تاھىرجان ئاتاۋۇللانىڭ «كۈلگۈنچەك بالا» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى
تاھىرجان ئاتاۋۇللانىڭ «كۈلگۈنچەك بالا» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى
يىتىلىۋاتقان يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان قەشقەر شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى تاھىرجان ئاتاۋۇللا قوشماقنىڭ «كۈلگۈنچەك بالا» ناملىق بالىلار ھىكايىلىرى توپلىمى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار –ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئاپتۇرنىڭ بۇ ھىكايىلەر توپلىمىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يازغان 32پارچە ھىكايىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ «زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر كەشپىياتچىلىرى»(شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان 2004-يىل 10-ئاي)، «شەپەرەڭ بىلەن قارلىغاچ»(تەرجىمە ئەسەر قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 2009-يىلى نەشىر قىلغان)، «دۇلىتل دوختۇرنىڭ سەرگۈزەشتىسى»(بالىلار رۇمانى تەرجىمە ئەسەر 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنغان)، «ياغاچ قونچاقنىڭ كۆز يېشى»( چۆچەكلەر توپلىمى تەرجىمە ئەسەر 2011-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلنغان) قاتارلىق كىتاپلىردىن كىيىنكى خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر سوۋغىسىدۇر.
مۇقاۋىنى چىرايلىق لايىھەلىسىمۇ بۇلاتتى. نىمە زاپەر چىراي لايىھەلەپ . خەتمۇ شۇ بەك غەلىتە ئۈنۈم قوشۇپلا چىقرىپ قويۇپتۇ مېنىڭچە بۇ بوپتۇ.. ئاددىي ساددا غەيرى قىلىشمۇ بالىلارغا ئىلھام بولامىكىن كىچىكلىكىمدە ئوقوغان بالىلار ھىكايىلىرى،بالىلار چۈچەكلىرى ھازىرغىچە قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدە قىزىقارلىق سىيمالىرىنى ساقلاپ قىلىغلىق ھەرقايسى نەشرىياتلاردىن كىتابلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئەپ ئارقىلىق ئوقۇشقا تەمىنلەيدىغان، مۇنتىزىم شىركەتتىن بىرسى قۇرۇلسا بولاتتى.ئەگەر شۇنداق شىركەت بولسا ئىشلەشنى، مەبلەغ سالىدىغانلار بولسا، ھەمكارلىشىشنى خالايمەن!
4- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەرقايسى نەشرىياتلاردىن كىتابلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە ئەپ ئارقىلىق ئوقۇشقا تەمىنلەيدىغان، مۇنتىزىم شىركەتتىن بىرسى قۇرۇلسا بولاتتى.
ئەگەر شۇنداق شىركەت بولسا ئىشلەشنى، مەبلەغ سالىدىغانلار بولسا، ھەمكارلىشىشنى خالايمەن!
ماۋۇ تور بەتنى قۇرغانلار كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش، تەڭرىتاغ، بىلىم-كۈچ... قاتارلىق 20 نەچچە ژۇرنال بىلەن توختام تۈزۈپتىمىش، توردا شۇ ژۇرناللارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسنى تارقىتىدىكەن، بىر ژۇرنالنى 2 سوم تۆلەپ كۆرەلەيدىكەنسىز. پات يېقىنداق يانفون تېرمىنالىنى ئېلان قىلدىكەن.
ماۋۇ ئادېرستىكىسى شۇلار ياسىغان باشقا بىر يانفون يۇمشاق دېتالى.
http://alip.biz/thread-14644-1-1.html