bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 02:36:52

تۇنجى بالىلار ئاق قان كېسلى گېنى بايقالدى

تۈنۈگۈن (يەنى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئامرىكا ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋىرستىتى (University of Washington) راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار دۇنياغا مەشھۇر گېنتىكا ئىلمىي ژورنىلى  "تەبئەت گېنتىكا" (Nature Genetics) ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار مەخسۇس بالىلىق مەزگىلىدىكى ئاق قان راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر گېننى تۇنجى بولۇپ بايقىغان. گەرچە ئالىملار ئاق قان راكىنىڭ مەلۇم نېسبەتتە ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، لىكىن تا ھازىرغىچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەي كەلگەن ئىدى. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرستىلگەن PAX5 دەپ نام قويۇلغان گېن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتسە ئۇ ھالدا شۇ بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نېسبىتى ئادەتتىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گېن كىيىنكى ئەۋلادقا شۇ پېتى ئېرسىيەت قالىدىغان بولغاچقا كېسەلگە گېرىپتار بولغۇچىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ شۇ كېسەلگە گىرىپتا بولۇش نېسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ زور بايقاش ئارقىلىق مەخسۇس مۇشۇ گېننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بار كىشىلەرنى ئالدىنئالا بايقىغىلى ۋە ھىچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.



http://www.cancer.gov/newscenter/cancerresearchnews/2013/GeneticCauseChildhoodLeukemia

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 13:31:32

رايونىمىزدا بالىلارنىڭ ئاق قان راكىغا گىرىپتار بولغان ۋە بولۇۋاتقان ئۆسمۈرلەر كۆپىيىپ قالدى .بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى ھەققىدە پىكىر قىلىپ بەرسەڭلار بوپتىكەن، ياكى ئۇ كېسەل بۇرۇنمۇ بار بولۇپ ئۇنى بايقىيالمىغانمۇ ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 16:45:48

كۆپىيىپ قالدى دىگەنلىك سىزنىڭ سېزىمىڭىز بولىشى مومكىن.

ئىسستاستىكا نەتىجىسى بولمىسا بۇ تۇغۇرلۇق ھېچنىمە دىگىلى بولمايدۇ.

ئەگەر رايۇنىمىزنىڭ بۇ خىل كىسەللىك بىلەن گىرىپتار بولۇش ئوتتۇرىچە نىسپىتى باشقا رايۇنلار بىلەن،ياكى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە نىسپىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولسا ئاندىن دېققەتنى تارتىدۇ.ئاندىن بۇ خىل كىسەللىكنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە،نەتىجىسىگە قاراپ پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا،بۇندىن كىيىنكى ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن............ئىستاستىكا نەتىجىسى بولغاندىن كىيىن ئاندىن بولىدىغان ئىشلار بولىدۇ.

ئەمما رايۇنىمىزلا ئەمەس،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بۇ توغۇرلۇق مەلۇماتلىرى دۆلەت مەخپىيەتلىكى دەرىجىسىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

شۇڭا زىيادە پەرەزلەرنى قىلمىغان تۈزۈكمىكىن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:58:23

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:59:02

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 17:25:17

گەپنى دەۋىرىدىكەنسىز، دېئابىتنىڭ بايقىلىشى بۈگۈنكى گەپ ئەمەس مىڭ يىللاردىن ئاشقان ئۇ بايقالغىلى،ھەر قانداق كىسەل كۆرۈلسە ئۇ ھەققىدە مەلۇم خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان بولىدۇ كىتابلاردا، ھازىرقىغا ئوخشاش بۇرۇنمۇ ئالىملار ئۆتكەن تېبابەتتە .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 22:21:33

زىيالى ئەپەندىم ئورۇنلۇق گەپ قىلىپتۇ. راك كېسەللىكلىرىگە ئائىت ئىستاتا قەتئى مەخپى تۇتۇلىدىغان ئۇچۇرغا تەۋە.



بىلگەجان ئەپەندىم مۇمكىن بولسا ئېرسى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئائىت بىلىملەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى مىليارتلىغان ھۆجەيرىنىڭ ھەر بىرىدە ئوخشاش ئېرسى ئۇچۇر ساقلىنىدىغان ئەھۋال ئاستىدا قانداق داۋالاش ئېلىپ بارىدىغاندۇ؟ كىيىنكى ئەۋلاتقا كېسەللىك ئېرسى ئۇچۇرىنىڭ مىراس قالماسلىقى ئۈچۈن سۈنئى ئۇرۇقلاندۇرۇش كېرەكمىدۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-12 23:01:30

6- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلگەجان ئەپەندىم مۇمكىن بولسا ئېرسى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئائىت بىلىملەرنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى مىليارتلىغان ھۆجەيرىنىڭ ھەر بىرىدە ئوخشاش ئېرسى ئۇچۇر ساقلىنىدىغان ئەھۋال ئاستىدا قانداق داۋالاش ئېلىپ بارىدىغاندۇ؟ كىيىنكى ئەۋلاتقا كېسەللىك ئېرسى ئۇچۇرىنىڭ مىراس قالماسلىقى ئۈچۈن سۈنئى ئۇرۇقلاندۇرۇش كېرەكمىدۇ؟

=======================================


مۇنداق ئىش، ئادەم بەدىنىدىكى ھۆجەيرىلەردە ئوخشاش گېنلار بولغان بىلەن، ئوخشىمىغان توقۇلما، ئەزالاردىكى ھۆجەيرىلەر ئۆزىگە خاس گېنلارنى ئىپادىلەيدۇ، باشقىسى ئۇيقۇ ھالىتىدە بولۇپ ئىپادىلەنمەيدۇ. شۇڭا كېسەل بار ئەزا ياكى توقۇلما تۈرىگە ئاساسەن داۋالاش ئىلىپ بارىدۇ. قايسى كېسەل ئىكەنلىكىگە قاراپ داۋالاشنىڭ تۈرى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ئومۇمىي بىر قائىدە يوق.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 22:05:57

ھاياتلىق ئىلمى پەنلىرى دوكتۇرى بىلگەجان بىلەن سۆھبەت

ئېلكىتاب نۇسخىسى

http://1000eb.com/q686 ياكى http://good.gd/2752383.htm

يانفۇن ئۈچۈن

http://1000eb.com/q68m ياكى http://good.gd/2752385.htm

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 22:13:12

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 22:17:06

9- قەۋەتتىكى ayalman77نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھاياتلىق ئىلمى پەنلىرى دوكتۇرى بىلگەجان بىلەن سۆھبەت

ئېلكىتاب نۇسخىسى

http://1000eb.com/q686 ياكى http://good.gd/2752383.htm

يانفۇن ئۈچۈن

http://1000eb.com/q68m ياكى http://good.gd/2752385.htm



مىسرانىمدىكى شۇما؟

ھەئە .

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 22:19:32

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 11:44:07

11- قەۋەتتىكى ayalman77نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گىن دىگىنىمىز ھۆجەيرىدىنمۇ نەچچە مىڭ ھەسسە كىچىك نەرسىغۇ دەيمەن. گىن تەتقىقاتىنىڭ كېسەل داۋالاشقا قانچىلىك پايدىسى بار؟

==================


شۇنداق گېن ھۆجەيرىدىن كىچىك. بىر ھۆجەيرىنى چوڭ بىر زاۋۇتقا ئوخشاتساق، گېن شۇ زاۋۇتنىڭ ئوبدن مېڭىشىدە بولمىسا بولمايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچكە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. بەزى كېسەللەر تۇغما گېندىكى يىتەرسىزلىكلەر تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدۇ، يەنە بەزىلىرى مەلۇ تەسىردە گېنلارنىڭ رولى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، راك كېسىلى بەدەندىكى نورمال ھۆجەيرىلەر ئىچىدىكى گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىپ مەلۇم چەككە يىتىشى بىلەن راك ھۆجەيرىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، گېندىكى بىنورماللىقلارنى تۈزەتكەندە ئاندىن شۇ خىل كېسەللەرنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 13:25:49

بەت: [1]
: تۇنجى بالىلار ئاق قان كېسلى گېنى بايقالدى