olive يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 07:02:19

شۇنداق قىلىپ كىم نەگە كەتتى؟

تۆنۆگۈن يازلىق يۆتكىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى.ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بەلكىم نۇرغۇنلارغا ھەيرانلىق ئەپ كەلگەن بولىشى مومكىن...........


بۇ يەردە بىرمۇنچە قۇرۇق گەپنى قىسقارتىۋەتسەك........


كىم نەگە كەتتى؟


ئاۋال ھەممىمىز دېققەت قىلىدىغان پۇتبولچىلاردىن باشلاپ كىلەيلى.


گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ مۇتلەق يادرو ئەزاسى،مادرىتتا 10-نۇمۇرنى كىيىپ بىر ئوبدان ئويناۋاتقان ئۆزىل ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىن بالې(بارى ئەمەس ھە) كەلگەندىن كىيىن،مادرىتتتىن ئايرىلىپ ئارسىنالغا كەتتى.مادرىت توغرىسىدا جىق پاراڭ قىلغىم كەلمىدى.بۇ كوماندىنىڭ مۇشۇنداق يېرىنى بىر ئازمۇ ياقتۇرمايمەن.بەك بەك نۇرغۇن توپچىلارنى م ت ر ل قىلىپ كەتكۈزۋەتكەن كوماندا.مەن ئۈتىشىمەنكى،بۇرۇندىن قۇلىدىن چىقىرۋەتكەن پۇتبولچى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ كىلىۋاتقان مادرىت بۇ قېتىم پۇشايماننىڭ چوڭىنى قىلىدۇ.


مادرىت توغۇرلۇق گەپ قىلماي دەپ تۇرۇپ يەنە جىپ قاراڭ قىلىۋەتتىم.


ۋىنگىر دىگەن تاز قىل قالدى 70 مىليوننى چىڭ سىقىمدىغان پېتى لوپىۋاش چىقىپ كەتكىلى.يېقىنقى يىللاردىن بېرىقى پۇتبولچىلارنىڭ يۆتكىلىش باھاسى ھەققىدە نۇرغۇنلارنىڭ خەۋىرى بولسا كېرەك.بۇ گۇيلار پۇتبولچىلارغا ساراڭدەكلا باھا قويىۋالىدىغان بولىۋاپتۇ.شۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزىلدەك پۇتبولچىنى 50 مىليونغا سېتىۋېتىش قۇناق شېخىنى سېتىۋەتكەندەكلا ئەرزان باھا بولىدۇ.بالېنىمۇ ئۆزىلدىن ئىككى ھەسسە قىممەت باھادا سېتىۋالدى بۇ گۇيلار بولمىسا........بەك بەك ماز كوماندا ئىشقىلىپ بۇ.


ئارسىنالغا ئامەت تىلەيمەن.شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئارسىنالنى بىرمۇ قېتىم قوللاپ باقماپتىكەنمەن.بۇ يىل ئۆزىل ئۈچۈن ئارسىنالنى قوللاپ قوياي.ھېچ بولمىسا چوڭ قۇلاقنى كۈتۈرەلمىسىمۇ كىچىكىرەكىنى  بولسىمۇ كۈتۈرۈپ بەرسە بولاتتى.



شۇنداق قىلىپ بالېنىڭ مادرىتقا دۇنياۋى رىكورتنى يىڭىلاپ كەلگەنلىكىنى سىلىقلا ئۆتكىزىۋېتەي.مادرىت توغرىسىدا پاراڭ قىلغۇم يوق.مادرىتنىڭ مەشىق قىلىۋېتىپ پې پې دىگەن تاز پۇتىنى ئۈزىۋەتمىسە بولاتتى ئىشقىلىپ......



ئاندىن كاكا مىلانغا قايىتتى.


مىلان كىسەل كۆپىلىرىنى يىتلەپ چوڭ قۇلاقنى كۈتۈرگەن كاكا ئالتۇندەك دەۋرىدە مادرىتقا بېرىپ سۇغا چۈشكەن تاشتەك جىملا بولۇپ كەتكەن.4 يىلنى پادا پاققاندەك ئۆتكىزۋېتىپ قېرىپ كىسەل كۆپىسى بولغىنىدا مىلانغا قايتىپ كەپتۇ.مەنغۇ بۇ بالىدىن ئانچە مۇنچە ئۈمىد كۈتىمەن يەنە.ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى قىشتا مىلانغا كەلمەكچى بولغان خۇنداغا ئەپ قويغان ئورۇنغا نەقلا چۈشتى..........قىشتا خوندا كىلەرمۇ؟



قاۋانى(.........) ناپولىدىن ڧىرانسىيەگە كەتتى.بۇنىڭغىمۇ پالان پۇل تۆلەپ ئەكەپتۇ.بۇ ڧىرانسيەدىكى پۇلنىڭ كۈزىگە بىگىز تىقىدىغان گۇيلار توغرىسدا بەك جىق پاراڭ قىلغىم كەلمىدى.%&*(&^%%$$$قاتارلىقلارنى )*%%كوماندىلىرى سېتىۋالدى شۇ......



نېيمار بارساغا كەلدى.بۇغۇ كونا خەۋەرغۇ.شۇنداق قىلىپ مېسسىنىڭ بارسا دەۋرى ئاخىرلىشامدۇ؟


بالېنى سىتىۋەتكەن لەقۋا كوماندىنىڭ تېرىنىرى پۇتبول ئۇيۇنىنى بەك تولا ئويناپ كەتكەن ئاداش بولسا كرەك.بالېنى سېتىۋەتكەن پۇلغا بىراقلا تۇنۇشمايدىغان بىرمۇنچە ئادەمنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ كوماندا قىلىپ قۇرۇپ ئاسىنالغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ قاراپ ئولتۇرسا بولىدۇ.........


بىلگىيەلىك چاڭگاۋاش بېك مانچىستىر بىرلەشمىسىگە كەلدى.


ئارگىنتىنالىق كەپتەۋاز ھۇجۇمچى نەگە كەتتى؟ناپولىغىما؟ناپولى ساراڭ بولغىنى راسىت ئىشقىلىپ.يەنە بىر ئارگىنتىنالىق يۇۋىنتۇسقا كەلگەندەك قىلغان راسىت.ئۆتكەن يىلى كەلگەنمىيە..........ۋاي تاڭ



مادرىت توغۇرلۇق گەپ قىلغۇم يوق دەپ يەنە شۇ مادرىتنىڭلا پارىڭىنى جىق قىپتىمەن يەنە،قېرىشقاننىڭ قىزىنى ئال دىگىنى شۇمىكىن.مېسسىنى سېتىۋالامدىيە بۇ گۇيلار ئەمدى.........


يەنە كىملەر نەگە كەتتى؟


ئانچە مۇنچە پۇتبول پارىڭى قىلىپ بېرىڭلەرچۇ.


ئۈزەم توردىن ئېزدەشتىن ئېرىنىۋاتىمەن.بايا ئۈزەم قىزىقىدىغان بىرنەچچسىنى ئىزدەپ باقسام مۇشۇنچىلىك ئۇچۇر چىقتى.


shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 07:55:21

مىلانغا كاكا ،پولى ، ساپانورا  ، سىلۋىستىرى  ،ماترى ، كەلدى ، ئامبىروسىنى فىلورىنتىنا غا ، بوئاتىڭ شالىك قا ، ئانتونىنى گېئونا غا كەتتى

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 07:57:18

رونالدو ئاچچىقىدا ئۇزېلنى ساتقۇچە كۆۋرۈكىنى ساتسىچۇ دەپ بەك خاپا بوپتۇلەر! ئۇزېل بولمىسا نوچى پاسنى كىم ماڭا بېىتتۇ، مەن قاي توپنى تېتتۇ...دەپتىمىش.



نېيمار ھازىرچە مىسسغا بەك چوڭ تەھدىت ئەپكەلمەيدۇ دەيدۇلەر.

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 07:57:51

بارساغا نىمار كەلدى ، ئافىللاي ، كۇنكا قايتىپ كەلدى ،تىياگو بايرىن غا ،ئابىدال موناگو غا كەتتى ،

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 08:02:51

مادرىدقا بېيل ، ئىسكو ، ئىللىرامىندى ، كاسمىرو كەلدى ، ئۆزىل ئارسىنالغا ، ھىگۇائىن ، ئاربىئول ، كالىخوڭ ناپولى غا كەتتى

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 08:06:41

فالكاۋ موناگو غا ، نېگرىدو مانچىستىر شەھىرىگە ، سولدادو توتتىنھامغا ، ناۋاس مۇ شەھەرگە ،كاۋانى پارىژغا ، ئېتو چېلسىغا ،فىللامىي مانچىستىرغا ،

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 08:13:50

فىلامىنى ئارسنالغا ، گېرۋىنىئو رىمغا ، رامىلە توتتىنھام غا ، ئوسۋالدو مۇ ئېنگىلاند قا ، گومىس فبلورىنتىنا غا ، يۆۋىدىچ شەھەرگە ، گۇستاۋ لېۋىركۇسىن غا ، گوتىـز بايرىنغا ، مىختىربيان دورتمۇنت قا ، ئىكاردى ، بېلفۇرد ئىنتىرغا ، لورىنتى يۇۋىنتۇس قا ،

iksak يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 08:28:43

زاۋۇتىمىزغا يەنە 2 كۈن ۋاققت بەرگەن بولسا ،يەنە ئىككى بالىنى ئەكىلىۋالساق، ۋېنگىرنىڭ قولىدا يەنە 40 مىلىيون ئەتىراپىدا بىرنىمە بار،.

ئەمدى مەسئۇت كەلدى، ۋېلشىئېر ياكى رامسەينىڭ بىرەسىنى قۇربان قىلىمىزدە  ياكى مەسئۇتنى دەپ ، سەپ شەكلىنى قايتا تۈزۈدىغان گەپمۇ يا.....



ئېۋىرتوندىكى ھېلىقى پاخما چاشنى مويېس چوقۇملا مانچىستىرغا ئېلىپ كىلەتتى، بۇيىل مويېسنىڭ بېسىمى ناھايىتى چوڭ، چۈنكى مانچىستىرنى فورگۇسىن شۇنداق ئېسىل پېتى مويىسقا تاشلاپ بەردى، باشقىلار فورگۇسىن بىلەن مويېسنى سېلىشتۇرۇپ تۇرۋالىدۇ.



لىۋېرپولمۇ بۇيىل باشقىدىن باش كۆتىرىدىغان چىراي، ئۇلار قىشتا چوقۇم ئادەم ئالىدۇ.

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 08:42:53

6- قەۋەتتىكى shatmuratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

فىلامىنى ئارسنالغا ، گېرۋىنىئو رىمغا ، رامىلە توتتىنھام غا ، ئوسۋالدو مۇ ئېنگىلاند قا ، گومىس فبلورىنتىنا غا ، يۆۋىدىچ شەھەرگە ، گۇستاۋ لېۋىركۇسىن غا ، گوتىـز بايرىنغا ، مىختىربيان دورتمۇنت قا ، ئىكاردى ، بېلفۇرد ئىنتىرغا ، لورىنتى يۇۋىنتۇس قا ،

شېئىرچىلاپ ياكى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇسىمۇ بولىدىكەن ما ئۇچۇرلارنى

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 09:47:15

ئابدى كەتتى، ھەمزە كەلدى؛ ئابدى كەتتى، ھەمزە كەلدى...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 10:04:55

گۇدلاك خاتۇن ئالغىلى قېشقەگە كەتتى  {:92:}

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 10:51:24



يۇرتۇمنىڭ ئىسمىنى چىرايلىق ئاتاڭلا كۆڭلۈمگە كىلدىكەن \"\"

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 11:09:22

« كىم نەگە كەتتى » دىسىڭىز مەن تېخى گۈلەن ئەپەندىمنىڭ خەۋىرىنى بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرەپلا كىرىپتىمەن ماۋۇ تېمىغا .

ئۈندىداردا گۈلەن ئەپەندىم توغۇرلۇق شۇم خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى . قايسىڭلارنىڭ خەۋىرىڭلار بار .

چۈشەنچە بىرىۋەتمەمسىلەر .

nasin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 11:58:25

زەيتۇنجاننى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 14:47:00

12- قەۋەتتىكى buyukturnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

« كىم نەگە كەتتى » دىسىڭىز مەن تېخى گۈلەن ئەپەندىمنىڭ خەۋىرىنى بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ يۈگۈرەپلا كىرىپتىمەن ماۋۇ تېمىغا .

ئۈندىداردا گۈلەن ئەپەندىم توغۇرلۇق شۇم خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى . قايسىڭلارنىڭ خەۋىرىڭلار بار .

چۈشەنچە بىرىۋەتمەمسىلەر .

شۇم خەۋەرمۇ؟ كۆڭۈلسىز خەۋەرمۇ؟

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 14:49:28

بۇ يىل يۆتكۈلۈش بازىرىغا ئوت كەتتى جۇما!

1. بالې 91 مىليونغا توتىنھامدىن خان جەمەتى مادرىتقا

2.كاۋانى 64 مىليونغا ناپلىستىن پارىژسائنت گېرمانغا

3.فالكاۋ 60 مىليونغا مادرىت رىقابەتتىن موناكوغا

4.نېيمار 57 مىليونغا سانتوستىن بارسېلوناغا

5.ئۆزىل 50مىليونغا خان جەمەتى مادرىتتىن ئارسېنالغا

6.جامس رودرىگىس 45 مىليونغا پورتۇدىن موناكوغا

7.فېرناندىنخو 40 مىليونغا دونېتسىك كانچىلىرىدىن مانچىستىر شەھەرلىكلەرگە

8. ۋىليام 37.7 مىليونغا دونېتسىك كانچىلىرىدىن چېلسىغا

9. ھىگۇائىن 37 مىليونغا خان جەمەتى مادرىتتىن ناپلىسقا

10.گوتس 37 مىليونغا دورتمۇندتىن بايرىن ميۇنخىنغا

.....

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 15:01:23

خوش خەۋەر:

شىنجاڭ 20 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسى 3-مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە گۇاڭدۇڭنى3:1 يېڭىپ ، گۇرۇپپىدىن 2- بولۇپ چىقىپ، تۆت كۈچلۈككە كىرىپتۇ. \"\"


ئالدىنقى ئىككىلا مەيداندا 0:0 نەتىجە بىلەن جېجىياڭ ، جياڭسۇ كوماندىلىرى بىلەن تەڭلىشپتىكەن.

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 15:06:12

كانچىلاردىن مىكتارىيان يۆتكىلىش سوممىسى ئىسىمدە يوق 35 مىليۇننىڭ تۆپىسىدىغۇ دەيمەن دورتموندقا يۆتكەلدى .



كىلىپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە قالپاق كىيىۋەتتى . ئالدى ئوچۇق گۇيكەن بۇ

Riwayetweb يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 15:08:24

6- قەۋەتتىكى shatmuratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

فىلامىنى ئارسنالغا ، گېرۋىنىئو رىمغا ، رامىلە توتتىنھام غا ، ئوسۋالدو مۇ ئېنگىلاند قا ، گومىس فبلورىنتىنا غا ، يۆۋىدىچ شەھەرگە ، گۇستاۋ لېۋىركۇسىن غا ، گوتىـز بايرىنغا ، مىختىربيان دورتمۇنت قا ، ئىكاردى ، بېلفۇرد ئىنتىرغا ، لورىنتى يۇۋىنتۇس قا ،



گۇستاۋ بۆرە قەلئەسىگە يۆتكەلگەندۇ ؟

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 16:40:23

18- قەۋەتتىكى riwayetwebنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى shatmuratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

فىلامىنى ئارسنالغا ، گېرۋىنىئو رىمغا ، رامىلە توتتىنھام غا ، ئوسۋالدو مۇ ئېنگىلاند قا ، گومىس فبلورىنتىنا غا ، يۆۋىدىچ شەھەرگە ، گۇستاۋ لېۋىركۇسىن غا ، گوتىـز بايرىنغا ، مىختىربيان دورتمۇنت قا ، ئىكاردى ، بېلفۇرد ئىنتىرغا ، لورىنتى يۇۋىنتۇس قا ،



گۇستاۋ بۆرە قەلئەسىگە يۆتكەلگەندۇ ؟

توغرا راست ۋولسفبۇرگ قا يۆتكەلگەن ، ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن
بەت: [1] 2
: شۇنداق قىلىپ كىم نەگە كەتتى؟