ئىزدىنىشتىكىلەردىن مەسلىھەت سورايمەن
يېنىمغا ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان ۋاقىتتا بىرنەرسە يېزىپ خاتىرلەشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن خاتىرە كومپىيۇتېر ئالسام بولارمۇئ ياكى ئايپەد ئالسام بولارمۇ؟ ئالىدىغان ئىش بولسا قايسى تىپتىكىلىرى مۇۋاپىق بولىدۇ، بىلىدىغانلار ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتسەڭلەر بوپتىكەن.مۈمكىن بولسا بىلىدىغانلار تەپسىلى ئۇچۇر بېرىڭلار. بۇنداق قۇلايلىق نەرسە سىتىۋالماقچى بولسىڭىز .خاتىرە كومپىيۇتېر سىتىۋىلىڭ ئايپەد مىنىڭچە ئانچە قۇلايلىق ئەمەس چۈنكى ئايپەد مەندىمۇ بار.. ئايپەد ئويۇنچۇق خالاس.ئەمى ئايپەد ياكى ئايپەدسىمان نەرسىلەرگە قوشۇپ، كونۇپكا تاختىسى سېتىۋالسا قانداقكىن. ئىشقىلىپ، ئايپەدنى كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، ئوينايمەن دېمىسە. لېكىن ياخشى يېرى، يىنىك ھەم بەك ئەپچىلكەن. پۇل بولسا نىپىز كومپيۇتېر سېتىۋالغان ياخشىمىكىن... پ د ف شەكىلدىكى كىتابلارنى ئوقۇيمەن، ئارىلاپ تور كۆرۈپ قويىمەن دېسىڭىز ئايپەد ياخشى، كۆزنى ئاغرىتمايدۇ، قۇلايلىق، يېنىك... ئەپچىل... توردىن بىر نەرسە سېتىۋېلىش ئىشلىرىمۇ قۇلاي...
ئەمما يېزىقچىلىق قىلماقچى بولسىڭىز، ئايپەد قەتئى چۈشمەيدۇ، قۇلايسىز، ئاۋارىچىلىق.... يېزىقچىلىققا يەنىلا خاتىرە كومپىيوتېر ياخشى...
لېكىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئورنى باركەن، ئۆزىگە چۇشلۇق

ھازىر ئالما ئەپ دۇكىنىدىكى ئەپلەر نەچچە مىليونغا يەتتى دېيلىۋاتىدۇ ، سېزنىڭ ئىھتىياجىڭىز نىمىگە چۈشسە ئاساسەن تېپىلىدۇ ،
ماڭا بەك يارايدىغان يېرى سېستىمىنى تۈرمىدىن قاچۇرمىسېڭىز ئاساسەن قېتىۋالىدىغان ۋىروسلىنىپ قالىدىغان ئىش يوق بارماق سېزىمى بەكلام ياخشى ، قىسقىسى ئايپەد ئالسېڭىز قەتئىي پۇشايمان قىلمايسېز ساتاي دېسىڭىزمۇ تالىشىپ سېتىۋالىدۇ. ئەگەرخاتىرە كومپىيوتېر ئالىمەن دېسىڭىز يەنىلام ئالمىنىڭ خاتىرە كومپىيوتېرىنى سېتۋىلىڭ چۈنكى ئالما سېستىمىسى بىلەن ۋىندوۋىس سېستىما بىربىرىگە ئوخشىمايدۇ .
چۈنكى ئالمىدىكىلەر كومپىيوتېرنىمۇ سىستىمىنىمۇ ئۈزى ياسايدۇ.
ئاي پەد ئالسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىز.كىم دەيدۇ ئايپەدنى يېزىقچىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەپ.مانا مەن خاتىرە كومپىيوتېر ئىشخانامدىكى ئۈستەل كومپىيوتېرىنى تاشلاپ ئايپەدكە كۆچىۋالدىم.نۇرغۇن خىزمەتلەرنى مۇشۇنىڭدا تاماملايمەن.ھەقىقەتەن دەسلەپتە ئىلگىرى مېخانىك كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن مائۇسقا كۆنۈپ قالغان قولنى ئاي پەدكە ماسلاشتۇرماق،ئاي پەدنىڭ ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالى iworkنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش ۋە كۆنۈش،ۋە شۇنىڭغا كۆنۈپ بولغۇچە ئەپسۇسلىنىش بولىدۇ.كۆندىڭىزمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايسىز.ئايپەد ئۇيۇن ئوينايدىغانلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئۇيۇنچۇق،يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى كومپىيوتېر.
ئەمما ئېلىشقا ئالدىراپ كەتمەي سەل ساقلاڭ،پات ئارىدا ئايپەدنىڭ 5-ئەۋلاد نۇسخىسى چىقىدۇ.ئاڭلىسام كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولارمىش.
مېنىڭ ئايپەدتىن بىردىنبىر ئەپسۇسلىنىشىم ئەپ چۈشۈرۈش ۋە يېڭىلاشتىكى تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى،توردىكى خىلمۇ خىل ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ باقتىم.يەنىلا چۈشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتەلمىدىم.ئەپ بازىرىنىڭ مۇلازىمىتىرى چەتئەلدە ئىكەن ئەمەسمۇ بۇنىڭ.ئاڭلىسام تەيۋەننىڭ مۇلازىمىتىرىغا ئۇلىسا تىزلىشەرمىش.مۇشۇنى قىلىپ باققانلار بولسا ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار. ھە راسىت ماختاۋېرىپ قايمۇقتۇرۇپ قويماي.بۇنىڭ بىر بولمايدىغان يېرى تۈرمىدىن قاچۇرمىسىڭىز بىۋاستە iworkدا ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىق قىلالمايسىز،پەقەت قارلۇق شىركىتى ياسىغان خاتىرەم ناملىق ئەپ بىلەن يېزىپ iworkغا كۆچۈرۈپ چىقىپ تەھرىرلىمىسىڭىز بولمايدۇ.ئەمما ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال ئوقۇغىلى بولىدۇ.تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ھە راسىت ماختاۋېرىپ قايمۇقتۇرۇپ قويماي.بۇنىڭ بىر بولمايدىغان يېرى تۈرمىدىن قاچۇرمىسىڭىز بىۋاستە iworkدا ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىق قىلالمايسىز،پەقەت قارلۇق شىركىتى ياسىغان خاتىرەم ناملىق ئەپ بىلەن يېزىپ iworkغا كۆچۈرۈپ چىقىپ تەھرىرلىمىسىڭىز بولمايدۇ.ئەمما ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال ئوقۇغىلى بولىدۇ.تۈرمىدىن قاچۇرسىڭىز ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يېزىقتىكى تەجرىبەڭلارنى كۆپرەك يوللاپ قويۇڭلار... مىكرو سوفىت نىڭ surface دىگەن ئوقەتنى ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولامدىكىن يا . ئويۇن ئويناشتىن كۆپرەك ياندا ئېلىپ يۈرۈپ يېزىقچىلىق قىلىش، خاتىرلەش، رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش، كىتاپ ئوقۇش، تىل ئۆگۈنۈش دىگەندەك ئىشلارنى ئاساس قىلىپ ئويلاشماقچىدىم، كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسلىرىدىن قارىسام ئۇنداق ھەممىباپ ئىقتىدارنىڭ ھۆددىسىدىن ئايپەد چىقالمامدۇ نىمە؟ {:107:} لېكىن قارىسام ئېلىپ يۈرۈشكە ئايپەد بەكرەك قولايلىق ئىكەن، بېشىم يەنىلا قايدىغۇ مېنىڭ

http://detail.zol.com.cn/tablepc/index353335.shtml كۆرۈپ بېقىڭ
بەت:
[1]