«كۆۋرۈك» تە تۈركچە
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان رايونىمىزدا تۈرك تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار، ھەم مۇشۇ يۇقىرى دولقۇننىڭ تەسىرىدە نۇرغۇنلىرىمىز ئۆزلىكىمىزدىن ئۆگىنىشكە باشلىدۇق.
خوش، ئۇنداقتا سىزنىڭ تۈرك تىلىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنگۈڭىز ياكى مۇنتىزىم ھالدا دەرسلىك كىتابتىن ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگەنگۈڭىز، ئۆگەنگەن تۈركىچىڭىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ ئېغىزىڭىزنى كۆندۈرگىڭىز، تۈرك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۆزىڭىزگە تاپشۇرۇق قىلىپ ئوقۇش ئاخىرىدا تەرجىمە قىلىپ باققۇڭىز بارمۇ ؟
ئۇنداقتا تۈركىيەدە ئوقۇمىغان ئەمما تۈرك تىلىغا مۇھەببەت بېرىپ 5 يىلدىن بېرى شۇنىڭ پىشىدە يۈرىۋاتقان «مەلەك » بىلەن بىرگە ئۆگىنىڭ.
قەشقەر پىداگوكىكا ئېنىستىتۇتىنىڭ يان تەرىپىگە يېڭىدىن قۇرۇلغان «كۆۋرۈك تىل تەربىيلەش مەركىزى»دە سىز تۈرك تىلى، ئىنگىلىزتىلى، ماتىماتىكا، خەنزۇتىلى قاتارلىق تىللارنى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېگە بولالايسىز.
تۈرك تىلى دەرسىنى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇردۇق :
تۈرك تىلى كەچلىك سىنىپى : دۈشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنگىچە شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 7دىن 9 غىچە؛
تۈرك تىلى شەنبە يەكشەنبىلىك سىنىپى : شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 11غىچە؛
دەرس مۇددىتى :3 ئاي (3 ئاي ئىچىدە 2 قىسىم كىتاب ئۆتىلىدۇ)
ئوقۇش پۇلى :
شەنبە-يەكشەنبىلىك سىنىپ 699 يۈەن
كەچلىك سىنىپ 998يۈەن
كىتاب -ماتىريال ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئاخىرىدا ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
ئاڭلاپ باققۇچىلار ئۈچۈن سىناق دەرس 9-ئاينىڭ 12-13-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دە باشلىنىدۇ.
شەنبە يەكشەنبىلىك دەرس 9-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىنىدۇ.
كەچلىك دەرس 9-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلىنىدۇ.
ئىلان بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، ئوقۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر سىنىپقا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20-25 كىچە بولىدۇ.
ئادرېس :قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستىتۇتى يېڭى دەرۋازا يېنى، سامان بازىرى دوقمۇشىدىكى 3 قەۋەتلىك بىنانىڭ 3-قەۋىتىدە (يەنى ماشىنا يۇيۇش مەيدانى يېنىدا)
ئالاقە : 13319989998 ، 13399983807 ، 15199878646
ئىلخەت : gulmelek@qq.com
باشقا دەرسلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تور بەتكە مۇراجەت قىلغايسىز :http://9kowruk.com
مەن يەكەندىن ، قارىسام كۆپ قىرىنداشلارنىڭ تۈرىك تىلىنى ئۈگەنگۈسى بار ئىكەن ، ئەپسۇس !!!! مومكىن بولسا توردا يىتەكلىسەڭلار، ئۈرۈمچىدە بولغان بولسا... مەلەك مالىمدىن يۈز تۇرانە دەرس ئالىدىكەنمىزدە.


5- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆزلىرى ئۆگرىتەمدىلا؟
بەك ئۇستا بولمىساممۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆگىتىشكە تىرىشىمەن ئىنشائاللاھ.
6- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆزلىرى ئۆگرىتەمدىلا؟
بەك ئۇستا بولمىساممۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۆگىتىشكە تىرىشىمەن ئىنشائاللاھ.
تۈرك تىلى ئۈگۈنۈش ئارزۇسىدا بولغان بىزدەكلەر ئۈچۈن، باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ھەرىپلىرىنى ئۈگۈتۈشكە مومكىن بۇلارمىكىن. قەشقەردە بولغان بولسام ئىككىلەنمەي قاتناشقان بۇلاتتىم .
3- قەۋەتتىكى cooloffنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈركچىنى شۇنداق ئۈگەنگىم بار، لىكىن ئۈرۈمچىدىكى ياخشىراق سىنىپلارنى بىلمەيدىكەنمەن....ئۈرۈمچىدە بولسىڭىزچۇ.
ئۈرۈمچىدىمۇ بارغۇ؟ يازلىق تەتىلدىمۇ ئۆتۈلدى، يەنئەن يولى شىنخۇا كىتاپخانىسى بىناسىغا جايلاشقان ئاتلان تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە تۈركچە تىل سىنىپلىرى بار، مەنغۇ تاشپولات مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان ياخشى ئۆتىدۇ. ئۆگەنگىڭىز بولسا بېرىپ بېقىڭ
مۇبارەك بۇلسۇن، ، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن.يېقىندا بولسا مەنمۇ دەرسىڭىزنى ئاڭلاركەنمەن.
8- قەۋەتتىكى uygan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن يەكەندىن ، قارىسام كۆپ قىرىنداشلارنىڭ تۈرىك تىلىنى ئۈگەنگۈسى بار ئىكەن ، ئەپسۇس !!!! مومكىن بولسا توردا يىتەكلىسەڭلار،
كۈيچى تور دەرسخانىسى دەپ بىر يەر باركەن ، ۋاي ۋاي دەيدىغان بىر پاراڭلىشىش قورالىدا، ئەشۇ يەردە تۈركچە ئۆگىتىدىكەن، شۇ يەردە ئۆگىنىپ ئاساس سالغانلار بەك كۆپ، مەن ئاڭلاپ باققان دەرسىنى خېلى ياخشى ئۆتىدۇ، شۇ يەردە ئاڭلاپ بېقىڭ، قانال نۇمرىنى بىلمەيدىكەنمەن ئەمما ئۈرۈمچىدىكىلەر ئۈچۈن بىلكۈچتىمۇ بارغۇ تۈرۈك تىلى كۇرسى

بەت:
[1]