mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 20:48:43

كىشى ئىسىملىرىنى ئۆلچەملىك ئاتاش ۋە يېزىشتا سەل قارىلىۋاتقان بىر قىسىم نوقتىلار



                    ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ئۆلچەملىك ئاتاش ۋە يېزىشتا سەل قارىلىۋاتقان بىر قىسىم نوقتىلار توغرىسىدا



                                        مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك8-ئوتتۇرا مەكتەپ)


      


بىر مىللەتتىكى كىشى ئىسىملىرى شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ،ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى،چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى،قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى،تۈر ۋە تەركىبلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن مىللىي مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بۈگۈنكى تەرەققىيات ۋە ئۇچۇر دەۋرىدە خەلقىمىز ئىسىم قويۇشتا ئىسىمنىڭ مەنە ۋە شەكىل جەھەتتىكى گۈزەللىكىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى،بۇنى خەلقىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ئۆسكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولىدۇ.كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا ئىسىمنىڭ  مەزمۇن جەھەتتىن مەنىلىك،شەكىل جەھەتتىن ئىخچام،جەزبىدار،ئېيتىشقا قولايلىق،ھەتتا باشقا مىللەت تىلىدا ئاتىغاندىمۇ يېقىملىق بولۇشىنى ئويلىشىدىغان بولدى.لېكىن،شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇكى،كىشىلىرىمىز پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇشتا ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەۋىيە جەھەتتىن زور بۇرۇلۇش ياساۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بولسا،ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنى ئاتاش ۋە يېزىشتا يەنىلا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئۆزلىرىنىڭ بىرقىسىم مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ چولتىلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇش بىلەن بىرگە،مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە نىسبەتەن  مەسئۇلىيەتسىزلەرچە مۇئامىلە قىلماقتا.بۇ خىل ئەھۋالنىڭ چوڭلىرىمىز ئارىسىدىكىلا ئەمەس،بەلكى ياشلار ۋە ئۈسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئىپادىسىمۇ خېلىلا گەۋدىلىك بولۇپ،تۆۋەندە مەن بۇ خىل بىر تەرەپلىمە ھادىسىنىڭ كونكىرىت ئىپادىلىرى ۋە ئۇنى تۈزىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرىمنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.


1.ئىمزا قويغاندا ئۆز ئىسمىنى يېزىپ،فامىلىسى(ئاتا ئىسمى)نى يازماسلىق مەسىلىسى تۈزىتىلىشى كېرەك.ئۇچۇر تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ تېزلىشىپ،ئالاقە دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىشى بولۇپمۇ ھۆججەت،ئىلتىماس،ھەرخىل قانۇنىي يازمىلارغا قول قۇيۇش،تېخىمۇ مۇھىمى غەرپ ئەللىرىدە ئوقۇش،سودا-تىجارەت ۋە توغقان يوقلاش ئىشلىرىدا فامىلىگە بولغان ئىھتىياج كۈندىن كۈنگە يوقۇرىلاپ بارماقتا.بۇ خىل تەخىرسىزلىك نەتىجىسىدە خېلى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز فامىلە قوللىنىش جەھەتتە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى. لېكىن فامىلە قوللىنىشنىڭ كەڭ كۈلەمدە ئومۇملاشماسلىقى تۈپەيلىدىن يەنىلا كۆپلىرىمىز ئاتىمىزنىڭ ئىسمى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ سالاھىيىتى ۋە كىملىكىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز.شۇڭا نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا،ھازىرقى بىزنىڭ ئىسىملىرىمىز ئاتىمىز(دادىمىز)نىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇلۇپ ئېيتىلغاندىلا ئاندىن بىر پۈتۈنلۈكنى،نىسبەتەن مۇكەممەلىكنى ھاسىل قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتىكىچە ئويلىغاندىمۇ،ئىسمىمىزنى يازغاندا،ئاتىلىرىمىز ئىسمىنى ئۆز ئىسمىمىز كەينىگە قوشۇپ يېزىش بۇ ئەقەللى بىر قائىدە.لېكىن خېلى كۆپ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئۆز ئىمزاسىنى قويۇشقا تىگىشلىك ۋاقىتلاردا بۇ نوقتىغا سەل قارىماقتا.ئىمزا قويۇشقا توغرا كەلگەندە،ئۆز ئىسمىنى يېزىپ قويۇپلا،ئاتىلار ئىسمىنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قىلىۋاتماقتا.باشقىلار مىللەتلەر ئۆز ئىسمى،ئاتا ئىسمى ۋە فامىلىسىنى قوشۇپ يېزىپ ئېرىنمەيۋاتسا،بىز فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ئاتا ئىسمىنى يېزىشقا سەل قاراۋاتىمىز ھەم ئاتا ئىسمىنى پىقىرىتىپ تاشلىۋېتىپ بارىمىز.بىز شۇنى ئېنىق چۈشىنىشىمىز لازىمكى،بىزدىن باشقا خېلى نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆز ئىسمى،ئاتا ئىسمى ۋە فامىلىسىنى قوشۇپ يېزىش ئارقىلىق ئۆز سالاھىيىتىنى،كىملىكىنى،يىلتىزىنى ئىپادىلەيدۇ.بىزدە گەرچە سىستىمىلاشقان فامىلە بولمىسىمۇ،ئەمما،فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان ئاتا ئىسمىنى ئۆز ئىسمىمىز ئارقىسىغا قوشۇپ يېزىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك ئىدى.گەرچە،ئۆلچەملەشكەن ۋە تۇراقلىق بولغان ھەقىقىي فامىلە قوللانماسلىق سەۋەبىدىن نەسەب ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىمىزنى بىلىشىمىز سۇسلىشىپ بارغىنىدەك،ئاتىمىزنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىسمىمىز كەينىگە يازماسلىقىمىز ئاتىلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى يىراقلاشتۇرىۋېتەلمىسىمۇ،ئەمما،بۇ خىل ئېرەنسىزلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئەجداد چۈشەنچىسىدىكى بىر خىل كەمتۈكلۈكنى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولۇپ،ئەجداد چۈشەنچىسىدىكى بۇ خىل كەمتۈكلۈك كىشىلىرىمىزنى ئۆز ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىدىن چەتنەشتۈرۈشكە قاراپ باشلاپ ماڭىدۇ.بۇ ھەقتە خەلق شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ‹‹داداڭدىن ئازمىغىن يولدىن ئازساڭمۇ››ناملىق شېئىرىدىكى


‹‹ئاتىلار ئىسمىنى يازغۇلۇق ئاۋال،


ئاق سۈتتەك قەغەزگە ياز دېسە بىر خەت.


ئىسمىڭغا ئاتىلار ئىسمى ئۇلانسۇن،


تولۇقتۇر تەزكىرەڭ شۇندىلا پەقەت.››دېگەن مىسرالىرى تولىمۇ قىممەتلىكتۇر.شۇڭا،ئوخشاش ئىسىملىك مىللەت ئەزالىرى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ بولغان بىز ئاتا-بالا ئىسمىنى قوشۇپ يېزىشنى فامىلىنى تاشلىماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى نوقتىسىدىنلا ئەمەس،ئەقەللىسى بىر-بىرىمىزنىڭ كىملىكىنى تېخىمۇ ئېنىق پەرقلەندۈرۈش يۈزىسىدىن ھەم بۇ نوقتىغا كىچىك مەسىلە دەپ سەل قارىماستىن،ئۆز ئىسمىمىزنى يازغاندا ئاتىلار ئىسمىنى چوقۇم قوشۇپ يېزىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.


2.ئىسىم-فامىلىسىنى يازغاندا،ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا چىكىت قويۇپ يېزىشنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.ھازىر بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدە بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىسىم-فامىلىسنى يازغاندا،‹‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر››،‹‹مۇھەممەتئىلى توختىھاجى تەۋپىق››،‹‹زوردۇن سابىر››دەپ يېزىشنىڭ ئورنىغا‹‹ئابدۇخالىق.ئۇيغۇر››،‹‹مۇھەممەتئىلى.توختىھاجى تەۋپىق››،‹‹زوردۇن.سابىر››دەپ يېزىپ ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىكىت قويۇپ يازىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.بۇ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە زادىلا ئۇيغۇن ئەمەس.ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشى ئىسىملىرى بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىغا چىكىت قويۇلمايدۇ.ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىدە قىسقارتىلما سۆزلەرنى يازغاندا،قىسقارتىلغىنى كىشى ئىسىمى بولۇپ قالسا،ئىسىمنىڭ قىسقارتىلغاندىن كىيىنكى باش ھەرپى بىلەن ئاتا ئىسمىنىڭ پەرقلىنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ‹‹لوتپۇللا مۇتەللىپ››،‹‹ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر››دېگەن ئىسىملارنى ‹‹ل.مۇتەللىپ››،‹‹ئا.ئۆتكۈر›› دەپ ئىسىم بىلەن فامىلە ئوتتۇرىسىغا چىكىت قويۇپ يازىدىغان قائىدە بار.شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى خەنزۇچە خەت بىلەن يازغاندا،مەزكۇر ئىسىمنىڭ خەنزۇچىدىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە يازىدىغىنىمىز ئۈچۈن،خەنزۇچە يازمىلاردىكى ئۇيغۇر ئاتا-بالا ئىسمىغا ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتلەردىكى قايسى خەتلەرنىڭ بالا ئىسمىغا،قايسى خەتلەرنىڭ ئاتا ئىسمىغا ئىشلىتىلگەنلىكىنى باشقا مىللەت  ئوقۇرمەنلىرىگە ئېنىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە          ‹‹阿里木江·哈力克›› دېگەنگە ئوخشاش يېزىپ،ئاتا بىلەن بالا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا چوقۇم چىكىت قويىلىدىغان قائىدە بار.ئەمما،كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا  يازغاندا،بالا ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا ئازراق بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ يېزىلىشى كېرەككى،ھەرگىزمۇ چىكىت قۇيۇپ يېزىپ،ئاتا-بالا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا توساق قۇرماسلىق كېرەك.كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا  يازغاندا،بالا ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا چىكىت قويۇپ يېزىش قارىماققا كىچىككىنە بىر مەسىلىدەك تۇرغىنى بىلەن ئاتا ۋە بالا ئىسمى ئوتتۇرىسدا ئۈنۈپ قالغان بۇ بىر تال چىكىت ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى بىر تال ۋىرۇستىن ئىبارەت بولۇپ،بۇ خىل ۋىرۇسنى ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلىماي،داۋاملىق ياشىىشغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇڭا كىشىلىرىمىز ئىسىم-فامىلىسىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغاندا ئاتا-بالا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا ھەرگىزمۇ چىكىت قويماسلىقى ھەم ئاتا-بالا ئىسمىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغاندا ئوتتۇرىسىغا چىكىت قويماسلىقتىن ئىبارەت بۇ خىل توغرا ھەم ئۆلچەملىك قائىدىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك،ئەلۋەتتە.


3.كىشى ئىسىملىرىنى ئاتىغاندا تولۇق ئاتاش،ھەرگىزمۇ چالا ياكى بۇزۇپ ئاتىماسلىق كېرەك.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تاق تەركىبلىك ئىسىم،قوش تەركىبلىك ئىسىم ۋە مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىم دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.تاق تەركىبلىك ئىسىم بىرلا سۆزدىن تۈزۈلگەن ئىسىم بولۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى كۆپىنچىسى تاق تەركىبلىك ئىسىمدۇر.ئەمما،كىشىلىرىمىز ئارىسىدا  ئىككى ياكى ئۈچ ئىسىمدىن تەركىب تاپقان قوش تەركىبلىك ئىسىملارنى،مۇستەقىل بىر ئىسىم بىلەن يەنە بىر قوش تەركىبلىك ئىسىمنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىملار قوللىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.بۇ ئىسىملار ئۆزلىرىنىڭ لېكسىكىلىق جەھەتتىكى تولۇق بولغان قۇرۇلمىسى بىلەنلا مەنىلىك ۋە يېقىملىقتۇر.قۇش تەركىبلىك ۋە مۇرەككەپ تەركىبلىك بۇ ئىسىملارنى چالا ئاتاش ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىگە خىلاپ بولغاننىڭ ئۈستىگە بىر تەرەپتىن ئىسىمنىڭ ئىگىسىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن ئىسىمنىڭ ئاڭلاتقان مەنىسىگە نىسبەتەنمۇ مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.شۇڭا،خېلى نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز قاتارىدا ھەممەيلەن‹‹ كامالتۈرك،خۇدابەردىئاخۇن،مۇھەممەدتۇرسۇنقارى››دېگەنگە ئوخشاش قۇش تەركىبلىك ياكى مۇرەككەپ تەركىبلىك ئىسىملارنى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا‹‹كامال،خۇدابەردى،مۇھەممەد››دەپ چالا ئاتاپ،شۇ ئىسىملارنىڭ ئەسلىدىكى مەنە ۋە شەكىل گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتنى تاشلىشىمىز كېرەك .شۇنداقلا يەنە موللاخۇننى‹‹موللاق››دەپ،ياسىنجاننى‹‹ياسۇق››دەپ،بىنيامىدىننى ‹‹بىنيا››دەپ،كېرىمجاننى‹‹كېرەش››دەپ،خالمۇراتنى‹‹خالە››،پەخىردىننى ‹‹پەخە››دەپ نىغمەتنى‹‹نىغى››دەپ،قەھرىماننى‹‹قەخە››دەپ،ئەدھەمنى‹‹ئەدەش››،قۇربانجاننى‹‹قۇراش››دەپ ئىسىملارنى خالىغانچە بۇزۇپ ئاتايدىغان پەزىلەتسىزلىكتىنمۇ ساقلىنىشىمىز كېرەك.ئۇندىن باشقا كىشى ئىسىملىرىنى ئاتاش مەسىلىسىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىغاندا خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچىلا  قىسقارتىپ ئاتاپ،ئىسىمنىڭ ئەسلىدىكى مەنە ۋە شەكىل  پۈتۈنلۈكىنى بۇزىۋېتىش مەسىلىنىمۇ دىققەتتىن ساقىت قىلىۋېتىشكە بولمايدىغان يەنە بىر نوقتا دەپ قارايمەن.بۇ خىل ئەھۋال ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ،بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە بىر بىرىنى چاقىرغاندا يالقۇننى ‹‹يالى››دەپ،ئەرەپاتنى ‹‹پاتى››دەپ،زۇلپىقارنى ‹‹زۇلى››دەپ،دانىيارنى ‹‹دانى››دەپ،ساھىپجامالنى ‹‹مالى››دەپ،ھەتتا تېخى ئابدۇللام،ئابدۇغۇپۇر،ئابدۇرىشىت قاتارلىق ‹‹ئابدۇ››سۆزى بىلەن باشلانغان ئىسىملىكلەرنى بولسا،‹‹ئابدۇ››دەپلا چاقىرىشىدۇ.بۇ خىل چالا ئاتاش بۇ خىلدىكى ئىسىملارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىنىشىدا باشقىچە تۇيغۇ بېرىپلا قالماستىن،ئاڭلاتقان مەنىسى نوقتىسىدىنمۇ مەنە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بىز بۇ يەردە باشقىلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ ‹‹ئابدۇ››سۆزىنىلا مىسالغا ئالىدىغان بولساق،بۇ سۆزگە ئەسلىدىكى مەنبەسى ئەرەب تىلىدىن مەنە ئىزدىسەك،بۇ سۆزنىڭ مەنىسى‹‹قۇل››دېگەنلىك بولىدۇ.بىراۋنى ئەسلى ئىسمى بىلەن تولۇق ئاتىماي،ئىسمىنى بۇزۇپ‹‹قۇل››مەنىسىدىكى بىر سۆز بىلەن ئاتاش توغرا ئەمەس،ئەلۋەتتە.شۇڭا،چوڭلىرىمىز شۇنداقلا ھەم بالىلىرىمىز ئارىسىدىكى كىشى ئىسىملىرىنى ئاتاشتا دىققەت قىلمايۋاتقان ياكى سەل قاراۋاتقان بۇ خىل سەۋەنلىكلەرنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز،كىشى ئىسىملىرىنى توغرا ھەم ئۆلچەملىك ئاتاشنى چوڭلىرىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلاپ  ئىزچىللاشتۇرۇپ،كەلگۈسمىزنىڭ ئىگىلىرى بولغان بالىلىرىمىزغا ھەم نەزەرىيە جەھەتتىنلا ئەمەس،بەلكى،ئەمەلىي جەھەتتىنمۇ ياخشى بولغان تەلىم-تەربىيە ساۋىقى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.


ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنى يازغاندا ۋە ئاتىغاندا ئۆلچەملىك ئاتاش ۋە يېزىش كېرەكلىكى،بىلىپ-بىلمەي خاتا يېزىپ،خاتا ياكى چالا ئاتاپ بىر قىسىم كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ سەۋەپكارى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، كىشى ئىسىملىرىنىڭ شۇ مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى،شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ئۆلچەملىك ۋە توغرا ئاتاشنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقى قاتارلىقلار ھەر بىرىمىزنىڭ بىلىشىگە تىگىشلىك ئەقەللى ساۋاتلاردۇر.                                    ئادەتتە،كىشى ئىسىملىرىنى توغرا،ئېنىق،ئۆلچەملىك ئاتاش ۋە يېزىش بىر كىشىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىلا ئىپادىلەپ بېرىپ قالماستىن يەنە پەزىلىتىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.شۇنداقلا بۇ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۇپرىماي ۋە خورىماي ئۆتۈشىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرىدۇر.شۇڭا،بىز مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى تولۇق ھوقۇقلۇق خۇجايىنلىرى بولۇش سالاھىيىتىمىز ۋە سالاپىتىمىز بىلەن فۇلكلۇر بايلىقلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ۋە ئېنىقلىقىنى ھەربىر قەدەمدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىمىزدە ئەينەنلىكى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئەنئەنىۋىي مىراسلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېگىدارلىرى بولغان ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزگىمۇ مۇۋاپىق پۇرسەتلىرىدە بۇ نۇقتىلارنى ئۆز قائىدىسى بويىچە يەتكۈزىشىمىز باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز،ئەلۋەتتە.                                       

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 22:26:43

ئىسىم-فامىلىسىنى يازغاندا،ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا چىكىت قويۇپ يېزىشنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

-----------------------------------------------------------------------------------

ئاللاغا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇنكى، مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىدا ئىسىم -تەگئات ئوتتۇرىسىدا چىكىت قويغاننى كۆرۈپ باقمىدىم، مېنىڭچە بولسا خەنزۇچىدىكى چىكىتنىمۇ چىقىرىپ تاشلىسىكەن دەيمەن، ئىسىملىرىمىزنى خەلقئاراچە يازغاندا ئۆز ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىغا ئۇيغۇن يېزىپ، پىنيىن بويىچە ئارتۇق-كەم يېزىشقا خاتىمە بەرسىكەن دەيمەن. مۇھەممەدنى mai mai ti دەپ يازماي، Muhemmed دەپ يازسا دەيمەن.

ardogan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 10:41:05

1- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىسىم-فامىلىسىنى يازغاندا،ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى ئوتتۇرىسىغا چىكىت قويۇپ يېزىشنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

-----------------------------------------------------------------------------------

ئاللاغا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇنكى، مەن ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىدا ئىسىم -تەگئات ئوتتۇرىسىدا چىكىت قويغاننى كۆرۈپ باقمىدىم، مېنىڭچە بولسا خەنزۇچىدىكى چىكىتنىمۇ چىقىرىپ تاشلىسىكەن دەيمەن، ئىسىملىرىمىزنى خەلقئاراچە يازغاندا ئۆز ئىسىملىرىمىزنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىغا ئۇيغۇن يېزىپ، پىنيىن بويىچە ئارتۇق-كەم يېزىشقا خاتىمە بەرسىكەن دەيمەن. مۇھەممەدنى mai mai ti دەپ يازماي، Muhemmed دەپ يازسا دەيمەن.



ئەگەشتىم

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 11:26:11

بۇ ئاپتورنىڭ ئىسمىنىڭ «مەھەممەتجان» دەپ يېزىلغىنىغا قاراپلا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغچىلىكى يوقكەن دەپ قارىدىم. مەن ھازىرغىچە «مۇھەممەد» دىن باشقا «مۇھەممەت، مەمەت، مەت، ...» دېگەن ئۆلچەمسىز ئاتاشلارنى ئاڭلىغان، كۆرگەن، ئەمما «مەھەممەت»نى ئاڭلىماپتىكەنمەن. خۇددى جۈمە نامىزىدىن ئالدىراپ يېنىپ، خۇاڭپۇجىياڭ دەرياسى بويىدا يانچۇقچىلىق قىلغاندەكلا تېمىكەن بۇ!

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-14 12:00:22

3- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئاپتورنىڭ ئىسمىنىڭ «مەھەممەتجان» دەپ يېزىلغىنىغا قاراپلا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغچىلىكى يوقكەن دەپ قارىدىم. مەن ھازىرغىچە «مۇھەممەد» دىن باشقا «مۇھەممەت، مەمەت، مەت، ...» دېگەن ئۆلچەمسىز ئاتاشلارنى ئاڭلىغان، كۆرگەن، ئەمما «مەھەممەت»نى ئاڭلىماپتىكەنمەن. خۇددى جۈمە نامىزىدىن ئالدىراپ يېنىپ، خۇاڭپۇجىياڭ دەرياسى بويىدا يانچۇقچىلىق قىلغاندەكلا تېمىكەن بۇ!

خاپا بولمىسىڭىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ خالىغان نەشىرىگە ۋە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى توپلىمىنىڭ خالىغان نەشىردىكىسىگە قاراپ باققان بولسىڭىز جۈمەدىن چىققان كىشىنىڭ يانچۇقچى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالاتتىڭىز....

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-17 00:28:09

4- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئاپتورنىڭ ئىسمىنىڭ «مەھەممەتجان» دەپ يېزىلغىنىغا قاراپلا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغچىلىكى يوقكەن دەپ قارىدىم. مەن ھازىرغىچە «مۇھەممەد» دىن باشقا «مۇھەممەت، مەمەت، مەت، ...» دېگەن ئۆلچەمسىز ئاتاشلارنى ئاڭلىغان، كۆرگەن، ئەمما «مەھەممەت»نى ئاڭلىماپتىكەنمەن. خۇددى جۈمە نامىزىدىن ئالدىراپ يېنىپ، خۇاڭپۇجىياڭ دەرياسى بويىدا يانچۇقچىلىق قىلغاندەكلا تېمىكەن بۇ!

خاپا بولمىسىڭىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ خالىغان نەشىرىگە ۋە ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى توپلىمىنىڭ خالىغان نەشىردىكىسىگە قاراپ باققان بولسىڭىز جۈمەدىن چىققان كىشىنىڭ يانچۇقچى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋالاتتىڭىز....

مەن «مۇھەممەد» دىن باشقىنى توغرا دەپ قارىمايمەن. لۇغەتتىكىنى كۆردۇم ھەم ئەمدى باشقا پىكرىم يوق. رەھمەت.
بەت: [1]
: كىشى ئىسىملىرىنى ئۆلچەملىك ئاتاش ۋە يېزىشتا سەل قارىلىۋاتقان بىر قىسىم نوقتىلار