tulpar12 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 02:21:57

مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئەپەندىنى زىيارەت

زامانىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملىرىمىزدىن (يەنى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلۋاتقان، كەسپىدە دۇنيادا ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان) دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپتەك ئالىملارنى تەربىيلىگەن، ھازىر قازاقىستان ئەمگەكچى قازاق ناھيىسى ئاۋات يېزىسىدا تۇرۇشلۇق مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ زىيارەت خاتىرسىنى يوللاپ قويدۇم.


بۇ زىيارەتنى ھازىر سانكىت-پېتىربۇرگدا تۇرۇشلۇق ھەمراجان ئامراق ئاكىمىز قىلغان ئىكەن. ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ كۆچۈرۈپ يوللىدۇم. پەرزەنىت تەربىيىسى ھەققىدىكى گەپلىرى ئېسىلكەن.


زىيارەتتە دېيىلگىنىدەك، مۇزەپپەر ئەپەندىم ھازىرقى ئۇيغۇر ناھىيەسى غالجات يېزىسىدا (ئورنى ئىلى ۋىلايىتى چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىدىكى جۇڭگۇ-قازاقسىتان چىگىرسىدىن ئىككى-ئۈچ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا) تۇغۇلغان. دادىسى ئەسلى مۇئەللىم بولۇپ، 1942-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا كېتىپ، شۇ يىلى ئۇرۇشتا قازا بوپتۇ. ئۆزى ئەسلى ئۇيغۇر تارىخى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىكەن، لېكىن بارغان مەكتىپىدە ئۇنداق دەرس بولمىغانلىقى ئۈچۈن رۇس تارىخىنى كەسىپ قىلىپ تاللىغان ئىكەن. كېيىنچە مەكتەپلەردە رۇس تارىخىدىن دەرس بىرىپتۇ. قالغان گەپنى زىيارەت فىلمىدىن كۆرۈڭلار.


بۇ يەردىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشقا تىگىشلىك بىر نەرسە، يىقىنقى يىللاردا دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىنى ئۈچ قىتىم تەۋرەتكەن شۆھرەتكامنى ياخشى تونۇدۇق. ئەپسۇس، شۆھرەتكامنىڭ ھەدىسى دوكتۇر مايسەم خانىم ھەققىدە كۆپ گەپ بولۇنمىدى. ئەمەلىيەتتە، شۇ تاپتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان ماسساچۇستىس تېخنىكا ئىنستىتۇتى (MIT) غول ھۆجەيرە تەتقىقات يۇرتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ يىتەكچىلىكىنى قىلۋاتقان بۇ ھەدىمىزمۇ تەبىئەت ژۇرنىلىنىڭ ماتېريال قىسمى، ھۆجەيرە ژۇرنىلى قاتارلىق ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان ئىكەن



http://65.54.113.26/Author/23526367/maisam-m-mitalipova


http://scholar.google.de/scholar?hl=en&q=maisam+mitalipova&btnG=&as_sdt=1%2C5&as_sdtp=





muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 09:30:47

ئىزدىنىشقا يوللىنىپ بولغان تېمىنى يەنە كۆچۈرۈپ ئىزدىنىشقا يوللايدىغان گەپما \"\"



http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=54810
بەت: [1]
: مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئەپەندىنى زىيارەت