bahram يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 09:42:55

ماڭىمۇ بىر ياردەملىشىڭلارچۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ....

پات يىقىندا مۇبارەك ئەۋلادىم يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچماقچى ئەلۋەتتە ئاللاھ نىسىپ قىلسا ...

شۇڭا مۇشۇ كۆز ئىچىش ئالدىدىكى ئەۋلادىمغا ساپ تۈركچە ، ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشنى ئويلاپ كىلىۋاتقان ئىدىم ، مۇمكىن بولسا مەناسى چىرايلىق يىقىملىق ئاڭلىنىدىغان ئىسىملاردىن ھەدىيە قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىپ بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن ،،،،،

مىنىڭ ئويلاشقىنىم ئوغۇل بولسا :  تۈركزات ،،،، قىز بولسا ھۈرجاھان

سىلەرنىڭكىنى ئاڭلاپ باقاي

كۆپچىلىككە رەھمەت

PERWAZQIL يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 09:57:23

چىرايلىق ئىسىملاركەن، بولسا شۇنى قۇيۇۋىرىڭ.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 10:01:01

ھۆرجاھان دېمەكچىمۇ؟ مېنىڭچە ھۆرىيەت بولسا بولامىكىن؟

ئازادە چۇ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 10:07:47

مۇشۇ تەرجىمە قىممايدىغان ئىسىم قويىدىغانلارنى كۆرسەم ياكى ئاڭلىسام، يامان ھۆرمەتلىگىم كېلىدۇ.

بىزنىڭ مەھەللىدە بىر نەچچە باللا بار ئىسمىنى دەپ بېرەي ھە.

ئىدىقۇت، زەبەردەس، تەۋسىيە ... ئىسىمگە كەلمىدىيا دەپ بېرەي دېسەم.

kokqux يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 10:19:49

ئوغۇل بولسا ئېلى، قىز بولسا گۈلى دەپ قويىۋېرىڭ..

arkzat618 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 11:18:24

تاللىغىنڭىزھەققەتەن ياخشى ئىسىمكەن. مەنمۇ دەپ باقاي .باشقىلار پايدىلنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . ئەرىك+زات ، ھون +زات ،پاك+ زات، نۇر+ زات، شاھ+ زات ، ئەل+ زات ، قۇتاد بەگ، قىزلارغا : ئايقۇت، .....ۋاي ئىسمگە كەلمىدىيا بىردەمدە.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 11:29:54

نەۋشات قويۇڭ ...

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 11:36:09

ئەلئۇقمىش ،بىلگە ،ئارسلان ،سۇتۇق،ئايدىڭ ،ئالىپ،ئەرتۇڭە،ھۆرىيەت،ئەركىن ،،،،،،بىزمۇ تايىلىقكەنمىز جىمۇ باللار ئاغزىمىزدا

گەپلام بار ئوخشايدۇ ،،،موللا مۇشۈك ئەپەندى جىق بىلىدۇ ئۇيغۇرچە ئىسىمنى \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 11:42:17

ئۇيغۇرخان،ئوغۇزخان ،ئانارخان ،تۆمۈر،پولات،پالتاھون،قىلىچخان،ئوغۇلچاق،،،ئىسىمگە كەلسە يەنە يوللاپ قويمەن  {:92:}

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 13:15:26

ساپ تۈركچە ئىسىملار:

ئەرلەر ئۈچۈن:

تۈرك

ئۆزتۈرك

كۆكتۈرك

كۆكتاغ

كۆكتىغ

تۇغ

توغان

بايتۈرك

باشتۈرك

باشقارا

باسمىل

باسار

پاتماس

تايماس

تالماس

ئالماس

ھارماس

يانماس

قالماس

ماناس

باخشى

پولات

تۆمۈر

تۇپراق

تاش

يانار (جانار)

ئەراي (ئەرئاي)

ئەرگۈن (ئەركۈن)

تەڭرىقۇل

تەڭرىقۇت

يالقۇن

دولقۇن

بۇلۇت

بوران

پۇتاق (بۇداكوف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)

تۇرغۇن (تۇرگېنېف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)

پاقلان (باكلانوف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)

قوشقار (كېشكاروف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)

بارس (بورىس، بۇ ئىسىمنى رۇس ۋە باشقا مىللەتلەرمۇ قوبۇل قىلغان)

سۇتۇق (سۇدۇكوف، بۇ ئىسىمنى رۇسلارمۇ قوبۇل قىلغان)

يور (نۇرچاچ دېگەن مەنىدە، رۇسلار «يۇرى» دەپ ئىشلىتىدۇ)

ئېقىن، ئاقىن (رۇسچە «ئاكىن» دەپ ئىشلىتىلىدۇ)

....

....

يۇقىرىقى ئىسىملارنىڭ ھەممىسىگە

جان

بەگ

زات

باي

ەمومۇمىم... قوشۇمچىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى ئىسىم ياساپ قويسا بولىدۇ...

ۋەھاكازالار

سۈپ تۈركىيچە ئايالچە ئىسىملار:

ئاي

ئايچېچەك

چېچەكئاي

ئايبوتا

ئاييورۇق

يورۇقئاي

ئايقىز

قىزاي

ئايتۇرسۇن

تۇرسۇناي

ئايدالا

ئايتولۇن

تولۇناي

ئايتۈرۈك

تۈركاي

چېچەك

ياپراق

سۈزۈك

غۇنچە

غۇنچەم

يامغۇر

ياغمۇر

ئاقچېچەك

كۆكچېچەك

كېپىنەك

نازۇك

نازۇكئاي

نازۇكۇم (نازۇگۇم، نۇزۇگۇم)

ئايدان (ئايدىن)

ئايسۇ

ئايسۇلۇ

ئايتەن

بانۇ

بەرنا

بېكە

بۇرچ

جانسۇ

چولپان

دېڭىز

دۈيگۈ (تۇيغۇ)

ئولجاي

سۆيۈم (سەۋىم)

گۈزەل

گۈزەلاي (گۈزەلئاي)

ئايگۈزەل

غۇنچاي (غۇنچىئاي)

.....

يۇقىرىقى ئايالچە ئىسىملارنىڭ ھەممىسىگە بېكەبەكەبۆگە....  ومەمۇمىم... قوشۇمچىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق يېڭى ئىسىملارنى ياساپ قويسا بولىدۇ.

دىنىي خەلقئارالىق ئىسىملار (بۇ ئىسىملار بىرەر مىللەتكە تەۋە ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەۋە ئورتاق ئىسىملاردۇر)

ئادەم (ئادام)

ھاۋا (ھەۋۋا، ئەيۋا، ئىۋا، ئىۋ...)

يەھيا (يوھان، جون، جوھان، يوھاننىس، ئىۋان، ئىۋانوف، ئىۋانوۋىچ...)

يۈسۈپ (يۈسۈف، جوۋزىف....)

ئىبراھىم (ئابراھام)

1. ئەرەنچە: ئىسكەندەر (ئالېكساندېر)

2. ئايالچە: ئىسكەندەرىيە (ئالېكساندىرا)

ئىسھاق (ئايزاك... ئايزاك نيۇتوننىڭ ئىسمى)

نۇھ، نوھ (نويا، ....)

ھارۇن (ئەرىن..)

مۇسا (موۋزىس)

ئەيسا (جىزەس)

مەسىھ (مەسايە)

بۇنيامىن (بېنجامىن)

مەريەم، مارىگۈل، مارىيەم، بۈمەرىيەم، بۈۋى مەرىيەم، بى بى مەرىيەم بابامەرىيەم (مەرى، مارى، مارىيا، مارىيە....)

باباخان

خانبابا

ئەلىبابا

ياقۇپ (جەيكوب، جاكوب، ياكوۋ، ياكوف....)

مۇھەممەد (مەھمەت، مەمەت، مەت، مىت... دېگەن ۋارىيانتلاردا ئۆزگەرتىپ قويۇش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ!!!)

----------------------------

.......

جۇڭگودا، رەسمىي ئورۇنلاردا (پۇل-مۇئامىلە، خىزمەت، ئوقۇش... قاتارلىقلاردا) خەنسوچە ئىسىم ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بولغاچقا، ئىسىم قويۇش بىلەنلا بولماي، ئىسىمنىڭ قايسى خەتلەر بىلەن قانداق يېزىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:

1. سەت خەتلەرنى، سەت مەنىلىك خەتلەرنى تاللىماسلىق، مەنىسى گۈزەل خەتلەرنى تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرۇش كېرەك، مەسىلەن:

تۇرغۇن دېگەن ئىسىمنى تۈكرۈكتىكى 吐 بىلەن يازغۇزماي، تۇپراقتىكى 土، ياكى تۈركتىكى 突 بىلەن يازغۇزسا مۇۋاپىق....

2. ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى خەنسوچە نوپۇسقا ئالدۇرغاندا بوغۇم سانىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىك ياكى بەك كۆپەيتىۋەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن:

ئايشەمگۈل دېگەن 3 بوغۇملۇق ئىسىمنى 阿依夏木古丽 دەپ ئالتە بوغۇملۇق تىزىملاتماي  阿仙古 دەپ ئۈچ بوغۇملۇق ياكى 阿仙古丽 دەپ تۆت بوغۇملۇق تىزىملىتىش كېرەك...

3. خەلقئارالىق ياكى ئەرەبچە ئىسىملارنى يازمىسىنى ئاساس قىلىپ غەلىتە خەتلەر بىلەن تىزىملاتماي، خەلقئارالىق ياكى ئەرەبچە ئىسىملارنى تىزىملاش قائىدىسى بويىچە تىزىملاش كېرەك. مەسىلەن:

مۇھەممەد 穆罕默德  (خاتا شەكلى: 买买提)

ئەلى 阿里 (خاتا شەكلى: 艾力)

بۈمەرىيەم 布玛丽亚母 (خاتا شەكلى: 布买热叶木)

ئادىل 阿迪尔 (خاتا شەكلى: 阿迪力)

مۇكەررەم 牡开然 (خاتا شەكلى: 木开热木)

ۋاھاكازالار....

---------------------

ئىسىمنىڭ مەنىسى:

90 پېرسەنت ئۇيغۇرلار ئەرەبچە، يەھۇدىچە ياكى ئىنگلىزچە ئۇقمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىسىمنىڭ قانداق مەنىسى بار ئىكەن دەپ ئەرەبچە، يەھۇدىچە، لاتىنچە ياكى ئىنگلىزچە مەنىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ قويغاننىڭ پايدىسى يوق. كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار چۈشەنسە، مەنىسى شۇ. ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان ئىسمىمنىڭ پالانچى تىلدا مانداق مەنىسى بار دېگەننىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ. ئىسمىمنىڭ مانداق مەنىسى بار دەپ پەخىرلەنگەن تەقدىردىمۇ كىشىلەر ئۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ مەنىسى چىقمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.

مەىسلەن: فاتىمە دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى ياخشى دەپ پەخىرلەنسىڭىزمۇ، پاتىگۈل، پاتىخان، پاتەك، پاتى.... دىن ئۇ مەنە ھەرگىز چىقمايدۇ، ئىشەنمىسىڭىز، ئەرەبلەردىن سوراپ بېقىڭ.

تىلدىكى سۆزلەر بىرەر تاۋۇشنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مەنا ئۆزگەرتىدۇ. مەسىلەن، ئات، ئاش، ئال، ئاس، ئاق،... ھەممىسىنىڭ بىرلا تاۋۇشى ئوخشىمىغاچقا باشقا مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر. سىز «ئابدۇرەشىد» دېگەن ئىسىمنى رىشىت دەپ، پالانچى مەنىسى بار دېيەلمەيسىز.

پەقەت ۋە پەقەت ساپ تۈركىيچە، ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىلا خەق ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىسىملارنىڭ مەنىسىنى ھەممە ئۇيغۇر بىلىدۇ، بىرەر تاۋۇشى ئۆزگەرسە مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئەسلى تاۋۇشلىرى بىلەن تەلەپپۇز قىلىدۇ.

مەسىلەن، مۇھەممەد نى مەمەت، مەت، مەھمەت، دەۋالغىنى بىلەن «ئالماس» ياكى «تۆمۈر» نى ھېچكىم ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلمايدۇ، چۈنكى «مۇھەممەد» نىڭ مەنىسىنى كۆپ كىشى ئۇقمايدۇ، بىرەر ئىككى تاۋۇشى ئۆزگىرىپ كەتسە نېمە بولىدىغانلىقىنى ھەم ئۇقمايدۇ، شۇڭا خالىغانچە قىڭغىرلاشتۇرۇپ تەلەپپۇز قىلىدۇ..... ۋاھاكازلار...

....

ئەڭ ئاخىرىدا، كۆپىنچە ھاللاردا نوپۇس تىزىملاش ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئورگاندىكى يېڭى تۇغۇلغان ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى تىزىملاشقا مەسئۇل خادىملار ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىدا ئەمەس، دورىگەرلىك ياكى سېستىرالىقتا ئوقۇغانلار بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى تىزىملايدىغان خەت جەدۋىلىدە بار تۆت بەش خەتنى ئېلىپلا خالىغانچە تىزىملاپ قويىدۇ. سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ قۇلاققا قانداق سەت ئاڭلىنىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى تىزىملاشقا ئىشلىتىدىغان خەت جەدۋىلىدىن، ئۆز پەرزەنتىمىزنىڭ ئىسمىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان توغرا خەتلەرنى تېپىپ، ماۋۇ خەتلەر بىلەن تىزىملاپ بېرىڭ دېسەك بولىدۇ.

ئەگەر قانداق خەت بىلەن تىزىملاشنى ئۇقالمىسىڭىز، ئىزدىنىشقا ئىنكاس يازسىڭىز، تورداشلار دەپ بېرىدۇ....

تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر بىرھون تورىدا بار.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 13:42:48

ئوغلىڭىزغا تارىم دىگەن ئىسىمنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ

Uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 14:08:22

مۇستافا،ئەلى،مۇھەممەت،ئابدۇللاھ،يەھيا

beliver يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 14:18:30

10- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپلەر\"\"

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 15:33:38

بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئالىپ ئەر ئىكەنتۇق، بىر چاغدا يولدا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئىتتىكلا :«ئەلكاتىپ خېلى چوڭ بوپ قالدىمۇ؟» دەپتىمەن.

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 15:39:02

ئوغول ئىسىملىرى

ئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.

ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ.

ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.

ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.

ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.

ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

ئەدھەم : قارا، ئىشكەل.

ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق.

ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق.

ئۇسامە : يولۋاس.

ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.

ئەسەد : قەھرىمان.

ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك.

ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، اللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ.

ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق.

ئەكرەم : مەرد، سېخى.

ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول.

ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس.

ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى.

ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.

ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق.

ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى

باسىت : مۇلايم.

باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن.

بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى.

سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان.

ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى.

ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، اللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى.

ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق.

ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى.

ھەمزە : يولۋاس.

ھەيدەر : يولۋاس.

خالىد : باقىي، مەڭگۈ.

خەلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر.

داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ.

زاكىر : اللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك.

زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى.

رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى.

رۇستەم : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ.

رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك.

زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق.

سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم.

سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال.

سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق.

سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت.

سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام.

سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن.

سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ.

شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى.

شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي.

شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى.

شەئبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى.

شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت.

سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك.

سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە.

سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل.

سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز.

تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى.

تالىب : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.

تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.

تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس).

تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت.

ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى.

ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق.

ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى.

ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى.

ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى.

ئابباس : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان.

ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا.

ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى.

ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت،

ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان.

ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ.

ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش.

ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ.

ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى

غازىي غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى.

غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى.

فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك.

فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى.

فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى.

فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى.

قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى.

كەرەم : سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان.

كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك.

كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت.

مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات.

مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى.

مۇختار : تاللانغان.

مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.

مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال.

مەئسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.

مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى.

مۇئمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، اللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى.

ناسىر : ياردەم بەرگۈچى.

نايىف : ئىگىز.

نەزىر : ئوخشىغۇچى.

نىئمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات.

نىيازىي : پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ.

ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى.

ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ.

ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى.

يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

يۇسۇف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.

جامال : گۈزەللىك.

قىز ئىسىملىرى

ئەبرار : ساداقەتمەن، كۆيۈمچان،

ئەمان : ئامانلىق، تىنچلىق، بىخەتەرلىك، خاتىرجەملىك، ئاراملىق، قوغدىماق، ئەھدە، كاپالەت، قەرز.

ئامىنە : خاتىرجەم، كۆڭلى توق، ساغلام.

ئەمىينە : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر.

ئەنۋار : نۇرلار، يورۇقلۇقلار.

ئەنىيسە : كۆيۈمچان، خۇشخۇي، ئۈلپەت.

ئىمان : ئېتىقاد، تەسدىق، ئىشەنچ.

بۇشرا : خۇش خەۋەر، گۈزەللىك، چىرايلىقلىق، ھۆسن- جامال.

بىلقىيس : سەبەئ دېيىلىدىغان بىر قەدىمى مەملىكەتنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ياشىغان، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان ۋە ئىمان ئېيتقان.

گۈلنار : ئانار گۈلى.

جەمىيلە : چىرايلىق، ئۇز، گۈزەل، كېلىشكەن.

ھەبىيبە : سۆيۈملۈك.

ھەفىيزە : مۇھاپىزەت قىلىنغۇچى، ساقلانغۇچى.

ھەلىيمە : ئېغىر- بېسىق ۋە ئەقىللىك ئايال.

ھەمىيدە : شۈكۈر ئېيتقۇچى ئايال، ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئايال.

ھەنىيفە : ياخشىلىق تەرەپكە بۇرالغۇچى ئايال، مۇسۇلمان ئايال، توغرىنى چىڭ تۇتقۇچى ئايال.

ھەۋۋا : ھەۋۋا ئانا، ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، يېشىلغا مايىل قارا ياكى قارىغا مايىل قىزىل.

ھۇرىيە : پەرى، ھۆر، رەڭگى ئاقپىشماق پەۋقۇلئاددە كېلىشكەن ئايال.

خالىدە : مەڭگۈ، دائىم.

خالىسە : ساپ، پاكىز، خالىس، بەك ئاق.

خەدىيجە : ۋاقتىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان قىز بالا.

زاكىرە : ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، خاتىرە، ئاڭ.

زاكىيە : پۇرىقى ئەتراپقا يېيىلىپ تۇرغۇچى.

زەكىيە : ھۇشيار ئايال، چېچەن ئايال، زېرەك ئايال.

رەشىيدە : ھىدايەت تاپقۇچى ئايال، ئاڭلىق ئايال، ئەقىللىق ئايال.

رەنا : بەك گۈزەل بولغانلىقتىن كۆرگەن كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەي ئۇزۇنغىچە قاراپ قالىدىغان نەرسە.

زاكىيە : ياخشى ئۆسكۈچى.

زاھىدە : ئاخرەتنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن دۇنياغا بېرىلمىگەن ئايال.

زاھىرە : گۈزەل ئايال، چىرايلىق ئايال، يۈزى يورۇق ئايال.

زۆھرە : چولپان يۇلتۇزى، ۋېنېرا، ئاپئاق، سۈزۈك رەڭ.

زەكىيە : پاك، گۇناھسىز، پەزىلەتلىك، ساپ، ئۆسكۈچى.

زەھرا : رەڭگى سۈزۈك ۋە نۇرلۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ لەقىمى.

زەينەب : كۆرۈنۈشى چىرايلىق خۇش پۇراق بىر دەرەخ، رىۋايەتلەردە كاككۇكنىڭ مەشۇقى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدىغان ئەپسانىۋى قۇشنىڭ نامى.

زىينەت : گۈزەللىك ۋە ھۆسن بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇيۇم، بېزەك، ھۆسن.

ساجىدە : سەجدە قىلغۇچى ئايال، باش ئەگگۈچى ئايال.

سارا : ئەڭ ياخشى ، تاللانغان، سەرخىل.

سالىمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، بېجىرىم ئايال، ساغلام ئايال، ساق- سالامەت ئايال.

سەداد : توغرىلىق، راستچىللىق.

سەئدە : بەختلىق، بەرىكەتلىك.

سەئىدە : بەختىيار ئايال، تەلەيلىك ئايال، سائادەتمەن ئايال.

سالامەت : بېجىرىم، ئەيىبسىز، ساق.

سالام : سالام بەرمەك، سالام، تىنچ- ئامانلىق سورىماق،

سەلما : ھېچ ئەيىبى يوق ئايال.

سەلىيمە : قۇتۇلغۇچى ئايال، ئەيىبسىز ئايال.

سەمرا : بۇغداي ئۆڭلۈك ئايال.

سەمىيھە : مەرد ئايال، سېخى ئايال، قولى كەڭ ئايال.

سەمىيرە : كېچىدە مۇڭداشقۇچى ئايال، كېچىدە سۆھبەتلەسكۈچى ئايال.

سۇمەييە : ئىسلامنىڭ تۇنجى شەھىدى بولغان ساھابە ئايال(اللە تەئالا ئۇ ئايالدىن رازى بولسۇن).

سەييىدە : خانىم، خېنىم، خانزادە.

سىيما : ئالامەت، بەلگە، نىشان، ئەن، تامغا، تەقى- تۇرقى، سىرتقى كۆرۈنۈشى.

شادىيە : ناخشىچى ئايال.

شەرىيفە : شەرەپلىك ئايال، ئېسىل ئايال، ئالىيجاناب ئايال.

شەفىيقە : شەپقەتلىك ئايال.

شەمس : قۇياش، كۈن، بەك گۈزەل دېگەن مەنىدە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.

شەھىدە : اللە يولىدا شەھىد بولغان ئايال.

شېرىن : تاتلىق، لەززەتلىك، بەك چىرايلىك بەك گۈزەل دېگەن مەنىلەردە مەجازەن ئىشلىتىلىدۇ.

سادىقە : راستچىل ئايال، ئىخلاسمەن ئايال.

سالىھە : ياخشى ئايال، توغرا يول ئۈستىدىكى ئايال.

سەبىيھە : گۈزەل ئايال، كېلىشكەن ئايال.

سەدىيقە : راستچىل ئايال سەمىمىي ئايال.

سەفىيە : ساپ،، پاك، سۈزۈك، روشەن، تاللانغان، سىرداش دوست، ھەقىقىي دوست.

تالىبە : ئېزدەنگۈچى ئايال، ئوقۇچى ئايال، تەلەپ قىلغۇچى ئايال.

تاھىرە : پاك ئايال، پاكىز ئايال.

تەييىبە : ھالال، پاكىز، ئۇبدان، بەلەن.

زەرىيفە : ھۇشيار ئايال، زېرەك ئايال، چېچەن ئايال.

ئائىشە : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئايالى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، كەيپىياتى ياخشى ئايال.

ئاتىكە : قىپقىزىل ۋە ئېسىل.

ئارىفە : ئىلىم- مەرىپەتلىك ئايال.

ئالىيە : ئىگىز، يۈكسەك، يۇقىرى، ئالىيجاناب.

ئىبادەت : تائەت، ناماز، قۇلچىلىق قىلماق، ئىبادەت قىلماق، دىنى ئەھكاملارنى ئورۇنلىماق.

ئەزىيزە : سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك، ئېسىل. كۈچلۈك.

ئەتىيە : سوۋغا- سالام، ھەدىيە.

ئەفىيفە : ئىپپەتلىك، پاك.

ئەلىيە : شەرەپلىك، ئىگىز، يۇقىرى، يۈكسەك.

ئىنايەت : كۆڭۈل بۆلمەك، غەمخورلۇق قىلماق، ساقلىماق، باشقۇرماق.

فائىزە : غەلىبە قىلغۇچى ئايال، مۇرادىغا يەتكۈچى ئايال.

فائىقە : ھۆسن- جامالى بەك كېلىشكەن.

فاتىمە : بالىسىنى (سۈتىدىن) ئايرىغان ئايال.

فىردەۋس : باغ، بوستان، گۈلباغ، جەننەت.

فەرىيدە : يالغۇز، مىسلىسىز، قىممەتلىك گۆھەر.

قەمەر : ئاي.

كۇلسۇم : ئىككى مەڭزى ۋە يۈزى گۆشلۈك ئايال.

كەۋسەر : تاتلىق سۇ، جەننەتتە بىر ئۆستەڭ.

لامىئە : نۇر چاچقۇچى، داڭلىق.

لەتىيفە : مۇلايىم، مەرھەمەتلىك، مەدەنىيەتلىك.

لەيلا : بەك قاراڭغۇ ۋە ئۇزۇن كېچە، مەستلىك، مەستلىكنىڭ باشلىنىشى، ھاراقنىڭ كەيپى.

مارىيە : ئاقپىشماق ئايال.

مەريەم : سۇرىيانىيچىدە ئىگىز دېگەن بولىدۇ، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى.

مەلىيكە : مۈلۈكدار ئايال.

مۇنىيرە : نۇرلۇق، يۈزى يۇرۇق، گۈزەل، نۇر چېچىپ تۇرغۇچى.

نائىلە : ئېرىشكۈچى، سوۋغا- سالام.

ناجىيە : قۇتۇلغۇچى ئايال، تېز ماڭىدىغان تۆگە.

نادىرە : ھىكلەتلىك سۆز، لەتىپە، ئۆز زامانىدا تەڭدىشى يوق ئايال.

نادىيە : جەمئىيەت، يىغىن، كۇلۇب.

نارىمان : پارىسچە ئانارغا ئوخشاش دېگەن بولىدۇ.

نەجات : قۇتۇلماق، خالاس تاپماق.

نەجىيبە : تېگى- تەكتى ئېسىل، پەزىلەتلىك، زېرەك، نەپىس، ئەقىللىق.

نەجىيە : سىر، سىرداش دوست.

نەرگىس : تەڭگىچە ئاق ياكى سېرىق گۈلى بولغان بىر خىل ئۆسۈملىك بولۇپ گۈلىگە كۆزلەر ئوخشىتىلىدۇ.

نەزىيھە : ئىپپەتلىك، رەزىللىكلەردىن يىراق.

نەسرىن : ئەتىردەك پۇرايدىغان بىر خىل ئاق گۈل.

نەسىيمە : مەيىن شامال، ئىللىق ھاۋا.

نۇسرەت : غەلىبە، زەپەر، قۇتۇلۇش.

نەزىيرە : ئوخشىغۇچى.

نەئىيمە : تۇرمۇشى ياخشى ۋە كۆڭلى خاتىرجەم.

نۇر جاھان : جاھاننىڭ نۇرى.

ھاجەر : ئىبراھىم ئەلەھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى.

ھادىيە : يېتەكچى ئايال، توغرا يولغا باشلايدىغان ئايال.

ياسەمىن : خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئۆسۈملۈك.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 17:15:30

ئارىسلان دىگەن ئىسىمنى قويماڭلار، ئوغلۇمغا شۇ ئىسىمنى قويغان، بەزىلەر ئاسلان دەپ چاقىرىپ خاپىلىق بولىدىكەن.

جاھان ساڭا باقمىسا، سەن جاھانغا باق دەپتىكەن. ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى خەنچە تىزىملىتىش مەسىلىسى ئەتىراپلىق ئويلاشمىسا بولمايدىغان مەسىلە. بىرھون ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا ئەلا باھا كەتتى.

مەن ئوغلۇمنى نوپۇسقا ئالدۇرغاندا  خەنچە ئۈچ خەتلىك قىلىپ تىزىملاتتىم. فامىلە ۋە چېكىت بىلەن يەتتە خەت. مەن ئۇچىرغان ئاۋارچىلىقلارغا بالام يولۇقماس دەپ ئويلايمەن. ۋە بەلكىم كەلگۈسىدە تىل-يېزىق كومتىتىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كاللىسىنى ئىشىك قىسىۋالسا، ياكى ئېشەك تېپىۋەتسە، شۇ لەقۋالار غەيرەتكە كېلىپ بۇنداق ئاۋارچىلىقلارمۇ ھەل بولۇپ قالار.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 17:19:10

11- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوغلىڭىزغا تارىم دىگەن ئىسىمنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ

\"تارىم\" ئىزدىنىش تورىدىكى ئانتونىئو دېگەن تورداشنىڭ ئوغلىغا قويغان ئىسمى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 17:56:25

تارىم بولىدىغان ئىسىمكەن. «ئۈگرە سوۋۇسا نارىن بولۇر، قۇم دۈۋلەنسە تارىم بولۇر» دېگەن «ماقال» ئېسىمگە كېلىپ قالدى  {:92:}

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 18:12:17

بىرقانچە يىلدىن كىيىن قايتا ئېچىش ئۈچۈن بەلگە سېلىپ قۇياي...

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 19:03:36

مەنمۇ ساقلىۋالدىم شۇڭا ... ئىزدىنىش مۇنبىرنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي  {:92:}
بەت: [1] 2
: ماڭىمۇ بىر ياردەملىشىڭلارچۇ