tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 13:29:21

جۇڭگودىكى 10 پىشقەدەم تىۋىپنىڭ بىرى ھارۇنخان ھاجىنىڭ بەزى رېتسىپلىرى



ھارۇنخان ھاجى، ئەر،
98ياش، تۇرپاندىن، جۇڭگودىكى 10پىشقەدەم تېۋىپتىن بىرى، جوڭنەنخەيدە پىنسىيەدە،
بېيجىڭدىكى كېسەل كۆرۈش ھەققى ئەڭ يۇقۇرى تېۋىپ. ئۇنىڭغا كېسەك كۆرسىتىش ئۈچۈن،
خېلى ۋاقىت بۇرۇن كېلىشىپ قويۇش كېرەك، پەقەت نۇمۇر ئېلىش ھەققىلا1200 سوم، بىراق
ئالىدىغان دورا نەچچە سوملۇقلا.

ھارۇنخان ھاجىنىڭ كۈتۈنۈش ئىددىيىسىنى دوستلار
بىلەن ھەمبەھرلىنەيلى.

يۇقۇرى قان بېسىم:

بانان پوستى 30گرام، ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىلىدۇ، ھەر كۈنى 3 ۋاق، بىر ئايدا ئۈنۈمى
كۆرۈلىدۇ.

تىبابەتتە ئىشلىتىدىغان لۇپنۇر كەندىرى، قايناقسۇغا چىلاپ ئىچىلىدۇ،
ھەر كۈنى 15 گرام، يېرىم ئايدا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

ئاقشاكال(كۈمۈش ئۆرۈك، گىنكو
دەرىخى) نىڭ يوپۇرمىقىدىن 15 گرامنى قايناقسۇغا چىلاپ ئىچىلىدۇ، يېرىم ئايدا ئۈنۈمى
كۆرۈلىدۇ.

تۆۋەن قان بېسىمى:

(1) چۈچۈكبۇيا 20گرام، دارچىن شېخى،
دارچىنلارنىڭ ھەربىرىدىن 40 گرام، يۇقارقىلارنى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن چاي دەملەپ
بىر ھەپتە ئىچىپ بېرىدۇ.

قاندا ماي قويۇلۇپ قېلىش:

(1) ئالقات قېقى10گرام،كۆپ
يوپۇرماقلىق قامچىئوت،سانا،دۇلانىلارنىڭ ھەربىرى 15گرام،چۆل يالپۇزى20گرام سۇدا
قاينىتىپ ئىچىلىدۇ، ھەر كۈنى ئىككى ۋاق، تۆت باسقۇچتا ساقىيىدۇ(بىر داۋالاش باسقۇچى
يەتتە كۈن).

(2) دۇلانە، ئاقشاكال(كۈمۈش ئۆرۈك، گىنكو دەرىخى)
يوپۇرمىقى،قامچىئوتلارنىڭ ھەربىرى 15گرام چاي دەملەپ ئىچىلىدۇ.ئۈزمەي تۆت باسقۇچ
ئىچىدۇ(بىر داۋالاش باسقۇچى يېرىم ئاي).

يۈزدىكى
داغ(سەپكۇن):

ئاشكۆكى(يۇمغاقسۈت) نى قاينىتىپ ،بىر كۈندە ئۈچ ۋاق يۇيىدۇ، بىر
باسقۇچتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

پۇت تەرلەش، پۇت پۇراش:

ئاق تۇرۇپ( لوبۇ) نى
قاينىتىپ، ھەركۈنى كەچ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق ھالىتىدە 30مىنۇت چىلاپ يۇيىدۇ.
ئۈزۈلدۈرمەي يېرىم ئاي يۇغاندا ساقىيىدۇ.

بېرىبېرى 

بىر جىڭ كۈدىنى سۇدا ئون
مىنۇت قاينىتىپ پۇتنى چىلاپ بېرىدۇ، ھەر كۈنى بىر ۋاق،بىر قېتىمدا 20مىنۇت، ئۈچ
كۈندە يىلتىزىدىن ساقىيىدۇ.

نېرۋا زەئىپلىشىش:

پۈچەك بۇغداي 50گرام،قارا بۇيا
24گرام، چوڭ چىلان 20گرام، ياۋاچىلان مېغىزى30گراملارنى ئارلاشتۇرۇپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىلىدۇ، ھەر كۈنى بىر ۋاق، بىر ئايدا ساقىيىدۇ.

چىش ئاغرىقىنى دەرھال
توختۇتۇش:

بىر سەر ئاق ھاراققا ،15گرام دېۋىرقاينى، ئىككى سائەت چىلىغاندىن
كېيىن پاختىنى ھاراققا مىلەپ چىشنىڭ ئاغرىغان جايىغا قويۇپ، چىڭ چىشلەيدۇ، بەش
مىنۇتتىن كېيىن ئاغرىق توختايدۇ،قۇرت يېگەن،سوغۇقتىن بولغان ھەممىسىنى
تازلايدۇ.

چىش ئاغرىقىنى يىلتىزىدىن داۋالاش:

ھەرە كۆنىكى،قارا شېكەرلەرنىڭ
ھەربىرى بىر جىڭ، ئىككى چىنە سۇ قۇيۇپ، بىر يېرىم چىنە سۇ قالغۇچە قاينىتىپ،
بىمارغا ئىچكۈزىلىدۇ، 30 يىلغىچە ئاغرىمايدۇ.

ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى:

تاۋۇز
شاپىقىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، كۆيدۈرۈپ قورۇپ، ئاز مىقداردا بورنىئولنى سوقۇپ
تالقانلاپ، ھەسەل بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەپ، كېسەل ئۇرۇنغا سۈركىلىدۇ، ئۈنۈمى
ئۆزگىچە.

ئېغىز پۇراش:

قۇيۇق دەملەنگەن چاي يوپۇرمىقىغا ئاز مىقداردا تۇز
قوشۇپ، ئىغىزنى چايقايدۇ، بىر كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە، ئۈچ كۈندە
ساقىيىدۇ.

يۇتقۇنچاق ياللۇغى:

لامنارىيە(خەيدەي) دىن بىر جىڭنى پاكىز يۇيۇپ،
بىر قاينىتىپلا سۈزۈپ ئېلىۋېلىپ،بىر جىڭ ئاق شېكەرگە مىلەپ قويۇپ، ئىككى كۈندىن
كېيىن يېيىلىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق، ھەر قېتىمدا ئوتتۇز گىرام، بىر قېتىمدا
يەڭگىللەيدۇ، ئىككى قېتىمدا ياخشىلىنىدۇ،ئۈچ قېتىمدا يىلتىزىدىن
ساقىيىدۇ.

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى:

كۈدە(جۈسەي) يىلتىزىنىڭ چىرىگەن يەرلىرىنى
ئېلېۋېتىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئاز مىقداردا بورنېئول قوشۇپ، قۇلاققا
تېمىتىلىدۇ، ئۈنۈمى ئۆزگىچە.

قۇلاق غۇڭۇلداش ئاڭلىماسلىق:

ئەركەك قاغا بىر
تالنى تۆت جىڭ شاراپتا قاينىتىپ پۇشۇرغاندىن كېيىن ئىسسىق پېتى يېيىلىدۇ،
ئۈزۈلدۈرمەي بەش تال يەيدۇ. ئۈنۈمى ئۆزگىچە.

زۇكام:

ئاشكۆكى(يۇمغاقسۈت) بىر
باغلام، سوڭپىيازنىڭ پۆپۈكىدىن بەش تال، ئون تال زەنجىۋىل قەلەمچىسى بىلەن سۇدا
قاينىتىپ، بىر سەر قارا ناۋات قېتىپ، قىززىق ئىچىلىدۇ. بىر كۈندە ئىككى قېتىم، بىر
كۈندە ساقىيىدۇ.

باشنىڭ يېنى ئاغرىش:

خام تۇرۇپنىڭ سۈيى مۇۋاپىق
مىقداردا،ئوڭدا يېتىپ تۇرۇپ بۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ، سول تەرەپ ئاغرىغان بولسا ئوڭ
بۇرۇنغا، ئوڭ تەرەپ ئاغرىغان بولسا سول بۇرۇنغا قۇيۇلىدۇ. ئىنتايىن شىپالىق. ئاز
مىقداردا بورنېئول قوشۇلسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

باش ئاغرىقىنى
داۋالاش:

داغۇر داڭگۈيى تۆت گرام، بورنېئول ئىككى گرام،ئاسارۇم ئىككى گراملارنى
تالقانلاپ، قەغەزنى نەيكە قىلىپ ئوراپ ئىچىگە سېلىپ، بۇرنى بىلەن شورايدۇ(ئەسەبىي
باش ئاغرىقىغا).

باش قېيىپ ئاغرىش:

بىر سەر كەتىرا، بىر سەر گاسترودىيە
ئوتىدا ، سېرىق مېكىياندىن بىرنى دۈملەپ پۇشۇرۇپ يېيىلىدۇ، ئۈزمەي ئۇچنى يېگەندىن
كېيىن شىپا تاپىدۇ.

گېمورۇي (بوۋاسىر):

تېرە ئاشلايدىغان تۇزدىن بىر سەر،
تۇخۇمەك دېنىدىن يېرىم جىڭنى سۇدا قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، يەتتە
كۈندە شىپا تاپىدۇ.

جىنسى لەۋ قىچىشىش، قوڭى قىچىشىش:

500گرام
ئاچچىقسۇ(سىركە)غا بەش گرام تۇز قوشۇپ يۇيۇلىدۇ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق.

بۇرۇن
قاناش:

(1) سول بۇرۇن قانىسا ئوڭ قۇلاققا، ئوڭ بۇرۇن قانىسا سول قۇلاققا
پۈۋلىنىدۇ، قان دەرھال توختايدۇ.

(2) چاچنى كۆيدۈرۈپ چىققان كۈلنى بۇرۇنغا
پۈۋلەپ كىرگۈزسە قان دەرھال توختاپ،يىلتىزىدىن ساقىيىدۇ (ئەرلەر ئانىنىڭ چېچىنى،
ئاياللار دادىنىڭ چېچىنى ئىشلىتىدۇ) .

بۇرۇن ياللۇغى:

بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن
30گرامنى يەڭگىل سوقۇپ، ساپلىق چۈمۈچكە قويۇپ، 50گرام كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ قاينىتىپ،
بۇدۇشقاق ئۇرۇغىنىڭ ئۇۋۇندىلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، ماينى بۇرۇنغا تېمىتىدۇ، بىر
كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە.

گىلاۋكوما:

ئاپتاپپەرەسنىڭ تۇۋىقى(گازىر
تۇۋىقى)دىن ئۈچنى تولۇق قۇرۇتۇپ، سۇدا قاينىتىپ يېرىمىنى ئىچىدۇ،يېرىمىدا كۆز
قىسمىنى يۇيىدۇ، يېرىم ئايدا شىپا تاپىدۇ.

كۆز ياشاڭغۇراش،مۆڭگۈز پەردە
ياللۇغى:

بېلىق ئۆتىنى كۆزگە تېمىتىدۇ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق، يېرىم ئايدا شىپا
تاپىدۇ.

چىراينى تېز سۈرئەتتە گۈزەللەشتۈرۈش:

ئۈچ تال تۇخۇمنى ، تۆت كۈندىن
يەتتە كۈنگىچە ھاراققا چىلاپ، ھەركۈنى تۇخۇم ئېقىنى يۈزگە سۇۋايدۇ، يەتتە كۈندە
يۈزى قاردەك ئاقىرىپ قار مەلىكە بوپ كېتىدۇ.

دانىخورەك:

مامكاپتىن ئىككى
سەرنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىدۇ، بىر كۈندە ئازراق ئۈنۈمى بولىدۇ، يېرىم ئايدا شىپا
تاپىدۇ.

قول پۇتلىرى يېرىلىش:

ئەفەس ( جوڭگۇ موزىسى)نى بەلگىلىك مىقداردا
تالقانلاپ، كالا يىلىكى ياكى زەمچە بىلەن تەڭشەپ يېرىققا چاپىدۇ، بەش كۈندە شىپا
تاپىدۇ.

قارا داغ:

كىرەش(داڭگۈي)دىن يېرىم جىڭنى بىر چىنە سۇدا قاينىتىپ، بۇ
سۇنى داغ بار ئورۇنغا سۈركەيدۇ، يېرىم ئايدا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

مۆرە ئەتراپى
ياللۇغى:

زەنجىۋىل بىر سەر،تارو(كولكاز) ئىككى سەرنى سېمۇنتتەك يۇمشاق ئېزىپ،
خالتىغا قاچىلاپ ئاغرىغان جايغا چاپلىنىدۇ، بىر كۈندە ئىككى ۋاق، تۆت باسقۇچتا
ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ( يەتتە كۈن بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىنىدۇ).

خولېتسىستىت(ئۆت
خالتىسى ياللۇغى):

كۆممىقوناقنىڭ ساقىلى 30گرام، مامكاپ،قىل يوپۇرماقلىق
ئەمەننىڭ ھەربىرى15گرام.سۇدا قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. بىر كۈندە ئۈچ ۋاق، بىر ئايدا شىپا
تاپىدۇ.

ئۈچەي ئاشقازان ياللۇغى:

بېيە(بېھى) 100گرام، يېسمۇق(ياپىلاق
پۇرچاق)100گرامنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ يېسمۇقنى يەيدۇ،شورپىسىنى ئىچىدۇ، بىر
كۈندە ئىككى ۋاق، يېرىم ئايدا يىلتىزىدىن ساقىيىدۇ.

رېماتىزىمسىمان بوغۇم
ياللۇغى:

ئىككى سەر قىزىلمۇچنى ئىككى جىڭ ئاق ھاراققا يەتتە كۈن چىلاپ،ياللۇغ
ئورۇن يۇيۇلىدۇ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق، يېرىم ئايدا شىپا تاپىدۇ.

كېكىردەك
ياللۇغى:

قورۇلغان شاپتۇل مېغىزى، ئاقمۇچ شېخى، ئېفېر(ئېتىل ئېفىر) لارنىڭ
ھەربىرى 25گراملارنى ئېزىپ ئۇۋاقلاپ،تۇخۇم ئېقى بىلەن تەڭشەپ، ئەرلەر سول، ئاياللار
ئوڭ تاپىنىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چاپلايدۇ.

ئۆتكە تاش چۈشۈش:

قانىسە (توخۇ
تاشلىقىنىڭ ئىچكى پەردىسى)دىن 10گرامنى قۇرۇتۇپ ئېزىپ، قايناقسۇغا چېلىپ ئىچىدۇ،
بىر كۈندە ئۈچ ۋاق، بىر ئايدا شىپا تاپىدۇ.

بۆرەككە تاش چۈشۈش، سۈيدۈك يولىغا
تاش چۈشۈش:

ياڭاق مېغىزى، ناۋات ھەر بىرى 20گرام، كۈنجۈت يېغى50گرام، ئىلمان
قايناقسۇغا چېلىپ ئىچىلىدۇ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت، بىر ئايدا شىپا
تاپىدۇ.

ئاشقازان كېسىلى:

مېھرىگىياھ25گرام،تاغدېنى، سۇھدى ھىندى(سىپېرۇس
ئوتى) ھەر بىرى 20گرام،سۇمبۇل(جوڭگۇ سۇمبۇلى) 15گرام،سۇدا قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. بىر
كۈندە بىر ۋاق، يېرىم ئايدا شىپا تاپىدۇ.


تەرجىمە قىلغۇچى : مۇنبەردىكى  newstar


تادۇبەگنىڭ كۆلبىسى دىن ياردەم، بىلىدىغانلارھارۇنخان ھاجى ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇمات بەرسەڭلار ، بۇ كىشىنى بىلمەيدىكەنمەن .

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 14:41:31

جانغا ئەسقاتقۇدەك، رەھمەت..

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 15:12:42

خوتەن تەرەپلەردە كېسەل داۋالاشتا ھاراق ئىشلىتىدىغان ئىش يوق دېيەرلىك، كۇلىدا ئىشلىتىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ،

بۇ رېتسىپلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىچكىرىدىكى خەنزۇلارغا پايدا قىلغاندەك پايدا قىلىشى ناتايىن، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يەرلىكتىكى تېۋىپلار...

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 16:27:45

‹‹سىلەرنىڭ كىسىلىڭلارنىڭ شىپاسىنى ھارام نەرسىلەردە قىلمىدۇق››دىگەن مەشھۇر ھەدىس بار.لىكىن ما ھاجىم ئىچكىرىدە ئۇزۇن تۇرۇپ مىنكوۋخەن تېۋىپقا ئۆزگىرەپ كەتتىمۇ نىمە؟ھاراق بىلەن دېۋىرقاينى ئارلاشتۇرۇپ چىش داۋالايدىكەن.....

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 16:46:09

ئۈندىداردا تارقىلىپ يۇرىيدۇ بۇ ھاجىم

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 17:00:23

كۆپتىن - كۆپ رەھمەت سىزگە ، ياخشى رېتسىپلاركەن .

togrul يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 17:49:28

خەتكۈچ

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 17:59:08

تەرجىمە قىلغۇچى بىلمەيلا تەرجىمە قىپ ساپتۇدە\"\"...

ئەسىلى بۇ خەنچە تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن پاراڭكەن. نەچچە خىل ۋارىيانتىنىڭ پەرقى پەقەتلا ئاتالمىش تىۋىپنىڭ ئىسىمى ۋە يۇرتى بولۇپ، قالغان مەزمۇنلار پۈتۈنلەي ئوخىشاش.




1. 王永钢,男,98岁,中国10大名老中医,退休中南海,北京诊金最高的中医。找他看病,要提前许久预约,仅挂号费就1200元,但拿的中药却几块钱。

王永钢的养生理念,与朋友们分享。

高血压:


http://blog.renren.com/share/400164047/16072824109



2. 于彤,女,98岁,中国10大名老中医,退休中南海,北京诊金最高的中医。找她看病,要提前许久预约,仅挂号费就1200元,但拿的中药却几块钱。


http://www.360doc.com/content/13/0801/09/2563128_303966618.shtml


3. 徐文兵...


http://tieba.baidu.com/p/2449943064


....


مۇشۇنچىلىك مىسال ئالاي، بۇنىڭ  ئىچىدە يولداش 徐文兵 خېلى نامى بار تېۋىپ ئوخشايدۇ،


لېكىن 98 ياشقا كىرمەپتىكەن.


تەرجىمھالى: 徐文兵





ئەمدى تېمىدا نامى ئاتالغان ھارۇنخان ھاجىغا كەلسەك، بۇياق ھېيتگاھ مەسجىتنىڭ ئىمامى بولغان، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان كىشىكەن.


http://www.zytzb.org.cn/09/party/yingcaifengmao/200909/t20090922_574510.html


阿荣汗阿吉





يېقىندىن بېرى ئۇندىداردا يالغان، ئىشەنچسىز خەۋەرلەر بەك كۆپىيىپ كەتتى. مۇمكىن بولسا كۆرگەنلا خەۋەرنى تارقىتىپ يۈرمىسەك...

مۇشۇنداق قىلىپ ئادەم ھەممە خەۋەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بوپ قالمىسا بولاتتى. \"\"






azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:00:06

رەھمەت تادۇبەگ \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:02:08

مەنمۇ بىر يالغان خەۋەرنى تارقىتىپتىمەندە، نېمىشقا بىلمەيمەنكىن دېسەم يوق ئادەمكەندە بۇ .

خېلى ئۇزۇن قۇلاقتىم بولمىسا.

رەھمەت ئەمدى بۇ خەۋەرنىڭمۇ راست يالغىنىنى بىلدۇق، ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى رېتسىپلارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:07:01

قوشۇمچە پاراڭ، مۇنداق ئىشلارمۇ بوپتىكەن. 阿吉·普鲁亚



تادۇبەگ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسىلىگە بەلەن پايدا قىلىدىغان 普鲁亚 دىگەن دورا رايونىمىزدا قانداق نام بىلەن ئىشلىنىپ سېتىلىۋاتىدۇ، يوقمۇ يە؟


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:08:59

ئۇيغۇرچىسى نىمە ياكى ئاھاڭ تەرجىمىسى

function يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:10:45

ھارۇنخان ھاجىنى ئىمام بولغان دەپ ئاڭلىغان، لېكىن تېۋىپلىق ھۆنىرىنى ئاڭلىماپتىكەنمىز.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:12:37

\"\"مۇشۇ ئەدەممۇ نىمە ؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:25:12

ئۈستىدىكى خۇبېيلىق بىر بىمارنىڭ سۈرىتىمۇ ياكى مۇشۇ تېۋىپنىڭمۇ؟


http://news.timedg.com/2012-06/04/content_10399710.htm


ئالدىنقى يىللىرى ئىچكىرىدىكى تاراتقۇلاردا ئاز بولمىغان خەۋەرلەر بېرىلىپتىكەن.


بايام مۇشۇ كىشىنىڭ خەنچە ئسىمى بىلەن ئاتالغان ئۇ دورىنىڭ ئۇيغۇرچىغا يېقىنراق يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇچرىغان ئەمدى تاپالمىدىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 19:07:25

{:107:}  \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 20:29:28

پىلانلىق تۇغۇت دەيدىغان بىر نەرسىگە قول قويغان ئادەمنىڭ ئىسمىغا ھەجەپ ئوخشايدىكەن ،،،شۇمىدۇ يە  {:92:}

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 20:59:20

قالايمىقانچىلىق بوپ كىتىپتۇ ئاۋۇ رىستىپلار جىڭمۇ يا ، تاس قاپتىمەن شۇ رىستىپ بويىچە يەپ سالغىلى سەپسەتە بولسا دەرھال ئاپىرىپ سولىۋەتمەمدۇق ، ئاڭلىسام سەپسەتە تارقاتقانلار 500 ئادەم كۆرگەن بولسا ئاپىرىپ سولايدىكەن ھە \"\"

ما تېمىنى 700 ئادەم كۆرۈپ بوپتۇ ... \"\"

jalinus يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 21:13:25

10- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قوشۇمچە پاراڭ، مۇنداق ئىشلارمۇ بوپتىكەن. 阿吉·普鲁亚



تادۇبەگ، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسىلىگە بەلەن پايدا قىلىدىغان 普鲁亚 دىگەن دورا رايونىمىزدا قانداق نام بىلەن ئىشلىنىپ سېتىلىۋاتىدۇ، يوقمۇ يە؟


بۇ پولونىيا دىگەن دورا بولسا كىرەك ئاھاڭىدىن، ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئون چونە مۆتىۋەر دورىنىڭ بىرسى، ئاجايىپ ئۈنۈملىرى بار.




بەت: [1] 2
: جۇڭگودىكى 10 پىشقەدەم تىۋىپنىڭ بىرى ھارۇنخان ھاجىنىڭ بەزى رېتسىپلىرى