irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 08:36:46

بۈگۈن خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنى

بۈگۈن خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنى. 1966-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 14-قېتىملىق يىغىنى ھەريىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىنى خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنى پائالىيىتى ئارقىلىق ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتكەن بالىلارنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپتە ئوقۇش، قۇرامىغا يەتكەن ساۋاتسىزلارنى تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلغان؛ 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ماۋزېدۇڭ يەنئەن مەركەز مۇھاپىزەتچىلەر تۇەنىنىڭ جەڭچىسى جاڭ سىدېنىڭ ماتەم مۇراسىمىدا ‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى› ناملىق مەشھۇر نۇتقىنى سۆزلىگەن. 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ‹خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى› دېگەن بۇ نۇتۇق تۇنجى قېتىم يەنئەندىكى ‹ئازادلىق گېزىتى›گە بېسىلغان؛ 1951-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئامېرىكىدىكى سان-فىرانسېسكودا ‹ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى›نى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە چەكلىمىسىز، مۇددەتسىز قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا يول قويۇلغان؛ 1998-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلىمىز پۈتۈنلەي سېفىرلىق، ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى تېلېۋىزىيە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان؛
بەت: [1]
: بۈگۈن خەلقئارا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۈنى