Hislet333 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 11:20:01

دوكتۇر ئابدۇل ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى




دوكتور
ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى





دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ 1971-يىلى
12-ئاينىڭ 25-كۈنى خوتەن شەھىرىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا
كەلگەن. دوكتورنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە قەشقەر شەھىرى ياغ بازىرىدا بولۇپ، ئەينى
يىللاردىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا خوتەن شەھىرىگە
كۆچۈپ بارغان. 1976-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ
كەلگەن ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان.
1985-يىلى دادىسى ھەج قىلىش ئۈچۈن دوكتور ۋە ئاكىسىنى ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا
كېلىپ، ھەج قىلىپ قايتىشىدا ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيەتىگە
ئېلىپ كېلىپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى ئەرەب تىل تەييارلىق مەكتىپىگە
ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتىدۇ. دوكتور ئۇ يەردە بىر يىل ئەرەب تىلى ئۆگەنگەندىن
كېيىن 1986-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ
ئوقۇيدۇ. 1989-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا
ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئەرەب-ئىسلام تەتقىقاتى فاكۇلتىتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ.
1993-يىلى مەزكۇر فاكۇلتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1994-يىلى شۇ فاكۇلتېتنىڭ
ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1997-يىلى ماگىستىر تەييارلىق ئوقۇشىنى
تاماملاپ، ۋەتەنگە قايتىپ تۇرمۇش قۇرۇپ، بىرمەزگىل ۋەتەندە تۇرۇپ قالىدۇ.
2001-يىلى شۇ چاغدىكى ماگىستىر يېتەكچىسى دوكتور سەئىد مۇھەممەدنىڭ يېتەكچىلىكىدە
ئىمام قۇدۇرىنىڭ «ئەتتەجرىد» ناملىق كىتابىنىڭ ئىسلام جىنايى ئىشلار قانۇنى بابى
ھەققىدە تەتقىقات ۋە تەھقىقات ناملىق ئىلمى ماقالىسى بىلەن ماگىستىرلىق ئىلمى
ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئاندىن ئىمام قۇدۇرى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئاشۇ
(ئەتتەجرىيد) ناملىق قوليازما فىقھى كىتابىنى تولۇق تەھقىقلەپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن
قاھىرەدىكى "فىقھى ۋە ئىقتىسادى تەتقىقاتلار مەركىزى" تەرىپىدىن تەكلىپ
قىلىنىپ باشقا ئون دوكتور ۋە پروفېسسورلار بىلەن بىللە بىر يىل ئەتراپىدا ئىشلەپ
ئاخىرى ئۇ كىتابنى 12 توم قىلىپ
(ئىسلام سېلىشتۇرما فىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى-ئەتتەجريد) دېگەن نام
بىلەن قاھىرە دارۇسسالام نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىدۇ
.





    -2002يىلى 3-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانىنى ئېلىش ئىمتىھانىدىن ئۇتۇپ،
ئۇقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. شۇ يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ،
ۋەتەندە ئۇچ يىل تۇرۇپ قالغان
.





بۇ جەرياندا دوكتورنىڭ دادىسى ئالەمدىن
ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى ئاكىلىرىغا تاشلاپ قويۇپ 2005-يىلى
10-ئايدا ئەزھەردىكى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئۈچىنچى
قېتىم كېلىدۇ. ئۈچ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات نەتىجىسىدە ئاخىرى دوكتور
يېتەكچىسى ئابدۇللاھ مۇھەممەد سەئىد ۋە ياردەمچى دوكتور يېتەكچىسى سابىر ئابدۇل
ئەزىز ئىمرانلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە «ئىسلام قانۇنشۇناسى ئەبۇ لەيىس سەمەرقەندى ۋە
ئۇنىڭ فىقھى كۆز قاراشلىرى» ناملىق دوكتورلۇق رىسالىسىنى يېزىپ -2008يىلى 1-ئاينىڭ
2-كۈنى ئىسلام شەرىئىتى، سېلىشتۇرما فىقھى كەسپىدە 1-دەرىجىلىك دوكتورلۇق
ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ
.





دوكتورنىڭ يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن
باشقا، دوكتور يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ «ئسلامدىكى ھالال ۋە ھارام» دېگەن كىتابىنى
تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ قىزغىن
سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن
.





ئۇ يەنە بىرقانچە دىنىي زىيالىيلار بىلەن
بىرلىكتە "مۇختەسەرى تەفسىرى ئىبنى كەسىر" ناملىق چوڭ ئەسەرنى
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان
.





ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىلادىيە 14-ئەسىردە
دىيارىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى سەدىدۇددىن كاشغەرى [ھىجىرىيە 705-يىلى
ۋاپات بولغان] نىڭ ھەنەفى فىھقى كۆز قارىشى بىلەن يېزىپ چىقىلغان«مۇنيەتۇل
مۇسەللى») نامازخانلار ئارمىنى
) دېگەن كىتابنى قايتا تەھقىقلەش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى
غەلىبىلىك تاماملاپ تور يۈزىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. بۇنىڭدىن باشقا
يەنە سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن
ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ
.





دوكتور ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇش ۋە بىر
قىسىم ئىلمى تەتقىقاتلارنى قىلىش ئۈچۈن قاھىرەدە ياشاۋاتىدۇ.





ساجىيە تورى





sajiye.org





ئىلخەت: aazizrah@gmail.com




دوكتۇر ئابدۇل ئەزىزنىڭ پەتىۋالار توپلىمىنى بۇ يەدىن چۈشۈرىۋىلىڭلار http://www.vdisk.cn/down/index/14691852

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:03:01

ئاللاھ ئەجرىنى ھەر ئىككى ئالەمدە بەرسۇن ئۇستازىمىزنىڭ ....

hvsniya يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 15:04:57

ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن. ئۇستازنىڭ ساجىيە تورىدا بەرگەن فەتۋالىرىنى چەتئەلدىكى قېرىنداشلار يوللاپ تۇرسا بولۇپتىكەن. بۇ تور بەت ۋەتەندە ئېچىلمايدۇ. بىر يىلدىن ئېشىپتۇ بۇ تورغا چىقالمىغىلى.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 18:36:08

ۇستازنىڭ ېلىمسىز قېلىۋاتقان مىللىتىگە يەتكۈزىۋاتقان بىلىملىرىنىڭ كاتتا ەجرىنى كەرەملىك اللاھ ىككىلى الەمدە ھەسسىلەپ بەرگەي .

   ۈندىداردا كاتتا الىمىمىز مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ مىسىر ەزھەر ۈنۋىرىستىتى تەرىپىدىن ەللامە شەيىخ ۈنۋانى بىرىلگەنلىكى توغرۇسىدا خوش خەۋەر تارقىلىپ ۇزۇن ۈتمەي بىرسى ەزھەردىكى ۇستازىمز ابدۇل ەزىز دىن توردا مۇشۇ خەۋەرنىڭ راس يالغانلىقىنى سوراپتۇ ،ۇستاز بۇ ىشتىن خەۋىرىم يوق دىگەن جاۋاپنى بىرىپتۇ بۇ جاۋاپقا ىسىلىۋالغانلار خوش خەۋەرنىڭ پىتنە پاسات گەپ دەپ يەنە داۋراڭ تارقىتىشتى ،مۇشۇ رامىزاندا كاتتا الىمىمىز ەللامە شەيىخ مۇھەممەد سالىھ ۆز قەلىمى بىلەن تونۇشۇمغا سوۋغا قىلغان كىتاۋىغا ‹ ەللامە شەيىخ مۇھەممەد سالىھ › دەپ يازغان يازمىسىنى كۆردۈم دىمەك ەللامە شەيىخ ۈنۋانىغا ىرىشكىنى بەرھەق ،مۇشۇ باھانىدا خوش خەۋەرنىڭ راس ىكەنلىگىدىن قېرىنداشلىرىمنى ۋاقىپلاندۇرغۇم كەلدى

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 20:20:37

رەھمەت

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 21:53:50

ئاللاھ بۇ كىشىنى ئامان قىلسۇن تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارغا ئىگە قىلسۇن .

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 18:42:31

مۇشۇنداق كاتتا ئالىمىمىز باركەن ، پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق زاماندا !! ئەزىز تېنى سالامەت بولسۇن ! \"\" \"\"

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 11:16:12



اللاھ ياماننىڭ كۆزىدىن نېرى قىلسۇن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-9-7 16:01:02

توردا ئىككى ئۈچ تالىپچاق بار. پات پات ئۇستازنىڭ پەتىۋالىرىغا تاش ئېتىپ باقىدىغان  {:92:}   ئۆزىنى كىم چاغلايدىغاندۇ دەيمەن.  \"\"

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 11:57:51

ئۇستازىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىۋالدىم ئاخىر.
ئۇلۇغ ئاللاھ ئلمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي. امىين.
بەت: [1]
: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى