dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 14:42:36

چىڭگىزخان داموللامنىڭ تەرجىمھالى



ماقالىنىڭ ئەسلى تېمىسى:ئابلىز ھوشۇر-چىڭگىزخاننىڭ
تەرجىمھالى







ئابلىمىت
مەخسۇم







ئىنىم ئابلىز(ئابدۇل
ئېزىز)1912-يىلى1-ئايدا بۈگۈر ناھىيە يېڭىسار يېزا موللا ھوشۇر داموللا ھاجى دېگەن
دىنىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1952 -يىلى 40يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۈلۈم جازاسى
بېرىلگەن.ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئەرەپچە،ئىنگىلىزچە،پارىسچە،تۈرۈك تىلى قاتارلىق 7
تىلنى بىلەتتى ھەم تەرجىماللىق قىلاتتى
.


ئۇ تۇغۇلۇپ 16ياشقىچە(1928-يىلغىچە)ئائىلە
تەربىيىسىدە بولغان ۋە ئۆز ئاتىمىز موللا ھوشۇر ھاجىدا ئوقۇغان.1928-يىلدىن1931-يىلغىچەكۇچا
ناھىيىسىدە موسايىپ داموللىدا ئوقۇغان.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى
ئۈچۈن ”ئەندىرىپ“دېگەن نام بېرىلگەن.بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ،مەنىسى“بۇلبۇل“دېگەن
بولىدۇ.1932-يىلدىن1934-يىلغىچە3يىل قەشقەر دىنىي خانلىق مەدىرىستە ئوقۇپ داموللا
دېگەن ئۈنۋاننى ئالغاندىن كىيىن ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن1936-يىلغىچە
ھىندىستانغا بېرىپ ئىككى يىل دىنى دەرس ئوقۇغان.1937-يىلىدىن1942-يىلىغىچە 6يىل
ئەرەبىستاندىكى مەككىدە ئوقۇغان.ھەم شۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولغان .
  1942-
يىلىدىن1946-يىلغىچە مىسىردا 4يىل ئوقۇغان ھەم جامىل ئەزھەر ئۈنۋېرسىتىدا
ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەل 35ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دېگەن ئاتاقلىق
مەكتىپىدە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى،پادىشاھلىرى ھەم دىنىي
ئۆلىمالارنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرپىدىن چۈشكەن سۇئاللارغا
جاۋاپ بېرىشتەئابدۇلئەزىزنىڭ بەرگەن جاۋابى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق
يىغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى ئابدۇلئەزىزنى ماختاپ“بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ
<چىڭگىزخان>بولسۇن،چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگۇدا چىڭگىزخان دېگەن كىشى ئۆتكەن.بۇ قېتىم سەن
جۇڭگۇدىن 2-قېتىم چىقتىڭ“دەپ جاكارلىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئابدۇلئەزىز دېگەن ئىسىم ”چىڭگىزخان“دەپ
ئۆزگەرتىلگەن
بېرىپ مامۇت
سىجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپۇنيەگە بارغان.شۇ مەزگىللەردە
جۇڭگۇنىڭ ياپۇنغا قارىشى ئۇرىشى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىل بولۇپ ئىنىم
ئابدۇلئەزىزنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشچە ياپۇننىڭ بىر باشلىقى“ھازىر جۇڭگۇ-ياپۇن
ئۇرۇشى بولىۋاتىدۇ.بىز جۇڭگۇنى چوقۇم بويسۇندۇرىمىز،سىلەر شىنجاڭدىكى موھىم
ئادەملەر،سىلەر بېيجىڭغا بېرىڭلار بىز غەلبە قىلغاندا چىڭگىزخان سەن شىنجاڭنىڭ
مەمۇرى باشلىقى،مامۇت سىجاڭنى سەن ھەربىي باشلىق بولىسەن“دېگەن.بۇ ئىككىسى
ياپۇنيەدىن بېيجىڭغا كەلگەندىن كىيىن شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدا كومۇنىستلارنى،ۋەتەبپەرۋەر
زاتلارنى،زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا بارماي
ئاخىرى نەنجىڭ داشۆسىدە ئوقۇغان.بۇ چاغدا مامۇت سىجاڭ ۋاپات بولغان،نامىزىنى
چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ
  يەرلىككە قويغان.


چىڭگىزخان ئاخىرى جۇڭگۇنىڭ مىسىردىكى باش
ئەلچىخانىسىدا بىر مەزگىل ئىشلەپ1947-يىلى1-ئايدا مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ
كەلگەن.15كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن
بۈگۈر يېڭىسارغا كېلىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندىن كىيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ
جىجۇڭ،مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى ماشىنا ئەۋەتىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارىتىدە
كوجاڭ،قوشۇمچە سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.(ئەيسا
بەگ رەئىس ئىدى).مۇشۇ ۋاقىت بېتىم بۇزۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى راۋاجلانغان
مەزگىل بولۇپ توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىنىڭ ھاكىملىرى ھاكىملىقنى تاشلاپ
غۇلجا تەرەپكە قېچىپ كەتكەن.بۇ ئۇرۇنلارنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى
مۇرەككەپلىشىپ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۈچ ناھىيىگە جەمىيەت تەرتىپىنى تىنجىتىپ
باشقىدىن ھاكىم سايلاش ئۈچۈن ئىنىم چىڭگىزخاننى باشلىق،لى….نى مۇئاۋىن باشلىق
قىلىپ 25دەك كىشىنى 1947-يىلى7-ئاينىڭ15-كۈنى توخسۇن،تۇرپان،پىچان ناھىيىلىرىگە
ئەۋەتىپ توخسۇن ناھىيىسىگە ھامۇت داموللىنى ھاكىم،تۇرپانغا ئابدۇراخمان موھىتىنىڭ
ئورنىغا ئابلىمىت دېگەن چوڭ ئاخۇننى شەنجاڭ،پىچان ناھىيىسىگە لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئىنىسى
ئىسكەندەر غوجىنى ھاكىملىققا بەلگىلەپ تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىپ ۋەزىپىنى
تاماملاپ8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغان.بۇ خىزمەتكە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ
بارغان
.


ئىنىم
ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان بۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.1948-يىلىئۇيغۇر
ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە جاڭجېشىنى زۇڭتۇڭ سالايدىغان ۋەكىل
نامزاتىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەندە چىڭگىزخاننى بۈگۈردىن ۋەكىل قىلىپ كۆرسەتتى.شۇ يىلى4-ئايدا
بېيجىڭغا بېرىپ9-ئايدا قايتىپ كەلدى.جىياڭ جېشىنى زۇڭتۇڭ سايلايدىغان قۇرۇلتايغا
بېرىپ قاتناشتى.قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر بىر ناھىيە،ۋىلايەت
ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن باردى ھەم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دىنى
نازارەتكە باشلىق بولۇپ ھەر بىر ناھىيىنىڭ چوڭ ئاخۇنلىرىنى بېكىتىش،تەستىقلاش
ئىشلىرىنى بېجىردى
.


  1949 -يىلى7-ئايدا تۇغقان يوقلاش ۋە ئارام ئېلىش
ئۈچۈن بۈگۈر يېڭىساردىكى ئائىلىمىزگە كەلدى.9-ئاينىڭ21-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئۆلكىلىك
تەمىنەت نازارىتىنىڭ نازىرى مەمتىمىن بۇغرا،باش كاتىپ ئەيسا بەگ،قۇربان قوداي،ھاجى
ياقۇپ،ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر پولات قادىر قاتارلىق كىشىلەر ئۈچ ماشىنىدا
  يۈك-تاقنى بېسىپ يېڭىساردىكى بىزنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ چىڭگىزخان بىلەن  كۆرۈشۈپ بىر ئاخشام قونۇپ ئەتىسى جەنۇپقا(چەتئەلگە) قاراپ ماڭغاندا سىدىق
بەگنى بىرگە كىتەيلى دېسە ئۇنىمىدى.ئىنىم چىڭگىزخاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي بىرگە
ئېلىپ ماڭدى.ئىنىم ئۇلار بىللە ماڭغاندا 7 دانە يامبۇ،400سەر ياڭچەن،17سەر ئالتۇن
ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ قەغەز پۇلنى ئېلىپ ماڭدى.چىگىرىغا بارغاندا باشقىلار
چىگىردىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىنىم ئۆتەلمەي(كىچىكىپ قېلىپ)يەركەندە ئىككى ئاي تۇردى.قەشقەردە
تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ئۇكامنى يەركەندىن قەشقەرگە چاقىرتىپ
  قەشقەر خانلىق مەدىرىستە خەلق ھۆكۈمىتى،قەشقەر،ئاقسۇدىن چاقىرتقان دىنى
زاتلارنى ئۈچ ئاي تەربىيلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ،ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا
ئېلىپ1950-يىلى 7-ئايدا قەشقەر تۈرمىسىدىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ بىر يېرىم
يىلدىن كىيىن1952-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
.







مەنبە:بايىنغۇلىن
تارىخى ماتىرىياللىرى4-توپلامدىن ئېلىندى.(1990-يىلى1-ئاي نەشىرى
)


dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 15:36:26

dawanqi  ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان(چىگرىدىن چىقماقچى بولغاچقىمۇياكى سايلاممۇ ،ياكى بەك ئۇقۇپتىمۇ ،ياكى ياپۇنغا بارغاچقىمۇ ) نى نىمىشقا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاننى دىمەپتۇ .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 17:34:42

رىسقى تۈگەپتىكەن .

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:08:50

ئۇ ئەينى چاغدا ۋەتەن خائىنى دەپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنكەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:50:31

1932-يىلدىن1934-يىلغىچە3يىل قەشقەر دىنىي خانلىق مەدىرىستە ئوقۇپ داموللا دېگەن ئۈنۋاننى ئالغاندىن كىيىن ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن1936-يىلغىچە ھىندىستانغا بېرىپ ئىككى يىل دىنى دەرس ئوقۇغان.1937-يىلىدىن1942-يىلىغىچە 6يىل ئەرەبىستاندىكى مەككىدە ئوقۇغان.

---------

پاسپورت بېجىرىش ئاسانكەنتۇق ھە

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 19:32:21

3- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ ئەينى چاغدا ۋەتەن خائىنى دەپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنكەن.



نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! \"\"\"\"

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 19:34:39

3- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ ئەينى چاغدا ۋەتەن خائىنى دەپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنكەن.



نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! \"\"\"\"

zulpikar20 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 19:34:41

3- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ ئەينى چاغدا ۋەتەن خائىنى دەپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنكەن.



نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! \"\"\"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 20:09:52

ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدە ، ئۇنداق شەرەپلىك ماقامدا ئۆلۈش ھەممە كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ ،ئەينى ۋاقىتتا نىمىشقا

ھىلقى ئەپەندىلەر بىلەن چىقىپ كەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى پەرەز قىلىش تەس بولمىسا كىرەك ! \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 23:50:00

چىگرادىن چىقىپ كەتمەي قايتىپ كەلگەن ۋەتەن خائىنىكەندە.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 00:18:39

2000- يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەلقئارالىق مەدىنىيەت مىراسلىرىنى خۇلاسىلاش يىغىنىغا جوڭگۇدىن ۋەكىل بولۇپ شۇ يىغىنغا قاتناشقان تەيۋەنلىك بىرىگە, بىر چەتئەللىك شۇنداق دېگەنكەن: سىلەر جۇڭگولۇقلار 20- ئەسىردە نېمە مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈردۈڭلار, سىلەر 20- ئەسىردە مەدەنىيەت ياراتمىدىڭلار, ئەكسىچە نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتنڭلارنى ۋەيران قىلدىڭلار...

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 00:29:06

&quot;nakil&quot;9- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چىگرادىن چىقىپ كەتمەي قايتىپ كەلگەن ۋەتەن خائىنىكەندە.&quot;/nakil&quot;


ئۆيۈڭلىدىن تولا تالاغا قاترىماڭلار جۇمۇ, خوتۇنۇڭلار سىلىنىمۇ يوتقان خائىنى دەپ دارغا ئېسىۋەتمىسۇن.
<چاقچاق قىلغان چىراي ئىپادىسى>

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 00:31:47

&quot;nakil&quot;9- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چىگرادىن چىقىپ كەتمەي قايتىپ كەلگەن ۋەتەن خائىنىكەندە.&quot;/nakil&quot;


ئۆيۈڭلىدىن تولا تالاغا قاترىماڭلار جۇمۇ, خوتۇنۇڭلار سىلىنىمۇ يوتقان خائىنى دەپ دارغا ئېسىۋەتمىسۇن.
<چاقچاق قىلغان چىراي ئىپادىسى>

olive يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 01:33:23

ئۆز ۋاقتىدا مەھموت مۇھىتىغا ئەگىشىپ بارغانلاردىن بىرىنىڭ ياپۇن جەسۇسى دىيىلىدىغان سىزىكى سىمىكو (لىڭمۇ جۇزى)ئىسىملىك بىرى بىلەن توي قىلغان ھەم ئۈچ بالىلىق بولغان.سىمىكو ئىسلامغا كىرگەن.بۇ خانىمنىڭ چۈمپەردىلىك ئايال ناملىق رومانى بار.ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغانمىش.

مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاكىسى مۇسۇل مۇھىتى 1941-يىلى توكيودا ۋاپات بولغان.قەبرىستانلىقى ھازىر توكيو تاما زەرەتگارلىقىدا.

مەھموت مۇھىتىغا ئەگىشىپ بارغان يەنە بىرەيلەن،ئىمىن ئىسلام ،توكيو جامىنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئىمامى بولغان.

چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى ئۇرۇشى بولغاندا تۈركىيە ئىتتىباقداش دۆلەتلەر بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقان.يارىدارلار ياپۇنىيەگە ئەپ كىلىنىپ داۋالانغان.ۋاپات بولغانلار ئوخشاشلا تاما زەرەتكارلىقىغا ۋاقىتلىق دەپنە قىلىنغان.

شۇنىڭدىن كىيىن توكيو جامى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ياپۇنىيەدە تۇرۇشلۇق كۇنسۇلخانىسىغا قاراشلىق بولغان.ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياپۇنىيەگە پاناھلىق ئىزدەپ بارغان مۇسۇلمانلار ياپۇنىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.……



ئالدىنقى قېتىم بىر ئىنكاسىمدا مۇسۇل مۇھىتىنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا تىلغا ئالغان ئىدىم.

سىزىكى سىمىكو خانىم يازغان چۈمبەردىلىك ئايال دىگەن كىتاپنى تاپالىسام كاللامدىكى بەزى تۈگۈنلەرگە يىشىم چىقاتتى.



ئىشقىلىپ مۇھىتى ئائىلىسىنى ئاقلاش كېرەك.

ئاكا ئۇكا ھۈسەيىنبايلارغا ئوخشاشلا،مۇھىتى ئائىلىسىمۇ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاقسۈڭەكلەر ئائىلىسى قاتارىغا كىرىدۇ.

aymakbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 13:04:27

\"\" \"\" بىز بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشتى دەيلى

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 13:05:52

@olive

دەۋاتقىنىڭىز ياپۇن جاسۇسلۇق ئورگىننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قاتار پىلانلىرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ زىمىنغا ئەۋەتىلگەن جاسۇسىغۇ ،شۇ بولسا بىر ماتىريالدا بۇ ئايال ۋە مۇھىتى ئائىلسىدىكىلەر توغۇرلۇق تەپسىلى توختالغانغۇ دەيمەن ،،،،، بۇ توغرىسىدا ھازىرچە ئىزدىنىش ئارتۇقچە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، \"\"

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-9-11 17:30:56

چىڭگىزخان داموللامنىڭ تەرجىمھالىنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغىنىمدا مۇشۇنداق كاتتا كىشىلەرمۇ ئۆتۈپتىكەن دەپ قالغان ئىدىم. ئاشۇ دەۋىرلەردە خەنزۇتىلى ئۆگىنەلىگەنلەرگە قايىل بولماي ئامال يوق. مەسىلەن: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، چىڭگىزخان داموللام دېگەندەك. ھازىرقىدەك ئاددىي خەتلىرى نېمىش قىلسۇن، ھەممىسى 20-30بىخۇالىق خەتلەر، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە كىتاب، خەت-چەكلەردە قەدىمكى ئەدەبىياتىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىشتىكى سەۋر-تاقىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز.
بەت: [1]
: چىڭگىزخان داموللامنىڭ تەرجىمھالى