سۈرىيىگە ئالاقىدار چاتما خەۋەرلەر
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى: سۇرىيە زەھەرلىك گاز ھۇجۇم ئىسپاتى تېپىلدى
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون پەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگىلىيە ھەربىي ئىشلار ئالىملىرى ئالدىنقى ئايدا دەمەشىق شەھەر رايونىدا خېمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە توپا ئەۋرىشكىسىدىن سارىن زەھەرلىك گاز قالدۇقىنى تاپقانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ئەۋرىشكىلەرنىڭ ساختا بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يوق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما پۇتىنغا قولنىڭ ئۇچىنىلا تۇتقۇزۇپ ئۆتۈپ كەتتى
شۇ جاي ۋاقتى 2013- يىلى 9- ئاينىڭ 5-
كۈنى، رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربۇرگ شەھىرى، ئوباما 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار
ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كونستانتىن سارىيىغا كەلدى. ئۇ پۇتىن بىلەن قول
ئېلىشىپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتتى.
ئوباما تۇنجى قېتىم سۇرىيەنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 6-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا
ئەمەلدارى، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ سۇرىيەنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى دۆلەت
بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دۆلەت دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ سۇرىيە ۋەزىيىتى
داۋالغۇپ تۇرغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئوبامانىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق
پۇزىتسىيە بىلدۈرىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، سۇرىيەدە زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلىش
ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاق ساراي سۇرىيەنى ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك
تەھدىتى دەپ جاكارلىغان، ئەگەر ئامېرىكا ئىنكاس قايتۇرمىسا، ئامېرىكىنىڭ
ئىناۋىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىكەن. تېخىمۇ يامان چاتاق يېرى، باشقا
دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا كەڭ كۆلەمدە قىرغىنچىلىق كۈچىگە ئىگە
قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىشى ياكى ئىشلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يېقىندىن بۇيان، ئوباما سۇرىيەگە قورال كۈچى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە
پارلامېنتنىڭ قوشۇلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، چەتئەللەردە بولسا تېخىمۇ كۆپ
دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
25- قەۋەتتىكى arki-0355نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جىڭگاڭشەن ناملىق سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ئۇرۇش پاراخۇتى سۈرىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ماڭغاندەك
ساياھەت قىلىپ كەلگىلى ماڭمىغاندۇ ھە![]()
جىڭگاڭشەن ناملىق جۇڭگۇنىڭ تۇنجى ياسىغان چوڭ تىپتىكى قوش ماكانلىق قۇرۇقلۇققا چىقىش پاراخوتى، ھەم سۇ ھەم قۇرۇقلۇقتا يۈرەلمەيدۇ. ئەلۋەتتە قۇرۇقلۇقتا تۇپا ئىتتىرىش ماشىنىسىغا سۆرىتىپ يۈرگىنى بۇنىڭ سىرتىدا...


http://baxtax.cn/ilan/bagdax.gif يەنە بىر مەزگىلىگىچە ئېغىز ئۇرىشى، يالغان خەۋەر ئۇرىشى بۇلامدىكىن دەيمەن. ئۇنىڭغچە سۈرىيەدىكى ھەرئىككى تەرەپ ئاجىزلاشقاچ تۇرىدۇ.
ئۆز ۋاقتىدا ئىراق بىلەنمۇ بىرە يىلغا يېقىن «مانا سالدىم ئەمسە»، «ئەمدى جىڭ ئۇرىمەن جۇمۇ» دىگەندەك تىل ئۇرىشى قىلىپ ئاندىن سۇقۇشقان ئامرىكا بۇ. سۈرىيە باشار ھۆكۈمىتىنى ئامىرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ جاكارلىغانلىق، دۆلەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە پارلامنتقا؛ ناۋادا ھۇجۇم قىلىشقا تەستىق بەرمىسەڭلار مانداق پاراڭلىرىمىزمۇ(ئالبىنى يەيدىغانغا) بار دىگەنلىك..


ھۇجۇم قوزغىمايدىغاندەك تۇرامدۇ نېمە؟
ھازىر كۆپىنچە دۆلەتلەر تازا قوللىمايۋاتىدۇ. ئەنگىلىيە پارلامىتى قارشى تۇردى. ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن پالاتا‹ئاۋام پالاتا› ئەزالىرى قارشى سادالىرى قوللاشدىن يۇقىرى. ئەمدى يۇقىرى پالاتا‹كىڭەش پالاتا›نىڭ كىيىنكى ھەپتىدىكى بىلىتى قانداق بولاركىن.
ماۋۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ :
ماۋۇ كىڭەش پالاتاسىنىڭ:
ئوتتۇرا دىڭىزدىكى ئامىرىكا جەڭ پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلمىشلىرىغا سۈرىيە سوقۇش ئايرۇپىلانلىرى قايتارما ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن ئۇچسا سىپروستىكى ئەنگلىيە ھەربىي ئايرۇپىلانلىرىمۇ ئۇچىدۇ...ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەك يېتىۋالسا ناتونىڭ ئامىرىكىلىق قۇماندانى؛ چىقىشە قۇڭالتاقلار بىكا ھېلىقى بىرنىمەڭدىن تارتىپ چىقىرىمەن دەپ قوقاق سالامىكى ... {:92:}
8- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەنگلىيە پارلامىنتى قارشى تۇرۇش قارارى چىقارغاندىن كىيىن، ئوباما گ20دە كامىرون بىلەن ئىككى تەرەپ يېغىنى ئېچىشنى خالىمىغان گەپ...كامىرون ئاكىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ خاتالىقىنى تۈزەتمەكچى ئوخشايدۇ...
ئوتتۇرا دىڭىزدىكى ئامىرىكا جەڭ پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلمىشلىرىغا سۈرىيە سوقۇش ئايرۇپىلانلىرى قايتارما ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن ئۇچسا سىپروستىكى ئەنگلىيە ھەربىي ئايرۇپىلانلىرىمۇ ئۇچىدۇ...ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەك يېتىۋالسا ناتونىڭ ئامىرىكىلىق قۇماندانى؛ چىقىشە قۇڭالتاقلار بىكا ھېلىقى بىرنىمەڭدىن تارتىپ چىقىرىمەن دەپ قوقاق سالامىكى ...![]()
ئەگەر كىلەر ھەپتا كىڭەش پالاتاغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا قارشى تۇرۇش ياكى قوللاشقا بىلەت تاشلىغاندا نەتىجگ قوشۇلماسلىق بولسا، ئوبامانىڭ ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقوقى بارمۇ؟
مۇشۇ نۇر تورى خەۋەرلەرنى قانداق تەرجىمە قىلىدىكىن دەيمەن، پۇتىن بىلەن ئوباما مانداق كۆرۈشتى بۇنى قانداقمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا كۆرەشتى دىگىلى بولسۇن؟
8- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەنگلىيە پارلامىنتى قارشى تۇرۇش قارارى چىقارغاندىن كىيىن، ئوباما گ20دە كامىرون بىلەن ئىككى تەرەپ يېغىنى ئېچىشنى خالىمىغان گەپ...كامىرون ئاكىسىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ خاتالىقىنى تۈزەتمەكچى ئوخشايدۇ...
ئوتتۇرا دىڭىزدىكى ئامىرىكا جەڭ پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلمىشلىرىغا سۈرىيە سوقۇش ئايرۇپىلانلىرى قايتارما ھۇجۇم قىلماق ئۈچۈن ئۇچسا سىپروستىكى ئەنگلىيە ھەربىي ئايرۇپىلانلىرىمۇ ئۇچىدۇ...ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەك يېتىۋالسا ناتونىڭ ئامىرىكىلىق قۇماندانى؛ چىقىشە قۇڭالتاقلار بىكا ھېلىقى بىرنىمەڭدىن تارتىپ چىقىرىمەن دەپ قوقاق سالامىكى ...![]()
ئامېرىكا بۇرۇنقىدەك شاش ئەمەسمۇ قانداق؟
زۇڭتوڭنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ، پارلامنىتنىڭ تەستىقىسىز ئىش قىلىۋېتىشىمۇ مۇمكىنمۇ؟! ئاساسىي قانۇن بۇيىچە؛
پارلامنت بىلەن پىرېزدىنتنىڭ ھوقۇقى مۇنداق؛ پارلامنت بىر دۆلەتكە ئۇرۇش ئىلان قىلىش- قىلماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. پېرىزدىنت ئۈچ ئارمىيە ۋە دىڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەڭ ئالىي قۇماندانى. يەنى پارلامنت پەقەت ئۇرۇش ئىلان قىلىش ياكى قىلماسلىقنى بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەمما ئۇرۇشقا قانداق يىتەكچىلىك قىلىش پېرىزدىنتنىڭ ئىشى.
بۇيەردىكى ئۇرۇش كۆلىمى چوڭ، سەرپىيات مىقدارى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ بۇنداق زور كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا خەلىقتىن سايلاپ چىقىلغان پارلامنت ئەزالىرى قارار قىلىدۇ. ئەمما، جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان، دۆلەتنىڭ مەنپەتىگە بىۋاستە تەھدىت شەكىللەندۈرگەن دۈشمەنگە قارشى نىسپەتەن كىچىك كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتكە پېرىزدىنتنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقى بار.
ناۋادا پارلامىنت سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلىش لايىھەسىنى تەستىقلىمىسا، ئوباما ئاساسىي قانۇننىڭ مۇشۇ يىرىدىن پايدىلىنىپ كىچىك دائىرىدە ‹كاللا كىسىش›ھەرىكىتى بىلەن باشارنىڭ قىسىملىرىغا دەللىكى يۇقىرى،پالەچ قىلىش خارەكتىرلىك ئەجەللىك زەربە بىرگەندىن كىيىن، ئىشنى ناتونىڭ باشقا ئەزالىرى ۋە باشارغا ھۇجۇم قىلىشنى قوللىغان باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەرسە بۇلىدۇ. چۈنكى، ئامىرىكىنىڭ ئۇرۇش ئىلان قىلىش ھوقۇقى پارلامىتنىڭ قولىدا بولغان بىلەن ناتو قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى شۇ دۆلەتلەر بىلەن ئوبامانىڭ قول ئاستىدىكى قۇمانداننىڭ قولىدا.
10- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ نۇر تورى خەۋەرلەرنى قانداق تەرجىمە قىلىدىكىن دەيمەن، پۇتىن بىلەن ئوباما مانداق كۆرۈشتى بۇنى قانداقمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا كۆرەشتى دىگىلى بولسۇن؟
![]()
قولنىڭ ئۇچىدا كۆرىشىپتىغۇ ئەنە...جەينەكتە كۆرۈشتى دەپ تەرجىمە قىلسا بۇلامتى ئەمىسە...
14- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ نۇر تورى خەۋەرلەرنى قانداق تەرجىمە قىلىدىكىن دەيمەن، پۇتىن بىلەن ئوباما مانداق كۆرۈشتى بۇنى قانداقمۇ قولىنىڭ ئۇچىدا كۆرەشتى دىگىلى بولسۇن؟
![]()
قولنىڭ ئۇچىدا كۆرىشىپتىغۇ ئەنە...جەينەكتە كۆرۈشتى دەپ تەرجىمە قىلسا بۇلامتى ئەمىسە...
ئاشۇ قولنىڭ ئۇچىدا كۆرەشكەن بولامدا؟ قول ئىلىشىپ كۆرىشىش بۇندىن ئارتۇق بولماس ئەمدە؟ ئوباما داداىسى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرەشسىمۇ مۇشۇنچىلىك كۆرىشىدىغاندۇ؟

...
ئەگەر ئامىرىكا ئارمىيىسى تاشقى ئوپىراتسىيىنى چىرايلىق قىلالىسا،ئىشنى يېغىشتۇرۇش ئاسانغا توختايدۇ.
رەئىسىمىز بۈگۈن ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە ئامرىكا بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەردىكى سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ،بۇنڭىغا قارىتا ئوباما :ئامرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئاسىيا تىچ -ئوكيان رايونىدا ئومۇميۈزلۇك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ،كېڭىشىپ ماسلاشتۇرۇشنى (مۇرەسسەنى؟)چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،رايون ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۇك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.يەنە ئامرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دىپلوماتىيە كېڭىشىش يولى بىلەن تالاش -تارتىشلارنىڭ ھەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى،ئامرىكىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.(رەئىسنىڭ سۆزىدىكى ھەمكارلىق ،خالاش دىگەن سۆزدىققەتنى تارتىدىكەن،يەنە ئوبامنىڭ سۆزىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم،ئۇنىڭ سۆزىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر،تالاش-تارتىش،ئاكتىپ رول دىگەن سۆزلەرنىڭ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن،بىرلىككە كېلىش مۇشۇنداق بولىدىكەن ھە ؟).رەئىسىمىز يەنە قورال كۈچى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپتۇ،(تەكەللۇپ سۆزلىرىنى باشلىقلارمۇ ئىشلىتىپ قويدىكەن)
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بۈگۈن ئۆز تور بېكىتى ئارقىلىق سۈرىيەدىكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تىزدىن سۈرىيەدىن ئايرىلىشنى ئەسكەرتىپتۇ.
