KOYQI918 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 21:54:00

‹ئاممىۋى ئۆي› ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن

بۇ  ئۆينى ئىلىش ئۈچۈن بىجىردىغان رەسمىيەتلەر تۆۋەندىكىچە :  

1 . ئەر -ئايال ئىككىڭلارنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتمە نۇسغىسى .

2. توي كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسغىسى.

3. ئۆي ئىجارە ئولتۇرۇش ئىجازەتنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسغىسى.   ‹ بۇ كىنىشكىنى بىجىرىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز قاراشلىق مەھەللە كومىتىتىغا كىرىپ بىجىرسىز. ›

4.ئەگەر ئايالىڭىز يىزا نۇپۇسى بۇلسا .نۇپۇسى قاراشلىق يىزىدىن ‹ يىرى يوق › دىگەن ئىسپات ئالىسز .شۇنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسغىسى .

5.ئۆي ئىلتىماس  قىلىمەن دەپ قاتتۇرۇپ بىر ئىلتىماس يازىسىز.

مەن غۇلجا شەھرىدىن بۇ يەردە مۇشۇنداق بىجىردۇ. باشقا ئىدارە ئورگانلارغا قاتىراپ ئاۋارە بۇلمايسىز. پەقەت ئۆزىڭىز قاراشلىق مەھەللە كومىتىتىغا قاتىرسىڭىزلا بۇلدى ، قالغىنىنى مەھەللە كومىتىتى كادىرلىرى بىجىرىدۇ. بۇنىڭغا پۇل خەچلەپ قاتىراش ھاجەتسىز،  قانۇن بۇيىچە مىڭىڭ . پەقەت بۇ رەسمىيەتلەرنى تاپشۇردىغان چاغدا 30 يۈەن ،ئۆي كىنىشكىسى رەسمىيەت ھەققى تۆلەيسىز.  

مەن بىجىرگەن چاغدا مۇشۇنداق بىجىرگەن ، كام قالغان يەرلىرى بۇلسا بىلدىغانلار تۇلۇقلاپ قۇيۇڭلار.


ئەسكەرتىش : مەن يىڭى ئەزا . مۇنبەردىكى بىر قىرىندىشىمىز مۇشۇ تۇغۇرلۇق تىما يىزىپتىكەن .شۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە ياززسام <سىز تىزىملاتقىلى 2 كۈن بۇلماپتۇ .تىما يازالايسىز لىكىن ئىنكاس يازالمايسىز > دەپ چىقىۋالدى .شۇ سەۋەپ  ئاران يازغان نەرسەم يۇق بۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ تىما قىلىپ يۇللۇدۇم . باشقۇرغۇچىلار بۇنى تىما قىلىپ يىزىش ھاجەتسىز دەپ قارىساڭلار ئۆچۈرۈپ تاشلىساڭلارمۇ بۇلىدۇ.

بەت: [1]
: ‹ئاممىۋى ئۆي› ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن