TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 11:59:51

تاشپولات: تونۇشۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىزدىنىش تور بېكىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھەم ئوقۇرمەنلىرى، مېنىڭدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! مەن ئالدى بىلەن ئىزدىنىش تور بېكىتىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ھەم ئوقۇرمەنلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىشىمنى تەشەببۇس قىلغان بىلىمخۇمار ئەپەندىگىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەمدى ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇراي. مېنىڭ ئىسمىم تاشپولات روزى، تۇغۇلغان يۇرتۇم غۇلجا توققۇزتارا، ھازىر ئامېرىكادىكى جەرەن جىلغا ئۇنىۋېرسىتېت (Universityof Antelope Valley) دا ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مېنى 5-ئايلاردا ئىزدىنىش تورىدا تونۇشتۇرغان، مېنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىمنى ئۇقماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككى ئادرېسنى چەكسىڭىز بىلەلەيسىز. كېيىنكى ئادرېستا سۈرەتلەرمۇ بار.



https://uyghur-archive.com/izdinix/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=53512#Inkas

http://www.kulgin.com/news/3789.html



مەن ھازىرغىچە ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە تىزىملىتىپ ماقالە ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدىم. بىراق ۋاقتىم چىققانداكىرىپ ماقالىلەرنى ئوقۇپ كەلدىم. بۇ قېتىم بىرىنچى بولۇپ باغداش تور بېكىتى بىلەن ئىزدىنىش تور بېكىتىگە تىزىملىتىپ كىردىم، ئۈچ كۈندىن بېرى باغداش تور بېتىدە ماقالىلىرىمنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن. مەن ھازىرغىچە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقاللىرىمنى Facebookدا ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان. مېنىڭ قارىشىمچە باغداش ۋە ئىزدىنىش تور بېكىتىدە بىلىمگە ئىنتىلىدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان قېرىنداشلار ھەقىقەتەن كۆپ. باغداش توربېتى قۇرۇلمىغاندا مېنىڭ ماقالە ئوقۇپ تۇرۇدىغان بېتىم ئىزدىنىش ئىدى. بۇنداق بولىشى “Jeck” ئىنىمىزنىڭ ئىزدىنىش تورىدا بولغانلىقى بولىشىمۇ مۇمكىن. مەن بۇندىن كېيىن مۇشۇ ئىككى تور بېكىتىدە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەرنى بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاقار جىسىملار، كائىناتتىكى ئىشلار، قارا ئۆڭكۈر، قارا جىسىم، دۇنياغا تونۇلغان تەبىئىي پەن ئالىملىرى، ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىملىرى قاتارلىق ساھەلەردە ماقالە ئېلان قىلىمەن. سىلەرنىڭ ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىڭلارنى ھەم مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.



بىر مىللەت ئىلىم-پەنگە يۈزلەنگەندە ھەم ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغاندىلا قۇدرەت تاپىدۇ. ھازىر ۋەتەندىكى تور بەتلىرىدە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەر بەكمۇ ئاز ئۇچرايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىي پەنگە ئائىت ماقالىلەرنى ئۇقۇپ ئۇقمايلا ئۇنىڭغا باھا بېرىپ، ماقالە ئاپتورىنى ئىنتايىن بىزار قىلىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.مەسىلەن، يېقىندا قاسىم سىدىق پەرىزىگە باھا بېرىشلەر بولۇپ ئۆتتى.ھەبىبۇللا ئۇكىمىز قاسىم سىدىق ئاكىمىزنىڭ پەرىزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ماقالىلەرنى يازدى. بۇ تالاش-تارتىشلاردا ئۇلار ماڭا يازغان ماقالىسىنى ئەۋەتىپ، ماقالىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى سورىدى. مەن ھەبىبۇللا ئۇكىمىزنىڭ يۆنىلىش ۋېكتورىنى قوللىنىپ، جىسىمنىڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئاغىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېماتىكىلىق ئانالىزلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم. ھازىرغىچە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا خاتالىق يوق. بۇ دېگەنلىك قاسىم سىدىق ئاكا پەرىزى توغرا دېگەنلىكىم ئەمەس، چۈنكى ماقالە تولۇق تەكشۈرۈلۈپ بولۇنمىدى. ھازىر مەن ئۇلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردىم: ماقالە تولۇق يېزىلىپ بولغاندا ماڭا ئەۋەتىپ بېرىش، مەن ئۇنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۇستازىمغا ئەۋەتىپ بېرىپ ماقالىگە ھەم پەرەزگە تولۇق ھۆكۈم چىقىرىش. مېنىڭ ئۇستازىم دۇنيادا ساناقلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ بىرى. ھەبىبۇللا ئۇكىمىز ئۇ ماقالىنى ھازىر تولۇقلاپ يېزىۋاتىدۇ. ھەبىبۇللا ئۇكىمىزنىڭ كەسپى ماتېماتىكا ياكى فىزىكا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئېينىشتېين ھۆكۈملىرىگە جەڭ ئېلان قىلىشى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.



مېنىڭچە قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز لازىم. ئەگەر باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى چۈشىنەلمىسەك ماقالىگە ئۆز مەيلىمىزچە باھا بېرىپ، ئاپتورنى ھاقارەت قىلماسلىقىمىز كېرەك، مۇنازىرىگە قاتناشماي يانداپ ئۆتۈپ كەتسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ پەرىزى توغرا بولۇپ چىقسۇن ياكى خاتا بولۇپ چىقسۇن، قاسىم ئاكا تەبىئىي پەن ساھەسىگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشتى ھەم قوشۇۋاتىدۇ. ئىلىم-پەندە "ماۋۇ بىر يول بىلەن ماڭساڭ ئانداق نەتىجە چىقىرىسەن" ياكى "دوكتور بولمىساڭ بولمايدۇ" دېگەن گەپمۇ يوق. ئامېرىكادا شۇنداق ئادەملەر بار ئىكەن، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇپلا ئۆزى مۇستەقىل ئالەمنى تەتقىق قىلىۋاتقان. ئىنسانلار ھەر-خىل تەپەككۈرلىرى ۋە پەرەزلىرى ئارقىلىق ھازىرقى يېڭى دۇنيانى بەرپا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئىزدىنىش تورىنى بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىدىغان ئېسىل تور بەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.



مەن ھەر ھەپتىدە ۋەتەندىن 10 پارچىدەك خەت تاپشۇرۇپ ئالىمەن، ئۇلارغا ھەر ھەپتە خەت يېزىپ جاۋاب بېرىمەن. ئەگەر سىزنىڭ ئىلىم-پەنگە دائىر سوئاللىرىڭىز بولسا ياكى چەتئەلدە ئوقۇشقا قارىتا سوئالىڭىز بولسا ۋە ياكى بالىلىرىڭىزنىڭ ئوقۇش ئىشلىرىغا ئائىت سوئاللىرىڭىز بولسا تارتىنماي ماڭا خەت يېزىڭ. ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە ياردەم قىلىمەن. مېنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇم:tashpulat@gmail.com



خېتىمنىڭ ئاخىرىدا سىلەرگە زەررىچىلەر ھەم نۇر توغۇرلۇق تۆۋەندىكى يېڭى نەتىجىلەرنى سۇنىمەن.



ماددا ئاساسلىق 17 خىل زەررىچىلەر تەرىپىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئون ئالتىسىنى تېپىپ چىققان بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى بىرىنى تا ھازىرغىچە تاپالماي، پەقەتلا پەرەز قىلىپ كەلگەن. بۇ زەرىچە (Higgs) بارلىق ماددىلارغا ئېغىرلىق ھاسىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم زەررىچىدۇر. يېقىندا ياۋروپا ئاتوم يادرو تەتقىقات ئورگىنى ھىگگس زەررىچىسىنىڭ 99.9999 ئېھتىماللىق بىلەن بايقالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.



بىز ماددىلارنى ئاتوم يادروسى ۋە ئېلېكترون دەپ بۆلۈپ ئۇلارنى داۋاملىق بۆلسەك 17 زەررىچە دەپ مۇقىملاشتۇرغان ئىدۇق، يەنى ماددىلار بۇنىڭدىن ئارتۇق بۆلۈنمەيدۇ دەپ كەلگەن ئىدۇق. بىراق يېقىندا ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى زەررىچە ئالەم تەتقىقات ئورگىنى، ماددىلارنىڭ ماسسىنى ھاسىل قىلىدىغان ھىگگس زەررىچىسىنىڭ كۆپ خىل زەررىچىلەرنى تەشكىل قىلىدىغان بىرىكمە زەررىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ ئېلان قىلدى. بۇ نەتىجە توغرا بولۇپ چىقسا، بىز ئويلاپمۇ باقمىغان دۇنياغا قەدەم قويۇشىمىز مۇمكىن.



ئالىملارنىڭ پەرىزىدە:"كەلگۈسىدە ئېغىر جىسىملارنىڭ ماسسىسىنى ھىگگس مەيدانىنى بۇرمىلاش ئارقىلىق يوقىتىپ، ئۇلارنى نۇر تېزلىكىدىنمۇ تېز ھەرىكەت قىلدۇرۇش مۇمكىن" دەپ قارىماقتا. بۇ پەرەزلەر توغرا بولسا ئېينىشتېينىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىمۇ پۇت تەرەپ تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە.



ھىگگس زەررىچىسى توغرىلىق كېيىنكى ماقالەمدە تەپسىلىي توختىلاي.



ھۆرمەت بىلەن: تاشپولات روزى



www.uav.edu


xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 12:30:29

تەبىئىي پەن مەن ئۈچۈن تىلسىم بىر دۇنيا. لېكىن بالا تەربىيلەۋاتقان ئانا بۇلۇش سۈپىتىم ھەر قانداق ماقالىڭىزنى ئوغلۇمغا ئوقۇتىمەن. \"\"

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 12:38:55

تاشپولات ئەپەندىنىڭ قەدىمىگە مەرھابا ، مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ كىچىك پېئىللىقى ، ئۇلاردىكى يۈرت مىللەت سۆيگۈسى ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدىكەن .

ئىزدىنىش تورىدا تاشپولات ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرسامكەن دەپ ئويلايمەن ،.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 13:23:34

مەرھابا، ئالىم!

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 13:33:40

1- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەبىئىي پەن مەن ئۈچۈن تىلسىم بىر دۇنيا. لېكىن بالا تەربىيلەۋاتقان ئانا بۇلۇش سۈپىتىم ھەر قانداق ماقالىڭىزنى ئوغلۇمغا ئوقۇتىمەن. \"\"

ئاتا-ئاناممۇ ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئوقۇغىن، ئۇنداق ئالىم بول، بۇنداق ئادەم بول دەيدۇ، لېكىن بەزىدە شۇلار نىمە ئىش قىلغان بولغىيدى دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن، بىر نەرسىنى ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنى يېتەكلىيەلەيدىغان، ئازىراق بولسىمۇ چۈشەندۈرەلەيدىغان يېتەكچى لازىم بولىدىكەن دېسە.....

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 13:40:57

ئۇستاز تاشپولات روزى ئەپەندىمنىڭ باغداشتىكى مۇنۇ ماقالىسىمۇ ئوقۇپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيىدۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 13:44:59

بالامنى ياخشى ئوقۇتۇپ سىزدەك بىلىملىك كىشى قىلىپ تەربىيەلەش ئۇچۇن تىرىشىمەن،رەھمەت ئاكا سىزنىڭ نەتىجىڭىز بىزگە ماڭا ۋە بالامغا ئىلھام بولىدۇ.. \"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 14:19:37

مەرھابا ، ئۇستاز \"\"

marjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 14:39:31

3- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەرھابا، ئالىم!

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 15:26:26

قەدەملىرىڭىزدىن خوش بولدۇم، مەرھابا... ھەر بىر يازمىلىرىڭىزنى ئىزدىنىشتا داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشنى ئىستەيمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 15:46:37


بىز ماددىلارنى ئاتوم يادروسى ۋە ئېلېكترون دەپ بۆلۈپ ئۇلارنى داۋاملىق بۆلسەك 17 زەررىچە دەپ مۇقىملاشتۇرغان ئىدۇق، يەنى ماددىلار بۇنىڭدىن ئارتۇق بۆلۈنمەيدۇ دەپ كەلگەن ئىدۇق. بىراق يېقىندا ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى زەررىچە ئالەم تەتقىقات ئورگىنى، ماددىلارنىڭ ماسسىنى ھاسىل قىلىدىغان ھىگگس زەررىچىسىنىڭ كۆپ خىل زەررىچىلەرنى تەشكىل قىلىدىغان بىرىكمە زەررىچە بولۇشى مۇمكىن دەپ ئېلان قىلدى. بۇ نەتىجە توغرا بولۇپ چىقسا، بىز ئويلاپمۇ باقمىغان دۇنياغا قەدەم قويۇشىمىز مۇمكىن.







مەرھابا، تاشپولات دوكتۇرنى قارشى ئالىمىز.


نۇر ھەم دولقۇن ھەم زەررىچە بولغاندىكىن ئاۋۇ ھىگگىس زەرىچىسى نۇرنىمۇ تەشكىل قىلامدۇ؟ ياكى نۇر ئالاھىدىراق بولغاندىكىن ماشقا ماددىلارغا ئوخشىمامدۇ؟


سۇئالىم بەك گۈدەكلەرچە بولۇپ قالدى. بۇرۇن فىزىكىغا بەك قىزىقاتتىم.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 16:48:33

بۇرۇن مەن نۇرنى ماددا ئەمەس يەنى ئۇنىڭ ھەجىمى ياكى جىسمى يوق دەپ چۈشىنەتتىم، خىيالىمدا مۇنداق ئويلايتتىم: مەسىلەن ھېچقانداق نۇر ئۆتكۈزمەيدىغان ھەمدە سىرتتىنمۇ يۇرۇقلۇق كىرمەيدىغان بىر ئۆيگە مەلۇم ۋاقىت چىراق ياندۇرۇپ قويۇپ ئاندىن ئۇ چىراقنى ئۆچۈرىۋەتسەك ئۇ ئۆي يەنىلا يۇرۇق تۇرامدۇ ياكى چىراق ئۆچكەن ھامان يۇرۇقلۇقمۇ يۇقۇلامدۇ؟ تاملارنى نۇر قايتۇرىدىغان ئەينەك بىلەن ياسىساقچۇ؟(خۇددى چايداننىڭ شىشىسىدەك)شۇنداق ئويلاۋىرىپ مىنىڭچە ئۇ ئۆي چىراق ئۆچىشى بىلەنلا قاپ-قاراڭغۇ بولىدۇ دەپ ئويلاپ شۇڭا نۇرنى ئاشۇنداق پەرەز قىلاتتىم....

ئاشۇ ۋاقىتلاردا نىمىشقىمۇ مۇئەللىمدىن سوراپ باقمىغاندىمەن؟؟؟

ھازىرمۇ شۇ كۆز قارىشىمنىڭ تەسىرىدە نۇرنى ماددا دىگەن گەپلەرگە ئانچە ئىشىنەلمەي يۈرىمەن.

نۇ دىگەن زادى نىمە؟ نىمە نۇرنى تەشكىل قىلىدۇ؟

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 16:55:27

مەرھابا، قارشى ئالىمىز!



ھىگگس مەيدانىنى بۇرمىلاش دېگەننى چۈشەنسەك بولاتتى.

weten520 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 18:09:06

مەرھابا، قارشى ئالىمىز!


uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 18:47:25

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام مەرھابا ئالىم . \"\"

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 08:28:17

ئىزدىنشقا خۇش كەپسىز تاشپولات ئاكا..!!

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 08:57:31

11- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


بۇرۇن مەن نۇرنى ماددا ئەمەس يەنى ئۇنىڭ ھەجىمى ياكى جىسمى يوق دەپ چۈشىنەتتىم، خىيالىمدا مۇنداق ئويلايتتىم: مەسىلەن ھېچقانداق نۇر ئۆتكۈزمەيدىغان ھەمدە سىرتتىنمۇ يۇرۇقلۇق كىرمەيدىغان بىر ئۆيگە مەلۇم ۋاقىت چىراق ياندۇرۇپ قويۇپ ئاندىن ئۇ چىراقنى ئۆچۈرىۋەتسەك ئۇ ئۆي يەنىلا يۇرۇق تۇرامدۇ ياكى چىراق ئۆچكەن ھامان يۇرۇقلۇقمۇ يۇقۇلامدۇ؟ تاملارنى نۇر قايتۇرىدىغان ئەينەك بىلەن ياسىساقچۇ؟(خۇددى چايداننىڭ شىشىسىدەك) شۇنداق ئويلاۋىرىپ مىنىڭچە ئۇ ئۆي چىراق ئۆچىشى بىلەنلا قاپ-قاراڭغۇ بولىدۇ دەپ ئويلاپ شۇڭا نۇرنى ئاشۇنداق پەرەز قىلاتتىم....

ئاشۇ ۋاقىتلاردا نىمىشقىمۇ مۇئەللىمدىن سوراپ باقمىغاندىمەن؟؟؟

ھازىرمۇ شۇ كۆز قارىشىمنىڭ تەسىرىدە نۇرنى ماددا دىگەن گەپلەرگە ئانچە ئىشىنەلمەي يۈرىمەن.

نۇ دىگەن زادى نىمە؟ نىمە نۇرنى تەشكىل قىلىدۇ؟

نۇردا ھىگگس زەرىجىسى بولمايدۇ چۈنكى نۇر فوتون(photon) زەرىجىلىرىدىن
ھاسىل بولغان بولۇپ فوتون زەرىجىسى ئاساسلىق 17 خىل زەرىجىلەرىڭ بىرى.
ئۇلار مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.   نۇرنىڭ ماسسىسى نۆلگە تەڭ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 09:39:51

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،مەرھابا ئۇستاز.

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 16:09:57

خۇش كەپسىز .

قىزغىن قارشى ئالمىز . تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 18:45:48

سالام تاشپولات ئاكا، ئىزدىنىشقا كەلگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. سىزنىڭ فېىيسبۇكتا مەن يازغان ماقالىلەرنى جامائەتكە تونۇشتۇرغىنىڭىزدىن ناھايتى خۇرسەن بولغان ئىدىم ھەم پۇرسەت بولسىلا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشنى، سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزدىن ئۆگىنىشنى ئىستەپ كەلدىم.
بەت: [1] 2
: تاشپولات: تونۇشۇش