-ataman- يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 15:53:10

رەڭ چەمبىرىكىنى چۈشىنىش


بۇ ماقالىنى بىر قانچە يىل ئىلگىرى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ قويغان، يېقىندا ماتېرىيال رەتلەۋېتىپ ئۇچرىتىپ قالدىم، بۇ ماقالىدىكى تونۇشتۇرۇلىدىغان رەڭ چەمبىرىكى لايىھەلەشتە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ قىسىم يۇمشاق دېتاللار ئۇچرايدىغان بولۇپ، لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋە ئۆگۈنىۋاتقانلارغا پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەد بىلەن، ئەسلى ماقالىدىكى خاتا يېزىلىپ قالغان، كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ قايتا تەييارلىدىم.





رەڭ چەمبىرىكىنى چۈشىنىش





قەيەردە نۇر بولسا، شۇ يەردە رەڭ بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا بىز رەڭلەر مۇستەقىل بولىدۇ-ئاۋۇسى كۆك رەڭ، ماۋۇسى قىزىل رەڭ دەپ دەپ قارايمىز، ئەمەلىيەتتە، رەڭلەر يەككە ھالەتتە مەۋجۇت بولمايدۇ، ئۇ دائىم باشقا رەڭلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. مەلۇم بىر خىل رەڭ ياخشى ياكى ناچار بولمايدۇ، رەڭلەر باشقا رەڭلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە قىلىنغاندا بىز ئاندىنلا رەڭلەر ماسلىشىپتۇ ياكى ماسلاشماپتۇ دەيمىز. بىر لايىھىلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئەگەر سىز يەنە بۇ خىل رەڭ چىرايلىق ئاۋۇ رەڭ سەت دېسىڭىز، بۇ سىزنىڭ رەڭلەرنى تېخىچە توغرا چۈشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.


لايىھەلەشكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يۇمشاق
دېتاللاردا
رەڭ چەمبىرىكىنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ رەڭ تاللىشىمىزدىكى قالتىس قورالدۇر. يېرىمى ئىلىم-پەن، يېرىمى سەنئەت بولغان رەڭ چەمبىرىكى بىزنىڭ رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىشىمىزدىكى
ياخشى
قورالدۇر. بۇ ماقالىمىزدە رەڭ چەمبىرىكىنىڭ ئاساسى پىرىنسىپى ھەققىدە توختىلىپ، سىزنى رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق بولغان چۈشەنچگە ئىگە قىلىدۇ.











چەكسىز رەڭلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش








ئاق رەڭلىك نۇر بارلىق كۆرگىلى بولىدىغان رەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىز كۆرگەن بىنەپشىدىن قىزىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى چەكسىز رەڭ سپېكترى ھاسىل قىلغان كۆرگىلى بولىدىغان نۇر دائىرسى ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايدۇ. رەڭلەرنى ئىشلەتكەندە تېخىمۇ قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ 12 خىل ئاساسى رەڭلەرگە ئايرىغان. 12 خىل رەڭنى ئېسىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ، كىچىك ۋاقتىڭىزدا تۇنجى قېتىم رەڭلىك شام بوياقلارنى سېتىۋالغاندا، قاپتىكى قاچىلانغان 12 خىل شام بوياقنىڭ رەڭگى بىلەن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ.


رەڭ چەمبىرىكى 12 خىل ئاساسى رەڭلەردىن تەشىل تاپقان ئەڭ ئاۋال ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى ئۈچ ئەسلى رەڭ (Primary colors) يەنى كۆك، سېرىق، قىزىل. ئاساسى رەڭلەر ئارلىشىپ ئىككىلەمچى رەڭلەرنى (Secondary colors) ھاسىل قالىدۇ، ئىككىلەمچى رەڭلەر بىلەن ئاساسى رەڭلەر ئارلىشىپ ئۈچلەمچى رەڭلەرنى (Tertiary colors) ھاسىل قىلىدۇ.









ئەسلى رەڭلەر رەڭ چەمبىرىكىدىكى بارلىق رەڭلەرنىڭ "ئاتا-ئانا" سىدۇر. رەڭ چەمبىرىكىدىكى مۇشۇ ئۈچ رەڭلەرلا باشقا رەڭلەر بىلەن بىرىكىپ ھاسىل بولمىغان ساپ رەڭلەردۇر. يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۈچ ئەسلى رەڭنىڭ رەڭ چەمبىرىكىدىكى ئورنى تەڭ نىسبەتتىكى
يىراقلىقتا
جايلاشقان.










ئىككىلەمچى رەڭلەر ئۈچلەمچى رەڭلەرنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان(يۇقارقى رەسىمدىكىدەك). ھەر بىر خىل ئىككىلەمچى رەڭ ئۇنىڭغا يېقىن بولغان ئەڭ يېقىن ئىككى خىل ئەسلى رەڭنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان رەڭلەردۇر.








ئۈچلەمچى رەڭلەر ئاساسى رەڭ بىلەن ئۇنىڭغا يېقىن بولغان ئىككىلەمچى رەڭلەرنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، يۇقارقى رەسىمدىكىدەك.







ئورتاق رەڭلەر







بەلكىم بايقىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، ھەر بىر خىل رەڭ تەركىۋىدە مەلۇم نىسبەتتە قوشنا رەڭ بار بولىدۇ، بۇ رەڭلەرنى مۇشۇنداق ئايلاندۇرۇپ تىزىپ چىقساق بىر رەڭ ھالقىسى ھاسىل بولىدۇ. ئورتاق رەڭلەر رەڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسى مۇھىم نۇقتىدۇر.









يۇقارقى يەتتە خىل رەڭلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق كۆك رەڭ بار. ئەسلى رەڭ بولغان كۆك رەڭدىن شۇنچە يىراق بولغان رەڭلەردە كۆك رەڭنىڭ نىسبىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ (مەسىلەن: مايسىرەڭ ئىكىلەمچى رەڭ بولغان يېشىل ۋە بىنەپشە رەڭلەردە كۆك رەڭ بار.










يۇقارقى يەتتە خىل رەڭلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق سېرىق رەڭ بار. ئوخشاشلا ئەسلى رەڭ بولغان سېرىق رەڭدىن شۇنچە يىراق بولغان رەڭدە سېرىق رەڭنىڭ نىسبىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئىكىلەمچى رەڭ بولغان يېشىل ۋە قىزغۇچ سېرىق رەڭلەردە سېرىق رەڭ بار.










يۇقارقى يەتتە خىل رەڭلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق قىزىل رەڭ بار. ئوخشاشلا ئەسلى رەڭ بولغان قىزىل رەڭدىن شۇنچە يىراق بولغان رەڭدە قىزىل رەڭنىڭ نىسبىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ. ئىكىلەمچى رەڭ بولغان قىزغۇچ سېرىق ۋە بىنەپشە رەڭلەردە قىزىل رەڭ بار.







ئىسسىق رەڭ ۋە سوغۇق رەڭ






       رەڭ چەمبىرىكىدىكى رەڭلەر پىسخىكىلىق ھېس قىلىشىمىزغا ئاساسەن يەنە ئىسسىق رەڭ (Active colors) ۋە سوغۇق رەڭ (Passive colors) دەپ ئايرىلىدۇ.


       قىزىل، سېرىق، ھالرەڭ قاتارلىق رەڭلەر ئىسسىق رەڭ بولۇپ، بىزگە قۇياش ۋە ئوت يالقۇنىغا ئوخشاش شەيئىلەرنى ئېسىمىزگە سالىدۇ ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئەكسىچە يېشىل رەڭ، كۆك رەڭ قاتارلىق سوغۇق رەڭلەر، مۇز ۋە سۇغا ئوخشاش شەيئىلەرنى ئېسىمىزگە سېلىپ، سوغۇق ھېس قىلىمىز.










رەڭلەرنىڭ تويۇنۇشچانلىقى





رەڭلەر يەنە يۇرۇق قاراڭغۇلۇق بويىچە ئايرىلىدۇ بۇ يەنە رەڭلەرنىڭ تويۇنۇشچانلىقى (Saturation) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رەڭلەرنىڭ يۇرۇق قاراڭغۇلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، رەڭ چەمبىرىكىدە بىرقانچە ھالقىلار بار بولىدۇ. سىرتىدىكى ئىككى چوڭ ھالقا قاراڭغۇ(Shadow colors) ، رەڭ ئىچىدىكى ئىككى كىچىك ھالقا يورۇق رەڭ بولىدۇ (Tint colors).









رەڭ چەمبىرىكى بەش دانە مەركەزداش ھالقىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قاراڭغۇدىن يورۇققىچە قاراڭغۇ رەڭلەر چوڭ ھالقىلارغا جايلاشقان، يورۇق رەڭلەر كىچىك ھالقىلارغا جايلاشقان، ئوتتۇردىكىسى بولسا رەڭلەرنىڭ ئاساسى رېڭىدۇر.








يۇقارقى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوڭ تەرەپتىكى قارڭغۇ رەڭلەرگە قاراڭ رەڭ قوشۇلغان، سول تەرەپتىكى يۇرۇق رەڭلەرگە ئاق رەڭ قوشۇلغان. بەش دانە رەڭ ھالقىسىدا رەڭلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققىچە بولغان جەرىيانى ئېنق ئىپادىلەنگەن. ئەمما بۇ خىل قاراڭغۇ ۋە يورۇق رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەتلا قارىمۇ-قارىشى بولىدۇ.







رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتى







تۆۋەندە ئاساسلىق بولغان ئالتە خىل رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تونۇشتۇرىمىز. ھەر بىر خىل رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق چەكسىز ماسلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، ئۇلارنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، رەڭلەرگە نىسبەتەن نەزەر دائىرىڭىز تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.





تاق رەڭلىك ماسلاشتۇرۇش (Monochromatic)









بىر خىل رەڭ قاراڭغۇ، ئوتتۇرا، يورۇق ئۈچ خىل رەڭ تۈسىدىن تەركىپ تاپىدۇ. تاق رەڭلىك ماسلاشتۇرۇشتا رەڭنىڭ قاتلىمى ھاسىل بولمايدۇ، ئەمما يورۇق-قاراڭغۇلۇقنىڭ قاتلىمى ھاسىل بولىدۇ. بۇ خىل ماسلاشتۇرۇش لايىھە ئىشلىرىدا قوللىنىلغاندا ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى بولىدۇ.






سېلىشتۇرما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇش (Analogous)













قوشنا بولغان رەڭلەر سېلىشتۇرما رەڭلەر دەپ ئاتىلىدۇ. سېلىشتۇرما رەڭلەردە ئورتاق رەڭ بولىدۇ(يۇقارقى رەسىمدىكى سېرىق ۋە قىزىل رەڭلەر). سېلىشتۇرما رەڭلەر ناھايتى مول بولۇپ، لايىھە ئىشلىرىدا قوللىنىلغاندا كىشىدە ئاسانلا يېقىملىق بولغان كۆرۈم ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدۇ.







تولۇقلىما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇش (Complement)












رەڭ چەمبىرىكىدە تۈز سىزىقلىق قارىمۇ-قارشى بولغان ئىككى خىل رەڭ تولۇقلىما رەڭلەر دەپ ئاتىلىدۇ، يۇقارىقى رەسىمدىكى قىزغۇچ سېرىق رەڭ ۋە كۆك رەڭلەر قارىمۇ-قارشى رەڭلەردۇر. تولۇقلىما رەڭلەر كۈچلۈك بولغان سېلىشتۇرما ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تېتىك، كۈچلۈك، روھلۇق ئۆنۈم ھاسىل قىلىدۇ. تولۇقلىما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇشتا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ماسلاشتۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى ئىچىدىكى بىر خىلىنىڭ ھەجىمى كىچىك، يەنە بىرىنىڭ ھەجىمى چوڭىراق بولغىنى ياخشى.






بۆلۈنگەن تولۇقلىما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇش (Split complement)












ئەگەر بىرلا ۋاقىتتا تولۇقلىما رەڭ ۋە سېلىشتۇرما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ رەڭلەر  ماسلاشتۇرۇلسا، ئۇنداقتا بۇ بۆلۈنگەن تولۇقلىما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل رەڭ ماسلاشتۇرۇشتا سېلىشتۇرما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇشتىكى يېقىملىق، تۆۋەن سېلىشتۇرما دەرىجىدىكى ماسلاشقان ئېستېتىك ھېسىيات ھەمدە تولۇقلىما رەڭلىك ماسلاشتۇرۇشتىكى تېتىك، كۈچلۈك، روھلۇق ھېسىيات ھاسىل قىلىدۇ. يۇقارقى رەسىمدىكىدەك ئۈچ خىل رەڭ ئارىسىدا، قىزىل رەڭ بىر
قاراشتىلا
ناھايتى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.





ئاساسى رەڭلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش (Primary)












بىر قىسىم بالىلار مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، ئۈچ خىل ئەسلى رەڭنىڭ بىرلىكتە ئىشلىتىلىشى ناھايتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بىراق، جۇڭگو ياكى ئامېرىكا مەدەنىيىتىدە بولسۇن، قىزىل سېرىق رەڭلەرنىڭ ماسلاشتۇرلىشى ناھايتى ئالقىشقا ئېرىشكەن. قىزىل سېرىق رەڭلىك ماسلاشتۇرۇشنىڭ قوللىنىلىش دائىرسى ناھايتى كەڭ تاماقخانىلاردىن تارتىپ ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغىچە، بۇ ئىككى خىل رەڭنىڭ بىرلىكتە ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. كۆك قىزىل رەڭلىك ماسلاشتۇرۇشمۇ ناھايتى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ دائىرسى ئايرىلغاندا ئاندىن ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ، ئەگەر بىر-بىرىگە چاپلىشىقلىق ھالەتتە بولسا بىر خىل زىتلىق ھېسىياتى ھاسىل بولىدۇ.






ئىككىلەمچى رەڭلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇش (Secondary)












ئىككىلەمچى رەڭلەر ئارىسىدا بىر خىل ئورتاق بولغان رەڭ بار ئىچىدىكى ئىككىسىدە ئورتاق كۆك رەڭ بار، ئىككىسىدە ئورتاق سېرىق رەڭ بار، ئىككىسىدە ئورتاق قىزىل رەڭ بار، شۇڭىلاشقا ئۇلار ئاسانلا ماسلىشىدۇ. ئەگەر ئۈچ خىل ئىككىلەمچى رەڭلەر بىرلىكتە ئىشلىتىلسە، ناھايتى ئازادە كۆرۈنىدۇ، ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ ھەمدە مول رەڭ تۈسى بار بولىدۇ. ئۇلاردا بىرلىكتە بار بولغان رەڭلەرنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكى باشقا رەڭ مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن تەستە تېپىلىدۇ.












shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 20:27:17

2- قەۋەتتىكى weten520نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسلاممۇ،ئەلەيكۇم تورداشلار ئازراق سۇرايدىغان مەسىلە بار ئىدى، ياردەم قىلساڭلار يىقىندا پاسپۇرت بىجىرىگەن ئىدىم ھەممە ئىشلىرى تۇگەپ 220 يۇەن تۇلەپ پاسپۇرت رەسىمگە چۇشۇپ بۇلدۇم قۇلۇمغا سۇرۇشتە قىلىش قەغىزى بەردى ھازىر 25 كۇن ئەتراپىدا بۇلدى تىخى چىقمدى ،ئادەتتە پاسپۇرت قانچە كۇندە چىقىدۇ،،تېمغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىزىپ سالدىم تېما ئىگسى كەچۇرگەيسىز....

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!


  قارىغاندا ئىچكىرىدە بېجىرىۋاتقان ئوخشايسىز.


  ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 40 كۈن ئەتراپىدا چىقىدۇ. مەن ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنچىلىك ۋاقىتتا چىققان.


تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىزلا ئەنسىرىمەڭ.

jimjit يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 19:40:50

ئاساسى رەڭ دىگەن RGB يەنى قىزىل،يېشىل،كۆك ئۈچ رەڭدۇ؟ يا بۇ باشقا ئۇقۇممۇ؟

weten520 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 20:07:11

ئەسسلاممۇ،ئەلەيكۇم تورداشلار ئازراق سۇرايدىغان مەسىلە بار ئىدى، ياردەم قىلساڭلار يىقىندا پاسپۇرت بىجىرىگەن ئىدىم ھەممە ئىشلىرى تۇگەپ 220 يۇەن تۇلەپ پاسپۇرت رەسىمگە چۇشۇپ بۇلدۇم قۇلۇمغا سۇرۇشتە قىلىش قەغىزى بەردى ھازىر 25 كۇن ئەتراپىدا بۇلدى تىخى چىقمدى ،ئادەتتە پاسپۇرت قانچە كۇندە چىقىدۇ،،تېمغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىزىپ سالدىم تېما ئىگسى كەچۇرگەيسىز....

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 20:09:00

بىر ياخشى ماتىريال بوپتۇ،ئەلا!



سېرىق قىزىل،كۆك رەڭلەر ئانا رەڭ،بۇ ئۈچىنى ئارلاشتۇرۇشتىن كىلىپ چىققان رەڭلەر ئارا رەڭ،ئارا رەڭلەرنى ئارلاشتۇرۇشتىن كىلىپ چىققان رەڭلەر مۇرەككەپ رەڭ بۇلىدۇ.

رەڭ چەمبىرىكى رەڭ فازىسى دەپ ئېلىنىدۇ كىتابلاردا.



كوتۇلداپ قويدۇق.

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 20:17:44

ياخشى تېما . ئەلا!

weten520 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 08:49:39

5- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى weten520نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسلاممۇ،ئەلەيكۇم تورداشلار ئازراق سۇرايدىغان مەسىلە بار ئىدى، ياردەم قىلساڭلار يىقىندا پاسپۇرت بىجىرىگەن ئىدىم ھەممە ئىشلىرى تۇگەپ 220 يۇەن تۇلەپ پاسپۇرت رەسىمگە چۇشۇپ بۇلدۇم قۇلۇمغا سۇرۇشتە قىلىش قەغىزى بەردى ھازىر 25 كۇن ئەتراپىدا بۇلدى تىخى چىقمدى ،ئادەتتە پاسپۇرت قانچە كۇندە چىقىدۇ،،تېمغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يىزىپ سالدىم تېما ئىگسى كەچۇرگەيسىز....

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!


  قارىغاندا ئىچكىرىدە بېجىرىۋاتقان ئوخشايسىز.


  ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 40 كۈن ئەتراپىدا چىقىدۇ. مەن ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇنچىلىك ۋاقىتتا چىققان.


تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى قالدۇرغان بولسىڭىزلا ئەنسىرىمەڭ.





مەن ئىشكىردە بېجىرمىگەن غۇلجىدا بېجىرگەن ئىدىم،بەزلەرنىڭ دىيشىچە 3 4 ئايغىچە چىقمىغانلار بار ئىمىش......

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 11:46:33

1- قەۋەتتىكى jimjitنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاساسى رەڭ دىگەن RGB يەنى قىزىل،يېشىل،كۆك ئۈچ رەڭدۇ؟ يا بۇ باشقا ئۇقۇممۇ؟

RGB دىگەن رەڭلەرنى ئىكراندا lcd ئىكراندا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن لازىملىق ئۈچ خىل رەڭنى كۆرسەتسە ئۈستىدىكى دىگەن ئاساسىي رەڭ بولسا بوياقچىلىق ياكى سىرچىلىق دىگەندەك ئەمەلىي رەڭ تەڭشەشكە ئىشلىتىلەمدىكىن دەيمەن.

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 07:38:00

ھەقىقەتەن پايدىلىق ئۇچۇرلاركەن، تېما ئېگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت...

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-9-16 16:33:07

جەۋھەر، مۇشۇ مەزمۇنلارغا تولىمۇ ئىھتىياجىلىق بوپ تۇراتتىم، رەھمەت.كۆچۈرىۋىلىپ ئالدىرىماي ئوقۇي...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 15:11:38

ئەجىر، ئەجىر..

tawlan4 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 19:42:34

ئېلكىتاب نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ. (تەۋسىيە قىلىڭ) چۈشۈرۈش reng chembirikini chushinish.pdf.zip ياكىhttp://1000eb.com/pf9z

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-3 16:21:23

tawlan4 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-17 19:42 static/image/common/back.gif
ئېلكىتاب نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ. (تەۋسىيە قىلىڭ) چۈشۈرۈ ...

ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى چۈشۈرگىلى بولمىدى.
بەت: [1]
: رەڭ چەمبىرىكىنى چۈشىنىش