ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 11:06:07

قارلۇق شىركىتى 1 مىليارد 120 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ھۆرمەتلىك تورداش دوستلار ، بۇ خەۋەر گەرچە نۇر تورىدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ، ئىزدىنىش تورىغا يوللىدىم . سەۋەبى نۇر تورىغا چىقمايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئىزدىنىش تورىدىن بۇ خەۋەرنى كۆرىدۇ .

بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ مەن بەك خوش بولدۇم . سەۋەبى شىنجاڭدىكى بىر مىللى كارخانە ياشلىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ ، يول ئېچىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  دىجىتول ساھەسىدىكى سەۋىيەسى يۇقۇرى بىر شېركەتنى قۇرۇپ چىقتى .

ئاخشام تېلىۋوزۇردا كۆرگىنىمدە قارلۇق شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بىر ياش يىگىت ئىكەن . جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ئۇ يىگىتنىڭ جىسمىدا ئەكىس ئېتىپ تۇرۇپتۇ . دەۋرىمىز مانا مۇشۇنداق يول ئاچقۇچىلارغا مۇھتاج .

مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار چەتئەل شېركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ كارتون فىلىم ئىشلەشكە تۇتۇش قىلىپتۇ . بۇ بىزدىكى بىر بۆسۈش . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تۇتقان ئىككىلا تېما ناھايىتى جەلىپ قىلارلىق ۋە شۇ دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەركىپىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .

مىڭ بېركېچە ، يىللاردىن بېرى ھوللىۋود نىڭ كىنولىرىدا چاقناپ تۇرغان مەڭگۈ كونىرىمايدىغان تېما .< ئالاھىدىن >نىڭ كارتون فىلىمى دىسنىيدىن بەكمۇ سۈپەتلىك ئىشلىنىپ چىققان . ئەمدى مىڭ بىر كېچىنىڭ قارلۇقتىن چىققان نۇسخسىنى كۆرسەك ، ئۆزىمىزنىڭ شىركىتى ئىشلىگەن فىلىمنى كۆرسەك ، نەقەدەر ياخشى .  ئاباي بولسا قازاقىستاننىڭ مىللى پەخرى . ئاباينىڭ بالىلىقى تەسۋىرلەنگەن كارتون فىلىمى روياپقا چىقسا ۋە سۈپەتلىك چىقىپ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قۇرۇلسا ئەلۋەتتە قارلۇقنىڭ شەرىپى .

قارلۇق شېركىتىنىڭ داۋاملىق گۈللەپ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .





قارلۇق شىركىتى 1 مىليارد 120 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى .





   ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن چوڭ- كىچىك كارخانىلار ۋە تىجارەتچىلەر تۈنۈگۈن (9.3) دىن باشلاپ، 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا باشلىدى. شىنجاڭ قارلۇق مىدىئا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بۈگۈن (9.3) ئىران ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 120 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

شىنجاڭ قارلۇق مىدىئا پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سىترولۇق كارتون فىلىم ئىشلەش ۋە يۇمشاق دېتال ئىچىش شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا تارماق ئاپپاراتلارنى قۇردى. بۇ شىركەت بۇ قېتىم ئېران بىلەن كېلىشىم سوممىسى 560 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان «مىڭبىر كېچە» ناملىق يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى كۆپ قىسىملىق سىترولۇق كارتۇن فىلىم، 120 مىنۇتلۇق كارتۇن فىلىم، ئېلېكترونلۇق ئويۇن، ھاسىلىۋى مەھسۇلات ئىشلەش ھەمدە ئاساسىي تېما باغچىسى قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە؛ قازاقىستان بىلەن كېلىشىم سوممىسى 460 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان «بالا ئاباي» ناملىق يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى كۆپ قىسىملىق سىترولۇق كارتۇن فىلىم، «1000- بالا» ناملىق ئېلېكترونلۇق ئويۇن، ھاسىلىۋى مەھسۇلات ھەمدە ئاساسىي تېما باغچىسى قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى.

قارلۇق شىركىتى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق ئېران ۋە قازاقىستانلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئورنىتىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىڭى يولىنى ئاچتى.



jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 16:47:14

مەن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشىنەلمەي يۈردۈم ،تىخىمۇ كۆكلەپ كەتكەيسىلەر !

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:10:31

ئۇيغۇرغا ھەم ئۈزىگە ھەقىقى پايدىلىق ئىش قىلالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:19:34

ئىران بىلەن مىڭبىر كېچىنى كارتون قىلىپ ئىشلەيدىغان ئىشنى ئۆتكەن يىل توختاملاشتى دەۋاتاتتى، ئەمدى ئاران ئىمزالاشقان ئوخشىمامدۇ؟؟

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 11:16:23

قارلۇق شېركىتى ئىمزالىغان 1 مىليارد 120 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت ھەمكارلىك كېلىشىمى بەلكىم ئۇيغۇر كارخانىلىرى ئىچىدە ئىمزالانغان سوممىسى ئەڭ يۇقىرى ھەمكارلىق كېلىشىمى بولۇشى مۆمكىن .

arkzat618 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 11:34:52

يارايسە .ئاپرىن . بولسا ئۇيغۇرلىرمىزدىن مۇشۇنداق نەتىجىلىك شىركەتلەر جىقراق چىقسۇن .

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 12:33:22

بىرچاغلاردا ئارمان شىركىتى كورىيەنىڭ بىر شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى. ئارمان ماركىلىق تېلېۋېزور ئىشلەپچىقىرىلىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان. ما خەۋەرنى كۆرۈپ ھاياجانلىنالمىدىم.بۇمۇ بەلكىم تەشۋىقاتنىڭ ئىھتىياجى بولسا كېرەك .

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 12:52:05

3- قەۋەتتىكى tarim222نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرچاغلاردا ئارمان شىركىتى كورىيەنىڭ بىر شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى. ئارمان ماركىلىق تېلېۋېزور ئىشلەپچىقىرىلىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان. ما خەۋەرنى كۆرۈپ ھاياجانلىنالمىدىم.بۇمۇ بەلكىم تەشۋىقاتنىڭ ئىھتىياجى بولسا كېرەك .



ئىشىنىڭ! قارلۇق ھەرگىز داۋراڭچىلاردىن ئەمەس!

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 13:04:55

بۇ ياخشى خەۋەركەن، قارلۇق شىركىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 13:19:10

خۇداھىم بۇيرىسا ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغۇسى .،.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 13:56:44

ياخشى بوپتۇ . قارلۇقتىكىلەرنىڭ ئالماشىركىتى بىلەن ھەمكارلىقى بولغاندىكىن ئالمامەھسۇلاتلىرىدىن ئايفۇن ، ئايپەدلەرگە ئۇيغۇرچە فونىت بىلەن ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى قۇشۇش ئىشىنىمۇ بىر ئويلىشىپ باقسا ئۇيغۇرغا ھەم ئۈزىگە ھەقىقى پايدىلىق ئىش بولاتتى .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 14:48:24

ياخشى گەپكەن، شەخسەن پەخىرلەندىم.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 18:59:30

ئالفابىت گوروھى شۇمىكىن سىزنىڭ دىگنىڭىز

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 19:20:04

ئىران بىلەن ئىمزالىغان «مىڭبىر كېچە» بىلەن قىرغىزىستاننىڭ «ماناس (جاڭغىرمۇ يا؟!)» كارتونىمۇ پۈتەي دەپ قاپتۇدەك.


forever يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 19:41:44

پەخىردىندىن ھەقىقەتەن پەخىرلەنسە بولىدۇ.

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 20:21:39

پەخىرلىك پەخرىدىن

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 20:53:40

7- قەۋەتتىكى doctorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى بوپتۇ . قارلۇقتىكىلەرنىڭ ئالماشىركىتى بىلەن ھەمكارلىقى بولغاندىكىن ئالمامەھسۇلاتلىرىدىن ئايفۇن ، ئايپەدلەرگە ئۇيغۇرچە فونىت بىلەن ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسىنى قۇشۇش ئىشىنىمۇ بىر ئويلىشىپ باقسا ئۇيغۇرغا ھەم ئۈزىگە ھەقىقى پايدىلىق ئىش بولاتتى .



ئالما شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ مۇددىتى ئۈچ يىل ئىكەنتۇق، ۋاقتى توشۇپ بولدى. ئەمما قارلۇق شىركىتىدىكىلەر ئالاقە قىلىۋاتىدۇ.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 20:54:48

13- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىران بىلەن ئىمزالىغان «مىڭبىر كېچە» بىلەن قىرغىزىستاننىڭ «ماناس (جاڭغىرمۇ يا؟!)» كارتونىمۇ پۈتەي دەپ قاپتۇدەك.






قىرغىزىستاننىڭ جاڭغىر ئەمەس، مۇڭغۇلىيەنىڭ جاڭغىر داستانى... شۇنداق پۈتەي دەپ قاپتۇ.

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 20:56:29

11- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىران بىلەن مىڭبىر كېچىنى كارتون قىلىپ ئىشلەيدىغان ئىشنى ئۆتكەن يىل توختاملاشتى دەۋاتاتتى، ئەمدى ئاران ئىمزالاشقان ئوخشىمامدۇ؟؟

دۆلەت ھالقىغان بۇنداق چوڭ توختاملار ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈشى كېرەك. يەرمەنكىنىڭ بۇ توختامنىڭ ئەمىللىشى ئۈچۈن ئوينايدىغان رولى زور.

bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 21:01:11

قالۇق شىركتىنىڭ 10 مىنۇتلۇق كارتونى بولسا كۆرۈپ باقساق بولاتتى.
بەت: [1] 2
: قارلۇق شىركىتى 1 مىليارد 120 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى