bilgar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 22:38:46

ئىككى ئايدىلا ئايلتىس ئىمتىھانىىغا تەييارلىق قىلىش[كۆچۈرۈلمە]

( بۇ يازمىدا مەلۇم بىر ساۋاقداشنىڭ پەقەت ئىككى ئايلا ۋاقىت ئىچىدە ئايلتىس ئىنتىھانىسىغا تەييارلىق قىلىش تەجىربىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.)





1.ئەڭ ئاساسلىقى ـ سۆزلۈك

سۆزلۈكنى 1-قېتىملىق ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلغاندىلا بىر قېتىم يادلاپ بولغان، لېكىن ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلىپ باققان ساۋاقداشلار ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئادەتتە توم-توم سۆزلۈك كىتابلىرىنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن، يادلىغان بىلەن يادلىمىغاننىڭ بەك پەرقى يوقلىقىنى، ئىلگىرى تونۇيدىغان سۆزلەرنىڭ يەنىلا تونۇشلۇق ئىكەنلىكىنى، بىلمەيدىغان سۆزلەرنى ھازىرمۇ بىلمەيدىغانلىقىمىزنى بايقايمىز. لېكىن، مەن يەنىلا ۋاقىت يېتەرلىك بولسا، سۆزلۈك كىتابنى يادلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن، گەرچە ئۈنۈمى بەك گەۋدىلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بىر قەدەر تولۇق، بىر قەدەر سېستىمىلىق بولغاچقا، يادلاش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، ئەستە ساقلانغان سۆزلۈكمۇ تەبىيلا بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. سۆزلۈك كىتاب ھەققىدە ئارتۇقچە سۆزلىمەي، مەن مەيشى سۆزلۈك يادلاش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئايلتىس سۆزلۈك قىسىمىنى ۋە يۈمىنخوڭنىڭ قىزىل تاشلىق كىتابىنى يادلاپ بولغان.

2. ئەڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغىنى –ئوقۇپ چۈشىنىش

بارلىق تۈرلەر ئىچىدە ئوقۇپ چۈشىنىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ تېز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىكى مۇھىم سىر ـ كۆپ ئىشلەش.كۆپ ئىشلىگەندە، تىل سەزگۈسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇئالنى توغرا ئىشلەش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مەن تەخمىنەن 60پارچىدىن كۆپ ماقالە ئىشلىدىم، دەسلەپتە توغرىلىق نىسبىتى تۆۋەن ئىدى، ئاخىرىغا بارغاندا ئاساسەن 7 دە مۇقىملاشقان بولۇپ، بەزىدە 7.5 مۇ ئېلىپ قالاتتىم. لېكىن، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى،سۇئال ئىشلىگەندە چوقۇم ۋاقىت بەلگىلەپ ئىشلەش لازىم. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چوقۇم ھەر قېتىم سۇئال ئىشلىگەندە  كەينى-كەينىدىن 3 پارچىنى بىراقلا ئىشلەش، ھەم ۋاقىتنى بىر سائەت ئىچىدە كونترول قىلىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى، سۈرئەتنى تېزلەتكىلى، شۇنداقلا ئىنتھان مەيدانىدا ھودۇقۇپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن تۈزىتىش كېرەك، ئەلۋەتتە، بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ھالقا. ئەگەر يېتەرلىك ۋاقىت بولسا، كامبىرجنىڭ 4-قىسمىدىن 6-قىسمىغىچە كىتابىدىكى ماقالىلاربىلەن كامبىرج يۈرۈشلۈك پايدىلىنىش كىتابلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچ بويىچە تەييارلىق قىلسا بولىدۇ: ئاۋۋال تونۇمايدىغان، ئوقۇپ چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان سۆزلەرنى ( 20 ئەتراپىدا )، مۇرەككەپ جۈملىلەرنى ( 4-5 ئەتراپىدا) ئايرىپ خۇلاسىلەپ چىقىپ، پۈتۈن ماقالىنى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن ( تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلچەملىك جاۋاب بىلەن سېلىشتۇرۇش چىقىش كېرەك ) سۇئاللارنى تەھلىل قىلىپ، خاتالىقلارنى ۋە تېما چىقىرىشتىكى توزاقلارنى ئانالىز قىلىش كېرەك. قارىماققا بۇ ئىنتايىن ئاۋارىچىلىقتەك تۇيۇلسىمۇ، لېكن مۇشۇ باسقۇچ بويىچە 3 كىتابنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزنىڭ ئىنتايىن تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز، چە بىر سۇئالنى قولىڭىزغا ئېلىپلا، تېمىدىكى توزاقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز، بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن ئىنتايىن ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك.

3. يۇقىرى نۇمۇر ئېلىشتا ئۈمىد ئەڭ چوڭ بولغىنى – ئاڭلاپ چۈشىنىش

پەقەت كۆپ ئاڭلاپ بەرگەندىلا، جاۋابنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭائادەتتە كۆپ ئاڭلاش بىلەن  كونا سۇئاللارنى يادلاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشقا بولىدۇ. ئادەتتە، ۋاقىت بولسىلا ئاڭلاش ۋە 2 يېرىم سائەت تەپسىلى ئاڭلاش ، بىر يېرىم سائەت يۈزەكى ئاڭلاش بولۇپ، بىر كۈندە جەمئى تۆت سائەت ئاڭلاشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. بۇ ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپە بولسىمۇ، لېكىن قەتئى داۋاملاشتۇرۇش لازىم، قەتئى داۋاملاشتۇرغاندىلا ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 《北语黑眼睛技能训练》ناملىق كىتابتىكى مەشقلەر تۈرلەرگە بۈلۈنۈپ ئىنتايىن تەپسىلى ۋە ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈلگەن، 3 پارچىنى ئەستايىدىل ئىشلەپلا ئۈنۈمىنى ئىنتايىن تېز كۆرگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، كامبىرجنىڭ 3-قىسمىدىن 6-قىسمىغىچە بولغان ئاڭلاپ چۈشىنىش سۇئاللىرىنىمۇ كۆپ ئىشلەش كېرەك.

ئاڭلاپ چۈشىنىشنىڭ ئۇسۇلى: 1-قەدەم،ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، جاۋابنى توغرىلاشقا ئالدىرىماي،تاكى ئۆزى توغرا جاۋابنى ئاڭلاپ چىققانغا قەدەر قايتىلاپ ئاڭلاش لازىم. 2-قەدەمدە، ئىملا مەشقى قىلىش كېرەك. بۇنىڭدا ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، پەقەت خاتالىق كۆپ كۆرۈلىدىغان قىسىملارنى ئاڭلاپ يازسىلا كۇپايە. دىققەت قىلىش لازىمكى، يالغۇز ئىملا مەشقىلا قىلىشنىڭ ئىنتىھانغا جىق ياردىمى يوق، شۇڭا مەشقتە 1-قەدەم كەم بولسا بولمايدۇ.

4.سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش ئەڭ تەس بولغىنى-يېزىقچىلىق

يېزىقچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىرقەدەر قىيىن بولۇپ، بۇنڭدىكى مەسىلە ئېنگلىز تىلىدا ياخشى يېزىشتىلا ئەمەس، بەلكى ئېنگلىزچە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىدا. يەنى، ئىنتايىن ياخشى، ئىنتايىن يېڭىچە كۆز قاراش ۋە ئاساس بولغاندىلا ئاندىن يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئاساسىڭىز گۆدەكلەرچە پىشمىغان بولسا، ئۇنداقتا 7 نومۇردىن يۇقىرى ئېلىشىڭىز ناھايتتى تەسكە توختايدۇ.يېزىقچىلىققا نىسبەتەن مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغىنىم، چوڭ كىچىك ماقالىلار ئۈچۈن بېرىلگەن ئۈلگىلىك ماقالىلارنى يادلاش كېرەك ئىكەن، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىنتىھان ۋاقتىدا قارا-قويۇق كۆچۈرۈش ئەمەس بەلكى ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ۋە يېزىلىش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش ئىكەن، ھەم بۇ ئارقىلىق يېزىقچىلىق سەۋىيەسىنى ناھايتتى تېز ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.

5. ئەڭ جەزملەشتۈرگىلى بولمايدىغىنى- ئېغىزچە ئىنتىھان

ئېغىزچە ئىنتىھان ئېھتىمال كۆپچىلىكنىڭ بېشىنى ھەممىدىن بەكرەك قاتۇرىشى مۇمكىن. سۇئالنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مىقدارى كۆپ، بېرىلىدىغان جاۋابلارمۇ كۆپ ھەم ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، تەييارلىق قىلىشقا نىسبەتەن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىدۇ. ئەمما،ئوخشاش بىر مەزمۇن بىلەن نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. بىراق بۇ يەردە مېنىڭ كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، ئەڭ ياخشىسى  part2 دىكى  40 تىن  ئارتۇق سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزى بىر قېتىمدىن يېزىپ چىقىش، ئەلۋەتتە قارىغۇچىلارچە يازماي، ئېغىزچە ئىنتىھاننىڭ پايدىلىنىش ماتىرىيالى بويىچە، ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا يېزىپ چىقىش لازىم. شۇنداقلا، كۈندە ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ ياكى باشقىلارغا سۆزلەپ مەشق قىلىش ، ھەر بىر سۆزنى ئېنىق، ئېجرىملىق تەلەپپۇز قىلىپ، مەشقنى كۈندە توختاتماي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئېغىزچە ئىنتىھانغا دائىر پايدىلىنىش ماتىرىياللىرىغا كەلسەك، ئىمكانىيەت ۋە ۋاقىت بولسا قانچە كۆپ كۆرسە شۇنچە ياخشى، بۇنىڭدا ۋاقىتنى تېجىگىلى،خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مەن يېڭى شەرق تىل تەربىيلەش ئورنىنىڭ ئىچكى پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن نۇرغۇن پايدىلىق كۆرسەتمىلەرگە ئېرىشكەن.

6.ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل- تەقلىدى سۇئال ئىشلەش

ئېنتىھانغا بىر ياكى ئىككى ھەپتە قالغاندا، كۈندە بىر يۈرۈش تەقلىدى سۇئال ئىشلەش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا، ئىنتىھاننىڭ تەرتىپلىرى بىلەن تۇنۇشقىلى ۋە ئىنتىھان ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. تەقلىدى سۇئال ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ، ئىنتىھان ۋاقتىغا ۋە تەرتىپىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەن بۇ يەردە جاۋابنى ئۆلچەملىك جاۋاب قەغىزىگە يېزىش ۋە ئامال بارىچە ھەقىقى ئىنتىھانغا يېقىنلىشىدىغان ئنتىھان كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن. ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 12 گىچە 3 سائەت ئىچىدە ئىشلەپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۇئال ئىشلەش جەريانىدا ئۆلچەملىك جاۋابقا قارىماي، ئۆزىنى خۇددى ھەقىقى ئىنتىھان مەيدانىدا ئولتۇرغاندەك تۇيغۇغا ئەكىلىشكە تىرىشىش لازىم. ئەڭ ئاز دېگەندە 6 يۈرۈش تەقلىدى سۇئال ئىشلىسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

7. ئەڭ مۇھىم ئامىل- ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش

بۇ بۆلەكتە ھەر كۈنلۈك ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا توختىلىمەن. ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:15 تە تەكرارنى باشلىدۇق دېسەك، دەسلەپتىكى 15 مىنۇتتا يۈزەكى ئاڭلاپ، تەييارلىق ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن، 8:30 تەپسىلى ئاڭلاشنى رەسمىي باشلاپ، 9:50 كىچە داۋاملاشتۇرۇپ، 10-11 گىچە بىر يۈرۈش ئوقۇپ چۈشىنىش مەشقى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە جاۋابىمىزنى توغرىلىساق بولىدۇ. چۈشلۈك تاماق يەپ ئارام ئالغاندىن كېيىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 1:35 -3 كىچە ئاڭلاش مەشقى، ئاندىن سائەت 6 گىچە ئېغىزتىلى مەشقى قىلىپ، كەچلىك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن،  كەچ سائەت 7-11 گىچە يېزىقچىلىقنى مەشق قىلساق بولىدۇ.

ئەلۋەتتە ئىنتىھان بەرگۈچىلەر ۋاقىتنى ئۆزنىڭ كونكىرت ئەھۋالىغا قاراپ جانلىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. لېكىن تەييارلىق مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، 4 تۈرنى تەڭ ئېلىپ بېرىشقا دىققەت قىلىش لازىم. ھەم شۇنداقلا ئۆزنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىغا ئاساسەن مەشق قىلسىمۇ بولىدۇ. لېكىن تەييارلىق قىلغاندا چوقۇم سىجىل بولۇش، كۈندە داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

ئۆزەمنىڭ ئىنتىھانغا تەييارلىق قىلىش ھەققىدە مۇشۇنچىلىكلا توختىلاي، بارلىق ئىنتىھان بەرگۈچى قېرىنداشلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن. ئەڭ ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم يەنىلا شۇ كونا گەپ، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم، پەقەت قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندىلا چوقۇم ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ.


بەت: [1]
: ئىككى ئايدىلا ئايلتىس ئىمتىھانىىغا تەييارلىق قىلىش[كۆچۈرۈلمە]