مەمەتتۇرسۇن چوڭ چىمپىيون بولدى !
12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 69كلوگراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، 2011 – يىللىق ئاسىيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 69 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن پەخىرلىك ئوغلانىمىز مۇھەممەتتۇرسۇن چوڭ بۈگۈن خۇبىي ئۆلكىسىنىڭ ماھىرى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، غەلبىلىك ھالدا رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئالتۇن مىدالىنى قولغا كەلتۈردى.
مۇسابىقە ئەھۋالىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭلار:
http://sports.cntv.cn/2013/09/11/VIDE1378879492372148.shtml
مەنبە:سىنا تورى تەنتەربىيە قانىلى
چوڭ ئاكىمىزغا ئاپىرىنلەر، مۇشۇنداق ئەزىمەت يىگىتتىن بىرنى قاتارغا قوشۇپ، بېشىمىزنى ئاسمان قىلغىنىغا!!! ئاتاڭغا رەھمەت!!! مەمەتتۇرسۇن يارايسىز... ئاتاڭغا رەھمەت خو ئوغۇل بالا ئوغال بالا ئەركەك خۇدايىم قارغۇنى كۆزىدىن ئايرىغىنى بىلەن ھاسىدىن ئايرىمىغان... مەمەتتۇرسۇن يارايسىز.خۇدايىم قارغۇنى كۆزىدىن ئايرىغىنى بىلەن ھاسىدىن ئايرىمىغان.ئامىن قالتىس مارەك بولسۇنئوغال بالا ئەركەك ئەركەك بولسا تېخىمۇ تىرشىپ بىرنچى مەيداندىلا يېقىتىڭ رەقىپنى ئەركەك..... بولسا تېخىمۇ تىرشىپ بىرنچى مەيداندىلا يېقىتىڭ رەقىپنى بىر ياڭاققا تازا قويسا ،ئالتۇن مىدال بىردىغان ئىش بولغاندىكىن ،يەنە ئككسىنى يېڭىپ بىراقلا ئۆچ تۆت ئېلشىقا نىسىپ قىلا......خو ئەكەك... نىمە دىگەن پەيزى! قانونلۇق ئۇرۇش....بىرسى تۇتۇپمۇ كەتمەيدۇ!
قارىغاندا ھەممىمىز بوكسىيۇرچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولساق بولامدۇ-نىمە؟ رەسىم خاتامۇ نېمە؟
قولىدىكى پەلەيدە «2008 بېيجىڭ» دەپ تۇرىدۇ. كۆك مايكىلىقى ئىنىق روسكەن، مەيدىسىدىكى گېرب روسىيەنىڭ تۇرىدۇ. ئۇ چاغدا، قىزىل مايكىلىق مۇھەممەت چوڭ بولا؟ ئۇ رەسىمدىكى قىزىل كىيىم مەمەت تۇرسۇن چوڭ ،ئۇ ئولىمپىكتىن ئېلىنغان رەسىمكەن .
15- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەسىم خاتامۇ نېمە؟
قولىدىكى پەلەيدە «2008 بېيجىڭ» دەپ تۇرىدۇ. كۆك مايكىلىقى ئىنىق روسكەن، مەيدىسىدىكى گېرب روسىيەنىڭ تۇرىدۇ. ئۇ چاغدا، قىزىل مايكىلىق مۇھەممەت چوڭ بولا؟
ئىنكاسچى بالىلارنىڭ ھەممىسى سىلىدەك ئەستايىدىل بولغان بولسا،تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!
بۇكىس،ئوقيا ئىتىشى،ئات ئوينىتىشى شىنجاڭ ئۈچۈن ئالتۇن مىدال ئىلىشى پۇرسىتى بار بولغان تەنتەربىيە تۈرلىرى بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ .. تەنتەربىيە تۈرلىرىدە ئارتۇقچىلىقىمىز نامايان بۇلىۋاتىدۇ، بۇ بىر جەھەتتىن ئۇزۇقلىنىش ئادىتىمىزنىڭ نىسپەتەن ئىلىمي ئىكەنلىكنى ئىسپاتلاۋاتقان بولسا كېرەك.
بەت:
[1]
2