ozugh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 12:32:51

شىنجاڭ كوماندىسى پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا[كۆچۈرۈلمە]

     زور داغدۇغا بىلەن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 12-قېتىملىقىمۇ  ئاياقلاشتى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يۇرتىمىزدىكى پۇتبۇل سۆيەرلەرنىڭ دىققىتىنى لىياۋنىڭغا جەلىپ قىلىپ، بىزلەرگە نۇرغۇنلىغان تاتلىق ۋە ئاچچىق ئارلاشقان گۈزەل ھېسلارنى بەخش ئەتكەن  شىنجاڭ U20 ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭمۇ تارىخى ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، كوماندا پارچىلىنىشتىن ئىبارەت كونا تەقدىرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاچچىق رىئاللىقتىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ .


         ئۇنداقتا بۇ تارىخى ۋەزىپىنى تاماملاپ، پۇتبۇل تۈرىدە 4-بولۇشتەك تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايۇنىمىزنىڭ مىدال سانىغا 3 كۆمۈش مېدال قوشقان بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولىدۇ؟

ئۇلار يەنە داۋاملىق توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەمدۇ؟




        شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تېرىنىر پەرھات ئەزىمەت مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىنجاڭ بىر كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى يوق. مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوماندىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ. يەرلىك  بۇ بالىلارنى بىر قىسىم كۇلۇبلار بىلەن ئۇچرىشىپ، كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ».

     كەسپىي پۇتبول كوماندىسى بولمىغانلىقىتىن، شىنجاڭدا پۇتبول ماھىرلىرىنى تاللاشتا زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى. شىنجاڭدا ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى ماھىرلارنى تاللاشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆلچىمى يېشى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆلچىمىگە ماس كېلەمدۇ-يوق؟ دىگەندىن ئىبارەت. بۇنداق تۆت يىلدا بىر دەۋرىيلىنىپ تۇرىدىغان ماھىر تاللاش ئۇسۇلى روشەنكى نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى نابۇت قىلىۋىتىدۇ.




    شىنجاڭدىكى بىر مۇخبىر ئىنتايىن تەسىرلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ماكان ھەقىقىي پۇتبول ماكانى، پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقتا ئۇلار برازىلىيەلىكلەردىن قېلىشمايدۇ، ئۇلاردىكى پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىق چىن يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ پۇتبول تېپىشى پۇل ئۈچۈن ۋە ياكى نام-ئاتاق ئۈچۈن بولماستىن بەلكى پەقەتلا بىر قىزغىنلىق، بىر قىزىقىش ئۈچۈنلا». شىنجاڭنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ھەققىدە كۆپ توختىلىش ھاجەتسىز، ئادەتتىكى بىر B دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە 60 مىڭ تاماشىبىننىڭ كېلىشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ. شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەشكىللەنگەن ئاپتونۇم رايونلۇق مەكتەپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە 500 دىن ئارتۇق كوماندا، 6-7 مىڭ ماھىر قاتناشتى.


     پەرھات ئەزىمەت مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىنىپ كېلىۋاتقان، ئالاھىدە، ئۆزگىچە پۇتبول مەدەنىيىتى بار، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى بىرلەشمىسىدىكى لىياۋنىڭ خوڭيۈن، گۇاڭجۇ خىڭداغا ئوخشاش كوماندىلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشنى ئارزۇ قىلىمىز».


001e9088d6c713978d2452.jpg



Img5481238_n.jpg



Img5481240_n.jpg



Img5481246_n.jpg



Img5481239_n.jpg



Img5481241_n.jpg


ھۇررا كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.


ئەسلى تېما ئادىرىسى:


http://www.urraclub.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1965


sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 15:14:08

پارچىلىنىپ ھەر بىرى بىردىن نوچى كاماندىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈۋەتكەي

tilmish يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 16:04:01

پارتىزان كوماندا دىگەن شۇكەن دە

\"\"



مۇسابىقە باشلىناي دىگەندە ئۇ يەر بۇ يەردىن يىغىپ ئەكىلىپ مۇسابىقىغە سالغان، بىر بىرىنى ماسلىشىپ بولغىچە مۇسابىقە باشلىنىپ كەتكەن.

مۇسابىقە جەريانىدا ئەمدى بىر چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىپ ماسلىشىش پەيدا بولغاندا تاراپ كەتكەن.



15 يېشىدىن باشلاپ تەربىيلىنىپ 20 ياشقىچە ھەرخىل مۇسابىقىلەرنى ئويناپ، ئەڭ ئاخىرىدا ماۋۇ 4 يىلدا بىر كىلىدىغان مۇسابىقىنى ئوينىغان بولسا ھە

ھەي پۇل، ھەي پۇل...................

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 16:15:14

ئۆتكەندە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ھەرەمباغ شىركىتىنى مانچە مىليون مەبلەغ چىقىرىپ پۇتبۇل كۇلۇبى قۇرۇدى دېگەن خەۋەرنى كۆرىۋىدىم ، كېيىن ھەرەمباغ كوماندىسىنىڭ يۈسۈپ ئىمىن ئەپەندى تەشكىللىگەن شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسى ( مۇسابىقە ئىسمى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ ) گە قاتناشقىنىنى تور بەتلەردىكى خەۋەردىن بىلدىم ، بىلمىدىم ھەرەمباغ كوماندىسى رەسمى قۇرۇلۇپ بولدىمۇ ياكى شۇ مۇسابىقە ئۈچۈن ۋاقىتلىق قۇرۇلغان كوماندىمۇ .... ھەرەمباغقا ئوخشاش شىركەتلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پوتبولنى جان تىكىپ ئوينايدىغان ، بەدەن ساپاسىمۇ ياخشى بالىلارنى يىغىپ ، مۇنتىزىم كوماندىدىن بىرنى قۇرغان بولسا ، ئۆتكەن يىلقىدەك مۇسابىقىلەر دىيارىمىزدا داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرغان بولسا....ھەجەپمۇ ئېسىل ئىش بولاتتى دە

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 16:16:42

ئەمما لېكىن لىياۋنىڭ بىلەن ئوينىغان يېرىم ھەل قىلغۇچتا بۇ بالىلار جاننى تىكىپ ئوينىدى جۇمۇ ...شۇ نۇقتا توپتا ئۇتتۇرۇپ قويمىغان بولسا چېمپىيونلۇ ق نېسىپ بولىدىغان بالىلار ئىدى بۇ ....

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 16:24:44

شىنجاڭدا پالانى كۆمۈر كانى مانچە ،مىرلىيات بىرنېمە زاپسىى،مانچە توننا ،بىرنىمە، شىنجاڭنىڭ بىرنىمىسنى غەرىپكە يۆتكەپ مانچلىك قىممەت ياراتتى بۇ شىنجاڭنىڭ ئقىتىسادىنى ئاشۇرۇپ مايىلىۋەتتى...دەپ ئاغزىغا تەگمەيدۇ..نېمىشقا مۇشۇنداق شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيسىنى قوللايىدىغانغا پۇل يوق....ھېچ بىلمدىم.....

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 16:42:01

ئاچىسىغا ئوسما ئىلىپ بەرمىسە بولمايدۇ ،،شۇڭا شىنجاڭلىقلارنىڭ كوماندىسى يوق ........................نۇمۇسسىز خەۋەرلەرنى تولا ئاڭلىغاچقىمۇ

مىنىڭ ماۋۇ قۇلقۇممۇ قىلىنكەش بوپ كەتتى بۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىسام ئانچە ھەيران قالمايدىغان بوپ قالدىم \"\"

fireuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 17:34:45

پارچىلىنىپ كەتتى دىمەي تارقىلىپ كەتتى دىسەك مۇۋاپىق بولامىكىن.پارچىلانسا بىرنەچچە كۇماندا بۇپ كەتسە بۇلاتتى.

ھەي،ئۇيغۇرنىڭ جوڭگو چۈشى كۆرۈشكە سالاھىيىتى تۇشمايدىغان ئۇخشايدۇ.باشقا بىر نەرسە ئەمەس پۇتبول كۇماندىسى قۇرايلى دىگەنتۇق بولمىسا،شۇنچىلىك ئاددىي ئىشقىمۇ چىچەك چىققىلى تۇرسا.

weten520 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 18:04:41

شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ساڭا نېمە دىسەك بۇلار سەندە ئۆمۇت بارمۇ يۇقمۇ ئەگەر ئاشۇ پۇتبۇلچى ئوغلانلىرىمىز چەتئەللەردە بۇلغان بۇلسا بەلكىم ئازراق بۇلسىمۇ ئۆمۇت تۇغلار بۇلغۇيتى \"\"

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 18:13:30

دىيارىمىزدىن تەشكىللىنىپ بارغان پۇتبول كوماندىلىرى ياخشى نەتىجە ياراتتى. ئەمما مەيلى ھەرەمباغ بولسۇن ياكى ... باشقىلار بولسۇن، سودىگەرلەرنىڭ بۇنداق بىر ئىشقا مەبلەغ سېلىشى ئۈچۈن پايدا چىقىشى كېرەك. ھازىرچە پۇتبولغا مەبلەغ سالسا ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە زىيانلا چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق تۈرلەرنى ھۆكۈمەت قوللىمىسا بىكار!!!

ئاپتونوم رايونغا پۇتبولغا ئامراق بىرەرسى رەئىس ياكى شۇجى بولغاندا قانداق بولاركىنتاڭ!

بىزنىڭ يېزىغا 10 يىل بۇرۇن بىر شۇجى كەلگەن، ئۇ كۆچەت تىكىشكە ئامراقكەنتۇق. يېزىمىزنىڭ بارلىق دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى ۋە يول بويلىرىغا كۆچەت تىكتۈرۈپ، لىپمۇ-لىق ئورمان قىلىۋەتتى. ھەممىلا يەر باغ. 5 يىل بۇرۇن دەل-دەرەخكە ئۆچ بىر رەئىس چىقىپ، يول بويلىرىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ سېتىۋەتتى.....

------------

لېكىن بىرازىلىيەدەك نامرات دۆلەتلەرمۇ دۇنياۋىي نوپۇزلۇق كوماندىلارنى ھەيدەپ يۈرىدۇ.

بەلكىم پۇتبول كوماندىسى قانداق قۇرۇلىدۇ، نېمە رەسمىيەتلەر كېتىدۇ، قانچىلىك مەبلەغ بىلەن يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، قانداق پايدا ئالىدىغان يوللار بار، مۇسابىقىلەرگە ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرى قانداق بولىدۇ،... دېگەنلەر ھەققىدە تەپسىلىي تېما يېزىلسا، بەلكىم بىر قىسىم بايلارنى جەلىپ قىلىشى مۇمكىن.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 18:31:45

جۇڭگو يەر كۆلۈمىنىڭ ئالتىدىن بىرىگە جايلاشقان شىنجاڭدا پۇتبول كۇلۇبى يوق دېسە ئەجەپلام

تۇردىكىنا . \"\"

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 18:52:41

ئەللىك- ئاتمىش مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھۇررا ئاۋازى بەك يۇقۇرى چىكىتىپ، مۇقۇملۇققا تەسىر يەتكۇزگەن ئوخشايدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 19:57:36

رايۇنىمىزدا نېمىشقا پۇتبول كۇلۇبىي قۇرۇلالمايدۇ؟ رايۇنىمىزنىڭ پۇتبولدىكى ئالاھىدە پەرقلىق ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن ئىچكىرىدىكىگە قارىغاندا نەچچە كۇلۇپ ئارتۇق بولسا توغرا بولاتتى، ئەپسۇسكى ھازىرغىچە رايۇنىمىزدا بىرەرمۇ كۇلۇپنىڭ قۇرۇلالماسلىقىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھىچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ ئىلگىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، شۇنچە جەڭگىۋار بىر تالانتلىقلار گۇرۇپىسىنىڭ تارقىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ساھەلەر بويىچە يارىدەم بېرىمىز دەپ، رايۇنىمىزنى ئېچىۋاتقانلارنى بۇ تۈرگە جەلپ قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئىچكىرىدە بەلكىم پۇتبولنىڭ قىزغىنلىقى رايۇنىمىزدەك كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن، لىكىن ئۇلار نېمىگە تايىنىپ كۇلۇپ قۇرالىدى؟ نېمىشقا ئىچكىرىدە قۇرالىغان كۇلۇپلارنى رايۇنىمىزدا قۇرغىلى بولمايدۇ؟ مەن مۇشۇ سۇئاللىرىمغا ئۆزەم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالماي، ئىزدىنشتىكى ئۇستازلارنى چۈشەنچە بېرەلەرمىكىن دەپ ئويلايمەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 20:15:24

@Bidar-Qutlan

ئۆتكەندە تەڭىرقۇت ئەپەندىنىڭ تىمىسىغا قالدۇرغان سۇئالىممۇ جاۋاپسىز قالدى،،ئەقلىم ھەيران ئارماندەك ئامىنەدەك

شىركەتلەرنىڭ ياخشى تاللىشى ئىدى بۇ يول چۈنكى مەسھۇلاتلىرنى ئوپتان تەشۋىق قىلالايتى ئەمەسمۇ

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 21:34:05

13- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رايۇنىمىزدا نېمىشقا پۇتبول كۇلۇبىي قۇرۇلالمايدۇ؟ رايۇنىمىزنىڭ پۇتبولدىكى ئالاھىدە پەرقلىق ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن ئىچكىرىدىكىگە قارىغاندا نەچچە كۇلۇپ ئارتۇق بولسا توغرا بولاتتى، ئەپسۇسكى ھازىرغىچە رايۇنىمىزدا بىرەرمۇ كۇلۇپنىڭ قۇرۇلالماسلىقىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھىچقانداق مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟ ئىلگىرى بولمىغان تەقدىردىمۇ، شۇنچە جەڭگىۋار بىر تالانتلىقلار گۇرۇپىسىنىڭ تارقىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ساھەلەر بويىچە يارىدەم بېرىمىز دەپ، رايۇنىمىزنى ئېچىۋاتقانلارنى بۇ تۈرگە جەلپ قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئىچكىرىدە بەلكىم پۇتبولنىڭ قىزغىنلىقى رايۇنىمىزدەك كۈچلۈك بولماسلىقى مۇمكىن، لىكىن ئۇلار نېمىگە تايىنىپ كۇلۇپ قۇرالىدى؟ نېمىشقا ئىچكىرىدە قۇرالىغان كۇلۇپلارنى رايۇنىمىزدا قۇرغىلى بولمايدۇ؟ مەن مۇشۇ سۇئاللىرىمغا ئۆزەم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالماي، ئىزدىنشتىكى ئۇستازلارنى چۈشەنچە بېرەلەرمىكىن دەپ ئويلايمەن.



ھەممىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان .شۇنداق بولسمۇ يەنە قاقشاپ قالىدىكەنمىز  .نۇرغۇن <<نېمە ئۈچۈن >>لەرنىڭ جاۋابى بىرلا .

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 21:38:23

\"\"

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 21:41:13

\"\"

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 21:41:26

\"\"

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 21:41:26

\"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 22:46:58

ئەگەر ئىچكىرىنىڭ بىرەرسىدە رايۇنىمىزدىكىچىلىك پۇتبول قىزغىنلىقى بولىدىغان، بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىزدەك تەبىئىي ئىقتىدارلىقلاردىن بولغىنىدا خەلقئارالىق پۇتبول مۇسابىقىلىرىدا نەتىجىگە ئىرىشەلمەسلىكتەك ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، نېمە ئىشلارنى قىلىۋىتەركىن. ....\"\" ئۇلۇغ كومونىستىك پارتىيىنىڭ شانلىق نۇرىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن شۇ ياخشى بالىلار تارقىلىپ كەتمەي، ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەرگە ئىرىشتۈرۈلۈپ، خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇلسا، جۇڭگۇنىڭ پۇتبول تارىخىغا يېڭى سەھىپىلەرنى قوشاپ بەرمەسمىدى؟
بەت: [1] 2
: شىنجاڭ كوماندىسى پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا[كۆچۈرۈلمە]