bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 21:10:50

NASA: بىر كومېتا مارسقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ

NASA: بىر كومېتا مارسقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ




بىلىمخۇمار

2013-9-13




2013-يىلىنىگ بېشىدا ئىنگلىزچە «Comet C2013 A1 (Siding Spring)» دەپ نام بېرىلگەن بىر كومېتا ياكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز بايقالغان بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى 10-ئايدا مارسنىڭ قېشىدىن ئۆتىدىكەن.  بۇ كومېتانىڭ قۇيرۇقى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ، مەن بۈگۈن ئىنتېرنېتنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تاپالمىدىم.  بەزى ماقالىلاردا دېيىلىشىچە، ئۇ تۇزۇتۇپ چىقىرىۋاتقان مېتېئورىت ۋە مىللىمېتىر چوڭلۇقتىكى زەررىچىلەر ئىگىلىگەن رايوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 مىڭ كىلومېتىر كېلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن.  بۇ كومېتا مارسنىڭ قېشىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭدىن چېچىراپ چىققان مېتېئورىت بۇلۇتلىرى مارسنى ئوربىتلاۋاتقان ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار بولغاچقا، ناسا ھازىر قانداق قىلىپ بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىۋاتىدۇ.  ناسا بارلىق ئاسترونىمىيە مۇتەخەسسىسلىرىگە چاقىرىق چىقىرىپ، بۇ كومېتاغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكى توغۇرلۇق لاھىيە-تەكلىپلەرنى يىغىش ئىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئىشنى ناسا مەركىزى JPL ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  ناسا لاھىيىسى قوبۇل قىلىنغان ئادەم ياكى گۇرۇپپىلارغا 25 مىڭ دوللاردىن 50 دوللارغىچە مۇكاپات پۇلى بەرىدىكەن.  




JPL نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ كومېتا مارس بىلەن بولغان ئارىلىقى 120 مىڭ كىلومېتىر كەلىدىغان يەردىن ئۆتىدىكەن.  ئۇ بىر سائەتتە 200 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭىدىكەن.




ناسا بۇ يىل 11-ئايدا، مارسنىڭ يۇقىرى ئاتموسفرا قاتلىمىنى تەكشۈرىدىغان «MAVEN» ناملىق ئالەم ئۇچقۇرىدىن بىرنى قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمى 250 مىليون دوللار سەرپ قىلغان ئىدى.  ھازىر بۇ كومېتانىڭ ئاشۇ ئالەم ئۇچقۇرىنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، ناسا دىكىلەر بۇ ئەھۋالغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.  ناسا دىكىلەر قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ بىرى،  MAVEN نىڭ مارس ئوربىتىسىغا كىرىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش.  مەن يېقىندا ماۋەن توغۇرلۇق بىر تېما يوللىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مىسرانىمدىكى تور ئادرېسى:

NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ

http://bbs.misranim.com/thread-110743-1-1.html




پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

http://www.planetary.org/blogs/emily-lakdawalla/2013/03051422-siding-spring-meteor-shower-mars.html




http://www.spacenews.com/article/civil-space/37125mars-bound-comét-prompts-nasa-to-assess-danger-posed-to-red-planet-probes




http://www.space.com/20045-comét-hit-mars-2014.html




رەسىملەر:

http://planetary.s3.amazonaws.com/assets/images/9-small-g




http://www.space.com/17980-cométs-frozen-seeds-of-life-from-beyond-the-solar-system-video.html




http://i.space.com/images/i/000/014/182/i02/comét-lovejoy-space-station-dec-22-2011.jpg?1325174451




http://newswatch.nationalgeographic.com/files/2013/03/Comét_Mars_KimPoor-590x408.jpg




1-resim





2-resim





3-resim

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 21:53:03

مەن بەكلا ھەيران قېلىۋاتىمەن، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ھەقىقەتەن ئىلغاركەن.

ناسا بۇ يۇلتۇزنى بىر يېرىم يىل بۇرۇن بايقاپتۇ. بۇ يۇلتۇزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 200 مىڭ كىلومېتىر بولغاندا، ناسا بۇنى بايقىغاندا، مەزكۇر يۇلتۇز 2 مىليارد 600 مىڭ كىلومېتىر يىراقتا ئىكەن.
بەت: [1]
: NASA: بىر كومېتا مارسقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ