bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 09:04:05

NASA يېگى «قارا ئۆڭكۈر» دىن 10 نى تاپتى




NASA يېگى «قارا ئۆڭكۈر» دىن 10 نى تاپتى




بىلىمخۇمار




ناسا يېقىندا مەخسۇس كائىناتتىكى قارا ئۆڭكۈرلەرنى «ئوۋلاش» ئۈچۈن ياساپ ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان «NuSTAR» ناملىق ئېكس-نۇرى ئالەم تېلېسكوپىنى ئىشلىتىپ كائىناتتىكى بەزى بىر نىشانلارنى تېكشۈرىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن 10 دانە غايەت زور كۆلەملىك قارا ئۆڭكۈرنى تېپىۋالغان.  ئوخشاش رايوننى ناسا نىڭ «Chandra» ۋە ياۋروپانىڭ «XMM-Newton» دەپ ئاتىلىدىغان ئېكس-نۇرى ئالەم تېلېسكوپلىرى بىلەن تېكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ 10 قارا ئۆڭكۈرنىڭ راستلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.  بۇنداق تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك نۇر بىلەن نامايان بولىدىغان قارا ئۆڭكۈرلەر ئەڭ دەسلەپتە 1962-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئالىملار بۇنداق نۇرلارنىڭ نېدىن كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن.  ھازىر بولسا ئالىملار يۇقىرىقى يېڭى تىپلىق ئالەم تېلېسكوپلىرىنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ كائىناتتىكى غايەت زور كۆلەملىك قارا ئۆڭكۈردىن كېلىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرمەكتە.  بۇ قېتىم بايقالغان قارا ئۆنكۈرنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ قۇياشنىڭ ماسسىسىدىن 17 مىليارد ھەسسە ئېغىر ئىكەن.




بۇ بايقاش نەتىجىسى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئاسترونومىيە-فىزىكا ژورنىلى» (Astrophysical Journal) نىڭ 2013-يىلى 20-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاساسلىق ئاپتورىNASA مەركىزى JPL دىن Daniel Stern ئىكەن.




1-رەسىم: بۇ قېتىم بايقالغان 10 قارا ئۆڭكۈرنىڭ كۆرىنىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنى يۇلغۇن-چېچىكى رەڭلىك ئىستىرىلكا بىلەن كۆرسىتىلگەن.




2-رەسىم: ناسا نىڭ «Spitzer» ئالەم تېلېسكوپى 10 يىلدىن بېرى سۈرەتكە ئېلىپ توپلىغان كائىنات رەسىملىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەن كۆرىنىشى.  




پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

http://www.cbsnews.com/8301-205_162-57602411/nasa-space-téléscope-discovers-10-monster-black-holes/ <http://www.cbsnews.com/8301-205_162-57602411/nasa-space-telescope-discovers-10-monster-black-holes/>

<http://www.cbsnews.com/2300-205_162-10017985.html>




1-resim





2-resim

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 09:26:49

ئالدى بىلەن بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ  يېڭىلىقلارنى بىزگە ئۆز تىلىمىزدا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۇزۇندىن بۇيان چۈشەنمەي يۈرگەن بىر سۇئالىم بار ئىدى،سورىۋالسام!

بىز دائىم ئاخپارات ۋاستىلىرىدىن ئالىملار يەرشارىدىن نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا مۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇزنى بايقىدى دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ھەممىگە مەلۇم،نۇر تېزلىكى 300مڭ kmsبولۇپ، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز چىقارغان نۇر يەرشارىغا يېتىپ كېلىش ئۈچۈن،نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈزيىل ۋاقىت كېتىدىكەن،مۇشۇتۇرغۇن يۇلتۇزدىن يەر شارىغىچە بولغان ئارىلىق قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ئەگەر تېلىسكوپ بىلەن ئۆلچەنسە، نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈزيىل ۋاقىت كېتەمدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 09:48:46

1- قەۋەتتىكى almas333نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالدى بىلەن بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يېڭىلىقلارنى بىزگە ئۆز تىلىمىزدا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۇزۇندىن بۇيان چۈشەنمەي يۈرگەن بىر سۇئالىم بار ئىدى،سورىۋالسام!

بىز دائىم ئاخپارات ۋاستىلىرىدىن ئالىملار يەرشارىدىن نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا مۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇزنى بايقىدى دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، ھەممىگە مەلۇم،نۇر تېزلىكى 300مڭ kmsبولۇپ، بۇ تۇرغۇن يۇلتۇز چىقارغان نۇر يەرشارىغا يېتىپ كېلىش ئۈچۈن،نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈزيىل ۋاقىت كېتىدىكەن،مۇشۇتۇرغۇن يۇلتۇزدىن يەر شارىغىچە بولغان ئارىلىق قانداق ئۆلچىنىدۇ؟ئەگەر تېلىسكوپ بىلەن ئۆلچەنسە، نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈزيىل ۋاقىت كېتەمدۇ؟




بىز ھازىر يەر شارى يۈزىدە ياكى يەر شارى ئوربىتىسىدا تۇرۇپ، ئۆزىمىزدىن نەچچە 10 نۇر يىلى ياكى نەچچە 100 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى يۇلتۇزلارنى كۆرگەندە، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئاشۇ يۇلتۇزلاردىن نەچچە 10 يىل ياكى نەچچە 100 يىلدىن بۇرۇن تارقىلىپ چىققان نۇرلار بولىدۇ.  يەنى، بىز ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرگەندە، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ھالىدىتۇر.




بىزدىن نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز نۇر يىلى يىراقلىقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقنى ئۆلچەشتە بىر «بۇلۇڭلۇق ئۆلچەش ئۇسۇلى» قوللىنىلىدۇ.  بۇ ئۇسۇلدا، بىز مەلۇم بىر يۇلتۇز بىزنىڭ قۇياش بىلەن ياسىغان بۇلۇڭنى بۈگۈن بىر قېتىم ئۆلچەيمىز.  ئاندىن بۈگۈندىن باشلاپ 6 ئاي ئۆتكەندە، يەر شارى قۇياشنىڭ قارىمۇ-قارشى تەرىپىگە ئۆتىدىغان بولۇپ، شۇ چاغدا ھېلىقى بۇلۇڭنى يەنە بىر قېتىم ئۆلچەيمىز.  ئاندىن مۇشۇ ئىككى بۇلۇڭنىڭ قىممىتىدىن يۇلتۇزنىڭ ئۆزىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقنى ھېسابلاپ چىقىمىز.



arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 10:34:23

بىز ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆرگەندە، بىزنىڭ كۆرگىنىمىز ئۇلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ھالىتىدۇ .....





ماۋۇ گەپ ماڭا بەك تەسىر قىلدى ......  



سىز خۇددى كائىناتتىن قانچە يىراقلىغانسىرى ۋاقىت ئۇقۇمى شۇنچە چوڭيىپ بېرىپ چېكىگە يەتكەندە ۋاقىت 0 بوپ قالىدۇ ، يەنى مەڭگۈلۈك دىگەن ئۇقۇم شەكىللىنىدۇ !



نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە كېيىن مەڭگۈ ياشايسىز ئۆلمەيسىز ، مەڭگۈلۈك مەۋجۇت دىسەك ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ !؟؟؟  

\"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 11:14:45

بىلىمخۇمارئەپەندىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 11:51:02

قارىغاندا ماتىماتىكىنى ياخشى ئۆگەنمىگەنلەر ئالىم بولىمەن دىمىسەڭلار بولغىدەك.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 12:15:28

قاراڭغۇ ئۆڭكۇر دېگەنلەر نۇرنىمۇ قوشۇپ يۇتىۋالىدىغان تۇرسا ، قانداق بولۇپ يەنە نۇر تارقىتىدۇ ؟ \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 12:41:55

قارا ئۆڭكۈرلەر بىر بىرسىنى شورىمامدىغاندۇ؟

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 13:42:37

بىر-بىرىنى شۇرىشى مۇمكىن خۇددى ماگىنتتەك، لېكىن ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئارلىقى بەك يىراق بولغاچقا پات يېقىندا شۇراپ بۇلالماسلىقى مۇمكىن.

لېكىن ئىككىسى بىرسى-بىرسىگە قوشۇلۇپ كەتسە ھەجىمى قوشۇلۇپ كەتكەن ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ ھەجىمىدىنمۇ كىچىك، زىچلىقى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تارتىش كۈچىمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئاشارمىش، قارا ئۆڭكۈرنىڭ چوڭىدىن كىچىكى بەك تارتامىش...

مەن بۇرۇن تېخى بىر دۆۋە قۇمغا يەنە بىر دۆۋە قۇمنى قوشقاندەك بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلايتتىم.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 15:18:47

ئاللاھنىڭ كارامەتلىرىنى كۆرگىنى ئوبدان بوپتۇ.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 17:12:49

ئالامنىڭ چىكى بارمىدۇ!؟ ئەگەر چىكى بولسا ئەشۇ چەكتە قانداق توساق بار؟ چىكى بولمىسىچۇ!؟

ئاللاھ ئۆزەڭ بار ، بەزى بىر سۇئاللار ئادەمىنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرىدۇ..

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 09:08:43

قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نۇرنىمۇ سۈمۈرۋالغاچقا ئۈنى كۆرگىلى بولمىغان بىلەن ئەمما ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۆچىنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن.مەسلەن بىر قۇيۇننى ھەممە يىرى ھىم ئىتىلگەن ئىچىدە بىرتال زەرىچىمۇ يوق كۇپ شەكىللىك ئەينەك ساندۇقنىڭ ئىچىدە چىقىۋاتىدۇ دەپ پەزەز قىللايلى.ساندۇنىڭ ئىچىدە قۇيۇن تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك ھىچ نەرسە بولمىىغاچقا ،گەرچە قۇيۇننىڭ تەسىر كۈچى مەۋجۈت بولسىمۇ ئەمما ئۇنى بىز ھىس قىلالمايمىز.ئەمما قۇملۇقتا،ياكى چوڭ شەھەرنىڭ كۇچىسىدا چىقىۋاتقان قۇيۇننى بىز،قۇيۇن تەسىر كۈرسىتىۋاتقان تۇپا-چاڭ،ئەخلەت-چاۋا،،،،،،.قاتارلىق نەرسىلەردىن ھىس قىلالايمىز.قارا ئۈڭكۈرمۇ ئۇخشاشكەن .يەنە بىر جەھەتتىن نۇرنى سۈمۈرۋالغاچ بۇمۇ بىر تەكشۈرۈش ئۇسۇلىكەن.يۇرۇق بىر دائىرىنىڭ ئىچىدە بىر قارا داغ بولسا بۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بۇلۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرىكەن.ئەمما بۇ ئۇسۇل دېڭىزدىن يېڭنە ئىزدىگەندەك تەسكەن. نۇرى ،گامما نۇرى ،خىرە جىسىم دىگەندەك تەكشۇردىغان ئۇسۇللارمۇ بار دەك قىلىدۇ .لىكىن چۈشەنمىدىم .

خوش ،،!!ئەمدى بىزگە ئەڭ يېقىن قارا ئۈڭكۈر دەل بىز تۇرۋاتقان سامان يولى سېستىمىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا بۇلۇپ ھازىرچە تېخى ھەركەتتە ئەمەسكەن.قوسىقى ئاچقاندا ئاندىن بىر نەرسىلەرنى يەيدىغان ئۇخشايدۇ.يەنە مىليون يىللارغىچە قوسىقى ئاچمايدىكەن.

باشقا تىلدىكى (BAIDU)دىن كۆرگەن سىنلاردىن مۇشۇنچىلىك نەرسىنى چۈشىنەلىدىم.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 11:42:21

قارا ئۆڭكۈر دىگەن داۋاملىق نەرسىلەرنى تارتىپ(يەپ) تۇرىدىغاندۇ، ئادەمگە ئوخشاش قورسىقى ئاچقاندا يەيدىغان تويسا توختايدىغان ئەمەستۇ ئۇ \"\"

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 12:27:56

شۇ مەن ئىنگىلىسچە سۈزلەنگەن ،ئاستىغا خەنزۇچە يېزىلغان سىن ھۈجىتىدىن شۇنداقراق بىر گەپنى كۈردىم .ھازىرچە ھەركەتتە ئەمەس دەپ.

نەچچە كۈن بۇ تېمىغا تەلمۈرۈپ كۈتۈپ بولالماي.ئاخشام ئۈزەم ئىزدەپ باققان،تىل چەكلىمىسگە بەك ئۇچرىغاچقا تازا چۈشۈنۈپ كىتەلمىدىم.  {:92:}   {:92:}  

كەچچە يۇللاپ قۇياي سىن ھۈجەتلىرىنى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-18 22:38:21

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاراڭغۇ ئۆڭكۇر دېگەنلەر نۇرنىمۇ قوشۇپ يۇتىۋالىدىغان تۇرسا ، قانداق بولۇپ يەنە نۇر تارقىتىدۇ ؟ \"\"



بىر بولسا، ئەلفا بېتا، گامما سېتا، ئېكىس  نۇرلىرىنىڭ بەزىلىرىنى تارقىتىدۇ، بىر بولسا، قارا تۇرغان يەردە كۆلەڭگىنىڭ ئېگىسى بار دىگەندەك بايقاپ قالىدۇ. ياكى ئەتىراپىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسى ئارقىلىق تارتىش مەيدانىنى ئۆلچەپ تېپىۋالىدۇ.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:15:02

14- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قاراڭغۇ ئۆڭكۇر دېگەنلەر نۇرنىمۇ قوشۇپ يۇتىۋالىدىغان تۇرسا ، قانداق بولۇپ يەنە نۇر تارقىتىدۇ ؟ \"\"



بىر بولسا، ئەلفا بېتا، گامما سېتا، ئېكىس  نۇرلىرىنىڭ بەزىلىرىنى تارقىتىدۇ، بىر بولسا، قارا تۇرغان يەردە كۆلەڭگىنىڭ ئېگىسى بار دىگەندەك بايقاپ قالىدۇ. ياكى ئەتىراپىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسى ئارقىلىق تارتىش مەيدانىنى ئۆلچەپ تېپىۋالىدۇ.


قاراڭغۇ ئۆڭكۇر دەپ ئاتىلىشتىكى سەۋەپ ، ئۇ نۇرنىمۇ (توغۇرسى ھەر قانداق ئېلېكتىر ماگىنىت دولقۇنىنى سۇمۇرۋالىدۇ ) سۇمۇرۋالىدۇ ، ئۇنى ئادەتتى تلكىسوپ ياكى رادار ۋە ياكى ئالەم رادىئو دولقۇنلىرىنى سۇمۇرۋالىدىغان ئانتىنا بىلەن بايقاش مۇمكىن ئەمەس . پەقەت مۇئەييەن دائىرە ھىچقانداق سىگنالنى قايتۇرمىسا ، مۇشۇ دائىرە قاراڭغۇ ئۆڭكۇر دەپ ئاتالغان . ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەلفا ، بىتتا ۋە ياكى گامما نۇرنى تارقىتىشى مۇمكىن ئەمەس .


ئەمما سىز دېگەندەك «قارا تۇرغان يەردە كۆلەڭگىنىڭ ئېگىسى بار دىگەندەك بايقاپ قالىدۇ. ياكى ئەتىراپىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسى ئارقىلىق تارتىش مەيدانىنى ئۆلچەپ تېپىۋالىدۇ.» بولىدۇ ئۇگەنگەن مەنمۇ ...


ئەمما ماقالە ئاپتۇرى نۇر تارقىتىدۇ دەپتىكەن ، شۇڭا سەل تەپسىليراق سوراي دېگەنتىم ...


ئەلۋەتتە كىم جاۋاپ بەرسە بولىۋىردۇ ، توغرا بولسىلا ...


چۇشەنچەمدە قاراڭغۇ ئۆڭكۇر ھىچنەرسىنى قايتۇرمايدۇ ، ئۇنىڭغا چۇشكەن نەرسىلەر يېنىپ چىقمايدۇ .  ئەمدى نۇر قايتۇرىدۇ دېگەن گەپنى قانداق چۇشەنسەك بولاركىن ....

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 10:23:45

12- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارا ئۆڭكۈر دىگەن داۋاملىق نەرسىلەرنى تارتىپ(يەپ) تۇرىدىغاندۇ، ئادەمگە ئوخشاش قورسىقى ئاچقاندا يەيدىغان تويسا توختايدىغان ئەمەستۇ ئۇ \"\"

بۇنداق تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك نۇر بىلەن نامايان بولىدىغان قارا ئۆڭكۈرلەر ئەڭ دەسلەپتە 1962-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئالىملار بۇنداق نۇرلارنىڭ نېدىن كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن.



ئىنتايىن ئاجىز ئىكەن، ھەر قانداق نەرسە مۇتلەق بولايدۇ....

بەت: [1]
: NASA يېگى «قارا ئۆڭكۈر» دىن 10 نى تاپتى