irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 15:02:36

سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ-بۇددىزىم دەۋرىدىكى بۈيۈك تەرجىمان(9-ئەسىر)

قوچو ئۇيغۇر ئېلى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىككى تارىخشۇناس ھەققىدە



ئىسرائىل مۇتىللا



     ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرپان رايونىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇپ چىققان قوچو  ئۇغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ۋە بۇ زېمىن، شۇنداقلا غەربىي يۇرت توغرىسىدا قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلارنى قالدۇرغان تارىخچىلىرىمىز ئىچىدە مەشھۇر تەرجىمان، تىل ئۇستىسى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تارىخ جەھەتتىكى تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، كېيىنكى دەۋردىكى تارىخچىلارنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ھىندىستاننىڭ يەر - جاي ناملىرىنى، تىل - يېزىقى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدە ناھايىتى قىممەتلىك ۋە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. (ئۈچىنچى قېتىملىق  


    بۇ مەشھۇر تىل ئۇستىسى، يېتۈك تەرجىمان، تارىخچىنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە ئېنىق ئىسمى توغرىسىدا ھازىر ھەر خىل كۆز قاراش مەۋجۇت بولۇپ، ئومۇملاشتۇرغاندا ئۇ قوچو ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ( 848- 1369- يىلىغىچە ) ياشاپ ئۆتكەن. كونكرېت ئېيتقاندا، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ياشاپ ئۆتكەن دەۋرىنى ئېنىقلاشتا ئۇ تەرجىمە قىلغان  «ئالتۇن يارۇق» ۋە «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسەرلەرگە كۆپرەك مۇراجئەت قىلشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ زادى قاچان ئۇيغۇر تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقى توغرسىدا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. گىرمانىيىلىك تۈركولوگ مۈللېر ئالتۇن يارۇقنىڭ تۇرپان نۇسخىسى بىلەن ۋېنشۇگۇ نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مىلادىيە 8- ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنىرەك تەرجىمە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئا. ۋون. گابائىن «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كېيىنكى تاڭ دەۋردە ( 923- يىلىدىن 935 - يىلىغىچە ) تەرجىمە قىلغان، دەپ قارايدۇ⑤ . پروفېسسور فىڭ جياشېڭ بولسا شىمالىي سۇڭ دەۋرىدە ( 960-يىلىدىن 1127- يىلىغىچە ) تەرجىمە قىلغان، دەپ قارىغان. رۇسيىلىك رادلوگ بىلەن مالوف بۇ ئەسەرنى 13-14 - ئەسىرلەردە تەرجىمە قىلغان دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى گىراماتىكىلىق قائىدىلەر ۋە ئىشلەتكەن سۆزلىرىنىڭ دەۋر خۇسۇسىيىتىگە قاراپ 8-9- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مانى يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ⑥ . ھەمدە ئالتۇن يارۇقتىكى تىلنىڭ 9- 10- ئەسىرلەردىكى پىشقان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. يۇقىرىقى كۆز قاراشلار ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنىپ تەكىتلىنىۋاتقىنى 10- ئەسىر ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە قىلنغان، دېگەندىن ئىبارەت.


    يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭمۇ 10- ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن تارىخىي شەخس. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تەپسىلىي ھاياتى توغرۇلۇق تېخى ئىشەنچلىك، تولۇق ماتېرىيالى يوق، ئۇنىڭ ئۆزى توغررۇلۇق قالدۇرغان ئۇچۇرلىرى «ئالتۇن يارۇق» ۋە  «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن تەرجىمە ئەسەلىرىدە ساقلىنىپ قالغان. 1910 – يىلى مالۇف تەرجىمە قىلغان سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تېپىلغان نۇسخىسىنىڭ خاتىمىسىنى، گېڭ شىمىن 1958 – يىلى تەرجىمە قىلغان «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» نىڭ تۇرپاندىن تېپىلغان نۇسخىسىنىڭ 7- بۆلۈمىنى تۈركىيىلىك سىناشى تېكىن 1965 – يىلى ئېلان قىلغان گېرمانيىدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قول يازمىلار ئىچىدىن سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرجىمە قىلغان نوم ۋارىقىنى، 1985 – يىلى قاھار بارات پىچاندىن تېپىلغان سېڭقۇ سەلى تەرجىمە قىلغان نوم ۋارىقىنىڭ، دولقۇن قەمبىرى ترانسكرىپىسىيە قىلغان نۇسخىسىن كۆرگىنىمىزدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە «بەشبالىغ سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ... تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان...» دېگەن قىممەتلىك ئۇچۇر ئۇچرايدۇ. بىز بۇ ئۇچۇر ئارقىلىق سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بەشبالىغ شەھىرىدە ياشاپ ئۆتكەن شەخش ئىكەنلىكىنى، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ دېگەن ئۇنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۇ توغرىسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بار. دەسلەپكى ئىزدىنىش ماتېرىياللىرى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردە قالدۇرۇلغان قىسمەن خاتېرىلەردە «سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ ئەسلى ئىسمى سېڭقۇ بولۇپ، سەلى ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بولۇشى مۇمكىن» دېيىلگەن. تۇتۇڭ ئۇنىڭ راھىبلىك مەرتىۋىسىگە بېرىلگەن نام ئىكەن⑦. يەنە بىر قىسىم ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە،  سېڭقۇ ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى، سەلى تۇتۇڭ ئۇنىڭ راھىبلىق نامى ياكى راھىبلىق مەرتىۋىسىدۇر⑧ دېيىلگەن. يەنە بىر خىل كۆز قاراشتىكىلەر سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرجىمانىنىڭ دىنى نامىنىڭ تولۇق ئاتىلىشىدۇر، دەپ قارايدۇ. 1975 – يىلى گىئورگى خازاي سېڭقۇ سەلى خەنزۇچىدىن تەرجىمە «تەننى، كۆڭۈلنى كۆرمەك» ئاتلىق مومنىڭ 5-ۋارىقىنى ئېلان قىلغاندا كۆرۈلگەن قىلغان «سېڭقۇ» نى   دەپ تونۇيدۇ.   فىرانسىيىلىك خامىلتون «سەلى» نى سانسكرىتچە «ئۇستاز» نىڭ  خەنزۇچە قسقارتىلغان   ئاھاڭ تەرجىمىسى  بولۇپ، 9-10 - ئەسىرلەردىكى بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ ئەمەل نامىنى كۆرسىتىدۇ⑨   دەپ ھىسابلايدۇ. يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەممىسىدە سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ بىر بۇددا رھىبى ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ تۇرىدۇ.  


           سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئۇنىڭ ئىسمى ياكى راھىبلىق ئەمەل نامى بولۇشتىن قەتئينەزەر، ئۇنىڭ تۆھپىلىرى يەنىلا بىر ئۇلۇغ تەرجىمان، تىلشۇناش، تارىخچىنىڭ نامىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ تۇرماقتا. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تەرجىمە پائالىيەتلىرى  ۋە ئەسەر ناملىرىنى تەتقىق قىلىش نۆۋەتتە تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتىمۇ زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگىدۇر.  


    سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ دىيارىمىزنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىدىن مەلۇمات بېرىدىغان ئۆز ئەسىرى تېخىچە تېپىلمىدى. ئەمما ئۇ تەرجىمە قىلغان «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن تەرجىمە ئەسەردە بۇ زېمىن توغرۇلۇق نۇرغۇن تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئۇچۇرلار بېرىلگەن. «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن ئەسەر 7- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەنزۇ سەيياھ، تەرجىمان، بۇددا ئالىمى شۇەنزاڭ (ھويقىتسۇ) نىڭ شاگىرتلىرى خۇەيلى بىلەن ياڭ زوڭ تەرپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، شۇەنزاڭنىڭ مىلادىيە 629-641- يىللىرى غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ھىندىستانغا قىلغان سەپىرى تەپسىلىي بايان قىلنغان. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا شۇەنزاڭ تەرىپىدىن خەنزۇچە خەتلەر بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىنغان ياكى مەنا تەرجىمىسى بېرىلگەن غەربىي يۇرتتىكى بىر قىسىم يەر - جاي ناملىرىنى يەرلىك خەلقنىڭ تىلىدىكى ئەسلىي ئاتىلىشى بويىچە ئېنىقلاپ بەرگەن. مەسىلەن، قەشقەرنىڭ نامى كاشبالىغ، خوتەننىڭ نامى ئودۇن، ئاقسۇنىڭ نامى بالوك، چەرچەننىڭ نامى سارامان ….قاتارلىقلار. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ بۇ تۆھپىسى شۇ دەۋىردىكى بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ تىل - يېزىقى، مەدەنىيتى ۋە دىنى ئىتىقادى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىلمىي يەكۈن چىقىرىشتا ناھايىتى زور بولۇپ، ھەر خىل مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدىكى قەدىمكى بەگ - بالىقلارنىڭ ناملىرىنىڭ ئۆزگىرىش ياساش جەريانىنى تەتقىق قىلشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە . بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم بەگ - بالىقلارنىڭ تىل - يېزىقى ، ئۆرپ -ئادىتى ۋە كېلىپ چىقىشىغا دائىر مەلۇماتلار سېڭقۇ سەلى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىدا تېخىمۇ تولۇق يورۇتۇپ بېرىلگەن. مەسىلەن، خەنزۇچە نۇسخىدا ‪ئودۇن دۆلىتى توغرىسىدا «بۇ ئەلنىڭ پادىشاھى جاسارەتلىك كىشى بولۇپ، بۇددىزىم ئەقىدىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۆزىنى ۋايجىرا ۋانانىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ .يېزىقى ئەنەتكەكتىن كەلگەن، ئازراق ئۆزگەرتىلگەن، ئۆرپ - ئادىتى غۇزلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ» دىيىلگەن بولسا، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىدا تېخىمۇ ئېنىق ۋە تولۇق ھالدا «ئودۇن پادىشاھى ئىنتايىن باتۇر، دانىشمەن، خۇشخۇي كىشى بولۇپ، ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئابرويلۇق كىشىلەرنى ئەرتىۋارلايدۇ. بۇ دۆلەت گۇستانا دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىسى يەر ئەمچىكى دېگەنلىك. ئودۇن پادىشاھى ۋايجىراۋانانىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، يەر ئەمچىكىنى ئىمىپ چوڭ بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان …. بۇ دۆلەتنىڭ ئىككى خىل يېزىقى بار، يىراققا نىسپەتەن ئەنەتكەك يېزىقىنى ئىشىلتىدۇ. يېقىنغا ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىلىدۇ. ئۆز يېزىقى ئەنەتكەك يېزىقىغا ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا يەنە بەزى ئۆزگىچىلىكلەر بار. بارلىق سوغدىلار بىلەن قانۇن ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ئوخشىمايدۇ» . بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تارىخىي بىلىمى تولمۇ شەرھىلەنگەن.  دەپ  مول بولۇپ، ئۇ قوچۇدىن يىراق جايدىكى ئودۇننىڭ «شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» دىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان ئەھۋاللارنى ئېنىق سۆرەتلەپ بەرگەن. تېخى ئودۇنلۇقلارنىڭ دېپلوماتىيە جەھەتتىكى پائاليەتلىرىنى «... ئىككى خىل يېزىق قولىنىلىدۇ...» دېيىش ئارقىلىق سۆرەتلەپ بەرگەن. ئۇ يەنە ئودۇنلۇقلار بىلەن سوغدىلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانۇن ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ئوخشىمايدىغانلىقىنى شەرھىلەپ، ۋاستىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ سوغدىلارنىڭ تارىخ - مەدەنىيتى، تىل - يېزىقى، قانۇنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىدىنمۇ تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىدىن ئۇچۇر بەرگەن.   


   سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ يەنە تاڭ سۇلالسىنىڭ شىمالى زېمىنلىرىدا ياشايدىغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ياشايدىغانلىقىدىن ئۇچۇر بەرگەن. بۇ سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ جۇڭگونىڭ، جۈملىدىن سېرىق دەريانىڭ شىمالىدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆتمۈش تارىخى توغرسىدىكى تارىخى بىلىملىرىنىڭ مول ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ گەرچە ھاياتىدا مەخسۇس بىر تارىخىي ئەسەر يازمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەرجىمە ئەسەرلەرگە سىڭدۈرگەن تولۇقلىما خاراكتىردىكى تارىخىي بايانلىرى ئۇنىڭ ئۆز دەۋىردىكى يېتىشكەن بىر تارىخچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.   ‪



  پايدىلانمىلار:      


         ⑧ غاپپار روزى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ۋە مەدەنىيەت ئەربابى سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى» ئىلمىي ژۇرنىلى 1986-يىل 1- سان 83-86- بەتلەر.   


    ⑦⑥ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق: «ئالتۇن يارۇقنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2003- يىل 7- سان 44- بەت.


    ⑨ئىسراپىل يۈسۈپ: «سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ»، «تارىم» ژۇرنىلى 1986- يىل 2- سان 154- بەت.   



    (ئاپتور: ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتۇتى قانۇن فاكۇلتىتىدا)


                                                         


          «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى  

بەت: [1]
: سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ-بۇددىزىم دەۋرىدىكى بۈيۈك تەرجىمان(9-ئەسىر)