UighurBasic نى سىنىشىپ بېرەمسىز؟
1- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
VB نى بىلىپ نوپۇزلۇق بولمىسا يەنە بولمايدۇ دەيلى.
ئوتتۇرىدىكى پەشنى يوغانراق يېزىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ماشائاللا ،ئېسىل ئىشقا تۇتۇش قىلپسىلەر !
بولسا ئۇيغۇرتىلىدا يىزىپ باقساق پروگىراممىلارنى ! سىز UighurBasic تە يازغان پروگراممىلاردىن كۆرۈپ باقىلى، رەسىملىرى بارمۇ؟
ئاندىن UyghurBasic دىگىلى بولمامدۇ؟ قانداق پېروگىراممىلارنى يېزىشقا بولدۇ؟ ئىقتدارى ۋىزىئول بەسىك بىلەن ئوخشاشمۇ ؟
5- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قانداق پېروگىراممىلارنى يېزىشقا بولدۇ؟ ئىقتدارى ۋىزىئول بەسىك بىلەن ئوخشاشمۇ ؟
ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاددىي ، ئاددىي بولغان ھېسابلاشلارنى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ھېچ قانداق ئەمەلىي ئىشلىتىشچان پىروگرامما تۈزىگىلى بولمايدۇ . بۇنداق چوڭ تېما دائىرىسىگە تېخى يۈرۈش قىلىپ بولالمىدۇق، ئاددىيسى تېخى بىز ئىزدىنىش باسقۇچىدا.
تېخى يىڭى نوتا دەيلى..
7- قەۋەتتىكى aymakbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېخى يىڭى نوتا دەيلى..
بەك داۋراڭ سەپ كەتكەن بولساق ئەپۇ قىلاسىز
8- قەۋەتتىكى visualuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى aymakbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېخى يىڭى نوتا دەيلى..
بەك داۋراڭ سەپ كەتكەن بولساق ئەپۇ قىلاسىز
ۋاي ياقەيمەنمۇ قوللاش يززىسىدىندەۋاتىمەن مىنىڭمۇ قاتنىشىشئۇيۇم بار ئىدىلىكىن قارسامتاھارەت ئاجىز كەلگىدەك گىپىڭلارغا قارغاندا ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر.ئاسانلىق تىلەيمەن.
قايسى تىلدىن پايدىلىنىپ يېزىۋاتىسىلەر؟ ئاسسامبىل تىلىمۇ ياكى س تىلىمۇ؟
مېنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىم: باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز مەكتەپلەرنىڭ بالىلىرىغا ماس كېلىدىغان قىلىپ تۈزۈلسە، گېرافىك ۋە ھۆججەت بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى قوشولسا ھەم ئىقتىسادى قىممەت يارىتالايدىغان، ھەم ساۋاپلىق ئەمگەك بولغىدەك.
سېستىما تاللىمايدىغان قىلىپ ياسماقچى ھەمدە مەن يۇقۇرىدا دەپ ئۆتكەن ئىقتىدارلارنى ھازىرلىماقچى بولسا مېنىڭچە جاۋا ياخشى تاللاش. ھەم ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفوندا ھەم كومپىيوتىردا ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. «ئۇيغۇر بەيسـىك» دېگەن خەتنى قانداقلا ئوقۇسا، قۇلاققا بەك سەت ئاڭلىنىدىكەن.
11- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
«ئۇيغۇر بەيسـىك» دېگەن خەتنى قانداقلا ئوقۇسا، قۇلاققا بەك سەت ئاڭلىنىدىكەن.
پىروگرامما بىلەن خوشىڭىز بولمىسا ئوقىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ توخو توشقان 48 پۇت قۇللىرى 108، توخو قانچە ؟توشقان قانچە؟
UighurBasic ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى
sub main() as integer
Dim i as integer
Dim j as integer
Dim s As String
For i = 1 To 48
For j = 1 To 47
If (i * 2) + (j * 4) = 108 Then
If i + j = 48 Then
s = s & (\"toho=\" & j & \";toxkan =\" & i) & Chr(13) & Chr(10)
End If
End If
Next
Next
msgbox (s)
end sub UighurBasic ئۇقۇمىنى تولۇق شەرھىلەپ بەرگەن بولسىڭىز....
يەنى ئۇنى بىرەر تىلنى تەرجىمە قىلىپلا پۈتتۈرمەكچىمۇ ياكى تېگىدىن يېزىپ چىقماقچىمۇ؟
ئىجرا ۋە تەھرىرلەش مۇھىتى قانداق؟ VisualBasic بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان Visual Basic دىسەك خاتا بولامدۇ؟ UighurBasic بولسا ئۇيغۇرتىلى بىلەن پىروگرامما تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان يېڭى پىروگرامما تىلى .
مەن مۇنداق چۈشەندىم
--------**********--------
توخو توشقان 48 پۇت قۇللىرى 108، توخو قانچە ؟توشقان قانچە؟ دىگەن مىسالغا
1.ئەگەر (چۈنكى) توخو 2 پۇتلۇق
2.ئەگەر (چۈنكى) توشقان 4 پۇتلۇق
3. ئەگەر (چۈنكى) ھەممە ھايۋان 48
4. ئەگەر (چۈنكى) ھەممە پۇتنى قوشسا 108 بولىدۇ
5. ئاخىردا 2 پۇتلۇق توخو قانچە
6. ئەڭ ئاخىرىدا 4پۇتلۇق تـوخو قانچە
7. داۋاملىق ھىساپلىۋاتىدۇ
8.....................................
9. توخو 42.......
0. توشقان 6.............
---------************----------
مۇشۇنداقراق بىرەر نەرسە يازارمىز ئۇيغۇر تىلىدا پىروگرامما تۈزەش ئۈچۈن

14- قەۋەتتىكى jewlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
UighurBasic ئۇقۇمىنى تولۇق شەرھىلەپ بەرگەن بولسىڭىز....
يەنى ئۇنى بىرەر تىلنى تەرجىمە قىلىپلا پۈتتۈرمەكچىمۇ ياكى تېگىدىن يېزىپ چىقماقچىمۇ؟
ئىجرا ۋە تەھرىرلەش مۇھىتى قانداق؟ VisualBasic بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان Visual Basic دىسەك خاتا بولامدۇ؟
ئۇيغۇرچىلاشقان VisualBasicدېسىڭىز خاتالاشمىغان بولىسىز. چۈنكى بۇ پىروگرامما VB6دە تاماملاندى . شۇڭا VB6 نىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ... ئاشۇ پىروگراممىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ۋاستىلىق ئىجرا قىلغۇزىدۇ. ھېچ بولمىغاندا كېڭەيتىلگەن نامى مۇقىم بولغان مەلۇم ھۆججەتكە ئۇلاپ قويساق ئاشۇ ھۆججەتنىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسى بولالايدۇ. خۇددى .bas ھۆججىتىگە ئوخشاش... ھازىر كەڭ كۆلەمدە ئوموملىشۋاتقان ئاندىرويىد تېلىفونلىرى apk ھۆججەتنى قوللايدۇ. دېمەك تېلىفونغا موشۇ ھۆججەتنى يېشىدىغان ، ئىجرا قىلغۇزىدىغان پىروگرامما قاچىلانغان...ھازىر ياسالغىنى پەقەت كود تەھلىل قىلغۇچ . بۇنىڭدىن باشقا لوگىكىلىق ئانالىز ئىقتىدارى ، كود تەھرىر ئىقتىدارى، ھادىسە قوزغىتىپ كۆزنەكلىك پىروگرامما ئېچىش ئىقتىدارى ... قاتارلىق بىز ئويلاپمۇ يېتەلمىگەن تەرەپلەرنى تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
بۇ تىلنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا چوڭ گەپ قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما بىز ئىشنى باشلاپ موشۇ يەرگىچە ئەكىلەلىگەندىكىن بۇندىن كېيىنكى يوللارنى مېڭىپ كېتەلىشىمىزگە ئىشەنچىمىز بار ...ئەلۋەتتە ھازىر NET مۇھىتىدا پىروگرامما يېزىش مودىغا ئايلىنىپ قالدى بولغاي ، 6.0 نى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەھۋاللارغا يولۇقتۇم... مەيلى قايسى پىروگرامما تىلىدا يازمايلى ھەممىسى ئوخشاش ، پەقەت ئاز تولا پەرىققە ئىگە... سىناققا قولايلىق بولسۇن ئۈھۈن vb6 تاللاندى.
hoopeelover دېگەندەك ،ئۇيغۇرچە پروگرامما بولسا ئاندىن ئۇنى UighurBasic بولسا ئۇيغۇرتىلى بىلەن پىروگرامما تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان يېڭى پىروگرامما تىلى دەيدىغاندىمىز؟
خۇددى توخو توشقان 48 پۇت قۇللىرى 108، توخو قانچە ؟توشقان قانچە؟ دىگەن مىسالغا
1.ئەگەر (چۈنكى) توخو 2 پۇتلۇق
2.ئەگەر (چۈنكى) توشقان 4 پۇتلۇق
3. ئەگەر (چۈنكى) ھەممە ھايۋان 48
4. ئەگەر (چۈنكى) ھەممە پۇتنى قوشسا 108 بولىدۇ
5. ئاخىردا 2 پۇتلۇق توخو قانچە
6. ئەڭ ئاخىرىدا 4پۇتلۇق تـوخو قانچە
7. داۋاملىق ھىساپلىۋاتىدۇ
8.....................................
9. توخو 42.......
0. توشقان 6.............
---------************----------
يۇقاردىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇرچە خەت بىلەن پروگرامما تۈزسەك ئاندىن ماۋۇ تېمىغا ماس كېلىدىغاندەك .
سىز قالدۇرغاندەك UighurBasic ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى
sub main() as integer
Dim i as integer
Dim j as integer
Dim s As String
For i = 1 To 48
For j = 1 To 47
If (i * 2) + (j * 4) = 108 Then
If i + j = 48 Then
s = s & (\"toho=\" & j & \";toxkan =\" & i) & Chr(13) & Chr(10)
End If
End If
Next
Next
msgbox (s)
end sub
بۇنىڭ ھازىرقى پروگرامما تىللىرى بىلەن قانچىلىك ئارتۇقچىلىقى بار ؟ ھىسابلاش جەھەتتە، بىخەتەرلىك جەھەتتە، مەشغۇلات سۇپىسى جەھەتتە...دېگەندەك ؟
سىزنىڭ تېمىڭىز بىزگە بىر يېڭىچە پروگرامما تىلى بارلىققا كەلگەندەك چۈشەنچە بېرىدىكەن. ئەمما ئىنكاسىڭىز بىزگە خەنچە ۋ ب نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويغاندەكلا چۈشەنچە بېرىدىكەن. كۆپرەك تەپسىلى چۈشەنچە بېرىڭە. ئادەمنى ئەجەب خۇمار قىلدىيا !....
ھەراست ، بۇنى قانداق سىنىشىپ بېرىمىز؟ قەيەردىن چۈشۈرىمىز؟ سىز دىگەندەك بىر يېڭى پروگرامما تىلى بولغاندىكىن ، ئازراق بولىسمۇ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى ياكى ساۋاد چىقىرىش قوللانمىسى باردۇ ؟
17- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ يازغان پروگراممىڭىزنىڭ بىرەر يېرىدە ئۇيغۇرچە باردەك قىلمايدىغۇ ؟
hoopeelover دېگەندەك ،ئۇيغۇرچە پروگرامما بولسا ئاندىن ئۇنى UighurBasic بولسا ئۇيغۇرتىلى بىلەن پىروگرامما تۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان يېڭى پىروگرامما تىلى دەيدىغاندىمىز؟
.......................................................................

ئەلۋەتتە يېڭى پىروگرامما تىلى دېيىشكە ھەققىمىز بار. ئۇيغۇرچە پىروگرامما يېزىشقا ئالدىراپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدىغىنى پەقەت تەھرىر رايونى. باشقا پىروگرامما تىللىرىدىمۇ ئوخشاش، تەھرىرى رايونىدىكى كودلار ئاسىمبىل ياكى باشقا تۆۋەن دەرىجىلىك تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. خۇددى تور بەتلەرنىڭ ئاخىرى HTML غا ئايلانغىنىغا ئوخشاش. تېگىدىن يېزىپ چىقىمىز دېسەكمۇ ۋىندوس مۇھىتىدا ئاسىمبىلدىن پايدىلنىشقا توغرا كېلىدۇ. ھازىر ۋاقتىچە ئېنگىلىسچە يېزىشقا مەجبور بولىۋاتىمىز. ئۇيغۇرتىلىنىڭ گىرامماتىكىسى مۇرەككەپ ئۇلىنىش قوشۇمچىسى كۆپ خىل بولغاچقا مۇقىم بولغان گىرامماتىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە بىر مەزگىل كەتكۈدەك. ھەرگىزمۇ يوقىرقى تورداش ئېيىتقاندەك توشقاننىڭ پۇتىنى 3 دېسىڭىز خاتا دەيدىغان گىرامماتىكىلىق ئانالىز ئېلىپ بارالمايدۇ.
بۇ تىلنىڭ باشقا تىللاردىن ئەلۋەتتە ئارتۇقچىلىقى بار . نۆۋەتتىكى پىلانىمىزدا مۇلازىمىتىر بىلەن كومپىيوتېر ئارىلىقىدا ئىجرا بولىدىغان قىلىپ ياسىماقچى....ئەسلى بۇلارنى دېيىشكە بولمايتتى بەك خۇما بوپ كەتمىسۇن دېدىم...
مەشھۇلات سۇپىسى جەھەتتە ۋىندوس بىلەن يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ. بىز بۇ تېمىنى سەل ئالدىراپ يېزىپ قويغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. شۇنداقتىمۇ ئىزدىنىشىمىز توختاپ قالمىدى، پات يېقىندا بۇمۇ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ قالا...
18- قەۋەتتىكى visualuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن ، ئاۋۋال بىرەر پارچە رەسىمىنى كۆرەيلى . ئاشكارلاشقا بولارمىكىن ؟
يەنە بىر سۇئال : بۇ پروگرامما تىلىڭلارنىڭ كومپايلىرنى compiler نى ئۆزۈڭلار تۈزگەنمۇ ياكى باشقا تىلنىڭكىنى ئىشلىتىۋاتامسىلەر ؟