nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 06:44:12

مىكروسوفت شىركىتى نوكىيانى سېتىۋالماقچى


   گوگۇل شىركىتى 12مىليارد دوللارلىق باھا بىلەن موتوروللا شىركىتىنى سېتىۋالغاندىن كېين ، ئۇنىڭ سودا رەقىبى بولغان مىكروسوفت شىركىتى نوكىيا شىركىتنىڭ يانفۇن مۇلازىمىتىنى   7.17  مىليارد ئامىرىكا دوللىرىلىق (تەخمىنەن 43.88مىليارد يۇەن جۇڭگو خەلق پۇلى) باھا بىلەن سېتىۋالدىغانلىقىنى جاكارلىدى . مىكروسوفت شىركىتى بۇ زور سوممىلىق سودىنى 2014-يىلى بىرىنچى پەسىل ئىچىدە  تاماملايدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان . نوكىيا بۇ سودىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن يەنە چوڭ پايچىكلار بىلەن بامەسلىھەت قىلىدىغانلىقىنى ، ئەمما بۇ سودىنىڭ بېكتىلىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.شۇنداق قىلىپ بىز نوكىياشىركىتىنىڭ يانفۇن ياساش مۇلازىمىتىگە   خەير-خوش دەيدىغان بولدۇق.


جاھان يانفۈنلىرىنى گوگۇل ۋە مىكروسوفت شىركىتى مونۇپول قىلىدىغان دەۋر كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.بۇ بىر تۇرۇپ بىر ياخشى باشلىنىشتەك تۇرسىمۇ ، بۇ سەۋەبتى نۇرغۇن كىچىك ۋە ئوتتورا تىپتىكى يانفۇن ياساش،سېتىش شىركەتلىرى بۇ سودىنىڭ ،بۇ مونوپولنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىشى ، ھەتتا ۋەيران بولىشى مۇمكىن.


http://tech.qq.com/a/20130903/010654.htm


http://tech.qq.com/zt2013/weiruannokia/index.htm?pgv_ref=aio2012&ptlang=2052


http://news.china.com.cn/live/2013-09/04/content_22121849.htm


atella يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:32:59

بىر تاختا كومپيۇتېر ئېلىش ئارزۇيۇم بار...

windows8 قاچىلانغان مىكروسوفتىنىڭ surface تاختا كومپيۇتېرنى ئېلش ياكى ئالمنىڭ ipad4 ئېلش نوقتىسدا جىق ئويلاندىم...توردىكى باھالارغا قارىسام surface نىڭ ئەپلىرى ئەمدى 4000 ئەتراپىدا بېراق ئالمنىڭ بولسا ئۇنىڭ نەچچە ھەسسى ئىكەن...surface نىڭ كۆچمە كارتلارنى چېتىپ ئىشلتىش ۋە ئوففىسس دىتالنى ئىشلتىش ئارتۇقچىلقنى دېمىسەم كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئايپەد سېتۋالغان بولاتتىم...

يەنە شۇ surface  ئۈستدە ئولنىپ تۇرۇپ قېلۋاتىمەن، ئىشلەتكەنلەر بولسا تەسرات يېزىپ باققان بولساڭلار...

surface نىڭ سۈرئىتى، باتارىيسنىڭ ئۆمىرى، ئەپلىرنىڭ ئىشلتىشچانلقى ئايپەدتىن ياخشىمۇ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:41:06

22- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر تاختا كومپيۇتېر ئېلىش ئارزۇيۇم بار...

windows8 قاچىلانغان مىكروسوفتىنىڭ surface تاختا كومپيۇتېرنى ئېلش ياكى ئالمنىڭ ipad4 ئېلش نوقتىسدا جىق ئويلاندىم...توردىكى باھالارغا قارىسام surface نىڭ ئەپلىرى ئەمدى 4000 ئەتراپىدا بېراق ئالمنىڭ بولسا ئۇنىڭ نەچچە ھەسسى ئىكەن...surface نىڭ كۆچمە كارتلارنى چېتىپ ئىشلتىش ۋە ئوففىسس دىتالنى ئىشلتىش ئارتۇقچىلقنى دېمىسەم كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئايپەد سېتۋالغان بولاتتىم...

يەنە شۇ surface ئۈستدە ئولنىپ تۇرۇپ قېلۋاتىمەن، ئىشلەتكەنلەر بولسا تەسرات يېزىپ باققان بولساڭلار...

surface نىڭ سۈرئىتى، باتارىيسنىڭ ئۆمىرى، ئەپلىرنىڭ ئىشلتىشچانلقى ئايپەدتىن ياخشىمۇ ؟



surface تا  windows8 تە ئىشلەيدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسى ئىشلەيدىغاندۇ؟ سىستېمىسى بىر بولغاندىكىن...

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:54:50

@alip

بىزنىڭ بۇ يەردە بىۋاستە سېتىش نوقتىسى يوق.ئەتراپىمدا ھەم ئىشلەتكەنلەرنى ئۇچراتمىدىم.

توردىن ئىزدەپ كۆرسەم surface نىڭ مەشغۇلات سېستىمىسنى Windows RT دەپتۇ، يەنە Windows 8 pro دەپ چىققانلىرىمۇ بارئىكەن....

Windows RT دېگىنى مەخسۇس تاختا كومپيۇتېرلارغا ياسغان مەشغۇلات سېستىمىسدەك قىلدۇ...

شۇڭا win8 ئىشلەيدىغان دېتاللارنى ئىشلتىش ئشلتىلمەسلىكتە سەل ئىككىلنىپ قالدىم، توردىن يەنە ئىزدىنىپ باقسام بولغۇدەك....

ئەگەر win8 دىكى ئەپلەرنى surface تىمۇ ئىشلەتكلى بولساپ گەپ يوق ياخشى بولاتتى، باھاسىمۇ بەك مۇۋاپىق ئىكەن بۇ كاساپەتنىڭ .....

function يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 08:48:47

مىكروسوفت نوكىيانى پۈتۈن سېتىۋالمايدىكەن، پەقەت بەزى بۆلۈملىرىنى سېتىۋالىدىكەن.

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 09:10:37

سىتىۋالغىنى بىر ھىساپتا ياخشى بولغىنى ، مىكرو سوفت نىڭ ئىلكىدە windowمەشغۇلات سىستىمىسى ھازىرقىدىن بەكرەك تەرەققى قىلسا بولاتتى ،



راس تورداشلار لۇمىيا يانفۇنلىرىنىڭ مەشغۇلار سىستىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە دىتاللىرى بارمۇ يوق ،بىلدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار ....

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 09:13:10

يانفۇن كەسپىنى سېتىۋالدى دەپتۇ ، بۇ دىگەنلىك مېنىڭچە Nokia نى پۈتۈن يۇتقان بىلەن باراۋەر ، ئۇلارنىڭ يەنە نىمىسى قالغاندۇ؟

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 09:20:43

قوللايمىز ..... بولسا نوكىيانىڭ يانفۇنلىرى قايتىدىن جانلىنىپ كەتكەي

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 09:21:33

ھىسداشلىق قىلىمىز دىمىدىڭىز ھېلىمۇ  {:90:}

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 09:25:10

مەن ھازىرمۇ نوكىيانىڭ تىلفۇنىنى ئىشلىتىۋاتىمەن نىمىشقا دەمسىز چۇنكى مەن تىلفۇننى بەك يەرگە ئاتىمەن شۇڭا مىنىڭ ئىشلىتىشىمگە نوكىيادىن باشقا

تىلفۇن پەقەت چىدىمايدۇ

mayor1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 10:04:46

مېنىڭچە ، نوكيا مەيلى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلسۇن ياكى مىكروسوفت سېتىۋىلىپ قايتىدىن جانلاندۇرماقچى بولسۇن ، نوكيانىڭ شانلىق دەۋرى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ ، ھەقىقەتەنمۇ تاراتقۇلاردا تەھلىل قىلىنغاندەك ، نوكيا ئەڭ دەسلەپتە ئاساسى خەۋەرلىشىش كەسپىدە شابلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كۈچلۈك يانفون ئېمپىرىيسىنى قۇرغان ، شۇنداقلا ھەممىنى قايىل قىلغان ، لېكىن 2007-يىلى سېتۋ جوبىس بوۋاي بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، يانفونغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەردى ، دېمەك ئۆزىگە بەك ئىشەنگەن نوكيا ئەقلىيفون قائىدىسىدە ئالما ۋە ئاندىرويد گۇرۇھىدىكىلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويدى ، 100يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە نوكيا نەچچە يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىمېرىيسى گۇمران بولدى . ئەمدى ۋەيران بولغان بۇ كونا كوزىرنى ئەڭ قېرى يۇمتال ئىمپېرىسى - مىكروسوفت سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ . كومپىيۇتېر ۋە PC ساھەسىدىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بۇ قېرى ئىمپىرىيە تاختا كومپىيۇتېر ساھەسىدە ئالمىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى ، كىشلەرنىڭ كومپىيۇتېر ئىشلىتىشى بۇرۇنقى ئۈستەل ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇشتىن مېڭىپ يۈرۈپ خالىغان جايدا خالىغان شارائىتتا ئىشلىتىشكە قاراپ ناھايتى تېز تەرەققى قىلدى ، ئۆتكەن 2-3 يىل ئىچىدە يەر شارىدىكى كومپىيۇتېر ، خاتىرە كومپىيۇتېر( PC) نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە سېتىلىش جەھەتتە ئالمىنىڭ تاختا كومپىيۇتېرى ( ipad) ۋە ئالما كومپىيۇتېرنىڭ كۆپ ئارقىسىدا قالدى ، مەشغۇلات سېستىمىسى ئىچىدىمۇ ئالمىنىڭ MAC مەشغۇلات سېستىمىسى مىكروسوفىتىنىڭ ۋىندوس مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مونۇپۇللۇق ئورنىنى بوشىتىۋەتتى . دېمەك مىكروسوفىتنىڭمۇ مۇتلەق ئىمپىرىيسى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشقا باشلىدى ، گەرچە ۋىندوسنىڭ نەچچە يېۇى نەشىرى چىققان بولسىمۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمىدى ، بۇنىڭ ئەڭ تېپىك مىسالى windows8 قاچىلانغان مىكروسوفتىنىڭ surface تاختا كومپىيۇتېرنىڭ دەبدەبە بىلەن بازارغا كىرىپ ئالقىشقا ئېرىشەلمەسلىكى .

   شۇڭا مىكروسوفىتنىڭ مەغلۇبىيەت ئالدىدا نوكيانى سېتىۋىلىپ قايتىدىن جانلىنىش ھالىتىگە ئۆتمەكچى بولۇشى پەقەت بىر شىرىن چۈش خالاس . چۈنكى ئالما بىلەن ئاندىرويد بۇ ساھەدە خېلىلا ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆزىگە خاس ئىكولوگىيە ھاسىل قىلىپ بولدى . ئەگەر مىكروسوفىتمۇ ئىقىلاپ خارەكتېرىلىك يېڭىلىق ھاسىل نوكيانى قايتا جانلاندۇرۇش پۈرستىگە ئىگە بولالىسا بەلكىم ئالما ، گوگىلللارغا يىتىشۋىلىشىمۇ مۇمكىن ، لېكىن ئالدىغا ئۆتۈپ كىتەلمەسلىكى تۇرغانلا گەپ .

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 10:35:07

نوكىيا شىركىتى ئاقسالىق قىلماي ئاندىرويىد تېلفۇنلارنى بازارغا سالغان بولسا ئەڭ بولمىغان 15% بازار ئۈلىشىنى قولغا كەلتۈرلەيتى،سامسۇڭنىڭ بازار ئۈلىشىگە يىتەلمىسىمۇ.سونىي،LG، خۇاۋىي، جۇڭشىن، شىياۋمى لارنى باسالايتى...2000-يىللاردا بازار قىممىتى 300 مىليارد ئامىركا دوللىرى بولغان نوكىيا شىركىتى مانا ئەمدى 7 مىلياردا چۈشۈپ قالدى...دۆلىتىمىزدىكى يېڭىلىق يارىتىش باشلامچى بولغان شىياۋمىنىڭ بازار قىممىتىمۇ 10 مىليارد دوللار دەپ مۆلچەرلەنمەكتە...نوكىيانىڭ ئەڭ ئەجەللىك خاتالىقى..پىشىپ يىتىلىپ قالغان ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستىمىسىنى تاللىماي، تېخى تۇخۇمدىن چىقمىغان چۈجىگە ئوخشايدىغان ۋىندوۋس موبايىل سىستىمىسىنى تاللىغانلىقىدۇر...ئۆتكەن يىل مىكروسوفىت مۇشۇ ۋاقىتتا داغدۇغا قىلىپ wp8 نى ئېلان قىلدى...بىر يىللىق نەتىجە شۇنى كۆرسەتتىكى بۇ تۇخۇمدىن ئەمدى چىققان چۈجە، ئالمىدىن ئىبارەت خوراز ئالدىدا، ئاندىرويدتىن ئىبارەت مىكيان ئالدىدا دان تالىشىپ يىيەلمىدى...ۋەھشى داغدۇغا بىلەن بازارغا كىرگەن لۇمىيا 920 تېلفۇنلىرى 4599 دىن بازارغا سىلىنىپ ئەمدى 2100 گە چۈشۈپ قالدى...بۇ يانفوننى ئالغانلار كۈنەلمىدى، ياقمىدى..كۆپىنچىلىرى ساتقىلى تۇردى...ئىشقىلىپ نوكىيا ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىم ئۆزىدىن ئۈمۈد كۈتكەن مەستانىلىرىنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈردى...بىر توپ ئامىركلىق باشقۇرغۇچىلار ياۋرۇپالىقلارنىڭ شىركىتىنى باشقۇرۇپ بولالماي، يېڭى ئەندىزە تۈزەلمەي قالايماقانچىلىق تۇغدۇرۇپ ئاخىرى قېرى مىكروسوفىتقا سىتىپلا قۇتۇلدى...ئېلوپ مىكروسوفىتقا رەئىس بولۇش ئاساسىنى يەنە بىر قەدەم مۇستەھكەملىدى. ئالدىمىزغا قارايدىغان بولساق گۇگۇلدىن ئىبارەت بۇ قورقۇنۇچلۇق شىركەت ئۆزىنى تېخىمۇ نامايەن قىلماقتا...باشقۇرغۇچى قاتلىمى ياش بولغان گۇگۇل شىركىتى ئالما شىركىتىگە، قېرىپ قالغان مىكروسوفىت شىركىتىگە قاتتىق خىرىس قىلماقتا..ئالما شىركىتىغۇ كۆچمە ساھەسىدىكى ئىسىل مەشغۇلات سىستىمىسى بىلەن ئۆزىنى ئوڭشىۋالا..ئەمما ماۋۇ مىكروسوفىتنىڭ تەغدىرىنى نوكىياغا ئوخشاش بوپ قالامدىكى دەپ ئەنسىرەيمە..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 10:37:35

بازار قىممىتى 300مىلياردلىق ھالدىن يانفۇن كەسپىنى 7 مىلياردقا چۈشۈرگەن جەرياندا، ئېلوپ ئەپەندىنى نوكىياغا كىرگەن مىكروسوفتنڭ جاسۇسى دەپ ئاز تىللاشمىدى.

نوكىيا ماركىسىلا بولسا، ۋىنفون يانفۇنلىرىنىڭ مىكروسوفت قولىدا باش كۆتىرىشى ئېنىق. نوكىيا مۇشۇ يازدا ئۆزىنىڭ زاپاس يولىنى بېكىتىپ، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ياسايدىغان بولدى.

نوكىيا ۋىنفونلىرى، خەرىتە، شەھەر ئەينىكى قاتارلىق نادىر ئەپلەرگە ئىگە، مېنىڭ سىناق قىلىشىمغا ئاساسلانغاندا، نوكىيانىڭ سۈرەت تارتىش ئىقتىدارىدا، رەڭنى توغرا ئېلىشى باشقا يانفۇنلاردىن ياخشى، بولۇپمۇ نۇر ئاجىز مۇھىتتا تارتقان سۈرەتنىڭ سۈپتىنى سامسۇڭ ۋە ئايفوننى بىتچىت قىلدى دەپ تەسۋىرلەيمەن.



نوكىيا ۋىنفونلىرىغا مىكروسوفتنىڭ سالغان يۇشۇرۇن مەبلىغى ئاز ئەمەس، نوكىيا ۋىنفون دەۋرى ئەمدى رەسمىي باش كۆتىرىدۇ.



نوكىيا ۋىنفوندا قولاي ئەپ، ھەقسىز نادىر ئۇيۇن، تىل ئۆگىنىش قورال- لوغەتلىرى ئاز ئەمەس، كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. نوكىيانىڭ قىممەت يانفۇنلىرى ۋە ئەرزان يانفۇنلىرى ھەر خىل قاتلامدىكىلەرگە ماس كېلىدۇ. ھەتتا ئايفۇننىڭ مودىدىن قېلىشى باشلىنىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ.



ئىنكاس نوكىيا ۋىنفوندا يېزىلدى.. \"\"

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 10:48:11

باشقىسى بىلەن كارىم يوق , ئەمما ئانا تىلىمىزنىڭ ۋىندوۋس يانفۇنلىرىدىدىكى تەرەققىياتىغا ناھايىتى ئۈمۈدۋارمەن.
بۇ ئىنكاسمۇ ئوخشاشلا ۋىنفوندا يېزىلدى.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 10:48:55

قانداقلا بولمىسۇ ن ، مىكروسوفىتنىڭ نوكىيانى سىتىۋىلىشى، ئالما بىلەن ئانجىرويىد قا بىسىم، شۇنداقلا يانفۇن ، كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرىغا خوش خەۋەر ئىلىپ كىلىدۇ.

شۇنىڭ ئۇچۇن بىر غەلبىلىك سىتىۋىلىش دەپ قارايمەن .

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 10:56:37

تاكى نەشىرى 4 كە كۆتىرىلگىچە، ئاندرويىدچىلىرىمىزنىڭ تەرى خەت نۇسخىسى قاچىلاش ئۈچۈنلا تۆت يىلدىن ئارتۇق تۆكۈلدى.

لېكىن ۋىنفون، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تۇغۇلىشىدىلا قوللىغان. بۇ، ئەپ ئاچقۇچىلىرىمىزنى بىر ئەگرى يولدىن خالاس قىلىدۇ.



مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولاق بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتىغا بىر سوۋغا دېيىشكە بولىدۇ، تىل بولاقنىڭ داۋاملىق مۇكەممەللىشىشى ئۆزىمىزنىڭ قوللىشىغا باغلىق. نوكىيا ۋىنفوننىڭ يېزىقىنى «ئۇيغۇرچە» قىلىپ تەڭشىگەندىن كېيىن، ۋاقىت- چېسلا قاتارلىق ئېغىزلاردا « سىنتەبىر،.. دۈ، سە، چا.. » قاتارلىق ئۇيغۇرچە يېزىقنى كۆرەلىسەكمۇ، كۆپ قىسىم ئەپلەرنىڭ يېزىقى تېخىچە ئۇيغۇرچە ئەمەس. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدى مىكروسوفت نوكىيا ۋىنفونلىرىنى قوللاش ئەھۋالى بىلەن ئاساسەن ئوڭ تاناسىپ تۈزۈيدۇ.



يەنە نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەرنى قىسقارتىپلا دېسەك، كۆپچىلىكنىڭ، نوكىيا ۋىنفونلىرىنى سېتىۋىلىش ئارقىلىق، يانفۇن مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ كېڭىيىشىگە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز مىكروسوفتنى قوللايمىز، مىكروسوفت بىزگە جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 11:21:28

سۇرفېسنىڭ مەغلۇبىيىتىگە كەلسەك، مىكروسوفت باشقا OEM لارغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەرمەكچى بولغان، بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىق ئۆزەكلىرىگە ئۆزىنىڭ قويغان تەلپى يوقىرى، تۇنجى تەتقىقات خىراجىتى يوقىرى قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن باھاسى يوقىرى بولغاچقا شۇنداق بولغان. ئوفىس ئەپلىرى ۋە كارتا سالغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئايپەدتىن ئۈستۈن جايلىرى يوق ئەمەس.

ئاندرويىد يانفۇنلىرىمۇ 2000 يۈەننىڭ ئۈستىدىن 1000 يۈەننىڭ ئاستىغا چۈشكىچە ئۈچ يىلدىن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغان.



ۋىنفون ۋە سۇرفېس بازىرىنىڭ جانلىنالماي قېلىشىغا، ئۇنىڭ باشلاش يۈزى سىنبەلگىلىرىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن ئېلان ئۈنۈمى يوقىرى بولماسلىق سەۋەبىمۇ بار.

ئىنتىلنىڭ تۈۋەن قۇۋۋەتلىك يېڭى خاسۋىل رامكىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلىرى، يېڭى سۇرفېسقا باھا تۈۋەنلىتىش ئىمكانى بېرىشى مۇمكىن.

ئوقۇغۇچىلارغا قىممەت يانفۇندىن كۆرە، ئېكرانى 4.6 سۇڭ بولغان نوكىيا يانفۇنلىرى تېخىمۇ يۈز بېرىشى ۋە تېجەشلىك بولۇشى مۇمكىن.

...

قانداقلا دەيلى، مىكروسوفت بىلەن ئۇيغۇر بازىرى سىتىراتىگىيىلىك ھالدا ئۆز- ئارا قوللاش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك. ئۇلارغا بازار ئۈلۈشى لازىم، بىزگە بولسا ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە كېڭىيىشى لازىم.





مىكروسوفت، ARM رامكىسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئۈچۈن، Visual Studio بولىقىغا، micro framework ئېچىش قورالىنى چىقاردى، بۇنىڭدا يېزىلغان پروگراممىلار بولسا، ARM بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىدا خۇددى مۇستەقىل مەشغۇلات سىستېمىسىدەك ئىشلەيدۇ. visual phone developer قورالى بولسا، ۋىنفونغا ئەپ تۈزۈش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ(64 خانىلىق سىستېما تەلەپ قىلىدۇ). خالىغان بىر تەرتىپ يازغۇچى بۇ سىستېمىلارغا بىر ئاي ئىچىدە كىرىشىپ بولالايدۇ. ئېچىش سۇپىسى، ئۆگىنىش دەرسلىك- مىساللىرى بىلەن تەمىنلەشتە، مىكروسوفت بەك كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە.

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 11:27:44




نوكىيا ۋىنفوندا قولاي ئەپ، ھەقسىز نادىر ئۇيۇن، تىل ئۆگىنىش قورال- لوغەتلىرى ئاز ئەمەس، كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. نوكىيانىڭ قىممەت يانفۇنلىرى ۋە ئەرزان يانفۇنلىرى ھەر خىل قاتلامدىكىلەرگە ماس كېلىدۇ. ھەتتا ئايفۇننىڭ مودىدىن قېلىشى باشلىنىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ.



ئىنكاس نوكىيا ۋىنفوندا يېزىلدى.. \"\"



باچكا ئەپەندىم ؛


سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز قايسى تىپتىكى لۇمىيا ۋىنفون ،  مىنىڭ نەزىرىمدە  نوكىيا يانفونلىرىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك دەرىجىسى(سىسىتىما يۇيۇلۇپ كىتىدىغان ،تاتقان رەسىملەر يوقاپ كىتىدىغان ،قىتىۋىلىپ كاشىلا كۆرۈلدىغان ) ،ئالمىغا يەتمىسىمۇ لىكىن نورمال باھالىق ئاندىروئىد لاردىن ياخشىمىكىن دەيمەن ، مۇشۇ ھەقتە ئازراق مەلۇمات بەرسىڭىز ؟  




Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 11:28:30

8- قەۋەتتىكى nizamdinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نوكىيانىڭ ئەڭ ئەجەللىك خاتالىقى..پىشىپ يىتىلىپ قالغان ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستىمىسىنى تاللىماي، تېخى تۇخۇمدىن چىقمىغان چۈجىگە ئوخشايدىغان ۋىندوۋس موبايىل سىستىمىسىنى تاللىغانلىقىدۇر.....



ئوقۇشماسلىق بولمىسۇن، ئالما يانفۇنى بازارنى قاپلاشتىن بۇرۇن، ۋە ئاندرويىد تۇغۇلۇشتىن ئەقىللىق تېلىفۇن بازىرىدا بارى ۋىندوۋس موبايىل ئىدى! ھەم ئۇنى موتورولا، سونىي، LG، پانتېچ.. نۇرغۇنى قوللانغان. مەن ئۇنىڭ سىستېمىسىنى ھازىرمۇ ياقتۇرىمەن، شۇغىنىسى ئېكران كىچىك ئىدى. مىكروسوفت، ئارىلىقتا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۇخلاپ قالغاچقا خا ئاڭلاۋاتىدۇ.


ھازىر مۇنازىرىدە قالغىنى Windows Phone ئىرۇر، Windows mobile  ئەمەستۇر.


نوكىيانىڭ، بۇرۇن مىكروسوفتتا ئىشلىگەن ئېلوپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاندرويىدنى تاللىشىنىڭ سەۋەپلىرى مەڭگۈ ئاشكارىلانماسلىقى مۇمكىن، ئەمما پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

freebird يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 12:46:16

nokia پەقەت يانفونغىلا قاراشلىق ئەمەس ، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن مەھسۇلاتلېرى بار.
بەت: [1] 2 3
: مىكروسوفت شىركىتى نوكىيانى سېتىۋالماقچى