Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 07:39:30

IPAD ئالايمۇ باشقىسىدىنمۇ(قۇتلان)؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ھەممىڭلەرگە كەمىنە قۇتلاندىن سالام


پىنسىيىگە چىقىۋالغاندىن كېيىن ئائىلە جابدۇقلىرى دۇكىنىدا  خىزمەتتە بولىۋاتقان ئىدىم، خىزمەت ۋە ئائىلىدە ئىشلىتىشىمگە ئىكرانى چوڭراق بولغان تەختە كومپيۇتېرغا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالدىم، ئېكسال، ۋورد ھۆججەتلىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىمەن، كۆزنەك سېستىمىسىدىكى كومپيۇتېرلاردا ئىشلىگەن ۋوردتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى  تەختە كومپيۇتېردا ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ، شۇڭا بۇ خىزمەتكە ئالمىنىڭ IPAD لىرىنىڭ مۇۋاپىق كىلىش - كەلمەسلىكىنى بىلەلمەي، ھەربىرىڭلارنىڭ تەلىمىنى ئالاي دېدىم. كومپيۇتېردىكى ئىكسالنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئاندروئىدنىڭ تېلېفۇنىغا كۆچۈرسەم، ئېكسالدىكى فورمىلا ۋە مۇناسىبەتلىك فونكتسىيىلەر ئىشلىمىگەن ئىدى، ئالمىنىڭ IPAD لىرىدىمۇ شۇنداق بولامدۇ بىلمىدىم، يەنە بىرسى كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەرنى ئالمىنىڭ IPAD لىرىغا توشۇغۇچىلار(سىغىم كارتا، بارماق دىسكا) ئارقىلىق بىۋاستە كۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغان ئىدىم، شۇڭا مۇشۇ ئاۋارىچىلىقلارغا قالماسلىق ئۈچۈن، IPAD ئېلىشتىن كۆرە، كۆزنەك8نى ئىشلەتكەن تەختە كومپيۇتېر ئالايمىكىن دەيمەن، باھاسى 5 مىڭدىن ئارتىپ كەتمىگەن ھالەتتە بولسا بولىدۇ. تەلىم بەرگەيسىلەر.


مەن ماۋۇ جايدا 5 مىڭدىن ئارتىپ كەتمىگەنلىرىدىن ئىككىسىنى كۆردۈم.



يەنە بىرسى، ئائىلە جابدۇقلىرىنى سارىيى(家居广场)نىڭ باشقۇرۇش سېستىمىسىنى توردىن تاپالمايۋاتىمەن، بۇنىڭغىمۇ مۇمكىن بولسا يارىدەم قىلغان بولساڭلار. ھازىرچە بۇ سېستىمانىڭ تەييارلىرىنى ئىشلىتىپ، باشقا شىرىكلەرنىڭ چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغاندىن كېيىن، قىززىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئەپ لايىھەلىتىش ئويۇم بار ئىدى.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 08:39:57

تەۋسىيە

Nexus 10 ياكى Nexus 7

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 08:48:22

سىلنىڭ تەلەپلىرىگە IPAD بولمايدۇ، Nexus مۇ بولمايدۇ. Surface Pro ئالسىلا.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 09:09:30

surface平板电脑 نى ئۆزىڭىزگە ماس كەلگۈدەكنى تاللاپ ئېلىڭ شۇ سىزنىڭ تەلىپڭىزگە چۈشدىكەن.

ئايپەد نى 5ياشتىن يۇقىرى 25تىن تۆۋەن باللار ئوينىسا بولىدۇ.

marjan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 11:24:35

مەن IPAD ئىشلىتىۋاتقىلى نەچچە ئاي بولدى ، بۇنىڭ ئىكران سەزگۇرلىكى ، ئىقتىدارى ، تىزلىكى تور سۇرئىتى ئادەمنى بۇ نەرسە قالتىسكەن دېگۇزىۋېتىدۇ، لېكىن بۇنىڭغا بىر نەرسە كۆچۈرۈشكە ياكى ئۇنىڭدىن سىرتقا يۆتكەشكە بولمايدۇ ، ۋە ئۆزىڭىزگە يارىغانلىكى نەرسىسىنى پۇلغا سېتۋالىسىز ، گەرچە ھەقسىزلىرى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ ئاشۇ پۇللىقى قانداغراقتۇر دېگەن ئىش كاللىغا كىرىۋالىدۇ ، ئەڭ ياخشىسى surface平板电脑 سېتۋېلىڭ !

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 11:33:24

مەن سېرفېيس بىلەن ئايپەد ئىككىلىسىنى ئىشلىتىپ باقتىم.ئىككىلەنمەي سېرفېيس ئېلىڭ.

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 13:52:07

ئايپەد ئالغان ئادەمگە چوقۇم يەنە بىر pc لازىم بولىدۇ، ئالىپ ئەپەندى دېگەن surface pro بىر pc نىڭ ئىشىنى قىلىدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 13:57:47

2- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىلنىڭ تەلەپلىرىگە IPAD بولمايدۇ، Nexus مۇ بولمايدۇ. Surface Pro ئالسىلا.

http://item.jd.com/840887.html دىكىسى قانداقراق چىقاركىن؟ بۇنىڭدىكى 含黑色触控式键盘保护套 گە قاراپ، قوشۇمچە سايمان ئىزدەشكىمۇ ھاجەت يوقتەك، باشقىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا باھاسىمۇ مۇۋاپىقتەك ھىس قىلدىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 17:19:34

بىداركا، سىز قالدۇرغان ئادرىستىكىسى RT نەشىرى ئىكەن، بۇ خېلى ئوخشىمايدۇ جۇمۇ(PC ئەپلىرىنى قوللايدىغىنى بولسا PRO نەشىرىدۇر)، يەنە ئويلىشىپ كۆرۈڭ. ئەگەر، Win8 سىستېمىلىق تاختا ئېلىشنى بېكىتكەن بولسىڭىز، باھا مەسىلىسىنى ئويلاشقاندا، باشقا ماركىدىكىلەرمۇ بار، سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ..

2378 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 19:06:01

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قۇتلان ئەپەندى، ئالدىنقى قېتىم HTC نىڭ T328d نىڭ تېلېفونىنى سىلىگە تەۋسىيە قىلىپ بىر مۇنچە خاپىلىق تارتقانلىرىنى ئويلىسام بىرەرسىگە مەسلىھەت بېرىشتىن ئەيمىنىدىغان بوپ قالغانتىم. ئەمما سىلىنىڭ ئىسراپچىلىق قىلماقچى بولغانلىرىنى كۆرۈپ يەنە مەسلىھەت بېرىش قارارىغا كەپ قالدىم. ھازىر سىلى قىلىۋاتقان ئىشقا پەد ماس كەلمەيدۇ. باشقىلارمۇ دەپتۇ iPad نى ئويلاشمىسا، باچكا ئەپەندىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالسىلا. ئەمما، مېنىڭ شەخسىي پىكىرىم 15 دىيۇملۇق ، USB 3.0 ئېغىزى بار، 500G دىن يۇقىرى قاتتىق دىسكىسى بار ، 4 يادرولۇق CPU سى بار لەپتوپتىن بىرنى 3200 سومدىن 3400 سومغىچە ئېلىپ، ئېشىپ ئالغان پۇلغا kindle نىڭ كىتاپ ئوقۇغۇچىسى ياكى ئاندىرويىدلىق پەددىن بىرنى ئېلىپ كىتاپ ئوقوغاچ ئوينىسىلا . 15 ديۇملۇق لەپتوپ بۇرۇن بەك كېلەڭسىزتى ، ھازىر خېلى سىپتا ياسىلىۋىتىپتۇ، ئېلىپ يۈرۈشكىمۇ ئەپلىككەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 19:55:29

Kindle جۇڭگو ئامازون تورىدا سېتىلىشقا باشلاپتىكەن، بىلمىگەنلەر ۋاقىپ بولغايسىلەر.


http://www.amazon.cn/b/ref=amb_link_38485552_2/479-4200446-1869503?ie=UTF8&node=336231071&pf_rd_m=A1AJ19PSB66TGU&pf_rd_s=center-1&pf_rd_r=06W24TWDA6S594V5R9KP&pf_rd_t=101&pf_rd_p=88943852&pf_rd_i=899254051



كىتاب ئوقۇشقا paperwhite بەك ماس كېلىدىكەن، مەن ئىشلىتىۋاتىمەن.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 09:49:34

10- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Kindle جۇڭگو ئامازون تورىدا سېتىلىشقا باشلاپتىكەن، بىلمىگەنلەر ۋاقىپ بولغايسىلەر.


http://www.amazon.cn/b/ref=amb_link_38485552_2/479-4200446-1869503?ie=UTF8&node=336231071&pf_rd_m=A1AJ19PSB66TGU&pf_rd_s=center-1&pf_rd_r=06W24TWDA6S594V5R9KP&pf_rd_t=101&pf_rd_p=88943852&pf_rd_i=899254051



كىتاب ئوقۇشقا paperwhite بەك ماس كېلىدىكەن، مەن ئىشلىتىۋاتىمەن.



مىنىڭ مۇشۇنى ئېلىش پىلانىم باتى،سوراپ باقسام بۇرۇنقى ئەۋلات كىندىلدا بەت ئۆرسە لاپ قىلىپ قارا ئېكران بۇلىدىغان يېرىنى ياقتۇرمىغانتىم،paperwhite بەت ئۆرۈلگەندە قانداقكەن؟ يەنە ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتقىلى بۇلامدىكەن؟  


بۇرۇنقىسىدا ھەقسىز تورغا چقىلى بۇلاتتى، paperwhite دىمۇ چىققلى بۇلامدىكەن؟ بولسا قانچىلىك ئېقىم بېرىدىكەن؟ مەسلىھەت بەرگەيسىز

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 11:23:57

@muzdala

كۆپ رەھمەت ،بىرەرسىدىن مەسلەت ئالسام بولاتتى دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 18:14:22

@uquhuchi بەت ئۆرىگەندە ئېكران لەپىلدەپ قويدىغان ئىش دەسلەپتە بار ئىدى، لېكىن سىز دىگەندەك قارا ئېكران بولمايدىكەن. ياخشى يېرى بۇنداق لەپىلدىشى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاجىزلاپ ئوقۇشقا تەسىر يەتمىگۈدەك ھالەتكە كېلىدىكەن، يەنى ئوقۇش سۈرئىتىڭىز قانچە تېز بولسا شۇنىڭغا ماسلىشىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەت ئۆرۈلىدىكەن. بۇ تەرىپىدىن جىق غەم يېمەڭ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 09:15:59

كۆزنەك سېستىمىسى7 (ياكى 8)لىك تەختە كومپيۇتېرلارنى يانفۇنلىرىمىزغا ئوخشاش كومپيۇتېرغا چېتىپ، ئۇنىڭ دىسكىسىنى ياندىسكا ئورنىدا ئىشلەتكىلىمۇ بولامدۇ(كومپيۇتېرغا چاتقاندا تەختە كومپيۇتېرنىڭ دىسكىسى بىر ساقلىغۇچ ئورنىدا ئېچىلامدۇ)؟ مەن تەختە كومپيۇتېرلارنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ئاددى سۇئالنى سوراپ قالدىم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-13 09:51:15

قۇتلانكا، تاختا كومپيۇتېر ھەرگىزمۇ كومپيۇتېر بولالمايدۇ.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-9 16:03:32

9- قەۋەتتىكى 2378نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ شەخسىي پىكىرىم 15 دىيۇملۇق ، USB 3.0 ئېغىزى بار، 500G دىن يۇقىرى قاتتىق دىسكىسى بار ، 4 يادرولۇق CPU سى بار لەپتوپتىن بىرنى 3200 سومدىن 3400 سومغىچە ئېلىپ، ....



تەشەببۇسلىرى بويىچە كومپيۇتېردىن بىرنى ئېلىپ، بەرگەن مەسلىھەتلىرىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولۇپ قالدىم.



ئىزدىنىشتىكى ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن  باشقا كومپيۇتېرىمغا قاچىلىغان 32لىك كۆزنەك 8نى بۇ كومپيۇتېرغا 64لىك بويىچە قاچىلاپ، شۇنداق راۋان ئىشلىتىۋاتىمەن. ماڭا بۇ تېمىدا ۋە ئالدىنقى تېمىدا يول كۆرسەتكەن بارلىق قىرىنداشلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.



سىلى تەشەببۇس قىلغان ماۋۇ ئۈسكىنىمۇ ياخشى سايمان كەن، بىر كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىكەن.


\"\"


مەن بۇ ھەقتىكى تەسىراتىمنى ئاۋۇ ئىككى تىمىدىكى سۇئاللىرىمغا بەرگەن جاۋاپلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، ھازىرقى ئالدىراشچىلىقىم تۈگىسە ھېيتىن كېيىن ئايرىم تىمادا يازىمەن.

بەت: [1]
: IPAD ئالايمۇ باشقىسىدىنمۇ(قۇتلان)؟