nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 16:22:33

بىر كىشىنىڭ ھەققى يەنە بىر كىشىدە قالمايدۇ



بىر دەرۋىش ئايال بار ئىدى، ئۇنىڭ
ئۆيىگە ھەركۈنى بىر ئانار پەيدا بۇلاتتى. ئوغلى بىلەن ئىككىسى شۇ ئانارنى يەپ تائەت
قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى ئېيتتىكى:


-ئى ئانا، بەيتۇلمۇقەددەس بازىرىدا تۈرلۈك مىۋىلەر بار
ئىكەن، ئۇنى يىيىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.


-ئى ئوغلۇم ئۇنداق دىمەي، خۇدانىڭ بەرگەن نىممىتىگە شۈكرى
قىل،- دېدى ئايال.


شۇنىڭدىن كىيىن ئانار
يوقاپ كەتتى. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە ئاچ قالدى. ئوغلى بىتاقەت بولۇپ
ئېيىتتى:


-ئانا دۇئا قىلغىن، ئاللاتائاللا
بىزگە رىزىق بەرگەي.


ئانا قول كۆتۈرۈپ
دۇئا قىلدى، ئوغلى «ئامىن»دېدى، شۇ چاغدا ئۆيگە رەئىسنىڭ كالىسى كىرىپ كەلدى،-دە
زۇۋانغا كېلىپ دېدى:


ئاللاتائاللا مىنى
سىلەرگە ئەۋەتتى، مەن سىلەر ئۈچۈن ھالال رىزىق بۇلىمەن.


ئايال كالىنى ئۆيدىن قوغلىغان ئىدى، كالا ھەرگىز ماڭمىدى ۋە
يەرگە يېتىۋېلىپ دېدى:


-گۇناھكار بۇلۇشقا
زورلىما مىنى.


-يىسەڭ يە، قېنىم ئىچ،
نەقەدەر لەززەت.


-سەجدىدىن گۇناھىمنى
تىلەپ كەلدىم مەن.


-ئىماندىن ئاجرىشىم مەن
ئۈچۈن زۇلمەت.


ئوغۇل:

-ئانا، خۇدايىتائاللا بۇ كالىنى بىزگە بۇيرىمىغان بولسا بۇ
شېئىر ئوقامتى؟-دېدى-دە، كالىنى سويۇپ تېرىسىنى ئاجرىتىپ گۆشىنى پارە-پارە قىلىپ
پۇشۇرۇپ يىدى.


رەئىس ئۈچ كۈنگىچە يولغا
قارىدى.كالىسى كەلمىدى، ئاخىر ئىزدەپ يۈرۈپ دەرۋىش ئايالنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ
كالىسىنىڭ تېرىسىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كالىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئاندىن شۇ
ۋاقىتتىكى پادىشاھ داۋۇت ئەلەيھىسالامغا ئەرىز قىلدى:


-بىر دەرۋىش ئايال شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلىپ كالامنى سويۇپ
يەۋاپتۇ.


-يىگەن ئادەمنى ئېلىپ كەل!-دېدى
داۋۇت ئەلەيھىسسالام.


رەئىس بېرىپ دەرۋىش
ئايال بىلەن ئوغلىنى، كالىنىڭ بېشى بىلەن تېرىسىنى ئېلىپ كەلدى.


كىشلەر مۇشۇ كالىنىڭ سەۋەبىدىن ئايالنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم
قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاشتى.


داۋۇت
ئەلەيھىسسالام ئايالدىن سورىدى:


-نىمىشقا
كىشىنىڭ مېلىنى شەرىئەتكە خىلاپ ھالدا ئۆلتۈرۈپ يىدىڭ؟


ئايال بىلەن ئوغلى بولغان ۋەقەنى بايان
قىلىشتى.


رەئىس ئىتىراز
بىلدۈرۈپ:


-كالا دىگەنمۇ سۆزلەمدۇ، يەنە
كېلىپ شېئىر ئوقۇمدۇ؟-دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.


داۋۇت ئەلەيھىسسالام دېدى:

-ھەقتىن ئەمىر بولسا، ھايۋان تۈگۈل تاشمۇ سۆزلەيدۇ. بۇ
ئىشتا بىر ھىكمەت باردەك قىلىدۇ، ئاخىردا مەلۇم بۇلىشى مۇمكىن.


شۇ ئەسنادا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ
ئېيىتتى:


-ئى داۋۇت، ئەتە ھېيت كۈنى جاۋاپ
بېرەي دىگىن!


ئەتىسى ھېيت بولدى، داۋۇت
ئەلەيھىسسالام رەئىسنى، ئايالنى، ئۇنىڭ ئوغلىنى چاقىرىپ كەلدى. رەئىسنىڭ غەرىزى
كالىسى ئورنىغا ئانا-بالىنى قۇل قىلىپ ئېلىش ئىدى. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ
داۋۇت ئەلەيھىسسالامغا دېدى:


-ئى داۋۇت،
رەئىسكە ئېيتقىن،- سەن بىر پادىچى ئىدىڭ، بىر چاغلاردا مىسىردىن شامغا كىتىۋاتقىنىڭدا
ھېچنىمەڭ يوق ئىدى، يولدا بىر ئادەمگە ھەمرا بولدۇڭ، ئۇ ئادەمنىڭ يېنىدا5 مىڭ دىنارى
بار ئىدى، سەن ئۇنى ئۆلتۈرۈپ بىر تاشنىڭ تىگىگە كۆمدۈڭ، ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىۋېلىپ شۇ
پۇل بىلەن ئەلگە تۇنۇلدۇڭ، كېيىن يەنە ئىسرائىلغا باشلىق بۇلۇپ رەئىس دەپ نام
ئالدىڭ، سەن ئۆلتۈرگەن ئادەم بۇ ئايالنىڭ ئېرى ئىدى، بۇ ئوغۇل شۇ كىشىنىڭ ئوغلى،
سېنىڭ قولۇڭدىكى ماللار ئەسلىدە بۇلارنىڭ، سېنىڭ قان-قەرزىڭ بار، بۇ ئوغۇل قىساس
ئۈچۈن سېنى ئۆلتۈرىدۇ.


داۋۇت
ئەلەيھىسسالام رەئىسكە بۇ گەپلەرنى تۇلۇق يەتكۈزدى، رەئىس ھەرگىز ئىقرار قىلمىدى.
خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ قولى «بۇ ئىشنى مەن قىلغان» دەپ گۇۋاھلىق بەردى.
قۇلاقلىرىمۇ «ئۇ كىشىنىڭ نالە-زارىنى مەن ئاڭلىغان» دېدى، پۇتلىرى «ئۇ ئادەم قاچقان
ئىدى، مەن قوغلاپ بېرىپ تۇتقان» دېدى.


ئاللاتائاللادىن نىدا كەلدى:

-ئى داۋۇت، ھۆكۈم قىلغىن، ئوغۇل رەئىسنى ئۆلتۈرۈپ ھەممە
مال-دۇنياسىنى ئالسۇن.


كىشلەر بۇ ۋەقەنى
ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ تۆۋە قىلىشتى.


ئوغۇل ئاللانىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈردى، داۋۇت ئەلەيھىسسالام
خىتاب بىلەن ئېيتتى:


-ئى خالايىق،
قىيامەتنىڭ جەريانىنى بۇدۇنيادا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلمىغان ئىدىڭلار، قىيامەت كۈنى دەل
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بۇلىدۇ. دۇنيالىقتا بىر كىشىنىڭ ھەققى يەنە بىر كىشىدە
قالمايدۇ.


ھىچقانداق بىر مۇسۇلمان خىيانەت
قىلمايدۇ، ئاللا خىيانەت قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرمەيدۇ.(قۇرئانى كەرىم«ئال
ئىمران»)


مەنبە: تور دۇنياسى

galita يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 17:51:31

بۇ ئالەمدە بىرنىڭ ھەققى بىرىدە قالىدۇ!چۈنكى بۇ شۇنداق ئالەم،ئەمما بىىز قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز كىرەك،قەرزى بارلار،خەخنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋالغانلار شۇنى قايتۇرمىغۇچىلىكجەننەتكە كىرەلمايدۇ!    ئەمدى ماۋۇ ھىكايەتكە كەلسەك ئەپسانىگە تولغان!گەرچەياخشىلىققا ئۈندىسىمۇ يەنىلا ئەپسانە!

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 22:39:00

يىسەڭ يە، قېنىم ئىچ، نەقەدەر لەززەت. ..

مۇسۇلماندا قان ئىچىش ھارامدۇ؟
بەت: [1]
: بىر كىشىنىڭ ھەققى يەنە بىر كىشىدە قالمايدۇ