ھېلىقىدەك رەسىملەر ئۈچۈنچى سان توپلىمى
بۇنداق نادىر كۆرۈنۈشلەرنى پەقەت جوڭگۇ پۇتبولچىلىقىدىلا كۆرەلەيسىز
بومبا دىگەننى مۇشۇنداق تازىلىسىلا پاكىز تازىلىغى بولىدۇ
پاركور دىگەننى ھەممە ئادەم ئوينىيالايدىغان ئىش ئەمەس
نەق مەيدان مۇخبىرلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ، شۇڭا ئۇيغۇرلاردا نەق مەيدان مۇخبىرى يوق
ئۇششاق بالىلار دوراشقا بولمايدىغان ھەركەت
ئۇرۇندۇقتا ماھارەت كۆرسەتكەندە ئۇرۇندۇقتەك يېقىلىش لازىم
سىنىپتىكى خاسىيەتلىك ئادەم ، ئادەم قۇتقۇزۇشقا ئالدىراپ مېڭىش كىرەك
سەھرادا يازدا سۇغا چۆمۈلگىلى بارغان چاغدا چۇقۇم كىيىم كەيمەسلىك لازىم
يولدىن ئۆتكەندە قىزىل پىيادىلىكلەر يولىدىن مېڭىشنى ئۆگۈنۈڭ
بالىلارغا تىكتاك توپ ئويناشنى ئۆگۈشكە بولىدۇ ھەرگىزمۇ زەيتۇن توپ ئېلىپ بەرمەڭ
ھېلىقىدەك دېگەن گەپنىڭ مەناسىنىڭ نەگە بارىدىغىنىنى بىلمەيدىغان ئوخشىمامسىز؟ ئاستىدىن ئىككىنچى رەسىمنى كۆرۈپ بىر نەرسىنى ئويلاپ قالدىم.... لىكىن مەن جەنۇبى ئافرىقا زۇڭتۇڭىغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن
زەيتۇن توپنىڭ پۇلبۇندىن قىلىشمىغۇدەك جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ بارلىغىنى ھىس قىلدىم مىنىڭكىدە ھەجەپ قىتىپ قىلۋاتىدۇ بۇرەسىملەر قىزىقارلىق رەسىملەر ئىكەن .تېمىسى دەل قاملاشمىدىمۇ نىمە؟ بىرىنچى رەسىم نەخ بىزنىڭ باللا شۇ ...
جوڭگۇ پۇتبولچىلىقى دەپ قاپسىز لىياۋنىڭ بىلەن ئوينىغاندا يۈز بەرگەن ئىشقۇ بىرنچىسى،مەسخىرە تېمىسى قىلۋالدىڭلارما؟ بولغان ئىش شۇ تۇرسا،چىچاڭشىغان بىكا. مەسخىرە قىلمايمىز دېسەكمۇ، TOP10 چىقىدىغان توپ بولدى ئۇ. مەيلى، 4- لىك بولۇشمۇ ئاسان ئەمەس، ئەمدىكى مەسىلە ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن نەگە بېرىشىدا.
ماۋۇ كىشى ئەينى زاماندا شىنجاڭ ئونۋېرستىتى پەن-تېخنىكا سىنىپىغا مەسئۇل بولغان ئىبراھىمغا ئوخشايدىكەن
شىنجاڭ كوماندىسى مۇداپىئەچىلىرى ئۇ توپتا زەنجىرسىمان سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويدى. بېك قەستەن قايتۇرمىغان توپ بولغاندىكىن ۋارىتار ئەسلىدە تۇتسا بولىۋېرەتتى، ئەپسۇس...لېكىن بۇ يىللىق شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى نەتىجىلەر پۈتۈن جۇڭگونى ئويلاندۇرغىدەك نەتىجىلەر بولدى. پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ
8- قەۋەتتىكى italianoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پەسكەشلىكتە چىكىگە يىتىپسىلەر جۇما
ھازىر تېخى شىنجاڭ u20 ياشلىق بالىلارنىڭ 3- لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياقلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ .
1:0 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ كوماندىسىغا ئۇتتىرىۋەتتى ،
توپ87 مىنۇت بولغاندا كىردى .
مۇسابىقىىسىنى تىلۋىزىيەدىن بولسىمۇ كۆرۈش خوشياقمايدۇ ، مەسخىرە قىلىشقا ئۈلگۈردۇق دەيلى .
ئۇلارنى مەسخىرە قىلغىچە ، سەھەردە مەھەللەڭلىدىكى ئىتتىن سۆڭەك تالىشىڭلا شۇ ئىش سەل ھۇزۇرلۇق سىلەرگە.
ئاددىيسى شۇ توپنى قولدا تۇتۇشقا بولمايدىغاندەك بىر پۇتبول مۇسابىقە قائىدىسىنىمۇ بىلمەيسىلەر ھەقاچان ، ۋارتار ئېرجات قولدىا تۇتىۋالماي نىمىشقا پۇتىنى ئىشلەتتى دەپ .
مەسخىرە قىلىشقا ئىشلەتكەن ئىت كاللىنى ئازراق باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ قويىلى .
ۋارتا مەيدانى ئىچىدىمۇ قولدا تۇتسا بولمامدا قارىم، ئۇ ۋارتارنىڭ قىلغان ھەركەتلىرىنى بۇ يەردىكى كىچىك بالىلارمۇ قىلمايدۇ، ئۇ ۋارىتار چۇقۇم قارشى تەرەپتىن پار يىگەن گەپ. بۇنداق ئىشلار دىگەن كۆپ ھازىر. ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتەرسەك بولىدىكەندە.
ۋاراتارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ئېنىق، ئەمما ئۇنى پارا يېدى دېيىش تۆھمەت. قالايمىقان گەپ قىلمايلى.
12- قەۋەتتىكى Bughra1902نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ كوماندىسى مۇداپىئەچىلىرى ئۇ توپتا زەنجىرسىمان سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويدى. بېك قەستەن قايتۇرمىغان توپ بولغاندىكىن ۋارىتار ئەسلىدە تۇتسا بولىۋېرەتتى، ئەپسۇس...
لېكىن بۇ يىللىق شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى نەتىجىلەر پۈتۈن جۇڭگونى ئويلاندۇرغىدەك نەتىجىلەر بولدى. پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ
ھەممىگە مۇشۇ جاۋاب بولغۇدەك...
تالاشماڭلا باللا...ئۇنچىلىك ئىش دىگەن بوپ تۇرىدۇ ، كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كۈلۈش بىلەن مەسخىرە قىلىش ئىككىسى ئىككى ئىش ، ئوماق خاتالىق بوپتۇ....
پۇتبولدىن ئانچىكى خەۋىرى بار ئادەمگە مەلۇم ، پۇتبول مەيدانىدىكى نۇرغۇن \"ۋەقە\" لەر ئادەمنىڭ ئۆز كونتروللىقىدا بولماستىن تاساددىبى ۋە مەجبۇرەن ھالەتتە بولۇپ قالىدۇ ، ئاددىسى توپنىڭ ۋاراتارغا كىرىشىمۇ پۈتۈنلەي پۇتبولچىنىڭ تېخنىكىسى سەۋەبلىك بولماستىن ئويلىمىغان تاساددىبىلىقلارمۇ مەلۇم پېرسەنتنى ئىگەللەيدۇ . جىددىلىشىش ، چارچاش ، تەجىربىسىزلىك دىگەندەك ئامىللار سەۋەبىدىن بۇنداق تاساددىبىلىقلار كۆپرەك ئۇچرايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ھېچكىمنىڭمۇ يۇقارقىدەك ئەجەللىك (پىشكە كۈلكىلىك) بولغان خاتالىقنى سادىر قىلغۇسى كەلمەيدۇ ، ھەممىسى \"ئۇنداق بۇلارمىكىن دىسەم مۇنداق بوپ قېلىپ\" دىگەندەك گەپلەر ...
لېكىن ئاۋۇ ۋارىتارنى زاڭلىق قىلىش ھەقىقەتەن قاملاشمىغان ئىش ...
بۇنىڭ ھەزىل قىلسا بولمايدىغان نەرى بار؟ئاغىنىلەرنىڭ مازلاشقان قېلىقلىرىنى نەچچە يىل ساز قىلىمىز،ھەتتا لەقەم بوپ قالىدۇ.نەرى خاتا؟كۈلكە چاقچاق زىيان قىلامدۇ يا پىسخىكىدا چاتاق بارمۇ؟؟؟
بۇ باللا پىرىنسىپاللىققا كۆتۈرگىلى ئاران تۇرىدىغان بوپتۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكىدەك. بۇنى تۆۋەن سەۋىيەلىك خاتالىق دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنى زاڭلىق قىلىش سەل تېتىخسىزلىق بولۇپ قالىدىكەن. شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەر جۇڭگو ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنى ئالدىنقى يىلى پەقەت بىر مۇسابىقە پەسلىلا ئوينىدى. بۇلارنى بەك دېسەك ئىشتىن سىرتقى توپچىلار دېسەك بولىدۇ. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا بولغان قوللاشنىڭ، سېلىنىۋاتقان مەبلەخنىڭ قانچىلىكلىكى ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئايان. مۇشۇنداق بىر ھالەتتە تۇرۇپ بۇ بىر يىلدا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلەر كەينى كەينىدىن يارىتىلدى.
مۇداپىئەچىلەر ھەم ۋارىتار سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويدى، ئامال يوق. دۇنياۋى سەھنىدە توپ تېپىۋاتقان ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭمۇ تۆۋەن سەۋىيەلىك خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولغان. بۇ بىر سەۋەنلىك بىلەنلا ئۇلارنى پەندىيات دېگۈزىۋەتمەيلى. پارا يېدى دېگەندەك ماز پاراڭلارنى تېخىمۇ قىلمايلى. جۇڭگو بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە تۆت كۈچلۈككە كىردى. ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بولمىغان ، مەبلەخنىڭمۇ تايىنى يوق ھالەتتىكى بىر كوماندىغا نىسبەتەن بۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ بىر غەلىبە . ۋارىتار ئالدىنقى يىلى ب دەرىجىلىك مۇسابىقە ئوينىغان مەزگىلدە دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى بىلەن مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە يېقىندا ياش چەكلىمىسى بولغان جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندىغۇ دەيمەن ... ئۇنىڭ ئالدىدا بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ ئالدىنقى قېتىم بىلەن بۇ قېتىم ئۇدا ئىككى يىل ھەل قىلغۇچ چەمبىرىكىدىكى مۇسابىقىگە كىردى.بۇ يىل 4 كۈچلۈككە كىرگىنىمۇ چوڭ ئىش.لىياۋنىڭنى خېلى تەمتىرىتىپتۇغۇ.نۇقتا توپتا ئۇتتۇرۇپ قويۇپتۇغۇ.
ئىسىڭلاردىن چىقىپ قالغان بولسا ئىسىڭلارغا سالسام.
ئەزالار ئالماشتىمۇ بىلمەيمەن،ئەمما ئالدىنقى يىلى پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ قايىتقان كوماندا مۇشۇ كوماندا شۇ.
قوللاش مۇشۇنچىلىك بولغان كوماندىنىڭ مۇشۇنچە نەتىجىگە ئېرىشىشى مۆجىزە دىسەك ئېشىپ كەتمەيدۇ.