bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 05:40:59

NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ

NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ




بىلىمخۇمار




ناسا بۇ يىل 11-ئايدا، مارسنىڭ يۇقىرى ئاتموسفرا قاتلىمىنى تەكشۈرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرىدىن يەنە بىرنى قويۇپ بېرىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرى «مارسنىڭ ئاتموسفراسى ۋە ئېگىز-پەس ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ئۇچقۇرى» (Mars atmosphere and volatile ewolution mission, MAVEN) دەپ ئاتىلىدۇ.




ناسا قىلىۋاتقان ئىشلارنى «ئىسراپچىلىق» دەپ ھېسابلايدىغان كىشىلەر ئاز ئەمەس.  ئەمەلىيەتتە ناسا ئۆزىنىڭ يىللىق خامچوتىنىڭ 10 پىرسەنتىنى يەر شارى ئىلمى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.  بۇنىڭدىن مەقسەت، يەر شارىنى تولۇق چۈشىنىش، ئۇنى مۇۋاپىق ئاسراش، ئۇنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش.  ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەتقىقاتلار نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مارستا بۇرۇن دېڭىز-دەريالار مەۋجۇت بولغان.  ئۇنىڭ ھاۋاسىمۇ ھازىرقىدىن كۆپ قويۇق بولغان.  ئەمما بىزنىڭ قۇياش سىستېمىمىز ۋۇجۇتقا كەلگەندىن كېيىنكى 4.5 مىليارد يىل مابەينىدە، مارستا نۇرغۇن ئىگىز-پەس ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئۇ بۈگۈنكىدەك سۈيى يوق، قۇرغاق، ۋە ھاۋاسى شالاڭ بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان.  ناسا دىكىلەر مارستىكى ئۆزگىرىشلەر قانداق ۋە نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشىنىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن يەر شارىدىمۇ ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.  شۇڭلاشقا ناسا مارسنى تەكشۈرۈشكە ھازىرقىدەك بەك كۈچەۋاتىدۇ.




ئىنگلىزچە «MAVEN» دەپ ئاتالغان، بۇ يىل 11-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى بۇرۇنقى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىلىرىغا ئوخشىمايدىغان تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.  يەنى ئۇ مارسنىڭ يەر يۈزىدە ئەمەس، ئۇنىڭ ناھايىتى ئېگىز ئاتموسفراسىدا ئايلىنىپ، ئاشۇ ئاتموسفرادىكى ماددىلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مارستا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى، ۋە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدۇ.




مەن بۇرۇنمۇ تىلغا ئالغىنىمدەك، مارس بىلەن يەر شارى ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم قۇياشنىڭ ئوخشاش تەرىپىگە ئۆتىدۇ.  شۇڭا ناسا مۇ مارسقا ماڭدۇرىدىغان ئالەم ئۇچقۇرلىرىنى ئاشۇنداق ۋاقىتتا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر تاق يىلى (2009-، 2011- ۋە 2013-يىللىرى) بىر ئالەم ئۇچقۇرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ۋاقىت پەقەت 2 ئاي.  ھازىر مارسنىڭ ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان «مارس ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى» نى ئەسلىدە 2009-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارماقچى ئىدى، لېكىن تەييارلىق ئىشلىرى بىر ئاي كېچىكىپ قېلىپ، ئۇنى 2009-يىلى ماڭدۇرالماي، 2011-يىلى ماڭدۇرۇشقا مەجبۇرى بولدى.  




MAVEN ئەسلىدە ناسا نىڭ مەرىلەند (Maryland) دىكى مەركىزىدە قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ 2-ئاۋغۇست كۈنى بىر ك-17 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان بىلەن فلورىدادىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىندى.  ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا مۇشۇ يەردىن چىقىرىلىدۇ.  




پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

http://www.nasa.gov/content/maven-eyes-mars-as-launch-preps-begin/#.UizWSMbktIQ

http://www.computerworld.com/s/article/9241428/NASA_preps_for_November_launch_of_Maven_spacecraft_for_Mars




رەسىملەر:

http://www.nasa.gov/sites/default/files/mavenonsprocstand-cropped.jpg

http://www.computerworld.com/common/images/site/features/2013/08/maven.jpg

12

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 09:26:50

ۆكپ رەھمەت ئەركىن ئاكا، مەن بەك مۇتەئەسسىپمۇ قانداق، نەچچە مىليارد يىل ئىلگىرى مۇنداق ئىشلار بولغان دېگەن گەپلەرگە ئىشىنەي دەپمۇ ئىشىنەلمەيمەن. دېمەكچى بولغىنىم ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ياكى بىلىم قۇرۇلمىسى تېخى ئۇ دەرىجىگە بارمىدى دەپ قارايمەن.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 09:38:52

مەن ھازىر ئۆيىمىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقسام، ئاي شارى بىلەن مارس بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالدىم.  تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ بىر قىسمى.  ئۆزەمدىكى رەسىملەرنى بۇ يەرگە چىقارغىلى بولمايدىكەن.  شۇڭا ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرىۋېلىڭ:

http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=110739&page=1&extra=#pid1687905)

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 12:41:43

\"\"



تارتقان رەسىملىرىڭىزنى كۆردۈم، بەك سۈزۈك چىقىپتۇ، ئامرىكىدا ئاسمان سۈزۈكمۇ ياكى ئاپاراتىڭىز نوچىمۇ ئىشقىلىپ بەزى مەنمۇ يانفۇنۇمدا تارتىپ باقىمەن بەزىدە لېكىن بەك غۇۋا، ئىنىق تارتالمايدۇ.



abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 13:30:05

3- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"



تارتقان رەسىملىرىڭىزنى كۆردۈم، بەك سۈزۈك چىقىپتۇ، ئامرىكىدا ئاسمان سۈزۈكمۇ ياكى ئاپاراتىڭىز نوچىمۇ ئىشقىلىپ بەزى مەنمۇ يانفۇنۇمدا تارتىپ باقىمەن بەزىدە لېكىن بەك غۇۋا، ئىنىق تارتالمايدۇ.



مەخسۇس ئىشىلىتىلىدىغان فوتو ئاپارات بولسا، كۆزنى چوڭ ئېچىپ، نۇر ئۆتۈشۈش ۋاقتىنى سەل ئۇزۇنراق تەڭشەپ، چىراقنى ياقماي تاسلا قويسىڭىز سىزنىڭ ئاپاراتىڭىزدىمۇ ئوچۇق چىقىدۇ...




birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 13:42:35

بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە مارس دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ پىلانېت، ھەر كېچە ئاسماننىڭ تۆۋەن بوشلۇقىدا پەيدا بولىدىغان «چولپان» يۇلتۇزى شۇ ئىكەن. شۇنداقمۇ؟

serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 14:26:45

«چولپان» يۇلتۇزى دېگەن ۋېنىرا دۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 07:33:18

2- قەۋەتتىكى bilimxumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ھازىر ئۆيىمىزنىڭ ئارقا ھويلىسىغا چىقسام، ئاي شارى بىلەن مارس بىر جايغا كېلىپ قاپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە پارچە رەسىم تارتىۋالدىم.  تۆۋەندىكىسى شۇلارنىڭ بىر قىسمى.  ئۆزەمدىكى رەسىملەرنى بۇ يەرگە چىقارغىلى بولمايدىكەن.  شۇڭا ئۇلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرىۋېلىڭ:

http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=110739&page=1&extra=#pid1687905)



ھازىر مارس بىلەن يەر شارى قۇياشنىڭ ئوخشاش تەرىپىدە بولغاچقا، مەن بىر ھەپتىدىن بۇيان كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنلا ئۇدا كۆرۈپ كېلىۋاتقان بۇ كۈچلۈك نۇر مەنبەسىنى مارس دەپ ئويلىغان ئىدىم.  بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تورنى ئىزدەپ كۆرسەم، ئۇ ئەسلىدە مارس ئەمەس، ۋېنىرا ئىكەن.  مەن ئەسلىدىكى خاتا ئۇچۇرۇم ئۈچۈن دوستلاردىن ئەپۇ سورايمەن.  تۆۋەندىكى 1-رەسىمنى تۈنۈگۈن كەچ سائەت 7 يېرىملاردا ئارقا ھويلامدا تۇرۇپ تارتقان.  2-، 3- ۋە 4-رەسىملەرنى بولسا تۈنۈگۈن كەچ سائەت 9 لاردا تارتقان.  تۆۋەندىكى 5-رەسىم مەن ئىنتېرنېتتىن تاپقان بىر پارچە رەسىم (مەنبەسى تۆۋەندە بېرىلدى).  تۆۋەندىكى 6-رەسىم مەن ئىشلەتكەن  Nikon-D3200  تىپلىق كامېرا (مېنىڭكى قارا رەڭلىك) نىڭ رەسىمى.


باشقىلار تارتقان رەسىمنىڭ مەنبەسى: http://astrobob.areavoices.com/



بۈگۈن كەچ كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى كىشىلەر ئاي شارى، ۋېنىرا، ساتۇرن ۋە يەنە بىر پىلانېتىنى بىۋاستە كۆرەلەيدىكەن.  خالىغان دوستلار تۆۋەندىكى 7-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كۆرىنىشنى تاپالامسىلەر سىناپ بېقىڭلار.  


http://earthsky.org/tonight/moon-two-planets-and-libra-star-after-sunset-september-9





\"1-resim\"








\"2-resim\"





\"3-resim\"





\"4-resim\"





\"5-resim\"





\"6-resim\"





\"7-resim\"




86 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-10 14:26:53

«ناسا دىكىلەر مۇنداق 2 نەرسىگە ئىشىنىدۇ: (1) كائىناتتا بىزگە ئوخشاش جانلىقلار بار پلانېتىلاردىن چوقۇم باشقىلىرىمۇ بار. (2) تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئادەملىرى بىزدىن بەكراق ئەقىللىق ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بىزدىن بەكراق ئەقىللىق بولغان بولسا، بۇ چاققا ئۇلار بىزنى ئىزدەپ كېلىپ بولغان بولاتتى. ئۇلار كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىر بىز ئۇلارنى ئىزدەۋاتىمىز. كائىناتتا 200 مىليارد تىن ئارتۇق گالاكسى بار. بىزنىڭ سامان يولى گالاكسىدا 200 مىليارد تىن ئارتۇق يۇلتۇز بار. شۇڭا جانلىقلار ياشايدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ يوق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.»(bilimxumar)

-----------

بىر يازمىدىن يۇقۇرىدىكى مۇشۇ بۆلەكنى كۆرۈپ، كاللامدا ناسا دىكىلەرگە مۇنداق سۇئال تۇغۇلدى:

تاشقى پىلانىتتا يەرشارىدىكىلەردىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق ھەم ياشاش ئۆمرىمۇ بىزدىن كۆپ پەرق قىلمايدىغان جانلىقلار بار دەپ پەرەز قىلايلى، ھەتتا بىزگە ئوخشاش تىلدا ئالاقىلىشىدىغان، تەرەقىياتى بىزدىن ئىنتايىن يۇقۇرىمۇ دەيلى، بىراق ئۇ شار ئەگەر بىزدىن 20مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتا بولسا، بىزنىڭ بۇ يەرشارىدا بىزنىڭ بار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدىمۇ دەيلى، بىزنى ئىزدەپ ئۇدۇللاپ كېلشى ئۈچۈن نەچچىلىك ۋ اقىت كېتىدۇ؟ ھەتتا ئۇلار نۇرنىڭ تېزلىكىدە ماڭسۇن(كىلەلەمدۇ؟).

مەن پەرەز قىلىپ باقسام، مەندە بىر تېلىفۇن بولسا، ئۇ يەردىكىلەردىمۇ مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغان بىر تېلىفۇن بولسۇن، مەن ئۇلارغا تېلىفۇن قىلىپ: ئېنگىلىزچە: خېللو! دىيىشكە ئۈلگۈرگەن بۇلاي ، سىگنال نۇرنىڭ تېزلىكىدە ماڭسا، 20 مىڭ يىلدىن كيىنكىلىرىنىڭ قۇلىقىغا بارسا، ئانىن ئۇلار «خېللو!» دىسە، مېنىڭ نەچچىنچى ئەۋلادىم ئۇلارنىڭ شۇ ئاۋازىنى ئاڭلايدۇ؟

دىمەكچى بولغۇنۇم، «ئۇلار بىزدىن ئەقىللىق ئەمەس، ئەقىللىق بولغان بولسا بىزنى تېپىپ كېلىپ بولغان بۇلاتتى»دىگەن ھۆكۈم سۆزنىڭ ئاساسى بەكلا كەم بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟چۈنكى قانچىلىك ئەقىللىق ھەم بىلملىك بولسىمۇ يۇقۇرىقىدەك ئارىلىق ھەم ياشاش ئۆمرى دىگەندەك شارائىتنىڭ مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا، ئالاقە قىلىشالىشى مۇمكىنمۇ؟

ناسا لىقلار 10مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتا جانلىقلار بار بولغان بىر شارنى بايقىدىمۇ دەيلى، بۇ 10 مىڭ نۇر يىلى بۇرۇنقى ھالىتىنى بايقىغان بۇلامدۇ قانداق؟



يەنە بىر ئىش، مۇشۇ 200 مىليارت شاردا جانلىقلار بولۇپ ئۆتكەنلىرى بولسىمۇ، بىز بىلەن دەۋرى ئوخشاش بولمىسىچۇ؟ يەنى بىر شاردا جانلىقلار ياشاپ، شۇ شار قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەندە ئانىدن يەر شارىدا جانلىقلار ياشىغان بولسا، ئاندىن يەر شارىدا ئادەم ياكى باشقا جانلىق ياشىمايىغان بولۇپ كەتكەندە، ئاندىن يەنە بىر شارلاردا جانلقلار ياشىسىچۇ؟ سامان يولى سېستىمىسىدا تەڭ دەۋىردە ئىككى شاردا جانلىق ياشاش ئېھتماللىقى نەچچە پىرسەنت بۇلار؟

يەنە جانلىق ياشاش ئېھتىماللىقى بولۇش ئۈچۈن، شۇ شارنىڭ يۈزىدىكى كىلامات دىگەندەك شارائىتلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى دىگەنلەرنى ئويلاشقاندا، بىز بىلەن تەڭ دەۋىرداش جانلىق باار بولغان يەنە بىر شارنىڭ مۇشۇ سامان يولى سېستىمىسىدىن چىقىپ قېلىش ئېھتىمللىقى نۆلگە يېقىنلىشىپ قالار؟

كائىناتنىڭ چوڭلىقىدا، ئادەمنىڭ ئاجىزلىقىدا مۇشۇنداق سۇئاللار پەيدا بولدى.

مېنىڭ مۇشۇنداق سۇئاللارنى قۇيۇشۇمدا  ئويليالماي قالغان تەرەپلەر بولىشى مۇمكىن. بىلىۋالغۇم كەلدى.


86 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 14:23:55

سۇئالغا تېخى جاۋاپ يېزىلماپتۇ.

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 14:41:37

بۇ سوئاللارغا يەنە مىڭ يىل كېتىدۇ ھەل قىلىدىغانغا.
بەت: [1]
: NASA نويابىردا يەنە بىر مارسنى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ