NASA يېڭىدىن 8 نەپەر ئالەم ئۇشقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى

bilimxumarنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
NASA يېڭىدىن 8 نەپەر ئالەم ئۇشقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى
بىلىمخۇمار ئەپەندىم، رەھمەت سىزگە ناھايىتى مۇھىم بىلىملەرنى يەتكۈزۈۋاتىسىز،
ئۆتكەنكى تېمىڭىزغا ئىنكاس يازساممۇ ھەقىچان كۆرۈشكە ۋاقتىڭىز يەتمىدى، ئىنكاسىمنى يەنە تەكرارلاپ ئۆتەي، بەلكىم كۆرۈشكە ۋاقتىڭىز يېتەر،...
سىز ئەسلىدە «ئالەم كېمىسى» دېيىلىۋاتقان بىر سۆزنى «ئالەم ئۇشقۇرى» دەپ ئۆزگەرتىۋاتىسىز، ياكى ئۇ سۆز ئەمەستۇ... ئەمما «ئۇشقۇر»، «ئۇشقۇچى» دېگەن سۆزلەر «ئۇچۇش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇ سۆزنىڭ تومۇرى «ئۇچ»، «ئۇش» ئەمەس... شۇڭا ھەرقانداق قوشۇمچە قوشۇپ سۆز ياسىغاندا «ئۇچ+» قا قوشۇلىدۇ، «ئۇش+» قا ئەمەس، شۇڭا مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، يازمىلىرىڭىزدا «ئۇشقۇرى»، «ئۇشقۇچى»،... دەپ ئالماي، «ئۇچقۇرى»، «ئۇچقۇچى» دەپ ئالارسىز. لۇغەتلىرىمىزدە ئىملانى قېلىپلاشتۇرۇپ بولالمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىملاسى قېلىپلىق سۆزلەرمۇ بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن،
رەھمەت.
ھەربىي، دوختۇر، تەبىئەت كەسپلىرىگە مەركەزلەشكەن ئوخشايدۇ. ئادۋۇكاتلار ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى ئويلىماڭلار.. {:92:}ناسادا، خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە بولغان تەلىپى قانداق؟
ۋەتەندە، ئاۋىئاماتكىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر بار بولدى. China National Space Administration جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدا يوقمىكىن. دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا ئۇيغۇرنى كىرگۈزەمدۇ، ساقلاپ باقارمىز. ئوغۇللىرى دىلشاتجاننىڭ West Point ھەربىي ئاكادېمىيىسىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنى رەت قىلغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم ئەپسۇسلاندىم.
يۇقارقى تىزىملىكتىن قارىغاندىمۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغانلار ئاساسەن ھەربىي ياكى West Point نى پۈتتۈرگەنلەر ئىكەن. رەت قىلمىغان بولسا ئۇيغۇردىن يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇچسى چىقىش پۇرسىتى بولىدىكەنتۇق. (روسىيە تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ پارىڭى بولغان، شۇ گەپ راستمۇ؟)
ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرنىڭ نىسبىتى %13 بولسا ئازكەن، مەن ئۇنىڭدىن كۆپمىكى دەپ ئويلايتىم. تولۇق ئوتتۇرىدا تىخىمۇ تىرىشمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. ھەجەپ سەۋىيەسى يۇقىرى ياشلاركەنغۇ ، ھې ھې ھې ، ئىشقىلىپ ئۆزۈمنى يېقىننىڭ ياقى ناسادا تۇرىۋاتقاندەك ھىس قىلۋاتىمەن !
كۆز تەگمىسۇن ، اللە ساقلىسۇن ! ئامىن بىلىمخۇمار ئەپەندىم چەتتە ئۇزۇن تۇرغاچ، يېزىق مۇھىتى ۋە ياش سەۋەبى بىلەن، بەزىدە ئېغىز تىلى بويىچە يېزىشتىن ساقلىنالماسلىقى تەبئىي، مەسىلەن شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىمنىڭ رادىئو زىيارىتىدىنمۇ ئېغىز تىلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. ئۇلارنى بىز ياشلار توغرا چۈشىنىپ تۇرايلى.. بىر ھون ئەپەندىم ھازىر يېزىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدىغۇ دەيمەن، شۇڭا، شۇڭا- شۇڭا... ئامىرىكىلىقلار ئاللىقاچان مارىسقا چىقىپ بولدىمىكىن؟.........
خەقنىڭ دۇنياغا ئاشكارلايدىغان يىڭى تېخنىكىلىرى ئۇلارغا نىسبەتەن پايدىسى قالمىغان كونىراپ كەتكەن تېخنىكىلىرىمىكىن دەيمەن....... يەرشارىنىڭ قوغدۇغۇچىلىرىكەندە . بۇرن دىققەت قىلماپتكەنمەن. ئالدىنقى قېتىم ئايرۇپىلانغا كەچ چىققان .تۇلۇق ئاي چىقىپتىكەن. بۇلۇتلارنىڭ ئۈستى ئاي يۇرۇقىدا شۇنداق گۈزەل كۈرۈپ كەتكەنتى. ئالەم بوشلۇقىدا شۇنداق گۈزەل مەنزىرلەرنى كۈرۈش، باشقا پىلانىتقا ئاياغ بېسىش ،نىمدىگەن ھاياجانلىق مىنوتلار. توردا ئائىلىڭىزگە ئائىت بولغان ئۇچۇرلار 2008-2009-يىللاردا ئەڭ كۆپ بولغان دەپ ئويلايمەن، مانا بۈگۈن ئوغلىڭىزغا ئائىت يېڭى بىر ئۇچۇر ۋە قايسى كۈنىدىكى ھويلىڭىزنىڭ رەسىملىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچۇر بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى يېڭى ئۇچۇرلار ھېسابلىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.....

10- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىلىمخۇمار ئاكىمىزغا چوڭ ھۆرمىتىم بار شەخسەن، ھەم نۇرغۇن كىشىمىزنىڭمۇ ھۆرمىتى چوڭ دەپ ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاكىمىز ئۆزىنىڭ قىس بولغان ۋاقتىدىن ۋاقت ئاجرىتىپ، يەنە بىزنى پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرى بىلەن ئۇچۇردار قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.
لېكىن ماۋۇ جۈملە «مېنىڭ ئوغلۇم دىلشات 2007-يىلى ئامېرىكىنىڭ «غەربىي نۇقتا» (West Point) دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا داڭلىق ھەربىي ئاكادېمىيىسىگە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. لېكىن ئۇ مەكتەپنى ياراتماي، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بېركېلېي شوھبىسى (University of California, Berkeley) گە كىرىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇدى.» بىلەن تېمىنىڭ ئالاقىسىنى پەقەت ھېس قىلالمىدىم.
(ئوچۇق دەۋەردىم، كۆڭلۈڭلەرگە ئالمىغايسىلەر)
بىلىمخۇمار ئەپەندى تېما ئاخىردا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى يېزىپ قويۇپتۇ، ئالاقىسى يوق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا West Point تا ئوقۇغانلار، ھەربىيلەر كۆپكەن.
بۇ ئىنكاسىڭىز ماڭا باشقىچە بىلىنىۋاتىدۇ.
بىزنى يېڭى ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئەركىن ئاكا, لېكىن ئوغلىڭىزنىڭ ئاشۇ قېتىملىق قارارىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئاشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ئانا يۇرت رومانىدىكى \"\"بىزدە ھەتتا ئىسھاقبېكچىلىك ھەربىي بىلىمى بار ئادەممۇ يوق\"\" دېگەن جۈملە ئېسىمگە كەپقالدى.ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بەرسۇن!
1- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
bilimxumarنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
NASA يېڭىدىن 8 نەپەر ئالەم ئۇشقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى
بىلىمخۇمار ئەپەندىم، رەھمەت سىزگە ناھايىتى مۇھىم بىلىملەرنى يەتكۈزۈۋاتىسىز،
ئۆتكەنكى تېمىڭىزغا ئىنكاس يازساممۇ ھەقىچان كۆرۈشكە ۋاقتىڭىز يەتمىدى، ئىنكاسىمنى يەنە تەكرارلاپ ئۆتەي، بەلكىم كۆرۈشكە ۋاقتىڭىز يېتەر،...
سىز ئەسلىدە «ئالەم كېمىسى» دېيىلىۋاتقان بىر سۆزنى «ئالەم ئۇشقۇرى» دەپ ئۆزگەرتىۋاتىسىز، ياكى ئۇ سۆز ئەمەستۇ... ئەمما «ئۇشقۇر»، «ئۇشقۇچى» دېگەن سۆزلەر «ئۇچۇش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇ سۆزنىڭ تومۇرى «ئۇچ»، «ئۇش» ئەمەس... شۇڭا ھەرقانداق قوشۇمچە قوشۇپ سۆز ياسىغاندا «ئۇچ+» قا قوشۇلىدۇ، «ئۇش+» قا ئەمەس، شۇڭا مۇۋاپىق كۆرسىڭىز، يازمىلىرىڭىزدا «ئۇشقۇرى»، «ئۇشقۇچى»،... دەپ ئالماي، «ئۇچقۇرى»، «ئۇچقۇچى» دەپ ئالارسىز. لۇغەتلىرىمىزدە ئىملانى قېلىپلاشتۇرۇپ بولالمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىملاسى قېلىپلىق سۆزلەرمۇ بۇزۇلۇپ كەتمىسۇن،
رەھمەت.
ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بېرىپسىز. مەن ئۇنى قوبۇل قىلىمەن. رەھمەت سىزگە! «ئالەم كېمىسى» دېگىنىمىز ئىنگلىزچە «سپاكە شۇتتلە» بولۇپ، ئۇ يەر شارى بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتى ئارىلىقىدا ئىشلەتكەن بىر ئالاھىدە خىلدىكى نەرسىگە ئىشلىتىلگەن، دەپ ئويلايمەن. ئەمدى «ئۇشقۇرى» غا كەلسەك، ماڭا ئۇنى 7-8 يىل بۇرۇن ۋەتەندىكى بىر مۇخبىر دوستۇم تەۋىسىيە قىلغان. ئۇ سۆز ئەسلىدە «ئۇچقۇرى» دەپ يېزىلغانمۇ ياكى «ئۇشقۇرى» مۇ، ئۇ ئېسىمدە قالماپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن سىز دېگەندەك ئالاي. مەن ئىنگلىزچە تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئېلىشتا خېلە قىينىلىمەن. شۇڭا تورداشلارنىڭ سىزگە ئوخشاش تەكلىپ بېرىپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەربىي، دوختۇر، تەبىئەت كەسپلىرىگە مەركەزلەشكەن ئوخشايدۇ. ئادۋۇكاتلار ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشنى ئويلىماڭلار..![]()
ناسادا، خىزمەتچىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە بولغان تەلىپى قانداق؟
ۋەتەندە، ئاۋىئاماتكىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر بار بولدى. China National Space Administration جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدا يوقمىكىن. دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا ئۇيغۇرنى كىرگۈزەمدۇ، ساقلاپ باقارمىز.
ناساغا پەقەت ئامېرىكا گراژدانلىرى بىلەن ئامېرىكا نوپۇسىغا كىرگەن كىشىلەر (يېشىل كاردقا ئېرىشكەنلەر) لا قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئۇلار نېمە دېگەن بەختلىك.
بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ كەمتەرلىكى ۋە كەڭ-قوساقلىقىغا ئاپرىن.
ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك يار بولسۇن. ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن زۇڭتۇڭ، گېنىراللېرى شۇ غەربى نۇقتا ھەربى مەكتەپتىن يىتىشىپ چىققان. جەنوپ شىمال ئۇرۇشىدىكى قېرىنداشلار دەپ بىر تېلىۋىزىيە تىياتىرى بولىدىغان. شىمال تەرەپتىن كەلگەن بىر ياش بىلەن جەنوپ تەرەپتىن كەلگەن بىر ياش مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا دوست بولۇپ كېيىن جەنوپ شىمال ئۇرۇشىدا بىر بىرىگە دۈشمەن بۇلۇپ قالىدىغان.
مەن تېخى ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ئوغلىنى ھاۋا ئارمىيىسىدە ئۇچقۇچى دەپ ئاڭلىغانتىم.