nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 17:50:54

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ تانزانىيەدىكى تەسىرى




1966- يىلى مايدا جوڭگۇدا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» پارتىلىغان. بۇ ھەركەت جوڭگۇ خەلقىگە ئون يىللىق بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تانزانىيە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان.


تانزانىيە جوڭگۇنىڭ 60- يىللاردىكى ئافرىقىدىكى ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى ئىدى. تانزانىيە ئەينى چەغدا جوڭگۇنىڭ نۇرغۇن يارىدىمىگە ئىرىشكەن. «تانزانىيە دوستلۇق تۇقۇمچىلىق فابرىكىسى» بۇنىڭ تىپىك مىسالى بۇلۇپ، مۇتىخەسىسلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى شاڭخەي توقۇمۇچىلىق سانائىتى ئىدارىسى ئەۋەتكەن. شاڭخەي «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ مەنبەسى بولغاچقا، شاڭخەي توقۇمۇچىلىق سېستىمىسىنىمۇ ئىسيانكارلارنىڭ كاتتىبېشى ۋاڭ خوڭۋېن كونتۇرۇل قىلاتتى.


توقۇمۇچىلىق ئەترىتىنىڭ ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى شاڭخەي توقۇمۇچىلىق سېستىمىسىدىكى ئىسيانكارلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بۇلۇپ، ئۇ تانزانىيەگە ئەۋەتىلگەندىن كېيىن «ئىككىنچى فرونت» ئېچىشقا كىرىشكەن. ئۇ قۇرۇلۇش مەيدانىغا جوڭگۇنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى ئاستۇرۇپ، ماۋ زېدوڭنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ، ئۈزۈندە تاختايلارنى ئورناتقان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» غا ئائىت ناخشىلارنى ئېيتقۇزۇپ، قۇرۇلۇش مەيدانىنى چەتئەلدىكى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» سورۇنىغا ئايلاندۇرغان.


جوڭگۇ ئىسيانكارلىرىنىڭ تەسىرىدە، تانزانىيە ياشلار ئىتتىپاقى ماۋزېدوڭنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرلگەن ئىزنەكنى ئۈلگە قىلىپ، جوڭگۇدىن تانزانىيە زوڭتوڭى نېرېرېنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەكنى بېسىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان ھەم «قىزىل قوغدۇغۇچىلار» نامىغا يېقىن بولغان «يىشىل قوغدىغۇچىلار» نى ۋۇجۇتقا چىقارماقچى بولغان.


تانزانىيە زوڭتوڭى نېرېرى جوڭگۇ ئىسيانكارلىرىنىڭ ئىش – ھەركىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئورنىدىن ئەنسىرىگەن. جوڭگۇ بىلەن تانزانىيە مۇناسىۋىتىمۇ جىددىلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. شۇ چاغدا نېرېرى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقان بولغاچقا، بانكا ھەم چوڭ سانائەتلەرنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزىۋالغان. نەتىجىدە خەلقئارادا: «نېرېرى جوڭگۇنىڭ يولىدا ماڭماقچى» دېگەن گەپلەر چىققان ھەم دۆلەت ئىچىدىمۇ نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭغا قارشى چىققان. بۇنداق ئەھۋالدا جوڭگۇ ئىسيانكارلىرى تانزانىيەدە زور كۆلەمدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلسا، بۇ نېرېرىغا قارشى تۇرغۇچىلارغا ياخشى پۇرسەت بۇلۇپ قالاتتى.


جوڭگۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ تانزانىيەگە ئەكىس تەسىر بىرىشىدىن ئەنسىرىگەن نېرېرى 1968- يىلى ئىيۇلدا جوڭگۇغا ئىككىنچى قېتىم زىيارەتكە بېرىپ ئەندىشىسىنى ئېيتقان. ماۋ زېدوڭ ئافرىقىدىكى بۇ ئاساسلىق ئىتتىپاقدېشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، شاڭخەيدىن تانزانىيەگە ئەۋەتىلگەن ئىسيانكارلارنى قاتتىق ئەيپلىگەن ھەم كېيىن بۇنداق كىشىلەر بايقىلىپ قالسا بىرىنى قويماي چىكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


ئەمەلىيەتتە جوڭگۇ دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 1968- يىلىنىڭ بېشىدا جوڭگۇنىڭ ئەفرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى تەسىرى ھەم كەلگۈسىنى ئويلاشقان ئاساستا تانزانىيەدە قالايمىقانچىلىق چىقارغان بەش ئىسيانكارنى جوڭگۇغا قايتۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار قايتۇرۇپ كىلىنگەندىن كېيىن، شاڭخەيدە چەتئەلدە ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان ھەم «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نى قوزغىغان قەھرىمانلار دەپ نام بىرىلىپ، قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشكەن. تانزانىيەدە «ئىككىنچى ئىسيانكارلار فرونت» ئېچىشنى پىلانلىغان ئېنگىلىز تىلى تەرجىمانى ماۋزېدوڭنىڭ يوليۇرۇقى بىلەن تۆۋەنگە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە چۈشۈرۈلگەن.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 20:07:06

\"\"


\"\"


\"\"



\"\"


\"\"

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 20:39:33

1- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


\"\"






ئىۋۇ  گۇۋاھنامە   قايسى  يۇرتنىڭ  تارقان قان گۇۋاھ نامىسى  بولغىيدى


horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 20:53:08

بەيدۇدىن مەدىنيەت ئىنقىلاۋىغا دائىر رەسىملەرنى ئىزدىسەم مۇشۇ نەچچىتال تېپىلدى، توت -بەش يۇزيىلقى تارىخلارنى(ئاپپاق غوجا) سوزلەپ ئادەمنىڭ بېشىنى قايماقتۇرۋېتىدىكەنسىلە ، مەدىنيەت زور ئىنقىلاۋى توغرۇلۇق سوزلەپ باقمامسىلە ...... داداڭلا قايسى پەينىڭكىكەنتۇق ، قايسى ئۇزۇندىلەرنى يادلاپتىكەن، قايسى ئىزنەكلەرنى تاقاپتىكەن. كىچىك ۋاختىڭلاردا كەيگەن سېرىق شەپكەڭلە بارمۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 20:57:13

2- قەۋەتتىكى aymakbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


\"\"






ئىۋۇ  گۇۋاھنامە   قايسى  يۇرتنىڭ  تارقان قان گۇۋاھ نامىسى  بولغىيدى




يېڭى شەھەرنىڭكەن.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 21:00:09

كونا شەھەرنىڭكىدەك تۇرىدىغۇ؟

疏附县

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 21:30:18

خورازجاننىڭ 3-رەسىمىدىكى لى لىيەنجي كەنغۇ

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 09:08:49

ئاجايىپ زامانلار بوپتىكەن،توۋا دېگۈم كېلىدۇ شۇ چاغلاردىكى ئىشلارنى ئاڭلىسام. دادام-ئاپام بىتەرەپ ئىكەنمىش. بېشىنى چۈكۈرۈپ ئىلىم تەھسىل قىلغانمىش.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 11:23:46

غۇلجىدا بۇ ئېنقىلاپ جەنۇپتىكىدەك قاتتىق بولماپتىكەن . شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇ چاغدا غۇلجىغا قېچىپ كەلگەن . مۇسابايلار جەمەتىنىڭ بىر نەچچە ئوغلىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
بەت: [1]
: «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ تانزانىيەدىكى تەسىرى