ياشىرو مورى بىلەن بارراك ئوباما


2012-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ياشىرو مورى ئامېرىكىنى
زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكا ئەلباشى بارراك ھۈسەيىن ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.
ياشىرو مورى ئىنگلىزچىنى پەقەتلا بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ تەرجىمانى ئۇنىڭغا بىر
نەچچە ئېغىز سۆز ئۆگەتتى ۋە دېدى:
- ئەلباش ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە
ئاۋال ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىسىز ۋە «how are you» دەپ سالام قىلىسىز.
ئاندىن ئوباما «Fine thank you, and you» دەيدۇ، بۇ «ياخشى، رەھمەت،
سىزچۇ؟» دېگىنى. سىز بۇ چاغدا، «Me too» دەپ جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەتلەرنى بىز تەرجىمانلار ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلىمىز.
شۇنداق
قىلىپ، ياشىرو مورى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى ۋە قول ئېلىشقاندا، ئۆگىتىلگەن
گەپنى دېيىشتە تەلەپپۇز جەھەتتىن سەل خاتالىشىپ، «Who are you» دەپ سالدى.
بۇنى ئاڭلىغان ئوباما سەل غەلىتىلىك ھېس قىلدى، لېكىن يەنىلا چاندۇرماي
گەپنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ، «مەن مىچىلنىڭ ئېرى» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ
چاغدا ياشىرو «Me too» دەپ جاۋاب قايتۇردى...
-------------
يۇقىرىقى ھەقىقىي ۋەقەنى چۈشىنىشتە لازىم بولىدىغان ماتېرىياللار:
How are you ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز
Fine thank you, and you رەھمەت ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟
Who are you سەن كىم (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلەن تەلەپپۇزدا بىر تاۋۇشلا پەرقلىنىدۇ)
مىچىل - ئوبامانىڭ رەپىقىسى
Me too مەنمۇ شۇ!
10- قەۋەتتىكى iksakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرنىڭ بېشدا بولسا كېرەك. ياپونيىنىڭ تېبي ساھەسىدىكى بىر زىيارەت ئۆمىگى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەپتۇ. جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ بىر ئالي دەرجىلىك ئەمەلدارى ئۇلارنى قۇبۇل قپتۇ. سۆھبەتتە ياپۇنيە زىيارەت ئۆمىگىنىڭ ۋەكىلى جۇڭگونىڭ مىللي تىبابەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرگە يۇقىرى باا بېرپتۇ. بۇلۇپمۇ لى شىجېننىڭ جۇڭگونىڭ مىللي تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئوينىغان رولى ئۈستىدە توختلپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماقتاپ كېتپتۇ.
- دەرھال لى شىجېننى چاقىرىپ كېلىڭلار، مېھمانلار بىلەن كۇرۇشسۇن !- دەپ كەسىكىن تەلەپپۇزدا بۇيرۇق سۇقۇپتۇ دۆلەت دەرجىلىك ئەمەلدار. بۇگەپنى ئاڭلىغان زىيارەت ئۆمىگىدىكلەر ياقىلىرنى تۇتقۇنچە ھاڭ – تاڭ قاپتۇ. سۆھبەتكە قاتناشقان جۇڭگوتەرەپ ۋەكىللىرىمۇ خىجىل بولىغىندىن پوكاندەك قىزىرىپ كېتپتۇ.
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «ماركىسچە ئېتىقاد، ئەرەپچە ئىسىم، غەرپچە ئىدىيە»دىگەن مۇلاھىزە ماقالىسىدىن ئېلىندى.
شۇ ماقالىنىڭ تور ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز...
http://bbs.basbas.cn/read.php?tid=52627
خېلى زاماننىڭ ئالدىدا مېڭىپتىمىز جۇما، بۇ يۇمۇرنى مەن ئۆتكەن يىلى(2012) 2-ئايدا ئاتلاندا ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقاندا ئاڭلىغان ، بۇ رەھبەرلەر بۇ گەپلەرنى ئۆتكەن يىلى 4-ئايغا بارغاندا ئاندىن قىپتۇ ۋە بىزدىن ئىككى ئاي كېيىن قاپتۇ.... {:92:} {:92:}
ياشىرو مورى بىلەن بارراك ئوباما
ئۆتكەن يىلقى باش ۋەزىر نودا ئىدى.بۇ ئادەم 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2001-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە باش ۋەزىر بولغان.
مورى باش ۋەزىر 2000-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامرىكىدا زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق قىزىقچىلىق تارقالغان.2004-يىلىغا كەلگەندە تاكاخاتا ئاكىئو ئىسىملىك بىرەيلەن ئەسلى كورىيەدە كىم يوڭ سام زۇڭتۇڭ توغۇرلۇق بار بولغان يۇمۇرنى مورى باش ۋەزىرگە ئالماشتۇرۇپ تارقاتقانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.……
دىمەك بۇ راست ۋەقە ئەمەس
مورى بىلەن ئوباما ئەمەس مورى بىلەن كىلىنتون.
ئۇندىن قالسا مورى بىلەن كىلىنتون ئەمەس،كىم يوڭ سام بىلەن كىلىنتون.
كىم يوڭ سام 1993-يىلدىم 1998-يىلغىچە كورىيە زۇڭتۇڭى بولغان.
ئەمدى بۇ ۋەقەنىڭ راست يالغانلىقىغا كەلسەك ماڭا يەنە داۋاملىق ئىزدەش خوشياقمىدى.مورىغا ئۆزگەرتىپ تارقاتقۇچى بۇنى ئەسلى كورىيەدە بار بولغان چاقچاق دەپتۇ





- دەرھال لى شىجېننى چاقىرىپ كېلىڭلار، مېھمانلار بىلەن كۇرۇشسۇن !- دەپ كەسىكىن تەلەپپۇزدا بۇيرۇق سۇقۇپتۇ دۆلەت دەرجىلىك ئەمەلدار. بۇگەپنى ئاڭلىغان زىيارەت ئۆمىگىدىكلەر ياقىلىرنى تۇتقۇنچە ھاڭ – تاڭ قاپتۇ. سۆھبەتكە قاتناشقان جۇڭگوتەرەپ ۋەكىللىرىمۇ خىجىل بولىغىندىن پوكاندەك قىزىرىپ كېتپتۇ.
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «ماركىسچە ئېتىقاد، ئەرەپچە ئىسىم، غەرپچە ئىدىيە»دىگەن مۇلاھىزە ماقالىسىدىن ئېلىندى.
9- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرنىڭ بېشدا بولسا كېرەك. ياپونيىنىڭ تېبي ساھەسىدىكى بىر زىيارەت ئۆمىگى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەپتۇ. جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ بىر ئالي دەرجىلىك ئەمەلدارى ئۇلارنى قۇبۇل قپتۇ. سۆھبەتتە ياپۇنيە زىيارەت ئۆمىگىنىڭ ۋەكىلى جۇڭگونىڭ مىللي تىبابەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرگە يۇقىرى باا بېرپتۇ. بۇلۇپمۇ لى شىجېننىڭ جۇڭگونىڭ مىللي تىبابەتچىلىك ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئوينىغان رولى ئۈستىدە توختلپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماقتاپ كېتپتۇ.
- دەرھال لى شىجېننى چاقىرىپ كېلىڭلار، مېھمانلار بىلەن كۇرۇشسۇن !- دەپ كەسىكىن تەلەپپۇزدا بۇيرۇق سۇقۇپتۇ دۆلەت دەرجىلىك ئەمەلدار. بۇگەپنى ئاڭلىغان زىيارەت ئۆمىگىدىكلەر ياقىلىرنى تۇتقۇنچە ھاڭ – تاڭ قاپتۇ. سۆھبەتكە قاتناشقان جۇڭگوتەرەپ ۋەكىللىرىمۇ خىجىل بولىغىندىن پوكاندەك قىزىرىپ كېتپتۇ.
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «ماركىسچە ئېتىقاد، ئەرەپچە ئىسىم، غەرپچە ئىدىيە»دىگەن مۇلاھىزە ماقالىسىدىن ئېلىندى.
شۇ ماقالىنىڭ تور ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز...
بۇنى 13 يىل بۇرۇن تەرمىلەر ژورنىلىدىن كىلىنتۇن ۋە ئافىرىقا زۇڭتۇڭى دەپ ئوقۇغان. ھەر كىم ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىدىكەندە. مىنى ھەيران قالدۇرغىنى ئامرىكا ئەلباشلىرىنىڭ «مەن ئامرىكا ئەلباشى» دىمەي پالانچىنىڭ ئىرى دىيىشى بولدى. بۇ يۇمۇرنىڭ ئېگىسى يۇمۇرچىمۇ ياكى ئامرىكا ئەلباشچىلىرى يۇمۇرچىمۇ؟ {:92:}
13- قەۋەتتىكى man_sarangنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىنى ھەيران قالدۇرغىنى ئامرىكا ئەلباشلىرىنىڭ «مەن ئامرىكا ئەلباشى» دىمەي پالانچىنىڭ ئىرى دىيىشى بولدى. بۇ يۇمۇرنىڭ ئېگىسى يۇمۇرچىمۇ ياكى ئامرىكا ئەلباشچىلىرى يۇمۇرچىمۇ؟![]()
ئەينى چاغدا، ئەلباشلارنىڭ رەپىقىلىرىمۇ بىللە بار ئىكەنتۇق. «سەن كىم؟» دېگەنكىن، «مەن ماۋۇ خوتۇننىڭ ئېرى!» دېمەكچى ئوخشايدۇ...
ئوباما سايلام ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشچىلىقتا ، دولىتىمىزنىڭ رەئىسلىرىنىڭ ئالماشقانلىغى ئىسىدىن كۆتۇرلۇپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن جىددى ئىچكى كابىنتىكىلەردىن سوراپتۇ:
-جوڭگۇنىڭ سابىق رەئىسىنىڭ ئىسمى نىمىتى ؟
Who was expresident of China?
_خۇ . دەپتۇ ئەتىراپتىكىلەر. چەتئەللىكلەرنىڭ «خۇ » دىگەن سوزنى تەلەپپۇز قىلغاندا Whoدىگەندەك چىققاچقا ،
ئوباما جىددى سورغانلىغىمدىن تەمتىرەپ تاپالماۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ،
_ ئەمسە ھازىرقىسىچۇ؟
Who is now?
_شى . دەپ جاۋاپ بەرسە، شى دىگەن سوزنى ئاياللارغا قارتىلغان « ئۇ» دەپ ئاڭلىۋالغان ئوباما دەرھال ھىلارىغا قاراپ ، Whoدەپ يەنە سوراپتۇ.
ئەمما ھىلارى - نو، شى . دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن، ھەيران قالغان ئوباما كاتىۋىغا قاراپتۇ .