نيۇكيا ماركىلىق ئاندرويد يانفونلار
ھەممىمىز بىر چاغلاردا نوكىيا ماركىلىق يانفونلارغا ئامراق ئىدۇق، قاتتىق دېتاللىرىنىڭ پۇختىلىقى، ئالاقە ئىقتىدارى ۋە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى، باتارىيەسىنىڭ چىدامچانلىقى بىلەن بۇ يانفونلار داڭلىق چولپانلار، پرېزىدېنتلار، پادىشاھلار، ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە ھەتتا دېھقان-چارۋىچىلارغىچە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان يانفونغا ئايلانغانىدى. بىر چاغلاردا ماركا قىممىتى 200 مىليارد دوللاردىن يۇقىرى باھالانغان بۇ سەركە 9-ئاينىڭ بېشىدا 7 مىلياردلىق باھا بىلەن مىكروسوفتقا سېتىلدى.نوكىيا سېىتلغان كۈننىڭ ئەتىسى Thomas Zilliacus قاتارلىق نوكىيا شىركىتىنىڭ بىر قىسىم كونا ئەمەلدارلىرى سىنگاپوردا يېڭى نوكىيا شىركىتىنى تىزىملاتتى ۋە پات ئارىدا «يېڭى نوكىيا» (Newkia) ماركىلىق ئاندرويد يانفونلارنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتتىلەر.
گەپ مەھسۇلاتنىڭ قانداقلىقىدا ، ئەگەر ئالما بىلەن سامسۇڭنى بىر چەتكە تاشلاپ قويغۇدەك قىلىپ ئىشلىيەلىسە ، تەننەرخىمۇ ئۇلاردىن تۆۋەن بولسا گەپ يوق بازار تاپىدۇ ۋە بارا بارا تەرەقىياتلارغا ۋە نوپۇزغا ئېرىشىدۇ ، «سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ ، دورىسىنى ئالماشتۇرمىسا» Newkia دىگەن ماركىنى تونۇيدىغانلار چىقماي زاپەرمىكىن دەپ ئۆتەپ كېتىدۇ ...
ئالما بىلەن سامسۇڭمۇ قاراپ تۇرماسلىقى مۇمكىن ، ئىشقىلىپ NOKIA ئەڭ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغاچقا مەغلۇپ بولدى ، ئەمدى Microsoft نىڭ قانداق قىلدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى ... نىمگەپ بوپ كەتتى زادى موللاق ئاتماستىلا ئاندرويدقا كۈچىسە بولماسمىدى، ئەمدى نېۋ نوكىيا ياساپ يۇرگىچە، ئىشقىلىپ نوكىيانىڭ موللاق ئېتىشىدا بىل گايتىسنىڭمۇ تۆھپىسى زور، مەن نوكىيا بۇ پەسىلدە مانداق ئۇ پەسىلدە ئۇنداق زىيان تارتتى دەپ يۈرگەندە ئەمدىغۇ نوچىلىقىنى تاشلاپ ئاندىرويىدقا يۈرۈش قىلار دەپ ئويلىغان، شۇنداق بولسا تېخى مەنمۇ نوكىيانىڭ سەتىڭىدىن بىرەرنى ئالارمەن دەپ يۈرگەن، ئاخىرى ئۇنداق بولماي قالدى، مەن بىلىدىغان، موللاق ئاتقان چوڭ شېركەتلەر ئىچىدە مىنىڭ ئىچىم ئاغرىپ قالغىنى نوكىيا
بۇ نوكىيانىڭ 1865-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چوڭ زىيان تارتىشى ئىكەن. ئەمما بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «زىيان» پەقەتلا يىللىق پايدىسىنىڭ 20 پېرسەنتتىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى نوكىيا شىركىتى زىيان تارتمىغان، پەقەت ئاز پايدا ئېلىپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە 2012-يىللىق يانفون بازار ئەھۋالىدا سېتىلىش سانى جەھەتتە نوكىيا 2-ئورۇندا تۇرغان. (سامسۇڭ 1-ئورۇندا). 2013-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پايدىسى تىك شەكلىدە ئۆرلىگەن.
نوكىيا ماركىلىق windows phone يانفونلارنىڭ مەن ياقتۇرغان تەرەپلىرى:
1. Office يۇمشاق دېتاللىرىنى مىكروسوفت تەمىنلىگەن بولۇپ، كومپيۇتېردىكى بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. ئۇيغۇرچىمۇ قالايمىقان ئەمەس.
2. كامېراسى ئالاھىدە ياخشى، 41 مېگاپىكسىلغىچە....
3. مېدىيا كارتىسى پاكىزە تۇرىدىكەن. ئۆزىمىز قۇرمىساق، ئاندرويدقا ئوخشاش ئۆزلۈكىدىن ھۆججەت قىسقۇچ ياكى ھۆججەت پەيدا بولۇپ قالمايدىكەن.
----------
مەن ياقتۇرمىغان يېتەرسىزلىكلىرى:
گۇگول شىركىتى ئىزچىل مىكروسوفت بىلەن تىركىشىپ، مەزكۇر يانفون ئۈچۈن Gmail ئەپى ياساپ بەرمىگەن، شۇڭا Windows Phone ئىشلەتسىڭىز، يانفوندىكى تورخەت پىروگراممىسى ئارقىلىق Pop3 ياكى imap ئارقىلىق Gmail نى ئىشلىتەلەيسىز. WP Store دا Gmail ناملىق ئەپلەر تەمىنلەنگەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسى Google چىقارغان ئەمەس.
نوكىيا نىڭ ۋىدوۋىس نۇسقىسى كۆپلەپ چىقىشقا باشلىسا نوكىيا نىڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارايمەن. نوكىيا تىلفۇنلىرنى توغۇرلۇق بىر تەپسىلى توختۇلدىغان ئادەمدىن بىرسىمۇ چىقماسقا قالدى newkia نەچچە يىل بۇرۇن nokia يانفۇنلارنىڭ زامانىسىدا چىقىپ بولغانتىغۇ تاغتۇرا مەھسۇلات بولۇپ.
قارىغاندا بۇنى nokia نىڭ باشلىقلىرى بىلمەيدىغان چېغىۋا.... سىمبىيانغا ھەددىدىن زىيازە ئىشەنچە قىلىپ كىتىپ شۇنداق زىياننى كۆپ تارتتى نوكىيا شىركىتى ... بۇرۇن سىرتقى لاھىيەلىنىش جەھەتتە نوكىيانى ياقتۇراتتىم ئەمما ھازىر باشقا ئەقلىفونلارنىڭ چىرايلىق ھەم كۆركەم ....
قېنى قاراپ باقايلى كىيىنكى تەرەققىياتىغا .... سىمبىيان سېستمىسى ئاندروئىد ۋە ئايئوئەس سېستىمىلىرى چىقىشتىن بۇرۇن ئىنتايىن نوچى سېستىما ئىدى . يۇقىرىدىكى بىر توردىشىمىز ئېيتقاندەك ، نوكىيا شېركىتى سېمبىيانغا ھەدىدىن زىيادە ئىشەنچ قىلىپ ، مەزكۇر سستىمىنىڭ تېخىمۇ ئەقىليلىشىشى ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارماي ، ئاندروئىد ۋە ئايئوئەسنىڭ خىرىسىنى كۆزگە ئىلماي تەكەببۇرلۇق قىلىپ قويدى . ۋېندوۋس سېستىمىسى نوكىياغا ئىشلىتىلگەندىن كىيىن مەن يەنىلا بۇ سېستىمىنىڭ يانفونغا ئانچە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . ئازمايدىغان كىم بار؟ ......................
7- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىلماھىر 512 يازغان ئىنكاسنى مەنمۇ يېزىشنى ئويلاشقان ، بۇلۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلسە بۇ خەۋەرنى كۆرمىگەنلەر جەزمەن زاپەر مەھسۇلات دەپ چۈشىنىدۇ .... بۇرۇنقى كومپىيوتېر سېتىش ، خەت ئۇرۇش ، فۇيىن قىلىش ، كىچىك رەسىمخانىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئاچقان مۇلازىمەت ئورنى زاۋاللىققا يۈزلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، قانداق يېڭىلىقلارنى ياراتقاندا دۇكاننى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بۇلىدۇ ؟؟؟؟
newkia نەچچە يىل بۇرۇن nokia يانفۇنلارنىڭ زامانىسىدا چىقىپ بولغانتىغۇ تاغتۇرا مەھسۇلات بولۇپ.
قارىغاندا بۇنى nokia نىڭ باشلىقلىرى بىلمەيدىغان چېغىۋا....
13- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇرۇنقى كومپىيوتېر سېتىش ، خەت ئۇرۇش ، فۇيىن قىلىش ، كىچىك رەسىمخانىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئاچقان مۇلازىمەت ئورنى زاۋاللىققا يۈزلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، قانداق يېڭىلىقلارنى ياراتقاندا دۇكاننى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بۇلىدۇ ؟؟؟؟
ئادەەتىكى پرنتېرنى 3D پرنتېرغا ئالماشتۇرىسىڭىز ئۆزگىرىش بولامىكى...
14- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
13- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇرۇنقى كومپىيوتېر سېتىش ، خەت ئۇرۇش ، فۇيىن قىلىش ، كىچىك رەسىمخانىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئاچقان مۇلازىمەت ئورنى زاۋاللىققا يۈزلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، قانداق يېڭىلىقلارنى ياراتقاندا دۇكاننى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بۇلىدۇ ؟؟؟؟
ئادەەتىكى پرنتېرنى 3D پرنتېرغا ئالماشتۇرىسىڭىز ئۆزگىرىش بولامىكى...
شەخسلەرنىڭ قايسى ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بۇلىدۇ ؟
13- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇرۇنقى كومپىيوتېر سېتىش ، خەت ئۇرۇش ، فۇيىن قىلىش ، كىچىك رەسىمخانىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئاچقان مۇلازىمەت ئورنى زاۋاللىققا يۈزلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ، قانداق يېڭىلىقلارنى ياراتقاندا دۇكاننى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بۇلىدۇ ؟؟؟؟
ئوخشاش تىجارەتتىكى دۇكاندىن مېنىڭمۇ بىرسى بار ئىدى، گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا يىلدا 100 مىڭنى تاپقان چاغلىرىم بولغان، ھازىر زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، كىرىم چىقىمنى قاپلىيالمايۋاتىدۇ.
مەن تاقاپ قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن، سىزگە مەسلىھەت: دۇكاننى تاقاپ باشقا ئىش قىلىشنى ئويلاشمىغان بولسىڭىز، تېلېگراف، كۆچمە، بىرلەشمىنىڭ مۇلازىمىتىنى قوشۇپ قىلىدىغانغا ئۆزگەرتىڭ. يانفون كەسپىنىڭ ئىستىقبالى بار، ئەرزان باھالىق يانفونلارنى سېتىشقا بىرلەشتۈرەلىسىڭىز تېخى ياخشى. (چوڭراق يانفون سودىگەرلىرىدىن مالنى نېسى ئالىسىز، مەلۇم ۋاقىت سېتىلمىسا ئۆزىگە قايتۇرىدىغانغا دېيىشسىڭىز بولىدۇ، لېكىن تەسرەك)
تورداشلارغا مەلۇم بولسا كېرەك ، ئۆزەم ئەسلى ئورمانچىلىق كەسپىدە بۇلۇپ بىكارچىلىق ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ بۇ كومپىيوتېر دۇكىنىنى ئاچقان ، بىكار ۋاقتىمنىڭ كۆپ قىسىمى ، زىھنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ دۇكانغا كەتكەچ سەل ئىچىم ئاغرىپ قالغان يىرى بار ،ئەمما ئەسىر ئاغىنىمىز ئېيتقاندەك تىجارەت شەكلىنى ھەرگىزمۇ قىلغىلى بولمايدۇ ، ھەم ئۇنىڭغا قۇشۇلىدىغان سودىگەرنى تاپماق تەس .....تېلېگراف، كۆچمە، بىرلەشمىنىڭ مۇلازىمىتىنى قوشۇپ قىلىش بۇرۇن قىلىنغان ، بۇمۇ بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى ،،،،،،،،
كومپيۇتېر مۇلازىمىتى ساھەسىدە يېڭى ، كىشىلەر ئىھتىياجلىق بولغان تىجارەت تۈرلىرىدىن ئىزدەنسەك بۇلاتتى