mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 20:29:51

ئامېرىكا بىلەن سۈرىيەنىڭ كونا يېڭى ئاداۋەتلىرى

    كىرىش سۆز: يېقىندا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بەشىر ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىۋى قۇرال ئىشلەتكەنلىكىنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ، سۈرىيەگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىشىۋاتىدۇ. كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە قارىتا، كىشىلەر ئىختىيارسىز ھالدا «سۈرىيە ھۆكۈمىتى نېمە سەۋەبتىن ئامېرىكا بىلەن يامانلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ كۆزىگە قادالغان "مىخ" بولۇپ قالدى؟» دەپ سورىشىدۇ. بۇ سۇئاللارغا تۆۋەندىكى بايانلاردىن جاۋاب چىقىشى مۇمكىن.





كونا ئاداۋەت: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە، سۈرىيە سوۋېت بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرغان.


* سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا سۈرىيەنى ئۆزىگە مايىل قىلالماي، ئەكسىنچە سۈرىيەنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويغان، نەتىجىدە سۈرىيە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان.


ئوتتۇرا شەرق ئەلمىساقتىن ھەربىي كۈچلەر تالىشىدىغان مۇھىم ستراتېگىيىلىك ئورۇن بولۇپ، غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن "ھايات سىزىقى" دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. سۈرىيە دەل ئوتتۇرا شەرقنىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان، ستراتېگىيىلىك ئورنىغا گەپ كەتمەيدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيەلەر بۇ "سېمىز گۆش"نى يەۋېلىش قەستىدە، سۈرىيەنى تالىشىپ كەلمەكتە.


ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- 60-يىللىرى، ئامېرىكا ئېزىنخاۋىر ھۆكۈمىتى «باغدات شەرتنامىسى»نى يۈرگۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي مۇھاسىرىسىنى چەكلىدى. لېكىن سۈرىيە «باغدات شەرتنامىسى»گە قەتئىي قارشى تۇردى، ئامېرىكا ھەربىي كۈچ بىلەن تەھدىت سالغان بولسىمۇ، سۈرىيەدىكى ئامما ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. 1956-يىلى 3-ئايدا، سۈرىيە، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت 3 دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ھېچقانداق دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا 3 دۆلەت باشلىقلىرى «ئەرەب دۇنياسىنى (ئەرەب ئىتتىپاقىنى دېمەكچى) سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ، ئۇرۇشىدىكى ھەر خىل ئېقىملارنىڭ سىرتىدا قالدۇرىدىغانلىقى، ھەمدە خەلقئارادىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ھېچ تەرەپكە ئاغمايدىغان سىياسەت قوللىنىدىغانلىقى»نى قارار قىلىپ، باغدات شەرتنامىسىنىڭ «ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسىنى قۇربان قىلىش ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.


ئامېرىكا، ئەنگلىيەلەرنىڭ تەھدىت سېلىشى ئەكسىنچە ئۈنۈم بېرىپ، سۈرىيە ئۆزىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا ئېتىشقا مەجبۇر بولدى. سۈرىيە ئەرەب گۈللىنىش سوتسىيال پارتىيىسى 1963-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق تەختكە چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا كۆڭۈل قويۇپ قۇرۇپ چىققان ئوتتۇرا شەرق مۇداپىئە لىنىيىسىدە غايەت چوڭ يوچۇق كۆرۈلدى، بۇ «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق غەلبىسى» بولۇپ قالدى. 1973-يىلى 4-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، سوۋېت ئىتتىپاقى مىسىر ۋە سۈرىيەگە قىلغان 5 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردىمى ئىچىدە، سۈرىيە يېرىمىدىن كۆپىرەككە، يەنى 3 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ياردەمگە ئېرىشتى. شۇ چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى 3500 كىشىدىن ئېشىپ، سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىگە تاقابىل تۇرۇشىغا زور تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ 1980-يىلى «سوۋېت- سۈرىيە دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»دەك ئىتتىپاقلىق كۈچىگە ئىگە كېلىشىم ئىمزالىدى.


*ئامېرىكا سۈرىيەنى «تېرورلۇق تەشكىلاتلارنى قوللىدى، ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلدى» دەپ ئەيىپلەپ، 70-يىللاردىن بۇيان جازا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ.


ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ستراتېگىيىلىك ئاساسىي نۇقتىسى «تېنچلىق سۆھبىتى» بولۇپ كەلدى. 1978-يىلى، ئامېرىكا ئەلباشى كاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە «داۋىد لاگىرى كېلىشىمنامىسى»نى ئىمزالاپ تېنچلىق مەقسىتىگە يەتتى. مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە ئايرىم تىنچىغاندىن كېيىن، سۈرىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى سېپى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى پۇتلىكاشىڭى دەپ قارالدى.


سۈرىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى ئاساسلىق ئىختىلاپى تېرورىزىم مەسىلىسى بولۇپ قالدى. سۈرىيە ئىزچىل تۈردە لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسى، پەلەستىندىكى خاماس تەشكىلاتلىرىنى ئىسرائىلىيە ئىشخالىيىتىگە قارشى تۇرىدىغان قانۇنلۇق تەشكىلات دەپ قاراپ كەلدى، ھەمدە «ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت قانۇنلۇق»، «ھەر قانداق ئادەم بېسىۋېلىنغان زېمىننىڭ سىرتىدا تېرورلۇق ھەرىكىتى پىلانلىسا ۋەياكى ئېلىپ بارسا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك» دېگەن كۆز- قاراشتا چىڭ تۇردى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇزۇندىن بۇيان سۈرىيە تېرورىزىم ھەرىكىتىنى قوللايدۇ، دەپ قاراپ كەلدى. ئامېرىكا 1979-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى تېرورچى دۆلەتلەر «قارا تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، سۈرىيە ھەر يىلى دېگۈدەك تىزىملىككە چۈ شۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئەنگلىيە 1986-يىلى سۈرىيەنى تېرورلۇق ھەرىكەتكە قاتناشقان دەپ ئەيىپلەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا سۈرىيەگە قارىتا ئېغىر جازا يۈرگۈزۈشكە باشلىدى؛ 1988-يىلىدىكى لوكېربى ھاۋا قازاسىدىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەدىن گۇمانلىنىپ كەلدى؛ چوڭ بۇش ھۆكۈمىتى 1990-يىلى سۈرىيەنىڭ ناركوز بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە توشۇشىنى چەكلىدى.







كازافىي (ئوڭدا) بىلەن سۈرىيەنىڭ سابىق ئەلباشى ھافىز ئەسەد (سولدا)، 1977-يىلى تارتىلغان.



* ياخشىلىنىش: پارس قولتۇقىنىڭ ئالدى- كەينىدە، ئامېرىكا- سۈرىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى.

پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سۈرىيە ئامېرىكىغا ماسلىشىپ ئىراققا ئەسكەر چىقاردى

   20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياقلاشتى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيىتىدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. 1990-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىراق قوشۇنى كۇۋەيتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۇۋەيتنى يۇتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ بۇخىل قېرىنداش ئەرەب دۆلىتىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئاشكارا بايانات ئېلان قىلدى، ھەمدە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىراقنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەسكەر چىقىرىپ، پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئىراق بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن، كۆپرەك قوللىغۇچىلارغا مۇھتاج ئىدى، شۇڭا سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاكتىپ ھالدا ياخشىلاپ، سۈرىيەنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ، ئىراققا قارشى ئىتتىپاققا كىرىشىنى ئېيتتى. 1990-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى باكېر ئىپادە بىلدۈرۈپ «سادامنى ئەرەب دۇنياسىدا يېتىم قالدۇرۇشتا، مېنىڭچە، سۈرىيەنىڭمۇ ئىراقنىڭ كۇۋەيتنى يۇتىۋالغانلىقىغا قارشى تۇرۇشىدىنمۇ مۇھىم ئىش بولمىسا كېرەك» دېگەن ئىدى. 4 كۈندىن كېيىن، باكېر سۈرىيەنى زىيارەت قىلىپ ئەسەد بىلەن كۆرۈشتى. بۇ، ئامېرىكا ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈنجى قېتىم سۈرىيەنى زىيارەت قىلىشى ئىدى. باكېر دەمەشىقتە سۈرىيەنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈشنىڭ ئورنى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكا- سۈرىيە مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، بۇش بىلەن ئەسەد دەمەشىقتە يۈز كۆرۈشۈپ، 1970يىلىدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۈنجى ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، سۈرىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا 15 مىڭ ئەسكەر چىقاردى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سوغۇقلىشىپ كەلگەن ئامېرىكا- سۈرىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.



* پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قايتىدىن ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق سۆھبىتىگە قايتىپ كەلدى، سۈرىيەمۇ بۇنىڭغا ماسلاشتى.

پارس قولتۇقى ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، سۈرىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، سۈرىيەمۇ مۇناسىپ ھالدا ماسلىشىپ بەردى. ئامېرىكىنىڭ سالا قىلىشى بىلەن، سۈرىيە 1991-يىلى 10-ئايدا مادرىدتا ئېچىلىدىغان ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق خەلقئارا يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولدى. ئارقىدىنلا، ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى توغرىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ باردى. 1994-يىلىنىڭ بېشىدا، ئەسەد بىلەن كلىنتون جەنۋەدە ئۇچراشتى، 10-ئايدا كلىنتون سۈرىيەدە زىيارەتتە بولدى. ئىككى دۆلەت ئەلباشلىرى ئەرەب- ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتى ۋە سۈرىيە- ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. كلىنتوننىڭ زىيارىتى 20 يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكا ئەلباشلىرىنىڭ تۈنجى بولۇپ سۈرىيەنى زىيارەت قىلىشى ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا چوڭ بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەڭشەش خىيالى بار ئىدى. ئەلۋەتتە، لىۋاندىكى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە، سۈرىيەنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايتتى، چوڭ بۇش ھۆكۈمىتىمۇ سۈرىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى بۇرۇنلا ئويلىغان ئىدى. چوڭ بۇش ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەن 1989-يىلى يادەمچى دۆلەت كاتىپى جون كېللى پارلامېنتنىڭ تاشقى ئىشلار ھەيئەت يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەندە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مېنىڭچە، سۈرىيە بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىدە، چارلى گراسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە، ھەقىقەنمۇ پايدىلىق رول ئوينىدى».





2000-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەسەد بىلەن كلىنتون كۆرۈشكەن چاغدىكى رەسىم





* سۈرىيەنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈرىيگە بولغان جازانى يەڭگىللەتتى، لېكىن بۇنى پارلامېنت ۋە يەھۇدى مەدداللار گۇرۇھى توسۇپ قالدى.

ئىراققا قارشى ئىتتىپاققا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1991-يىلى 9-ئايدا مۇناسىۋەتلىك سودا قانۇنلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى «سۈرىيە بىلەن ئىرانغا ماس كېلىدىغان ئېكىسپورت نىزامىغا چوڭ تەڭشەش كىرگۈزدى». بۇ تەدبىر سۈرىيەگە بولغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا شارائىت يارىتىلدى دەپ قارالدى. لېكىن بۇنىڭغا پارلامېنتنىڭ ئىككى كېڭەش پالاتاسىدىكى دىمۇكراتىك زاتلار ۋە پالاتا سىرتىدىكى يەھۇدى گۇرۇھلىرىنىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشى ۋە ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى. 1992-يىلى 3-ئايدا، 68 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئىمزالىق خەت يېزىپ، سۈرىيەنىڭ ئىراققا قارشى ئىتتىپاققا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى 1992-يىللىق 4546-نومۇرلۇق قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى. مەزكۇر لايىھە مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سۈرىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارزۇسى بولۇشى؛ ئۆز دۆلىتى پۇقرالىرىنىڭ كۆچمەن بولۇش ھوقۇقىنى رەت قىلماسلىقى؛ خەلقئارالىق تېرورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلارنى قوللاشنى توختىتىشى، ھەمدە ئۇلارنى قانات ئاستىغا ئالماسلىقى؛ سۈرىيە قوشۇنى لىۋاندىن چېكىنىپ چىقىشى؛ بىئو ۋە يادرو قۇرالللىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى توختىتىشى؛ ئامېرىكا بىلەن تولۇق ماسلىشىپ، ناركۇز بۇيۇملار سودىسىنى چەكلەىشى؛ خەلقئارا ئېتراپ قىلغان ئۆلچەم بويىچە، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇ لايىھە سۈرىيەنىڭ رەت قىلىش ۋە ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى.

كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە گەرچە پارس قولتۇقى ئۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ياخشىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پارلامېنتنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن، سۈرىيەگە بولغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئامالسىز قالدى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا- سۈرىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يىراقلاشتى.



* يېڭى ئاداۋەت: ئىراق ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، سۈرىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تېز يىرىكلەشتى.

* 2001-يىلى سۈرىيە كىچىك بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ «سادامنى يىقىتىش» ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى مەيداندا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.

2000-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، سۈرىيە ئەلباشى ئەسەد ۋاپات بولدى، كەنجى ئوغلى بەشىر ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئالدى. ئامېرىكا تەرەپتە بولسا، كىچىك بۇش 2001-يىلى 1-ئايدا ئاقسارايغا كىردى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار «بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى "كلىنتوننىڭ ئوتتۇرا شەرق پىلانى"نىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى رايىسنىڭ «بىز، ئامېرىكا (ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا) ئارىلىشىش ئۈچۈنلا ئارىلىشىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پوۋېل (Powell)نىڭ «ئامېرىكىنىڭ مەيدانى ھەرگىزمۇ قاتتىق تۇرۋېلىش ئەمەس، بەلكى ياردەملىشىشتۇر» دېگەن سۆزىنىمۇ نەقىل كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى ئىراققا بولغان جازانى كەچەيتتى.

11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، كىچىك بۇش يەر شارى بويىچە تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىراققا قارشى ئۇرۇش قوزغىدى. سۈرىيە ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇقنى باھانە قىلىپ ئىراققا ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى تۇردى. 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2003-يىلىنىڭ بېشىغىچە، سۈرىيە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ «ئۇرۇشقا قارشى» مەيدانىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ «ئىراققا ھۇجۇم قىلىپ كىرىش» ھوقۇقى يوق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشى ئەرەب خەلقىنىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى، دەپ قارىدى. سۈرىيە مۇئاۋىن ئەلباشى ئەيىپلەپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قۇراللىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئاتالمىش ئىراقتىكى قۇرال پلانىنى تەھدىت ھېساپلاپ ئۇرۇش قوزغىدى» دېدى. 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 1- كۈنى مىسىردا ئېچىلغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا، بەشىر ئەرەب دۆلەتلىرىنى قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىغا ھېچقانداق ياردەم ۋە قۇلايلىق بەرمەسلىككە چاقىردى. بۇنى ئاڭلىغان ئامېرىكىنىڭ غەزىپى تاشتى.

سۈرىيەنىڭ ئۇرۇشقا بۇنداق قاتتىق قارشى تۇرۇشىدا، چوڭ بىر ئىتتىپاقدىشى ۋە ئىقتىسادى شىرىكىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەشتىن باشقا، يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بار، يەنى ئامېرىكا سادام ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن، ئىراقتا ئامېرىكاپەرەس بىر ھۆكۈمەتنى تىكلىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، سۈرىيە شىمالدا تۈركىيە، جەنۇبتا ئىسرائىلىيە، شەرقتە بولسا ئىراقتىن ئىبارەت ئامېرىكىغا مايىل ئۈچ تەرەپنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ، سۈرىيە ئامېرىكىنىڭ كېلەركى قېتىملىق ھەربىي نىشانى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.



* ئامېرىكا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاچقۇن ئىراق ئالىي ئەمەلدارلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ھەمدە زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قۇراللىرىنى ياسىغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ سادام ھاكىمىيىتىدىكى سابىق رەھبەرلەرنى يوشۇرغانلىقىنى ئەيىپلىدى، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراق جىنايەتچىلىرىنى چېگرا ئاتلاپ قوغلاپ تۇتۇش ئىشلىرى ئىككى دۆلەت قوشۇنلىرىنىڭ توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دۈشمەنلىشىش كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيە ئەرەب- ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتىدىكى پوزىتسىيىسى قاتتىق، بايرىقى ئېنىق ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يان باسقانلىقىغا قارشى تۇردى. ئامېرىكا بولسا توختىماستىن سۈرىيەنىڭ لىۋان ئاللاھ پارتىسى، پەلەستىن خاماس تەشكىلاتى ۋە جىھاد قاتارلىق تەشكىلاتلارنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ تېرورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىشىغا يول قويۇپ، پەلەستىن- ئىسرائىلىيە تېنچلىق مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىپلەپ كەلدى. پەلەستىن رادىكال تەشكىلاتلىرىدىن خاماس، جىھاد، ئەل-قائىدە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ باش شتاپىنى دەمەشىقكە ئورۇنلاشتۇردى. ئامېرىكا يەنە سۈرىيەنى زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قۇراللارنى ياسىماقچى دەپ ئەيىپلىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى سۈرىيەنى ھەقىقىي «مۇتىھەم دۆلەت» دەپ ئاتىدى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بىر مەزگىل سۈرىيەنى ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق ھۇجۇم نىشانى دەپ قاراپ كەلدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، 2003-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا پوۋېل سۈرىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي كەيپىياتىدا ياخشىلىنىش بولدى. گەرچە ئامېرىكا سۈرىيەنى جازالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن 10-ئايدىن بۇرۇن بۇ ھەقتە ھېچقانداق قارار چىقارمىدى.  





2013-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى دەمەشىقنىڭ شەھەر سىرتىدا قازا قىلغۇچىلارنىڭ جەسىتى دەپنە قىلىنماقتا. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ خىمىيىۋى قۇرال ئىشلىتىپ مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.



* 2003-يىلى ئامېرىكا سۈرىيەگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ناچارلاشتى.

2003-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەنى جازالاش پوزىتسىيىسىدە ياخشىلىنىش بولدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى «سۈرىيە ھېساۋاتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى «سۈرىيە مەسئۇلىيىتى ۋە لىۋان ھوقۇق تۇرغۇزۇش قانۇنى»نى ماقۇللىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەلىرىدە ئەلباشقا سۈرىيەنى كەڭ كۆلەمدە جازالاش ھەققىدە ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە: سۈرىيەگە ھەر قانداق ھەربىي مەھسۇلاتنى ئېكىسپورت قىلماسلىق؛ سۈرىيەگە يېمەكلىك ۋە دورىدىن باشقا، ھېچقانداق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېكىسپورت قىلماسلىق؛ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سۈرىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەش؛ سۈرىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىىرنىڭ ھەرىكىتىگە چەك قويۇپ، سۈرىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئۇچرىشىشنى ئازايتىش؛ سۈرىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كېرىشىنى چەكلەش؛ سۈرىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى مال- مۈلۈكىنى توڭلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى. ئەلباش ھوقۇقلانغان بۇ قانۇن لايىھەسىدىكى 6 تۈرلۈك جازانىڭ ئىچىدە، كەم دېگەندە ئىككى تۈرىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك ئىدى. 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەلباش بۇش بۇ قانۇن لايىھەلىرىگە ئىمزا قويدى.

سۈرىيەنىڭ ئامېرىكا چىقارغان بۇ جازالاش قانۇنلىرىغا بولغان ئىپادىسى بىر قەدەر مۆتىدىل بولدى. بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇنداق تەھدىتلەرنىڭ يېڭىلىق بولماستىن، ئاساسلىق مەقسىتى سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي تەسىرىنى ئاجىزلىتىش، بۇ قانۇن لايھەلىرى ئىجرا قىلىنسىمۇ، سۈرىيەگە بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس دەپ قارىسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە ئەلباشى مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھېچقانداق بىر تېرورلۇق تەشكىلاتىنى مەبلەغ بىلەم تەمىنلىمىدى، ئاللاھ پارتىيىسىنى قوللاش پەقەت سىياسىي خاراكتېرلىك خالاس، سۈرىيە ھېچقاچان ئامېرىكىغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىغىنى يوق، سۈرىيە ھېچ بولمىغاندا 7 قېتىملىق ئامېرىكىغا قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمنى توسۇپ قېلىشىغا ياردەملەشتى. سۈرىيە مىنىستىرىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، سۈرىيە ئۆز مەنپەئەتىگە ئاساسەن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، سۈرىيە ئامېرىكا بىلەن ھەم دۈشمەنلەشمەيدۇ، ھەم ئامېرىكىغا قاراشلىق بولۇپ قالمايدۇ، دېدى، ھەمدە سۈرىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچىرىشىش يولىدا تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. جازالاش- ئىككى تەرەپ مۇناسۋىتىنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىشىدا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىدى. ئاق ساراي 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى «2003-يىللىق يەرشارى تېرورىزىم ۋەزىيىتى دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا سۈرىيە 7-ئورۇندىكى تېرورىزىمنى قوللايدىغان دۆلەت قىلىپ تىزىلدى. ئەتىسى ئاق ساراي باياناتچىسى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز تەدبىر قوللىنىپ سۈرىيەنىڭ قىلمىشىنى ئۆزگەرتىش، دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز "سۈرىيە مەسئۇلىيىتى قانۇن لايىھەسى"نى يۈرگۈزمەكچى بولىۋاتىمىز.». 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.



* بۈگۈنكى سۈرىيە ۋەزىيىتىدە، چوڭ دۆلەت ئويۇنلىرىنىڭ ئىزنالىرى مەۋجۇت.

يېقىنقى زاماندىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئوخشاش، 2011-يىلىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى "ئىچكى ئۇرۇش"تا، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئويۇن تۈسى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. بۇنىڭدا ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئويۇنلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. 2010-يىلى 5-ئايدا، رۇسىيە ئەلباشى مېدۋېدېۋ سۈرىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادى ۋە ھەربىي ھەمكارلىق توختامنامىسى ۋە كېلىشىملەرنى ئىمزالاپ، سۈرىيەگە يادرو رىئاكتورى قۇرۇپ بېرىشنى پىلانلىدى؛ سۈرىيەنىڭ ھەربىي قۇرال- ياراغلىرى ئىزچىل رۇسىيەدىن ئېكىسپورت قىلىنىۋاتىدۇ، تارتۇس پورتى بولسا رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى بازىلىرىدىن باشقا، بىردىنبىر ھەربىي بازىسى بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى ئۈچۈن ئاسراش ۋە مۇلازىمەت ئېلىپ بارالايدۇ. ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشتا، سۈرىيە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ياردىمى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ. ئەسەد 2008-يىلى موسكۋادا زىيارەتتە بولغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشىچاق بولۇپ، پرىنسىپ جەھەتتىن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە سىنارەدكە قارشى سېستىما ئورنىتىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سۈرىيە- رۇسىيە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت، كۈنسايىن يىرىكلىشىۋاتقان سۈرىيە- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىلەن روشەن سېلىشتۈرما بولۇپ تۇرماقتا.



مەنبە :نۇر تورى


koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 21:18:19

زۇڭتۇڭنىڭ ئورنىغا ئەلباش سۆزىنىڭ ئېلىنىشى خېلى مۇۋاپىق بولدىمۇ ياكى؟

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 22:10:50

شۇنداق قىلىپ ئۇرۇش باشلىنىدىكەندە؟

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 23:05:55

1- قەۋەتتىكى koktashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زۇڭتۇڭنىڭ ئورنىغا ئەلباش سۆزىنىڭ ئېلىنىشى خېلى مۇۋاپىق بولدىمۇ ياكى؟

   مېنىڭچە مۇۋاپىق بولغاندەك قىلىدۇ .جۇمھۇرىيەت تۈزۈمدىكى دۆلەت باشلىقلىرىنى رەئىس جۇمھۇر ،ئامېرىكادەك پىرىزدىنتلىق تۈزۈمدىكىلەرنى ئەلباشى دېسە بولغۇدەك .بىزنىڭ ئاتالغۇ ياسايدىغان مەخسۇس ئورۇنلىرىمىز بولمىغاندىكىن مۇشۇنداق پارتىزانچە ئاتالغۇشۇناسلىق قىلىدىغان گەپ ئوخشايدۇ .

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 02:34:04

mustapaنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

   بىر جايدا مۇنداق دېيىلىپتۇ:

1990-يىلى 9-ئاينىڭ
10-كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى باكېر ئىپادە بىلدۈرۈپ .... شۇ
يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، بۇش بىلەن ئەسەد دەمەشىقتە يۈز كۆرۈشۈپ،
1970يىلىدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۈنجى ئۇچرىشىشىنى ئەمەلگە
ئاشۇردى.


يەنە بىر جايدا مۇنداق دېيىلىپتۇ:

1994-يىلىنىڭ
بېشىدا، ئەسەد بىلەن كلىنتون جەنۋەدە ئۇچراشتى، 10-ئايدا كلىنتون سۈرىيەدە
زىيارەتتە بولدى. ئىككى دۆلەت ئەلباشلىرى ئەرەب- ئىسرائىلىيە تېنچلىق
سۆھبىتى ۋە سۈرىيە- ئىسرائىلىيە تېنچلىق سۆھبىتى ھەققىدە پىكىر
ئالماشتۇردى. كلىنتوننىڭ زىيارىتى 20 يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكا
ئەلباشلىرىنىڭ تۈنجى بولۇپ سۈرىيەنى زىيارەت قىلىشى ئىدى.




90-يىلى چوڭ بۇش دەمەشىقتە زىيارەتتە بولۇپتىكەن، 4-يىل كېيىن كىلىنتون سۈرىيەدە زىيارەتتە بوپتۇ، ۋە 20 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئەلباش زىيارىتى دېيىلىپتۇ. 1990-يىلىدىن بۇرۇن دەمەشىق سۈرىيەگە تەۋە ئەمەسمىدى ياكى چوڭ بۇش سۈرىيگە بارغاندا ئەلباشلىق ۋەزىپىسىنى قىلمىغانمۇ؟

....

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 10:22:52

ئىشقىلىپ ئەسەد گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى بوپقالدى.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 21:06:49

بىرھون ئەپەندى، خېلى يامان يەردىن تۇتىۋالدىڭىز-دە!

بۇ ماقالىنى ئەسلىدە مەن تەرجىمە قىلغان ئىدىم. ئاشۇ ئىنچىكە يېرىگە دىققەت قىلماپتىمەن.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 21:09:25

چوڭ بوش سۈرىيە ئەلباشى بىلەن دەمەشىقتە كۆرۈشمەي باشقا جايدا كۆرۈشكەن بولسا كېرەك .
بەت: [1]
: ئامېرىكا بىلەن سۈرىيەنىڭ كونا يېڭى ئاداۋەتلىرى