xahrulla55 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 15:07:31

دۇنيادىكى 100 چوڭ كەشپىيات



چوت ( مىلادىيە 190 – يىلى )

مىلادىيە 190 – يىللىرى چوتنىڭ ئەڭ بالدۇر جۇڭگودا ئىشلىتىلگەنلىكى خاتىرلەنگەن . نەچچە يۈز يىل ماباينىدە جۇڭگونىڭ چوتى ئەڭ تېز ھېسابلاش قۇرالى بولۇپ كەلگەن .

ئاسپىرىن ( 1899 – يىلى )

ئاسپىرىن تابلىتكىسى باشقا ھەرقانداق دورىغا قارىغاندا كۆپ كېسەللەر شىپا بولۇشى مۇمكىن . خىپپىكراتېس ئاسپىرىننىڭ رولىنى تۇنجى بايقىغان كىشى . ئەسىر ئالمىشش ھارپىسىدا گېرمانىيلىك خىمىك ھوفمان بۇ دورىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن .

تىكەنلىك سىم تور ( 1873 – يىلى )

دۇنيادا ئەڭ تالاش – تارتىش قوزغىغان بۇ كەشپىيات ئىنسانلارنىڭ ھەركىتىنى توسۇش ئۈچۈن ئەمەس ، كالىلارنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان .

سىزىقلىق كود ( 1973 – يىلى )

سىزىقلىق كودنى فىلادېلفىيىلىك بىر ئوقۇغۇچى 1952 – يىلى كۆرگىلى بولىدىغان مورز تېلېگراف كودى ئاساسىدا كەشىپ قىلغان . ھازىر تاللا بازارلىرىدىكى تاۋارلارنىڭ ھەممىسىدە ھېگۈدەك سىزىقلىق كود بار .

باتارېيە ( 1800 – يىلى )

18 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى ئىتالىيىلىك فىزىك گاۋانى ئىككى مېتالنى ئۆلۈك پاقىنىڭ پۇتىغا تەگكۈزسە ، پاقىنىڭ پۇتى مىدىرلايدىغانلىقىنى بايقىغان . گالۋانىنىڭ دوستى ۋولتا بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ۋولتا باتارېيىسىنى ئىجاد قىلغان .

ۋېلىسپىت ( 1861 – يىلى )

ۋېلىسپىت 19 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى ئېسىلزادىلەرنىڭ ئويۇنچۇقى سۈپىتىدە لايىھىلەنگەن بولسىمۇ ، ئۇ ناھايىتى تېزلا تەبىقە ئايرىمايدىغان قاتناش قورالى بولۇپ قالغان .

لىپتىك ( 1913 – يىلى )

كىشلەر نيۇ – يورك ئىجتىمائىي ئالاقە ساھەسىدىكى داڭلىق شەخس مارى جكوبنى « ھازىرقى زامان لىپتىكىنىڭ ئىجادچىسى » دەپ قارايدۇ .

تۈگمە ( 1235 – يىلى )

يۇنانلىقلار ئىپتىدائىي تۈگمە ۋە قپلىما ھالقا بىلەن چاپىنىنى ئەتكەن . لېكىن تۈگمىگە تۆشۈك ئېچىلغاندىن كېيىنلا ئومۇملىشىشقا باشلىغان .

فوتو ئاپپارات ( 1826 – يىلى )

ئەڭ دەسلەپكى فوتو ئاپپاراتنى ئەنگىلىيىلىك زىيالى توۋېربوت ئىجاد قىلغان . لېكىن تۇنجى سۈرەتنى نېپكىې 1826 – يىلى تارتقان .

كومپاس ( 1190 – يىلى )

جۇڭگولۇق ۋە ياۋروپالىق ماروسلار 12 – ئەسىردە ئۆز ئالدىغا ماگىنىتنى بايقىغان . 1190 – يىلى ئىتالىيلىك دېڭىز ھاياھتچىلىرى ماگىنىتتىن پايدىلنىپ سۇ كومپىسىدىكى ئىسترېلكىنى ماگىنىتلاشتۇرغان .

گاندون ( 1640 – يىلى )

مىسىرلىقلار 3000 يىل ئىلگىرىلا گاندون ئىشلەتكەن . 16 – ئەسىردە ئىتالىيىلىك ئاياللار كېسەللىرى مۇتەخەسسىسى فاللوپىئۇن گاندون ئىشلىتىپ كېسەلنىڭ تەرقىلىشدىن ساقلىنىشنى ئەڭ دەسلەپ تەشۋىق قىلغان .

توڭلاتقۇ ( 1834 – يىلى )

پېركىنىس پارلىنىشچان خىمىيلىك ماددا قاچىلانغان نەيچىنىڭ يېمەكلىكلەرنى قانداق مۇزلىتىدىغانلىقىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتۇرىغا قويغان .

زەمبىرەك ( 14 – ئەسىر )

پۇرۇخ 13 – ئەسىردە كىشىلەرنىڭ زەمبىرەك ياسىشىغا سەۋەب بولغان . زامانىۋى زەمبىرەكنىڭ ياسىلىشىغا سمىت بىلەن ۋېسسون ياسىغان مېتال قاپلىق توپ ئوقى تۈرۈتكە بولغان . ئۇ 1957 – يىلى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنغان .

ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ( 1859 – يىلى )

ئىچىدىن يانىدىغان تۇنجى دۋىگاتېلنى بېلگىلىيىلىك كەشپىياتچى ئېتىننې لېنوئىر كەشىپ قىلغان . ئۇ 1859 – يىلى پار ماشىنىسى ئىچىدە يانىدىغان دۋىگاتېل قىلىپ ئۆزگەرتىپ ياسىغان . لېنوئىر ياسىغان ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل كېيىن ياسالغان ئىچىدىن يانىدىغان دۋگاتېللارنىڭ تۇنجىسى بولۇپ قالغان .

لازېر ئاپپاراتى ( 1960 – يىلى )

فىزىك تېئودرو مەيمان 1960 – يىلى تۇنجى لازېر ئاپپاراتىنى كەشىپ قىلغان . قىزىل ياقۇت ئاساس قىلىنغان بۇ لازېر ئاپپاراتى « قۇياش مەركىزىدىنمۇ يورۇق نۇر » ھاسىل قىلالايتى .

لامپۇچكا ( 1948 – يىلى )

جوزىف سۋون لامپۇچكىنى ئىدىسوندىن ئىلگىرى ئىجاد قىلغان . كېيىن ئىككەيلەن بىرلىكتە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتقا كۈچ چىقارغان . شۇڭا « لامپۇچكىنى جوزىف سۋون بىلەن ئىدىسون بىرلىكتە ئىجاد قىلغان » دەپ قارىلىدۇ . ھازىر لامپۇچكا كىشلەرگە ئەڭ تونۇشلۇق بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ .

قۇلۇپ ( مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000 – يىلى )

تەخمىنەن 4000 يىل ئىلگىرى مىسىرلىقلار ئەڭ دەسلەپ قۇلۇپ ۋە ئاچقۇچ ئىجاد قىلىپ نەرسە – كېرەكلىرىنى ساقلىغان .

مىكرو ئۆزەك ( 1958 – يىلى )

ئامېرىكىلىق ئىنژېنىر جېك كلبى دۇنيا بويىچە تۇنجى تاق پلاستىنكىلىق تولپاشتۇرۇلغان توك يولى ، يەنى مىكرو ئۆزەك ئىجاد قىلىپ ، كومپيۇتېر ساھاسىنى ئۆزگەرتكەن .

يان تېلېفون ( 1947 – يىلى )

بېل تەجرىبىخانىسى 1947 – يىلى تۇنجى قېتىم يان تېلېفۇن مۇلازىمىتىنى تولغا قويغان .

قەغەز ( مىلادىيە 105 – يىلى )

2000 يىل ئىلگىرى جۇڭگولۇقلار قوۋزاق ، بامبۇك تالاسى ، كەندىر تالاسى ۋە زىغىر تالاسىدىن قەغەز ياسىغان . لېكىن قەغەز نۇرغۇن ئەسىردىن كېيىنلا دۇنياغا تارقالغان .

خاس كومپيۇتېر ( 1977 – يىلى )

ستېۋ جوبىس 1977 – يىلى Apple II نى بازاغا سالدى . بۇ ، ئىستېمالچىلارغا سېتىلغان تۇنجى كومپيۇتېر . ئۇ كېيىنكى كۈنلەردە تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتكەن كومپيۇتېرلاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ .

مەتبەئە ماشىنىسى ( 1454 – يىلى )

جۇڭگولۇقلار مىلادىيە 500 – يىلىلا ياغاچ مەتبەئەنى كەشىپ قىلغان بولسىمۇ ، يېڭى تىپتىكى مەتبەئە ماشىنىسىنى گېرمانىيلىك ياغاچچى گۇتېنبېرگ كەشىپ قىلغان .

سىمسىز تېلېگراف ( 1895 – يىلى )

ئىتالىيىلىك كەشپىياتچى گۇگلېلمو ماركونى ئەڭ ئاۋۋال سىمسىز تېلېگراف دولقۇننى تارقاتقان ۋە قوبۇل قىلغان . 1896 – يىلى روسىيىلىك ئالېكساندېر پوپوۋ ماركوننىڭ سىمسىز تېلېگىراف دولقۇنىدا ئالاقىلىشىپ پانققانىلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا سىمسىز تېلېگىراف بىلەن ئالاقىلەشكەن . ماركونى 1901 – يىلى تۇنجى قېتىم ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سىمسىز تېلېگىراف سىگنالى تارقاتقان .

تېلېفون ( 1876 – يىلى )

ئېلشا گراي بىلەن ئالېكساندېر گراخام بېل 19– ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان تېلېفون ياساشتا مۇسابىقىلەشكەن . نەتىجىدە بېل ئازراق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلغان .

تېلېۋىزور ( 1925 – يىلى )

سوتلاندىيىلىك جون لوگى بايرد 1925 – يىلى كىشىلەرگە تۇنجى تېلېۋېزورنى كۆرسەتكەن .

ئىنتتېرنېت تورى ( 1969 – يىلى )

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى ئىتېرنېت تورى تەسەۋۋۇرىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان . ئەنگلىيىلىك كومپيۇتېر ھەۋەسكارى تىم بېرنېرس 1986 – يىلى ئىجاد قىلغان ئىنتېرنېت تورى دۇنيا ئۇچۇر تورى بىلەن بىللە ئىلگىرىكى ھەرقانداق كەشپىياتقا قارىغاندا دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان .

سەرەڭگە ( 1826 – يىلى )

ستوكگولملىق خىمىك يوخن ۋالكېر كالىي بىلەن سۈرمە سۇلغىد چاپلانغان تاياقچىنى تاشقا سۈركىسە يانىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم بايقىغان .

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ( 1951 – يىلى )

1951 – يىلى خىمىك كارل گراسسى باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ياسىغان . بۇ دورا 1962 – يىلى ئەنگىليىدە بازارغا سېلىنغان .

بالون ( مىلادىيدىن 3500 يىل ئىلگىرى )

بالوننىڭ « ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلار » نىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشىغا مۇنازىرە كەتمەيدۇ . بالونغا دائىر ئەڭ بالدۇرقى ئىسپاتلارنى مىلادىيىدىن 3500 يىل ئىلگىرىكى ساملار ( بۈگۈنكى ئىراقلىقلار ) نىڭ تام رەسىملىردىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇ . كېيىن بالون غەرەبكە تېز تارقالغان .

سېرىتما ( 1913 – يىلى )

سۋېتسىيىلىك ئىنژېنېر ئىدۋېن سوندىبېك 1913 – يىلى ئۆتەك ئۈچۈن تۇنجى زامانىۋى سېرىتمىنى ياسىغان .

ئوقيا ( مىلادىيىدىن 30 مىڭ يىل ئىلگىرى )

CD ؛ ( 1965 – يىلى )

يۈرەك قوزغاتقۇچ ( 1958 – يىلى )

ئىناۋەتلىك كارتوچكا ( 1950 – يىلى )

دۇمباق ( مىلادىيىدىن 12 مىڭ يىل ئىلگىرى)

پارتىلتىش دورىسى ( 1867 – يىلى )

قارماي ( مىلادىيىدىن 30 مىڭ يىل ئىلگىرى )

يەرشارى ئورۇن بېكىتىش سىستېمىسى ( 1987 – يىلى )

iPod ؛ ( 2001 – يىلى )

توك چۆگۈن ( 1891 – يىلى )

مىكروسكوپ ( 1590 – يىلى )

ساپان ( مىلادىيە 100 – يىلى )

رېزىنكە بوغقۇچ ( 1845 – يىلى )

كىيىم تىكىش ماشىنىسى ( 1830 – يىلى )

كۆزەينەك ( 1451 – يىلى )

شپىرىس ( 1844 – يىلى )

دۇربۇن ( 1608 – يىلى )

كۈنلۈك ( مىلادىيىدىن 2400 يىل ئىلگىرى )

تىڭشىغۇچ ( 1979 – يىلى )

تارازا ( مىلاديىدىن 5000 يىل ئىلگىرى )   


مەنبە تور دونياسى


newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 19:16:30

ژۈندە ياغ 2000-يىللاردا كەشىپ قىلىنغان.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 21:07:03

شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى، بۇ يازمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يازغۇچىسى دۇنيادىكى سانى ئەڭ كۆپ مىللەتنىڭ پۇشتى.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 21:44:07

دونيانى توپتىن ئوزگەرتكەن ئەڭ چوڭ كەشپىياتلار نىمىشقا كىرگۇزۇلمىدىكىنە؟

ئۇلارنىڭ كىرگۇزۇلمەي لىپتىك ، كىيىم تىكىش ماشنىسىنىڭ كىرگۇزۇلۇشى قىزىق!

1.كىيىم - كېچەك

2.يىڭنە

3.پىچاق ۋە باشقا ئەنئەنىۋى تىغلىق ئەسۋاپلار

4.تۇقۇش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇسكۇنلىرى

5.ھارۋا

6.ئىگەر

7.ھارۋا جابدۇقلىرى

8.ئوت

9.ئەڭ ئىپتىدائى دۇرىلار(ئوسما سۇيى قاتارلىقلار)

10.خىمىتۇرۇچ قاتارلىق ئېچىتقۇلار

11.سۇپۇن

12.قازان-قۇمۇچ

13.ئوقيا ،

14.نەيزە

15.قالقان

16.كەتمەن قاتارلىق يېزا ئىگلىك ئۇسكۇنىلىرى

17.قېلىپ (كېسەك قېلىپى ، قازان قېلىپى قاتارلىقلار)

18.تۇز

19.چاقپەلەك

20.ياغۇنچاق قاتارلىقلار

21. بوياق

22.تىل

23.يىزىق

24.كېمە،سال

25.زىرائەت ۋە كوكتات ئۇرۇقلىرى


26.ئارغامچا قاتارلىقلار



قېنى قايسىڭلار يۇقارقى 26 تۇردىكى كەشپىياتنىڭ دونيانى ئوزگەرتىشكە قوشقان توھپىسىنى يۇقۇرىدىكى 100تۇرلۇك كەشپىياتتىن كوپ ئەمەس دىيەلەيسىلەر؟

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 13:50:51

دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئون چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرىنجىسى تىكەنلىك سىم ، بۇنى بىر ماتىريالدىن كۆرگەنتىم .
بەت: [1]
: دۇنيادىكى 100 چوڭ كەشپىيات