Hvkuma يوللانغان ۋاقتى 2013-9-6 01:59:59

ھۆكۈما:ھېكمەتلەر خەزىنىسى(تەرجىمە ئەسەر)




ھېكمەتلەر خەزىنىسى


ئاپتۇرى:يۇسۈپ تاۋۇسلى






ئۆزبېكچىدىن بىرىلگەن كىرىش سۆز




    بوۋايلار ۋە مومايلار،ئاتىلار ۋە ئانىلار، كېلىنلەر ۋە كىيئوغۇلار،قىزلار ۋە ئوغۇللار ئۇچۇن ئىبرەتلىك ھېكايەتلەر!! بۇ ھىكايەتلەر تۇركىيە يېڭى ئەسىر نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ،مۇشۇ ھىكمەتلەر، ئىبرەتلىك ھىكايەتلەرئەقلىمىز ، قەلبىمىز ۋە خۇلقى- ئەخلاقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىشمىزنى، تۇرمۇشۇمىزنى،تىلمىزنى ۋە ھەركىتمىزنى   ئادىللىق،ھايالىق ،مىھرىبانلىقمۇلايىملىق، ھەققانىيلىق ۋە راستچىلىق قاتارلىق گۈزەل خۇلقىمىز بىلەنبەزى كەتكۇزۇپ قويغان خاتالىقلىرىمىزنىۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى ئەينەنئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتقاندەك ، قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۇرۇپ، سىزنىيۇكسەك بولغان ھايات نىزامىسى ئىچىدە ياشاشقا ئۈندۈگۈسى!!.




    بۇ ھىكايەتلەرنى توپلىغۇچى بولسا ھاپىزيۇسۈپ تاۋۇسلىموللا شەمسىدىن گورئانى مەسچىېىنىڭ ئىمامىدۇر. كىتاپتا مۇسا ئەلىھسالام ، ئىبراھىم ئەلىھسالام، يۈسۇپ ئەلھسالام ،داۋۇت ئەلھسالام ،ئىيسا ئەلھسالام ۋە مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاياتىغا باغلىنىشلىق ئىبرەتلىك ھىكايەتلەر ۋە ساھابىلار ،ئەۋلىيالارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ئىبرەتلىك ھاياتى ناھايىتى راۋان چۇشۇنۇشلىك ، قىسقا ۋە ساددا تىلدابايان قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى زور مەرىپەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر، بۇرىسالىلار ۋەزىرلەر مەھكىمىسى ھاۋالىسى بىلەن دىن ئىشلىردا ئەينەك ئورنىدا ئىشلىتىگەن .


ياخشى ھىكايەت جانىڭ ئۇزۇقى دەپ قارىلىدۇ ،گۇزەل بىر ھىكايەتنى ئوقۇش ياكى ئاڭلاشئازراق بولسىمۇ ئۇنى ھەزىمقىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۇنىڭ تەسىردە يۇرۇش ئىنساننى ھاياتىنى گۈللەرگە پۇركەندۇرىدۇ




    ھازىرقى زامان تۇرۇك مۇئەلىپلىردىن ئالىم ۋە ئەدەبىياتچى يۇسۈپ تاۋۇسلى ھىكايەتلەردىن بىر قىسمىنى 1983-يىلى توپلاپ بىر كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇردى، بۇ ھېكايەتلەر كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ ئاۋالبىر جەمىيئەتنىڭ ھۇجەيرىسى بولغان ئائىلىگە،ئاتىلار ۋەئانىلار، كېلىنلەر ۋە كىيئوغۇلار،قىزلار ۋە ئوغۇللار غا قارتىلغان بولۇپ، جامائەتچىلىك تەرپىدىن ئالقىشقا ئېرىشتى.


مەزكۇر ھىكايەتلەرنىڭ باشقا ھىكايەتلەردىن پەرقى شۇكى بۇ ھېكايەتلەر ساددا چۇشۇنۇشلۇك بايان قىلنغانلىقىدا،،لېكىن ھەجىمىبولسىمۇ   ئۇنىڭدا كاتتامەنا ، ناھايىتى كۈچلۇك تەسىىر قىلىش ۋە بايئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە؛ ئۇنىڭدا شەرىق ھىكايەتچىلىكنىڭئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتكەن بولۇپ،پەند-نەسىھەتكە باي ھىكايەتلەر، ئىنسانپەرۋەرلىك يۇكسەك ئەخلاقنى ئىپادىلىگۈچى پىكىرلەر،ئۆتكۈر ۋە تەسىرلىك ۋەقە -ھادىسلەر تارىختىكى ئۇلۇغ   كىشلەرنىڭتۇرمۇشى ،ھاياتى ئارقىلىق قايىل قىلارلىق چىن ئەكىس ئەتتۇرگەن . بۇ ھىكايەتلەر ئارىسىدا مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇنىڭساھابىللىرىنىڭھاياتلىرىدىن ئېلىنغانھىكايەتلەر بىرنىجى سالماقنى تۇتۇشى مۇمكىن ،


يۇسۇپ تاۋۇسلى كىتابىدا بۇ ھىكمەتلىك ھېكايەتلەر بىلەنلا چەكلەنمەي ،بۇ ھىكايەتلەر توغرۇلۇق ئۆز مەۋقەسىنى ئىپادىلەپ، ئىلمى جەھەتتىن ھىكايەتلەرنى ئىزاھلاپ، چۇشەندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۇندۇلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى رۆلىنى كۆرسىتىپ بېرىپ ،ئۆز زامانداشلىرىنى يۇكسەكلىككە يەتكۇزۇشكە تىرىشىدۇ ۋە گۇزەل ئەخلاقى-پەزىلەت،دىن-دىيانەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ، بۇ ھىكايەتلەر تاشقىردىن قارىغانداساپ دىنىي ھىكايەتلەردەك كۆرۈنىدۇ ،ماھىيەتتە بولسا ئۇنىڭدا ئۆتمۇش تاىخنىڭ ،ئىنسان ئەخلاقىنىڭخىلمۇ-خىل ھالەتلىرى چىن ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ،بۇنى ئوقۇپ ئۇلۇغ شەخىسلەرنىڭ ئالىيجاناپ ھەركەتلىردىن، ئۈگۇتلەردىن،گەپ-سۆزلىردىن ھۇزۇرلىنىسىز ، ئەكسىنچە جاھالەت پاتقىقىغا پاتقان،مېھنەت قىلماي يالتىراق تۇرمۇش كەچۇرۇپدىنى ۋە ئىتقادىنى يوققاتقان ، مىللىي ئەنئەنىسى يوققاتقان كىشلەردىن بولسا قاتتىق يىرگىنىسىز.


مەزكۇر توپلامدىكىراسىت گەپ قىلىشنىڭ خاسىيىتى، ياخشى پەرزەت ياسىن سۇيى بىلەن ئۆسىدۇ، قىزلىرىنى تىرىك كۆمگەنلەر ، ئانىسىنىڭ تىلىنى چىشلەپ ئۈزۇپ ئالغان پەرزەت، ئىمامى ئەزەم ئاتىسى ،ھەزىرتى ئىبراھىىم ۋە نۇمۇسلۇق كېلىن،ئوغۇرلۇق ۋە تەڭرى تاياقى .. .قاتارلىق ھىكايەتلەر ئەنە شۇنداق ھىكايەتلەردۇر،


بىزنىڭ دەۋىمىزدەك ئىجابىي ئۆزگۈرۇشلەر بولىۋاتقان شۇنداق دەۋىردە مۇشۇنداق ھىكايەتلەرنىڭ جەمىيئەتتە تەربىيىۋى ئەھمىيتى ناھايىتى زور، ئۆتمۇشتتە مەكتەپ كىشلەرگە كۆپراق ساۋات ئۆگىتىش بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى ،ئىنسان ئەخلاقىنى تەربىلەش بولسا دىن ئەھلىدە ،ئەدەبىياتچىدا ،ئالىمنىڭزىمىسىدە ئىدى،بىز بولساق يەنە ئۆز ئەنئەنىمىزگە دىنىمىزغا قايتىشقا تەمشىلۋاتىمىز، مۆھتىرەم دىن ئۆلىمالىرى ،سۆز ئۈستىلىرى بولسا ئۆزىنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرى ۋە ھىكمەتلىك ھىكايەتلىرى بىلەن كىشلەر قەلبىنى ئويغۇتۇپ توغرا يولغا باشلايدىغان يىڭى بىر ھالەت شەكىنىشكە باشلىدى.


يۇسۈپ تاۋۇسلى توپلىغان ھىكايەتلەر ئۆزبېك تىلغا تەرجىمە قىلنىپ بار ھېكمەتلىرى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە خىزمەت قىلشىدا شۇبىھ يوق ، بەدىئىي سۆز شەيداسى تۇرۇك خەلىقلەر ئەدىبىياتنىڭ چىن مۇخلىسى ئورفان ئاتىجان يۇسۇپ تاۋۇسلىنىڭ بۇھىكايەتلىرنى مۇھەببەت بىلەن ئۆزبېك تىلغا تەرجىمە قىلغان ، بۇ تۇرۇك-ئۆزبېك ئەدىبىياتى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئورنۇتۇشتىكى مۇھىم بىر قەدەمدۇر،ئىنشا ئاللاھ بۇ يولدىكى خالىس ھەركەت ئوخشىغان مىۋىلەرنى بەرگەي!!ئامىن








بىرىنجى ھىكايەت






ئىنكار ئىشىكى يېپىلغاندۇر




بىر كۈنى ھەزرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازغا كېتىپ بارار ئىكەن مۇشىرىكلارنىڭ بىرى بۈتقا سېغىنىۋاتقان پەيتكە توغرا كېلىپ قالدى،مۇشرىك ھەزىرتى ئەلىگە شۇنداق دېدى :


ـــــ يا ئەلىمەن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى كۆرۇپ ھېچ چۇشەنمىدىم ،ئاخىرەت بار ئىنسان ھەربىر قىلۋاتقان ئىشىغا جاۋاپ بېرىدۇ، جەننەت بار جەھەننەم بار دەيسىز ... مەن بولسام بۇنىڭغا ھېچ ئىشەنمەيمەن! ئارىمىزدا قانداق پەرىق بار سىز مۇ ياشاۋاتىسىز مەنمۇ ياشاۋاتىمەن بۇقەدەر غەيرەت كۆرسىتىشنىڭ سەۋەب زادى نىمە؟؟كۈندە ۋاقتىدا ناماز ئوقۇيمەن ، روزا تۇتىمەن دەپ بۇ قەدەر جاپا تارتىشىڭىزنىڭ مەقسىتى نىمە ؟


قاتتىق سۈكۇت ۋە ئويلىنىش ئىچىدە بۇ گەپنى ئاڭلاۋاتقان ھەزىرتى ئەلىشۇنداق جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:


ـــــــ ئەي غاپىل ئادەم !ئۆلۇمدىن كېيىن باشقا ھايات يوق دەپ پەرىز قىل ياكى بار دەپ..بىزدە ئىمان ئىشەنچ بار دۇر ؛ ئەگەر سېنىڭ دېگنىڭدەك قايتا تىرلىش يوق بولغان تەقدىرىمۇ مەن بۇ قىلۋاتقان ئىشلىرىم تۇپەيلى ھېچ نەرسە يوقاتمايمەنغۇ... ناماز ئوقۇيمەن ئاللاھىمنىڭ دىنىمنىڭ ئەمەللىرنى كۆپ بىجىرىمەن، روزا تۇتىمەن بۇلار مېنىڭ قۇللۇق ۋەزىپەمدۇر، بۇ ئىشلار تۇپەيلى بۇ دۇنيادا زەرەر كۆردۇم لېكىن ئاخىرەتتە زەرەر كۆرەرەمەنمۇ!سەن نىمە دەيسەن ؟ مۇشىرىك بىر ئاز ئويلىنىپ:


ـــــ زەرەر كۆرمەيسىز ئەي !ئەلى ــ؛دېدى


ھەزىرتى ئەلى :ــــ روزا تۇتىمەن، مانا ئالدىڭدا تۇرۇپتىمەن ، سەن مەندىن بىرەر ئېغىرلىق زەرەر كۆرىۋاتامسەن ؟


مۇشۇرىك ئۇنىڭغا جاۋابەن :ــــ ياق كۆرمىدىم دېدى


ھەزىرتى ئەلى:ـــــ پەقىر مۇھتاج كىشلەرگە ياردەم بەرسەمدىنىمىز باشلىغان يولدا يۇرسەم مەن ئىنسانلارغا ياردەم بەرگەن بولىمەن، بۇنىڭدىن مەن قانداق كۈلپەت زەرەر كۆرگەن بولىمەن؟؟ ـ:دەپ سورىدى


مۇشرىك:ـــ زەرەر يوق ــ: دەپجاۋاپ قايتۇردى


ھەزىرتى ئەلى :ـــ ئەگەر ئاخىرەت بار بولسا بۇدۇنيا ئىشلىرىڭدىن ھىساپ بېرىش بار بولسا ئىماندىن ،نامازدىن ،روزىدىن ،زاكاتتىن سوراق سوئال بولغاندا سېنىڭ ھالىڭ قانداق بۇلا ؟ــ؛ دەپ سورىدى


ئۆمىرنى بۈتقا سېغنىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قارا مۇشرىك ھەزىرتى ئەلىنىڭ سۆزلىرىنى چۇشۇنۇشكە باشلىدى


ــــ يا ئەلى سىز ئېتقاندەك بولسا ئۆلىمىدىن كېينتىرىلىپ ئاللاھ ھۇزىرىغا بارسام ئەھۋالىم قانداق بولىدۇ ؟!!دەپ دەرھال ئىمان كەلتۇردى


شۇنداق قىلىپ ئۇ ئەقلىنى ئاستىن ئۇستىن قىلغان   شۇبىھ ئىمانسىزلىق قاراڭغۇلىقىدىن ۋە دىنىسىزلىق زىندانىدىن قۇتۇلدى ھىدايەتكە ئېرىشتى..


ھەزىرتى ئەلىنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلۇكلىكى ۋە كۈچلۇك ئىتقاد بىلەن بېزەلگەن قايىل قىلارلىق سۆزلىرى ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدە ئىمان نۇرىنىڭ پارلىشىدا قايتا نۇرلىنىشىدا بىر پىلتە ۋاستە بولدى.




بۇ ھىكايەت بارچە شۈبىھلەنگۇچىلەر( شەكلەنگۈچىلەر)،ئىنكار ئەتكۈچىلەر ، تەكەببۇرلار ۋە جاھىللار ھەققىدىدۇر ..


ۋاقىت زايا كەتمەي تۇرۇپ، قىيامەت قايىم بولماي تۇرۇپ، يەر ئاستىدىكى نەرسىلەر ئۇستىگە چىقماستىن بۇرۇن ،ئۆلۇم كەلمەستىن بۇرۇن ئىنسانلار ئەسلى-ھۇشىنى يىغىۋېلىشى كېرەك!


ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرگە ئىشىنىپ ۋە ئۇلارنى بىجىرىپ، ئۇنى تەل-تۇكۇس ئەمەلدە كۆرسەتمەك زۆرۇردۇر، شەكىنىش ۋە تەكەببۇرلۇقنى يېڭىپ دىنىڭ ئاساسى بولغان نامازنى مۇنتىزىم ئوقۇش زۆرۇردۇر،زەيىپ ئىمانلار ئۇچۇن بۇنىڭدا كۆپ ئىبرەت باردۇر، نامازىمنى كېيىن ئوقۇيمەن خېلى ياشمەن قېرىغاندائوقۇيمەندەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىۋە ئالدامچى تەسەلىي بىلەن ئۆزىنى -ئۆزىنى ئالداش ۋە بىپەرۋا بولۇش ئەقىللىق ئىنسانلارنىڭ ئىشى ئەمەستۇر.. بۇگۈن ياشاپ كېلىۋاتقان يىگىتنىڭ تاكى قېرىغىچە ياشاشقا بىرەر كاپالىتى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە يوق!!بولمايدۇ ھەم .. دېمەك ياشلىقىدا دەرھال ئاللاھ يولىغا كىرمەك زۆرۇر،ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرنىڭ دېگەنلىرىنى بىجاندىل بىجىرمەك زۆرۇر!! مەن ھازىز ئۇچۇق ،قىسقا ،تار كىيىم كىيىپ يۇرۇپ ئويناپ يۇرىمەن 30 40،ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئەستايىدىل شۇ ئىشلارغا كىرىشىمەن ، ھازىز بەك ياشمەن دەپ يۇرگەن خوتۇن-قىزلارنى بىلىمىز،ئامانلىق بەر ئاللاھىم ! خوتۇن -قىزلارنىڭ بۇ سۆزلرى شۇنچىلىك بىمەنە ۋە ئەقىلسىزلىقتۇر!! ئەي ! ئەقلىم بار دەپ بىلگەن قېرىندىشىم ! سىزگە كىم دېدى ؟ 30،40قا كىرىسىز دەپ ؟!!ئوتتۇز ئاي ،ئوتتۇز سائەت ياكى ئوتتۇز سىكونت ياشاشقا كاپالىتىڭ بارمۇ؟! شۈبىھسىز يوق !!! ئەسلى-ھۇشىڭنى يى!!ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئۆرگەتكىنىدەك ئىبالىق نۇمۇسلۇق ۋە ھايالىق ياشاشقا ھەركەت قىلىڭ قىزلىرىم!! ئۆلۇم بار ،ئاخىرەت بار ، بۇ دۇنيادا قىلغان ھەربىر ئەمىلىڭىزدىن ھىساپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋە سۆزلىگەن ھەربىر سۆزىڭدىن سۇراق قىلىدىغىنىڭنى ئويلا ! ئۇنى ھەرگىز ئېسىڭدىن چىقارما ! بۇ ھىكايەتنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ياخشى ئىبرەت ئال !ئىبرەت ئال !بىلىپ قويغىنكى ياخشى بولساڭ جەننەت ،يامان بولساڭ جەھەننەم بار!!


** ئەسكەرتىش **

تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇ غۇچى ئۆزۇم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ تارقاتقاندا يازما ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!



2013-9-6



بەت: [1]
: ھۆكۈما:ھېكمەتلەر خەزىنىسى(تەرجىمە ئەسەر)