tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 11:03:05

(تەڭرىقۇت)شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ئابىدە خارەكتىرلىك غەلبە

تۇنۇگۇندىن بۇيان ھاياجىنىمنى باسالمايۋاتىمەن...


   تۇنۈگۈن يەنى مىلادى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى لىياۋنىڭدا ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەملىكەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول تۈرىدە، گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسىدە، كۈچلۈك رەقىبى بولغان گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى3:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىردى!


    بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ھازىرغىچە مەملىكەتلىك مۇشۇ تۇردە قازانغان ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇپ،تارىخ ياراتتى دىسەك بولىدۇ. نەچچە ئەۋلات پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  شۇ دەقىقىدىكى ھىسسىياتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.ئېھتىمال بەزىلەر مۇشىنىڭغىمۇ مۇشۇنداق ھاياجانلىنىش كىتەمدۇ دىيىشى مۇمكىن. بۇنى پەقەت پۇتبولنى سۆيگەن كىشىلەرلا ھىس قىلالايدۇ...


  بۇ  گۇرۇپپىدا، جېجىياڭ،جىياڭسۇ،شىنجاڭ،گۇاڭدۇڭ قاتارلىق كوماندىلار بولۇپ ، راس گەپ قىلغاندا ئەمىلىي كۈچ جەھەتتە شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا تۇرىدۇ دىسەك بەكمۇ خاتا ئەمەس. تاللاش مۇسابىقىلىرىدە جېجىياڭ،جىياڭسۇ كوماندىلىرىغا ئۇتتۇرغان ، ئاخىرىدا گۇڭدۇڭ كوماندىسىنى 3:2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ (8 كۈچلۈك)مۇسابىقىغا كىرگەن. يەنە شۇ گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە بۆسۈپ كىردى. ئېھتىمال بەزىلەر بىلمەسلىگى مۇمكىن قارشى تەرەپ كوماندىلىرىدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىنىڭ زەردار كولۇپلىرىدا توپ تىپىدىغان توپچىلار ساماندەك. شۇڭا ھاياجانلانغانلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبىمۇ شۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ كۈچ ئېلىشقىلى بولمايدۇ. ئاددىي بىر مىسال ، ناۋادا جېجىياڭ كوماندىسى چىمپىيۇن بولسا، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرىگە 500 مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىلىدۇ! ئالدى كەينى بولۇپ ئالىدىغان پۇلى بىر مىليۇندىن ئېشىپ كېتىدۇ! بۇدا شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمىيىتى قاتتىق كۈچەش ئارقىلىق، تەڭلەشسە، كوماندىغا(ھەر بىرئەزاغا ئەمەس ھە، ئاۋۇلارنىڭكىدىن ئاسمان زىمىن پەرىقلىنىدۇ)، 50 مىڭ يۈەن، ئۇتسا 100 مىڭ يۈەن، مۇھىم مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتسا ، 150 مىڭ يۈەن مۇكاپات بىرىشنى قارار قىلغان. مۇشىنىڭغىمۇ مىڭ مەرتىۋە شۈكرى! بۇ ئىشنىڭمۇ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى پۇتبولچىلار جەمىيىتىنى باشلىقلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە خەۋەردار بولغانتىم.


  ئىشقىلىپ مەيلى قانداقلا بولسۇن، ھەرقايسى ئەزىمەتلەر ۋە رەھبەرلەرگە رەھمەت! ھاردۇغىمىز چىقتى! بۇ جۇڭگو تەنتەربىيە يوقۇرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ چوقۇم دېققىتىنى قوزغايدۇ، شىنجاڭ پۇتبولىغا مەبلەغ سېلىشقا ئارىسالدى بولۇۋاتقان بايلارغا ،پۇتبول تىپىپ ئىستىقبال تېپىشنى كۆڭلۈگە پۈككەن نوتىلىرىمىزغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ.


    بۇدا ماڭا يەنە تەسىر قىلغىنى ، كوماندا كاپىتانى مۇستاپا بىلەن قازاق قېرىندىشىمىز ئېرجات(تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە كارامىتىنى كۆرسەتتى.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا تاللىنىپتۇ) تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىدابەرگەن ۋەدىسى ، يەنى كۈچىمىز قالماي يېتىپ تۇرۇپ غەلبە مىۋىسىنى تەبرىكلىسەك تەبرىكلەيمىزكى، ھەرگىزمۇ ئۆرە تۇرۇپ مەغلۇبىيەتنى كۈتىۋالمايمىز!


   ئوغانبالا ئەركەك! بىزگە دەل مۇشۇنداق قەيسەر روھ كىرەك! ئۇلار يەنە بىز مۇسابىقىنى ياخشى ئويناپ نەتىجە قازانساق ، نەچچە مىڭ كىلومىتىر سىرتىدا  غەلبىگە تەشنا بولغان مىليۇنلىغان يۈرەكلەرگە جاۋاپ قايتۇرغان بولىمىز، مىڭلىغان پۇتبول نوتىلىرىغا ئۈمۈد ئېلىپ كېلىمىز دەپ ، مۇسابىقىدە بوشاشماي، قەيسەرلىك بىلەن مۇسابىقىنى غەلبىلىك تاماملىدى...


    پۇتبول توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلدى، سىلەردىن قاقشىغانمۇ بولدۇق، بىراق شۇ قاقشاشنىڭ ئەيىپلەشنىڭ ئىچىگە سەمىيمى تىلەك، كۈيۈنۈش ، مىھرىبانلىق يۇشۇرۇنغانلىقىنى سېزىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس... بىزنىڭ يەنىلا دەيدىغىنىمىز، يەڭسەڭلار مانا بۈگۈنكىدەك خوشال بولىمىز، ئىپتىخارلىنىمىز، يىڭىلسەڭلار ئوخشاشلا مەدەت بىرىمىز، چاۋىكىمىزنى ، ھۇررا سادالىرىمىزنى ئايىمايمىز، بەل قۇيىۋەتسەڭلار لەنەت ئوقۇيمىز!


ئالدىڭلاردىكى مۇسابىقە تولىمۇ مۈشكۈل، ئەمدى بوشاڭ كوماندا قالمىدى، ھىچقىسى يوق، بايا دىگەندەك قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشساڭلارلا ، ناۋادا ئۇتتۇرىۋەتسەڭلەرمۇ، ئايرۇدۇرۇمغا گۈل تۇتۇپ چىقىمىز! ئەلۋەتتە ئۇتساڭلار تېخى ياخشى، چۈنكى قارشى تەرەپ مىلان ياكى بارسىلونا كوماندىسى ئەمەس، بىزدە يەنىلا ئۈمىد بار! تىرىشىڭلار ئەزىمەتلەر، جەڭلىرىڭلەرگە نۇسرەت تىلەيدىغان مىليۇنلىغان چاپچىپ تۇرغان يۈرەكلەر بار!



http://video.sina.com.cn/v/b/114035108-1967051823.html






   


  


   

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 11:21:12

ئىس-تۈتەكسىز جەڭلىرىمىزدە قەھرىمانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزگە ئاپىرىن!!!!

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 11:23:55

ھەقىقەتەن خاتىرلىگۈدەك غەلىبە بولۇپتۇ ! كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى ... ئەزىمەتلىرىمىزگە يامان كۆز تەگمىگەي ، مۇشۇ نەتىجىنى يەنە تالاي نەتىجىلەرگە ئۇلاشتۇرۇپ ، بىر قېتىم ، پەقەت بىر قېتىم بولسىمۇ جوڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى شىنجاڭدا ئىكەنلىكىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بىلدۈرۈپ قويغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ! ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگىنى ئاددىيلا بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ غۇرۇرى !

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 12:00:24

ئەگەر داۋاملىق ئوتۇپ  cctv-5-قانالدا  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى نەق مەيداندىن بەرسە ھەرگىز كىنۇ كورمەي مۇشۇنى كورەتتۇقتە،...مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك بالىلار بىلەن ۋارۇڭ- چورۇڭ قىلىشىپ.. ] \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 12:00:49

ئاللاھىم ئەزمەتلىرمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلغاي ،مۇشۇ بىزنىڭ پۇلتاپقان مىللى كارخانلىرمىز مەسلەن ئارمان گۇرۇھىدەك

چوڭ گۇرۇھلىرمىز نىمىشقا مەبلەغ سىلىشقا قىزىقمايدىغاندۇ ؟

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 12:21:44

ئاللاھ ياردەمڭچىلار بولسۇن، يىگىتلەر! \"\"

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 12:25:17

ئارمان شىركىتى باشچىلىقىدا قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان مىللىي سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ يىرىك پىلانىدا پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇش توغرىلىق گەپلەر بار ئىدى، ئاشۇنداق بىر ئۇيۇشما راست قۇرۇلدىمۇ، كۇلۇب قۇرۇش پىلانى ھازىرمۇ بارمۇ يا قۇرۇق پاراڭمۇ بىلمىدۇق.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 12:33:28

5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ ياردەمڭچىلار بولسۇن، يىگىتلەر! \"\"

ئۈندىداردا تارقىتىۋەتتىم، تەڭرىقۇتكا سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن.

tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 12:56:11

مۇبارەك بولسۇن . سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئىلنىشىپ قىلىپ ئەزمەتلىرىمىزنىڭ غەيرىتى بىلەن يەنە ئۈزۈپ چىققان ئىدى 4 كۈچلۈككە كىرگىنىدىن خوش بولدۇم .



ئالدىنقى بىر نەچچە قىتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنى مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىلەرگە نىسبەتەن بۇيىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى .

تىمىڭىزدا پۇتبوولچىلار جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاش قانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتۈپتىكەنسىز ،تەڭرىقۇتكامدىن سوراپ باقسام مۇشۇ نەتىجىنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى قاتلام كادىر باشلىقلىرىغا ئېلىپ كىلىدىغان ئىجابىي تەسىر لىرى قانداق ؟

مەن بىلىدىغىنىم زور سوممۇلۇق مۇكاپات ، ھەم خىزمەت كۆرسەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆستۈرۈلگەن ئىش ئورنى ؟؟ بۇلار راسمۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

adip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 13:20:02

7- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ ياردەمڭچىلار بولسۇن، يىگىتلەر! \"\"

ئۈندىداردا تارقىتىۋەتتىم، تەڭرىقۇتكا سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن.




ئىزدىنىش تورىنىڭ نامىنى قۇشۇپ قويسىڭىز تەڭرىقۇتكام تېخىمۇ رازى بۇلاتتى، \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 13:35:59

ئىۋۇ خاڭسوچە گېزىتنى ئۆزۈڭ ئوقۇيالىدىڭمۇ يا بىرەرسى ئوقۇپ بەردىمۇ \"\" \"\"

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 13:36:14

http://news.ts.cn/content/2013-09/05/content_8665928.htm


مايەدە خېلى چىرايلىق رەسىملە باكەن.

tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 13:59:08

http://video.sina.com.cn/v/b/113952359-1967051823.html

http://video.sina.com.cn/v/b/114035108-1967051823.html



ماۋۇ ئادىرىسلاردىن كۆرۈپ بىقىڭلار .

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 14:00:31

بولسا چىمپىيون بولۇپ كەتسە...

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنى بىر تونۇشتۇرۋەتمەمسىلەر؟

tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 14:37:34

14- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بولسا چىمپىيون بولۇپ كەتسە...

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنى بىر تونۇشتۇرۋەتمەمسىلەر؟

ئاساسلىق ئەزالار تىزىملىكى :

23. ئېرجات

2. مۇستافا(كاپىتان)

4.مەخمۇت

5.شۈ ۋەنچۈەن

8.ئەلىجان

18.مەخمۇتجان

9.ئەخمەتجان

12.مەردان

19.جاڭ يەنجۈن

29.ئابدۇلئەزىز

11.سالىخان

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 14:56:40

8- قەۋەتتىكى tagdirmنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇبارەك بولسۇن . سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئىلنىشىپ قىلىپ ئەزمەتلىرىمىزنىڭ غەيرىتى بىلەن يەنە ئۈزۈپ چىققان ئىدى 4 كۈچلۈككە كىرگىنىدىن خوش بولدۇم .



ئالدىنقى بىر نەچچە قىتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنى مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىلەرگە نىسبەتەن بۇيىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى .

تىمىڭىزدا پۇتبوولچىلار جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاش قانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتۈپتىكەنسىز ،تەڭرىقۇتكامدىن سوراپ باقسام مۇشۇ نەتىجىنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى قاتلام كادىر باشلىقلىرىغا ئېلىپ كىلىدىغان ئىجابىي تەسىر لىرى قانداق ؟

مەن بىلىدىغىنىم زور سوممۇلۇق مۇكاپات ، ھەم خىزمەت كۆرسەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆستۈرۈلگەن ئىش ئورنى ؟؟ بۇلار راسمۇ ؟



ئەزىمەتلىرىمىز مۇسابىقىدە نۇسرەت قازانسا ، ھەممەيلەنگە پايدا يېتىدۇ.


1. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا كىرىش سەۋەپلىك ،دۆلەت ئىچىدىكى زەردار كولۇپلارنىڭ مەشقاۋۇللىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىغا كۆز تىكىدۇ.بۇ جەرياندا نۇرغۇن باللىرىمىز بىلەن توختاملىشىشى مۇمكىن. زەردار كۇلۇپقا ئەزا بولۇپ كىرەلىسىلا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاسمان زىمىن پەرقلىق پايدا ئالالايدۇ. بۇرۇن 4000 كوي مائاش ئالغان بولسا ، بۇندىن كىيىن 40 مىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىن يوقۇرى مائاش ئالىدۇ. كەلگۈسى ئىستىقبالىمۇ پارلاق بولىدۇ.سېستىمىلىق پۇتبول نەزىرىيىسى ۋە ئەمىلىيىتىدىن تەربىيە ئالىدۇ. تېخىمۇ تىرىشسا كەلگۈسىدە يوقۇرى سەۋىيىلىك تېرنىر بولۇپ چىقشى مۇمكىن. شۇ نىڭ بىلەن شىنجاڭ پۇتبول ئىشلىرىغىمۇ ھەسسە قوشالايدۇ. ئاكتىپ ئايلانما ئەنە شۇنداق شەكىللىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇلارغا چوڭ بىر پۇرسەت كەلدى.چۈنكى بۇ قېتىملىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىن كىيىن ، ئۇلار تارقىتىۋېتىلىدۇ. ھازىرمۇ نۇرغۇن مەشقاۋۇللار ئۆزى ياقتۇرغان توپچىلارنى تاللاشتا كۆڭلىدە سان بولۇپ بوپتىمىش(ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي) .ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلانسا نۆۋىتى كەلگەندە بىر جەمەتكە مەنپەئەت ئېلىپ كىلەلەيدۇ.


2. كەلگۈسى نوتىلارغا ئىشەنچ توغۇلىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ رىسقى ھەر خىل بولىدۇ. مىللەتكە ئالىممۇ كىرەك، كاسىپمۇ كىرەك. توپتىكى ئىقتىدارىغا تايىنىپ ، ئوبدان نان تېپىپ يىيەلىسە ، بۇمۇ ياخشى ئەمەسمۇ.(ھەر كىم بولسا ئاسايىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەي)


3. ئەلۋەتتە پۇتبولچىلار جەمىيىتى ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكىلەرگىمۇ ئوبدانلا نەپ ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىگىدە ئەزىمەتلىرىمىز مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىدە... شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلارنىڭ ئەمىلى شۇ سەۋەپلىك ئۆسۈشى بۇ مۇقەرەرلىك. قانداق جاپالاردا مۇشۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكىلاتىنى ئۇقىسىڭىز يىغلاپ تاشلىشىڭىز مۇمكىن\"\"


4.بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پۇتبول قىزغىنلىغى  كۆتۈرىلىدۇ. ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.() مەسىلەن باج كىمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق).شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كارخانىچىلار بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشقا ئالدىرايدۇ. مىسالەن:ئارمان گۇروھى مەبلەغ سالسا، قوش قوش ئۈنۈملەرگە ئىرىشەلەيدۇ. (1) خەلق رايىنى ئۇتىدۇ.(2)مەسھۇلاتلىرىدىن كىرىدىغان كىرىم كۆپىيىدۇ.ناۋادا ئارمان قۇۋەت تالقىنىغا ، بۇتالقاندىن بىر قاپ سېتىۋالسىڭىز، شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىغا 2 كوي ئىئانە قىلغان بولىسىز دەپ يېزىپ باقسۇنا،بۇندىن كىيىن پېقىردەك تالقان ئىستىمال قىلمايدىغانلارمۇ ، قوللاش يۈزىسىدىن سېتىۋالىمىز.(3) شىنجاڭدا پۇتبول بازىرى ۋەھشى، بىلەت كىرىمى، مەستانىلار كىيىمى ، مەيدان ئىچىدىكى ئېلان قاتارلىقلاردىن، پۇتبولچىلارغا بىرىدىغان مائاش ۋە مۇسابىقە چىقىملىرىنى  تېپىۋالالايدۇ.(4) دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولالايدۇ(5)شەكىلسىز بايلىق توپلايدۇ. شىنجاڭ خەيتاڭ ئالدىنقى يىلى ياردەم قىلىۋىدى. مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىدا،6 مىنۇتلۇق فىلىم قويۇلۇپ، جۇڭگوغا نامى تارالدى. بولمىسا كىم بۈلەتتى؟ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقتىدىكى ئېلانىغا نەچچە ئون مىليۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كىلىدۇ. ئېلان بولا مۇشتاق بولاھە.


5.كوماندا ئەزالىرىنى ۋاقتى ۋانىسى كەلگەندە باشقا كولۇپلارغا راۋرۇس پۇلغا ساتالايدۇ. بارىنى ئەينى ۋاقىتتا 50 مىڭغا سېتىپتىكەنمىش، ھازىر بارى 2 مىليۇنغا يارايدۇ. (يۆتكۈلۈش ھەققى). بىزنىڭ باللىرىمىزدا پۇتبولغا نىسبەتەن توغما ھەۋەس ۋە سېزىم بار. كەلگۈسىدە جۇڭگونى تاڭ قالدۇرىدىغان چولپانلارنىڭ چىقىشى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.


6...


ئىشقىلىپ ئىجابىي تەسىرى ناھايىتى كۆپ.

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 15:03:02

تولا ھۆججەت يېزىپ ، ھۆكىمەت ھۆججىتىدەكلا بىر نىمىلەرنى يېزىپ قويدۇممۇ نىمە  {:107:}

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 15:06:53

7- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ ياردەمڭچىلار بولسۇن، يىگىتلەر! \"\"

ئۈندىداردا تارقىتىۋەتتىم، تەڭرىقۇتكا سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن.




پالاكەت ساقچىغا يوللاپ بىرىڭلا، مەن كۆرۈپ باقاي. \"\"

tagdirm يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 15:32:50

16- قەۋەتتىكى tangriqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى tagdirmنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇبارەك بولسۇن . سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ئىلنىشىپ قىلىپ ئەزمەتلىرىمىزنىڭ غەيرىتى بىلەن يەنە ئۈزۈپ چىققان ئىدى 4 كۈچلۈككە كىرگىنىدىن خوش بولدۇم .



ئالدىنقى بىر نەچچە قىتىملىق تەنھەرىكەت يىغىنى مۇسابىقىسىدىكى نەتىجىلەرگە نىسبەتەن بۇيىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى .

تىمىڭىزدا پۇتبوولچىلار جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن پاراڭلاش قانلىقىڭىزنى دەپ ئۆتۈپتىكەنسىز ،تەڭرىقۇتكامدىن سوراپ باقسام مۇشۇ نەتىجىنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى قاتلام كادىر باشلىقلىرىغا ئېلىپ كىلىدىغان ئىجابىي تەسىر لىرى قانداق ؟

مەن بىلىدىغىنىم زور سوممۇلۇق مۇكاپات ، ھەم خىزمەت كۆرسەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆستۈرۈلگەن ئىش ئورنى ؟؟ بۇلار راسمۇ ؟



ئەزىمەتلىرىمىز مۇسابىقىدە نۇسرەت قازانسا ، ھەممەيلەنگە پايدا يېتىدۇ.


1. يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا كىرىش سەۋەپلىك ،دۆلەت ئىچىدىكى زەردار كولۇپلارنىڭ مەشقاۋۇللىرى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىغا كۆز تىكىدۇ.بۇ جەرياندا نۇرغۇن باللىرىمىز بىلەن توختاملىشىشى مۇمكىن. زەردار كۇلۇپقا ئەزا بولۇپ كىرەلىسىلا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاسمان زىمىن پەرقلىق پايدا ئالالايدۇ. بۇرۇن 4000 كوي مائاش ئالغان بولسا ، بۇندىن كىيىن 40 مىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىن يوقۇرى مائاش ئالىدۇ. كەلگۈسى ئىستىقبالىمۇ پارلاق بولىدۇ.سېستىمىلىق پۇتبول نەزىرىيىسى ۋە ئەمىلىيىتىدىن تەربىيە ئالىدۇ. تېخىمۇ تىرىشسا كەلگۈسىدە يوقۇرى سەۋىيىلىك تېرنىر بولۇپ چىقشى مۇمكىن. شۇ نىڭ بىلەن شىنجاڭ پۇتبول ئىشلىرىغىمۇ ھەسسە قوشالايدۇ. ئاكتىپ ئايلانما ئەنە شۇنداق شەكىللىنىدۇ. نۆۋەتتە بۇلارغا چوڭ بىر پۇرسەت كەلدى.چۈنكى بۇ قېتىملىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىدىن كىيىن ، ئۇلار تارقىتىۋېتىلىدۇ. ھازىرمۇ نۇرغۇن مەشقاۋۇللار ئۆزى ياقتۇرغان توپچىلارنى تاللاشتا كۆڭلىدە سان بولۇپ بوپتىمىش(ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي) .ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ياخشىلانسا نۆۋىتى كەلگەندە بىر جەمەتكە مەنپەئەت ئېلىپ كىلەلەيدۇ.


2. كەلگۈسى نوتىلارغا ئىشەنچ توغۇلىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ رىسقى ھەر خىل بولىدۇ. مىللەتكە ئالىممۇ كىرەك، كاسىپمۇ كىرەك. توپتىكى ئىقتىدارىغا تايىنىپ ، ئوبدان نان تېپىپ يىيەلىسە ، بۇمۇ ياخشى ئەمەسمۇ.(ھەر كىم بولسا ئاسايىشلىق تۇرمۇش كەچۈرگەي)


3. ئەلۋەتتە پۇتبولچىلار جەمىيىتى ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسىدىكىلەرگىمۇ ئوبدانلا نەپ ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىگىدە ئەزىمەتلىرىمىز مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىدە... شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلارنىڭ ئەمىلى شۇ سەۋەپلىك ئۆسۈشى بۇ مۇقەرەرلىك. قانداق جاپالاردا مۇشۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى دوكىلاتىنى ئۇقىسىڭىز يىغلاپ تاشلىشىڭىز مۇمكىن\"\"


4.بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پۇتبول قىزغىنلىغى  كۆتۈرىلىدۇ. ھۆكۈمەت كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.() مەسىلەن باج كىمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق).شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كارخانىچىلار بۇ تۈرگە مەبلەغ سېلىشقا ئالدىرايدۇ. مىسالەن:ئارمان گۇروھى مەبلەغ سالسا، قوش قوش ئۈنۈملەرگە ئىرىشەلەيدۇ. (1) خەلق رايىنى ئۇتىدۇ.(2)مەسھۇلاتلىرىدىن كىرىدىغان كىرىم كۆپىيىدۇ.ناۋادا ئارمان قۇۋەت تالقىنىغا ، بۇتالقاندىن بىر قاپ سېتىۋالسىڭىز، شىنجاڭ پۇتبولچىلىغىغا 2 كوي ئىئانە قىلغان بولىسىز دەپ يېزىپ باقسۇنا،بۇندىن كىيىن پېقىردەك تالقان ئىستىمال قىلمايدىغانلارمۇ ، قوللاش يۈزىسىدىن سېتىۋالىمىز.(3) شىنجاڭدا پۇتبول بازىرى ۋەھشى، بىلەت كىرىمى، مەستانىلار كىيىمى ، مەيدان ئىچىدىكى ئېلان قاتارلىقلاردىن، پۇتبولچىلارغا بىرىدىغان مائاش ۋە مۇسابىقە چىقىملىرىنى  تېپىۋالالايدۇ.(4) دۆلەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمان بولالايدۇ(5)شەكىلسىز بايلىق توپلايدۇ. شىنجاڭ خەيتاڭ ئالدىنقى يىلى ياردەم قىلىۋىدى. مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىدا،6 مىنۇتلۇق فىلىم قويۇلۇپ، جۇڭگوغا نامى تارالدى. بولمىسا كىم بۈلەتتى؟ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقتىدىكى ئېلانىغا نەچچە ئون مىليۇن پۇل خەجلەشكە توغرا كىلىدۇ. ئېلان بولا مۇشتاق بولاھە.


5.كوماندا ئەزالىرىنى ۋاقتى ۋانىسى كەلگەندە باشقا كولۇپلارغا راۋرۇس پۇلغا ساتالايدۇ. بارىنى ئەينى ۋاقىتتا 50 مىڭغا سېتىپتىكەنمىش، ھازىر بارى 2 مىليۇنغا يارايدۇ. (يۆتكۈلۈش ھەققى). بىزنىڭ باللىرىمىزدا پۇتبولغا نىسبەتەن توغما ھەۋەس ۋە سېزىم بار. كەلگۈسىدە جۇڭگونى تاڭ قالدۇرىدىغان چولپانلارنىڭ چىقىشى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.


6...


ئىشقىلىپ ئىجابىي تەسىرى ناھايىتى كۆپ.



ئىم  ... كۈتكەندەك جاۋاپلارغا ئىرىشتىم ، ھىلى  ئاخىرىنى تەھرىرلەپ يازىمەن . بەزى مەسىلىلەر راستىنلا سىز دىگەندەك ئۇندا ئاسان ھەل بولۇپ كەتمەيدۇ ، ھەم بولمىدى .  ئەڭ قىسقا مىسالنى ئالاي 2008 دىكى ب دەرىجىلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان بالىلارنىڭ ئاخىرقى مەيداندىكى دەرىجە ئۆرلەش مۇسابىقىسى ھەم شۇنىڭدىن كېيىنكى بارىدىن باشقا بالىلارنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلەمسىز ؟  شۇنداق ياخشى ھالەت بىلەن يىرىم پەسىلنى تۈگەتكەن شىنجاڭ خەيتاڭنىڭ پەسىل ئاخىرىدىكى مۇسابىقىلەر دە كۈچ پەرقى پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان كوماندىلاردىن 3- 4 مەيدان نۇقىرى نۇمۇر پەرىقى بىلەن ئۇتتۇرىۋىتىشى ئاەمنىڭ گۇمانىنى قوز غىمامدۇ ؟


قالدى گەپنى يىلى يازاي ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقايلى ھە ئاكا .

بەت: [1] 2
: (تەڭرىقۇت)شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ئابىدە خارەكتىرلىك غەلبە