سودىگەرلەرگە كاتتا خۇشخەۋەر
بىرھون خەلقئاراشتۇرۇش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش مەركىزى مىكروسوفت، جەنۇبىي ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى، XEROX گوروھى، گۇگول شىركىتى ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە ئوخشاش چوڭ-كىچىك خېرىدارلىرى بار، ئامېرىكا، رۇسىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، مىسىر، ئەنگلىيە قاتارلىق جايلاردىكى كەسىپداش شىركەتلەر بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورناتقان ئىشداشلار قوشۇنى بولۇپ، بىز ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈپ خەلقئارالاشتۇرماقچى ياكى دۇنياۋىي مەھسۇلاتلارنى رايونىمىزغا ئېلىپ كىرىپ يەرلىكلەشتۈرمەكچى بولغانلار ئۇچرايدىغان تۈرلۈك تىل-ئالاقە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىمىز.مۇلازىمەتلىرىمىز:
ئەرەبچەئىنگلىزچەگېرمانچەفىرانسۇزچەرۇسچەياپونچەخەنزۇچەئۇيغۇرچەقازاقچەتۈركچە تىللاردا
تەرجىمە
تەھرىرلىك
كوررېكتورلۇق
مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز. بىزنىڭ تەرجىمان، تەھرىرلىرىمىز تەرجىمە قىلىنغان تىلدا سۆزلەيدىغان (يەنى ئانا تىلى شۇ تىل بولغان) تەجرىبىلىك شەخسلەر ئىچىدىن تاللانغان كەسپىي خادىملار بولۇپ، بارلىق خىزمەت ماشىنا ۋە قولدا تەكرار تەكشۈرۈلۈپ، خاتالىق نىسپىتى 0 پېرسەنتكە چۈشۈرۈلىدۇ ۋە يەرلىك خەلققە ئەڭ تونۇش، يېقىملىق ۋە پاساھەتلىك يوسۇندا ئىشلىنىدۇ.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن رايونىمىزدا گۈللىنىۋاتقان ياكى گۈللەنمەكچى بولغان خەلقئارا سودا شىركەتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئورۇنلارغا يۇقىرى باھالىق، سۈپەتلىك مۇلازىمەت تەمىنلەشنى خالايمىز!
ئادرېسىمىز:
http://service.birhon.com
14- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
office-قانداق نەرسە بۇ ؟ نىمگە ئىشلىتىدۇ ،،،،
مىلتىقنىڭ بىر تۈرى
مۇشۇ تېما سىزنىڭغۇ دەيمەن، 2008 دىكى Teklimakan
1 بلوگدا 100 دوللار تېپىش 2- پەسل
بىرھون ئەپەندى،سىزگە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتتىم.
15- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
office-قانداق نەرسە بۇ ؟ نىمگە ئىشلىتىدۇ ،،،،
مىلتىقنىڭ بىر تۈرى
15- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
14- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
office-قانداق نەرسە بۇ ؟ نىمگە ئىشلىتىدۇ ،،،،
مىلتىقنىڭ بىر تۈرى
ھاھاھاھاھاھاھ بىرھوننىڭ بىرنچى تەرجىمانى ھەم شىركەت قىزىقچىسى بولسىڭىز بولاركەن.
12- قەۋەتتىكى begir9نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر ھون بىلەن ئەرك ھون ئىككىسى بىر ئادەم ئەمەستۇ ھە ؟
بۇرۇن تور دۇنياسىدا ئەرك ھون دەپ بىر قابىلىيەتلىك بالا بار ئىدى . مەن ئۇنىڭ ‹يۇلغۇن تايىقىدا قىلىنغان ئىپپەت تەربىيىسى › دىگەن ئەسىرىنى بەكلا ياقتۇراتتىم .
ئۇنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئۆز تىل يانفونىنىمۇ بازارغا سالغان ...
ئىككىسى پۈتۈنلەي باشقا ئادەم ئەلا كەتتى
ياخشى ............................ سىز قۇرغان شىركەتمۇ بۇ، مۇبارەك بولسۇن...
كەلگۈسدە شىركەت ئېچىپ قالسام چوقۇم ئىزدەيمەن....
تور بېتڭىزلەردىكى باللارنى كۆرۈپ سۆيۈندۇم شىركىتىڭىزگە بەركەتلەر بولسۇن . كۆكلەپ كىتەرسىز ( خۇشال بولغان چىراي ئىپادىسى )
بىرھون خەلقئاراشتۇرۇش... {:107:}
ئەتىگەندىلا پۇتلىشىپ يۈرۈپسىلە قارىم ...
مۇبارەك بولسۇن. ! بىرھون ئەپەندى كاتتا ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىلەر. ئىشلىرىڭلار بەرىكەت تاپسۇن. بىرھون خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش مەركىزى
..... ئاۋۇ تېمىدا خاتا بولۇپ قاپتۇ، كەچۈرۈڭلار. خەتكۈچ.
ئۆتكەندە لازىم بولغاندا مۇشۇندا مۇلازىمەتنى تاپالمىغانىدىم ، يەنە لازىم بولغاندا لازىم بولا . office 2013 نى سىلەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن ...
ناھايتى ياخشى ئىشكەن، بۇرۇن بىز ئۇيغۇرلار چەت ئەللەرگە مال يوللاپ ئھزراق پايدا ئالاتتۇق، ھازىر دۆلىتىمىز قوللىشى بىلەن زاۋۇتلار بىۋاستە چەت-ئەللەرگە سىتىش بۈلۈملېرىنى تەسىس قىلىپ ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمايدىغاندەك قىلىدۇ، سىلەرنىڭ بۇ مۇلازىمىتىڭلار بىزنىڭ كىيىنچە بۇلۇڭغا خۇجايىن بۇلىدىغان سۈرئىتمىزنى ھەر-ھالدا ئاستىلىتىدۇ.
7- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
office 2013 نى سىلەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن ...
office 2013 ۋە office 365 نىڭ مەلۇم قىسىمىنى بىز قىلدۇق. Xbox نى پۈتۈنلەي بىز قىلدۇق.
« بىرھون خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە يەرلىكلەشتۈرۈش مەركىزى» گە مۇبارەك بولسۇن، ئىشلىرىڭلارغا نۇسرەت تىلەيمەن! سىز بىر يىللىرى « كۈنىگە 100 دوللار تېپىش » ھەققىدە تېما يوللىغانغۇ دەيمەن؟
بەت:
[1]
2