bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 23:40:05

NASA : «مارس-500 قۇرۇلىشى» قانداق ئىش؟

NASA : «مارس-500 قۇرۇلىشى» قانداق ئىش؟




بىلىمخۇمار




ئالدىنقى كۈنى بىر ئۇكىمىز ماڭا تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى قالدۇرۇپتۇ: « ئەسىلامۇئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا، مەن بۇندىن بۇرۇن خەۋەردە جۇڭگۇ رۇسىيە قاتارلىق بىرنەچچە دۆلەتنىڭ "مارس500" پىلانى دەپ بىر پىلاننى يولغا قويغانلىقى مارىسقا چىقىشتا ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەنتىم. سىز بۇ پىلان توغۇرلۇق خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ بۇ پىلان بويىچە ئۇلار مارىسقا ئامېرىكىدىن بۇرۇن چىقامدىغاندۇ ياكى؟»  مۇشۇ ئۇكىمىزغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مەن بۈگۈن ئازراق ئىزدىنىپ باقتىم.  تۆۋەندە مەن كۆرگەن ماتېرىياللارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن (بۇ قۇرۇلۇشنى مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن).




كەلگۈسىدىكى ھازىرچە تېخى بېكىتىلمىگەن بىر ۋاقىتتا مارسقا ئادەم چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، روسىيە، ياۋروپا ئالەم تەتقىقات ئىدارىسى (European space egency) ۋە جۇڭگو بىرلىشىپ، 2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە «مارس-500 قۇرۇلىشى» دەپ ئاتالغان بىر تەتقىقات تۈرىنى ئېلىپ بارغان.  ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە «پىسخىلوگىيە ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى يالغۇز قالدۇرۇش تەجرىبىسى» (Psychosocial isolation) دەپ ئاتىلىدىكەن.  تەجرىبە قۇرۇلمىلىرى روسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى روسىيە ئىلىم-پەن ئاكادېمىيىسىگە جايلاشقان.




2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە، بۇ تەجرىبىگە پىدائىيلىق قىلغان 3 نەپەر روسىيەلىك، بىر فرانسىيەلىك، بىر ئىتالىيىلىك، ۋە بىر جۇڭگولۇق (ئىسمى Yue wang) موسكۋادىكى بىر يالغان ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئىچىدە ئالەم بوشلۇقىدا 520 كۈن ياشىغاندەك ياشاپ باققان.  بۇنداق قىلىشنىڭ بىر پىلانېتىدىن يەنە بىر پىلانېتىغا بېرىش قۇرۇلىشىنى پىلانلاش، يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى ئالدىن بايقاش، ۋە ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش قاتارلىقلارغا پايدىسى بولغان.  بۇ تەجىربىگە ئىشلەتكەن يالغان ئالەم ئۇچقۇرلىرى يەر شارىدىن مارسقا بارىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى، يەر يۈزىدىن ئايرىلىش ۋە يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى، ۋە مارسنىڭ ئۈستىدىكى ئالەم ئۇچقۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.




ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ «روسىيە قىسمى» بىلەن «ئامېرىكا قىسمى» دىن ئىبارەت ئىككى قىسمى بار بولۇپ، ھائىزر روسىيە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئالەم پونكىتى قۇرۇش قۇرۇلىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بۇ يېڭى ئالەم پونكىتى «يەر شارى ئوربىتىسىدىكى ئۇچقۇچىسى بار قۇرۇلما ۋە تەجرىبەخانا» (Orbital piloted assembly and experiment complex, OPSEK) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر روسلار ئۇنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ ئۆزىگە تەۋە قىسمىغا چېتىپ ياساۋاتىدۇ.  روسلار مارسقا ماڭدۇرماقچى بولغان ئالەم ئۇچقۇلىرى ئالدى بىلەن مۇشۇ ئالەم پونكىتىغا كېلىپ، ئاندىن بۇ يەردىن مارسقا قاراپ ماڭىدىكەن.  




ئىنگلىزچە بىلىدىغان قېرىنداشلار «مارس-500 قۇرۇلىشى» نىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلاردىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:




<http://en.wikipedia.org/wiki/MARS-500>

<http://www.esa.int/Our_Activities/Human_Spaceflight/Mars500/Welcome_back_and_thank_you_Mars500>

<http://spaceinimages.esa.int/Images/2011/02/Mars500_crew_testing_Orlan_suits>

1





2

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 09:30:32

خام خىيالنىڭ چوڭىنى قىپتۇ ئاۋۇلار.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 12:24:56

بۇلارنىڭ بىرلىشىپ مارسقا قويۇپ بەرگەن ئۇچقۇرى يەر ئوربىتىسىغا چىققاندىن كېيىن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدىغۇ. ئۆتكەن يىلمۇ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ، ئېسىمدە قالماپتۇ، بايقۇڭۇردا قويۇپ بەردىمىكىن.
بەت: [1]
: NASA : «مارس-500 قۇرۇلىشى» قانداق ئىش؟