irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 08:34:46

قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى سىزگە ئامەتتىنمۇ؟ياكى ئاپەت

دائىم قاپىقىڭىز تارتىپ تۇرسا سەۋەبى  نېمىدۇر؟ دەپ ئويلاپ قالامسىز سول قاپىقىڭىز تارتسا ئامەت؟! ئوڭ قاپىقىڭىز تارتسا ئاپەت كېلىشمەسلىكنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلامسىز؟!

   قاپاق تارتىش ھەرگىزمۇ ئامەت ۋە ئاپەتنىڭ بېشارىتى بولماستىن، بىزنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمىزدىن مەسىلە كۆرگەنلىكنىڭ بېشارىتى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قاپاق تارتىش،ئۆسۈملۈك نېرۋىسىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن  كېلىپ چىققان قاپاق مۇسكۇل تالالىرىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن، شەكىللەنگەن قاپاق مۇسكۇلنىڭ تارتىشىش ھادىسى.

     قاپاق تارتىشمۇ ئىككى خىل بۇلۇپ بىرى فىزىئولوگىيىلىك قاپاق تارتىش: بۇنىڭ ئادەتتە  ۋاقتى قىسقا، تارتىشىش يېنىكرەك، قېتىم سانى ئازراق بولىدۇ.بۇ خىل قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى: ئۈزۈن ۋاقىت كۈچلۈك يورۇقلۇقت ۋە سايە ئورۇندا كىتاب ماتېرىيال كۆرۈش،  كۆز زىيادە چارچاشتىن، روھى بېسىمنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن، ئىچىملىكنى زىيادە كۆپ ئېچىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

     يەنە بىر خىلى. كېسەللىك سەۋەبىدىن  بولغان قاپاق تارتىش ؛ بۇنىڭ ۋاقتى ئۈزۈن، قېتىم سانى كۆپ، ئېغىرراق بولغانلىرىنىڭ كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار  ، ھەتتا يۈز مۇسكۇللىرى قوشۇلۇپ تارتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىدۇ.  بۇخىل قاپاق تارتىش ئادەتتە كۆز كېسەللىكلىرىدىن: كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئىقتىدارى ناچار، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر چېچىش، تەس كىرپىك كېسىلى،بىرىكتۈرگۈچى  پەردە ياللۇغى، مۇڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كۆز  كېسەللىكلىردە  كۆپرەك كۆرىلىدۇ.

   قاپاق تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەدبىرى:

1 كۆز مۇسكۇللىرىنى قەرەللىك ھەركەتلەندۇرۇپ، كۆز گىمناستىكىسى ئىشلەش بىلەن بىللە مۇۋاپىق  ئارام ئېلىش.

2 چىراق يورۇقىدا ، سايە ۋە كۈچلۈك يۇرۇقلۇق ئاستىدا ئۈزۈن  ۋاقىت كىتاب كۆرۈشتىن ساقلىنىش.

3 يۇرۇقلۇقنى   مۇۋاپىق تەڭشەش،  كۆز مۇسكۇلى نېرۋىلارنىڭ  زىيادە چارچاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

4 كۆز كېسەللىكلىرىنى ۋاقتىدا سىستېمىلىق داۋالىتىش.

5 ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىش، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ ۋاقتىدا تولۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش،بولۇپمۇ  B تۇردىكى ۋېتامىنلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 00:26:08

2- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىنغا ئىشەنمەيدىغانلا ئاشۇندا بىشارەت ئەمەس دەپ بىرتەرەپلىمىلىك ئويلايدۇ، دىنغا ئىشىندىغانلا بىرە خوشاللىق ياكى كوڭۇلسىزلىكتىن بىشارەت بارمىدۇ ياكى چارچاپ قالدىممۇياكى نورمال تارتىۋاتامدۇ دەپ ئىككى خىل خىيال قىلدۇ.

=============


قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى يىرىدە قاپاق تارتىشنى بىشارەت دەپ قارىمايدىغانلار دىنغا ئىشەنمىگۈچىلەر دىيىلگەن؟!  ئاللاھ ئىگىمىز قۇرئان كەرىمدە قانداق كىشىنىڭ دىنغا ئىشەنگۈچى قانداق كىشىنىڭ دىنغا ئىشەنمىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان، لىكىن سىز دىگەن بۇ تارماق ئۆز ئىچىگە ئېلىنمىغان. كىچىك بىر ئىش بولسىمۇ دىنغا ئىشەنمەيدۇ، كاپىر دىگەندەك بوھتانلارنى چاپلىغىلى ئاران تۇرىدىغان ئىش تۈگىسىكەن. بەندىنىڭ ئىمانىنى باھالاش بىر ئاللاھقا خاستۇر. مەن قاپاق تارتىشنىڭ بىشارەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن...

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 10:07:51

مەنمۇ ئىشەنمەيمەن قاپاق تارتىشنىڭ ئامەت ياكى ئاپەتلىكىگە ،كۆپ دىققەت قىلدىم كۆپىنچە چارچاشتىن بولدىغانلىقى ئىنىقكەن

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 10:49:56

دىنغا ئىشەنمەيدىغانلا ئاشۇندا بىشارەت ئەمەس دەپ بىرتەرەپلىمىلىك ئويلايدۇ، دىنغا ئىشىندىغانلا بىرە خوشاللىق ياكى كوڭۇلسىزلىكتىن بىشارەت بارمىدۇ ياكى چارچاپ قالدىممۇياكى نورمال تارتىۋاتامدۇ دەپ ئىككى خىل خىيال قىلدۇ. مەسىلەن چۇشنى خىيال قىلىپ باقايلى ، چۇش كورسىڭىز بەزىدە شۇ چۇشىڭىز ئەمىليەتتە يۇز بېرىدۇ ،خوشاللىق ياكى قايغۇلۇق ئىشلار، بۇنى بىشارەت دەيمىز. ھەدىدىن زىيادە چارچاش خىيال قىلىپ چۇش كورۇش بۇنى فىزولۇگىيىلىك نورمال ھادىسە دەيمىز. ھىشنىمىدىن ھىشنىمە يوق قاپىقىڭىز تاتىپ تاياقنى بولغىچە يىزىڭىز بۇنى بىشارەتكەن دەپ ئويلاڭ. ئەگەر ھىچ ئىش يۇز بەرمىسە خۇداغا شۇكرى نورمال ئالاماتكەن دەپ ئويلاڭ.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 11:26:27

دىنغا ئىشەنمەيمىز دىگۈچىلەر تېخى بەكرەك ئىشىنىدىكەن بۇنداق خۇراپاتلارغا ،  دىنغا ھەقىقى ئىشەنگەن ئادەم بۇنداق خۇراپاتلارغا ئىشىنىپ يۈرمەيدۇ ، قاپاق تارتىش .... ۋۇ ئۇندىن باشقا ، قاغا ، سېغىزخان ، ھوقۇشلارنىڭ سايرىشى ... قاتارلىقلارغا قاراپ كەلگۈسىدىن بىشارەت ئېلىشنىڭ ئۆزى ئىسلام ئەقىدىسىگە خىلاپ ، كەلگۈسىنى ئاللاھدىن ئۆزگە ھېچكىم بىلمەيدىغان تۇرسا ... ،  ئۆزىنى مۇسۇلمانمەن دىگەن بىلەن ، دىنىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغان ، ئارىلىقتا قالغانلار مۇشۇنداق يالغان ياۋىداقلارغا كۆپرەك ئىشىنىشى مومكىن ، .

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 13:57:10

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇم پال ئېلىشتىن توسقان.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 10:00:34

قاغا ،سېغىزخانلار بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق،ئەمما قاپاق شۇ ئادەمنىڭ .ئەگەر قاپاق تارتىش مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارغا سىگنال بولسا بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟خۇراپىيلىقمۇ؟شۇم پال ئېلىشمۇ ياكى كاپىرلىقمۇ؟ بەزىدە ئادەم كۆڭلى تارتمىغان بەزى ئىشلارنى قىلىپ قالسا ناچار ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ، بۇ كۆپ ئادەملەردە بولسا كېرەك،بۇنى قانداق چۈشىنىمىز ؟ بۇمۇ شۇ تەرىقىدە ماڭامدۇ ياكى؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-15 10:16:04

5- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىنغا ئىشەنمەيدىغانلا ئاشۇندا بىشارەت ئەمەس دەپ بىرتەرەپلىمىلىك ئويلايدۇ، دىنغا ئىشىندىغانلا بىرە خوشاللىق ياكى كوڭۇلسىزلىكتىن بىشارەت بارمىدۇ ياكى چارچاپ قالدىممۇياكى نورمال تارتىۋاتامدۇ دەپ ئىككى خىل خىيال قىلدۇ.

=============


قۇرئان كەرىمنىڭ قايسى يىرىدە قاپاق تارتىشنى بىشارەت دەپ قارىمايدىغانلار دىنغا ئىشەنمىگۈچىلەر دىيىلگەن؟!  ئاللاھ ئىگىمىز قۇرئان كەرىمدە قانداق كىشىنىڭ دىنغا ئىشەنگۈچى قانداق كىشىنىڭ دىنغا ئىشەنمىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان، لىكىن سىز دىگەن بۇ تارماق ئۆز ئىچىگە ئېلىنمىغان. كىچىك بىر ئىش بولسىمۇ دىنغا ئىشەنمەيدۇ، كاپىر دىگەندەك بوھتانلارنى چاپلىغىلى ئاران تۇرىدىغان ئىش تۈگىسىكەن. بەندىنىڭ ئىمانىنى باھالاش بىر ئاللاھقا خاستۇر. مەن قاپاق تارتىشنىڭ بىشارەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن...



ئىنكاسىم راس تومتاقراق چىقىپ مەخسەت توغرا ئىپادىلەنمەي قالدى. مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئادەم بەدەندىكى ھەممە سېزىم تۇيغۇلارنى فىزولۇگىيىلىك ئالامەت دەپلا چۇشۇنىدىغانلارغا  قارىتىلغان .......مەخسەت بىرسىنى كاپىر دىنسىز دىيىش ئەمەس.......مەن بىسارەتكە ئىشىنىمەن ، بىشارەت ئادەم بەدىندە بىلىنىپ بىلىنمەي كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ ئۇچۇن قاپاق تارتىش ئىشىنىمۇ مۇقىم فىزولۇگىيلىك ئالامەت دەپ ئويلىماي بىشارەتمىدۇ دەپ ئويلايمەن.مەن قاپاق تارتىشنى قۇران كېرىمدا بار دىمىدىم..........

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 08:32:50

ئون نەچچە كۈن بولدى، سول قاپاق توختىماي تارتىۋاتىدۇ، چۈشلىرىممۇ قالايمىقان. ئادەتتە چۈش كۆرمەيتىم بولمىسا.:funk:

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 14:15:20

ئىككى كۈن بولدى ئوڭ قاپىغىم تارتىۋاتىدۇ .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-10 14:22:04

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2013-9-15 10:00 static/image/common/back.gif
قاغا ،سېغىزخانلار بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ مۇناسىۋىتى يو ...

   مەن يەنىلا ئىنساننىڭ نامەلۈم بىر سەزگۈسىنىڭ بەزى ئىشلاردىن ئالدىن بىشارەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . مەسىلەن قاپاق تارتىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ...

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 09:55:36

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2014-6-10 14:22 static/image/common/back.gif
مەن يەنىلا ئىنساننىڭ نامەلۈم بىر سەزگۈسىنىڭ بەزى ئى ...

ئوخشاش قاراشتىمەن . قاپاق تارتىش ( ئەلۋەتتە ساغلام ھالەتتىكى بىنورمال قاپاق تارتىش ) ، چۈش كۆرۈش ، تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان خىيالىي تۇيغۇ ......... لارنىڭ مەلۇم بىر بىشارەتلىك خۇسۇسىيىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن .

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 10:24:38

چۈش بىلەن قاپاقنى، ئۈزۈم بىلەن ساپاقنى ئوخشاتقىلى بولمايدۇ..چۈش دىگەن ئادەم ئەمىليەتتە قايسى ئىشنى كۆپ قىلسا ياكى ئويلىسا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك چۈشلەرنى كۈرۈشى مۈمكىن..قاغانىڭ قاقىلدىشىغا،قاپاقنىڭ تارتىشىغا، سېغىزخاننىڭ سايرىشىغا، ۋۇقۇشنىڭ ھۇۋلىشىغا قاراپ ئۈزىگە بىشارەت ئېلۋىلىش ئادەمنى جاھىليەتكە باشلايدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 11:04:03

مەن جاھىلىيەتكە كېتىۋېتىپتىمەن،ماڭا بىر نەسىھەت قىلىپ قويسىلا

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 11:30:23

Tozimas يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 10:24 static/image/common/back.gif
چۈش بىلەن قاپاقنى، ئۈزۈم بىلەن ساپاقنى ئوخشاتقىلى بول ...

مانا، ئۈندىدارغا يوللاپ نۇرغۇن ئادەملەرنى جاھىليەتتىن قۇتقۇزۋالغۇدەك ئىنكاسكەن... ھەراست، جاھىليەت دېگەن نېمە؟

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 11:52:19

كۈڭلى تۇيىدۇ ياكى سىزىدۇ دىسە ئىشىنىمەلىكىن قاپاق پاپاق دىسە ئىشەنمەيمە.

Tozimas يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 13:20:58

بىلىمسىزلىك، باخشىغا ئىشىنىش، سىھىرگەرگە ئىشىنىش، قاپاق-قاغىلاردىن، شاپاق-چىۋىنلەردىن شۈم پال ئېلىش، دىنى بىلىملەردىن قىلچىلىك خەۋەرسىز ھالەتتە ياشاش، مۇشۇنداق خۇراپىلارغا ئىشىنىپ ئۈزىنى دانا چاغلاش قاتارلىق ئىشلارنى جاھىليەتنىڭ تەسىرى دەپ چۈشىنىمەن... بۇ پەقەت مىنىڭ بىلدىغىنىم خالاس.
كىم يۇقارقى ئىشلارنى شامانىزىمنىڭ قالدۇغى ئەمەس دەپ ئېيتالايدۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 15:22:13

ھەقىقەتەن چوڭقۇر نەپ ئالدىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 15:27:39

چۈش ئۆرۈيدىغان باما راست، ئالامەت چۈشلەرنى كۆرۈۋاتىمەن.
بەت: [1] 2
: قاپاق تارتىشنىڭ سەۋەبى سىزگە ئامەتتىنمۇ؟ياكى ئاپەت