىكىدە بىر ئۇچۇر كۆردۈم.بىرنىمىستان بۆلگۈنچىلىرى 20مىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى جاي-جايلارغا كىسەل تارقىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىپتىمىش.شۇڭا ھەرگىز توخو قوردىقى،لەغمەن يىسەك بولماسمىش.باشقىلار نىمە دەپ تارقاتسىغۇ چاتىقىم يوقتى.ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ يۈزىمىزگە قارا سۈركەيدىغان بۇ ئىغۋانى بەس- بەستە تارقىتىشتى.كاللاڭ يوقمۇ سىنىڭ دەپ تەربىيە قىپ قويسام،چىرايلىق قىزلاردىن نەچچىسى مىنى قاررا تىزىملىككە تارتىۋىتىپتۇ \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 10:39:17

{:92:}   {:92:}   {:92:}  

ئۇلارنىڭ كاللىسى شۇيەرگىچىلىك ئوخشايدۇ.

alif يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 11:44:09

بۇنداق(ئۈرۈمچىدە 13 ياشلىق بىر بالىنىى ئاربۇس سوقىۋېتىپ ساقچىلار نەق مەيداندىلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭغانلىق سىن ماتېرىيالىنى كۆەسەتتىغۇ)يالغان خەۋەر ئۆتكەندە ئىزدىنىش مۇنبىرىدە بىر قېتىم ئېنىقلاندى.

بىر قىسىم خۇمسى ئىنسانلار شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى ياخشى، باشقىلارنى ئەسكى قىلىدۇ. ئۈندىدار بولدى[ جىدەلدار]

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 12:08:19

مىنىڭ ئۈندىدارىمدا 78 ئادەم باركەن ،تونۇش بىلىشلىرىممۇ خىلى باكەن دەپ قالدىم ،،،  {:92:}

parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 12:24:36

قوشنىمىزنىڭ بىر بالىسى بۇلىدىغان تېلىفۇننى بىردە ئاغزىغا ئەكەلسە بىردە قۇلىقىغا ئاپىرىدۇ . شۇنىڭغا قاراپ سەل بىنورمال بوپقالغانمىكىن دەپتىكەنمەن  {:107:}

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 13:00:48

ئالدىنقى قېتىممۇ ئۇرۇمچىدىكى بىر خېنىمنىڭ بالىسى يۇتۇپ كەتكەنلىك خەۋىرى چاقماق تېزلىكىدە ئۇندىدارغا مىكرو بىلوگلاردا تارقىتىلدى...بۇ ئۇچۇر بىزنىڭ توپقىمۇ كەلدى ، يۇتۇپكەتكەن بالىنىڭ دادىسى ئاغىنەمتى تارقىتىپ قويساڭلا دەپ!....شۇندا قىلىپ تارقاتتتۇق . كەش بولغاندا باللا سىلەرگە كوپ رەھمەت بالا تېپىلدى دەپ توپقا ئۇچۇر يوللاپتۇ. قاندا تېپىلىتۇ ، نىمە ئىش بوپتىكەن دەپ سورىساق ، بالا جوزىنىڭ ئاستىدا ئۇخلاپ قاپتىكەن ، ئاپىسى تالانى ئىزدەپتۇ دەيدۇ. كەش تەرەپتە ئەل كۇيى مىكرو بىلوگدا رەنا روزىنىڭ ھېلىقى يۇتۇپ كەتكەن بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن (بالىمۇ بار) چۇشكەن رەسىمىنى بالىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، كوپچىلىككە كوپ رەھمەت ئېيتقانلىق خەۋىرىنى كوردۇم.

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 15:17:20

ئۇندىدارنى تېلفۇندىن ئوچۇرۇپ ئىشلەتمىگىلى بىر ئاي بولاي دېدى ، قارىسام بۇ ئۇندىدار ئادەمنى جىسمانىي جەھەتتىن تۇگىتىدىغان ، روھى جەھەتتىن زەئىپلەشتۇردىغان ، ئادەمنى ئىقتىسادى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئالغا ئىنتىلىشتىن مەھرۇم قالدۇردىكەن ...

xahrulla55 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 15:42:58

بۇ ئۈندىداردىكى ئۇچۇرلار ئەجەپ جىقكىنە ئادەمنى گاڭگىرتىپلا قويغان  {:107:}

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 16:59:14

ماڭا ئۈندىدار پايدىلا ئەكىلىدۇ،زىيان چىقىپ باقمىدى  {:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 19:26:08

مۇشۇ تاپتا ئۈندىدارىمغا ھىسامكام توغىرلىق ئىككىنچى قېتىملىق شۇم خەۋەرلەر كېلىشكە باشلاۋاتىدۇ ....ئەجابا بۇ قېتىم ..... \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 19:42:29

@uqkun1

بۇقىتىم راس ئوخشايدۇ ،ئەتە ناماز بانداتقا ئەچقىدىغان ئوخشايدۇ ،،شۇنداق قىلىپ تىرىك ئادەمنى يالغان پىتنە ئىغۋا بىلەن

ئۆلتۈردى  {:107:}

katipim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 21:05:38

16- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@uqkun1

بۇقىتىم راس ئوخشايدۇ ،ئەتە ناماز بانداتقا ئەچقىدىغان ئوخشايدۇ ،،شۇنداق قىلىپ تىرىك ئادەمنى يالغان پىتنە ئىغۋا بىلەن

ئۆلتۈردى \"\"



ئۇ پىتنىخورلارنىڭ قۇلۇقى بەك ئۈزۈن ئوخشىمامدۇ. ھەپتە بۇرۇن ئاڭلىۋالغان بولسا...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 21:10:27

تورنى ئۈزۈپلىۋەتكەن بولسا ئىشمۇ يوق،  چاۋشىيەنلىكلەر نىمە دىگەن بەخىتلىك

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 00:28:21

نۆۋەتتە يالغان خەۋەرنىڭ قانچە قېتىم كۆچۈرۈپ تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانلىقتىن،بۇئىككىيلەنگە مەمۇرىي جەھەتتە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلگەن.





دىمەك يالغان خەۋەرنىڭ قانچە قىتىم تارقىتىلغانلىقى ،ياكى قانچە ئادەمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئىنىقلاريدىغان ئەسۋاپ يوقكەندە!

ئۇنداقتا ئاۋۇ قانوننى تۈزگۈچىلەر...ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدىمەي، ۋەزىيەتتىىن ئىزدەپتۇ -دە!
بەت: [1] 2
: ئۈندىدار ئېلىپ كەلگەن ئامەت ۋە ئاپەت